تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئۇزاق ۋاقىت تېلېۋىزور كۆرۈش سالامەتلىككە زىيانلىق

يوللىغۇچى : سەييارە مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ۋاقتى : 2016-08-23 كۆرۈلىشى قېتىم

  ياپونىيە ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتى 27–ئىيۇل ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش سائەتتىن ئارتۇق تېلېۋىزور كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆپكە كەپلەشمىسى بىلەن ئۆلۈش خەۋپى ھەر كۈنى تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى ئىككى يېرىم سائەتتىن ئاز بولغان كىشىلەرگە قارىغاندا .5 2 ھەسسە ئارتۇق بولىدىكەن.

ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئۇزاق ۋاقىت كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇزاق ئولتۇرۇش تۆۋەنكى مۈچە قان ئېقىمىنىڭ راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چوڭقۇر ۋىنا نۆكچىسىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، قان نۆكچىسى قان بىلەن ئۆپكە قان تومۇرغا ئېقىپ كىرىپ، ئۆپكە كەپلەشمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىدى.

مەزكۇر ئۇنۋېرستېتىنىڭ تەتقىقات خادىملىرى 1988–يىلىدىن 1990–يىلىغىچە ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 40 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان 86 مىڭ كىشىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلىغان ھەم 20 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، 2009–يىلىنىڭ ئاخىرىدا 59 كىشىنىڭ ئۆپكە كەپلەشمىسى بىلەن قازا قىلغانلىقىنى ئېنىقلىغان.

تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىپ بايقىشىچە، ھەر كۈنى تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى سائەتكە يەتمەيدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش سائەتتىن ئارتۇق تېلېۋىزور كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆپكە كەپلەشمىسى بىلەن ئۆلۈش خەۋپى 2.5 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى يېرىم سائەتتىن بەش سائەتكىچە تېلېۋىزور كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش خەۋپى بولسا 1.7 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

بۇ سانلىق مەلۇمات شەخسىي كومپيۇتېر ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون تېخى ئومۇملاشمىغان ئەھۋالدا چىقىرىلىغان بولغاچقا، تەتقىقاتچىلار بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يېڭى پەن–تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆپكە كەپلەشمىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەكشۈرۈش زۆرۈر، دەپ قارىغان.

تەتقىقاتچىلار ئۇزاق ۋاقىت تېلېۋىزور كۆرگەندە ھەر بىر سائەت ئارىلىقىدا بەش مىنۇت تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئۆپكە كەپلەشمىسى بىلەن ئۆلۈش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، دېگەن تەكلىپنى بەردى.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015