چۈش ۋە كېسەللىك
«كۈندۈزى نېمىنى خىيال قىلساڭ، چۈشۈڭدە شۇنى كۆرىسەن» دېگەن سۆز چۈش بىلەن رېئاللىقنى باغلاپ كېلىۋاتقان ئەڭ ئاددىي بىر خىل چۈشەندۈرۈش بولۇپ، فروئىد روھى ئانالىز ئۇسۇلىنى بەرپا قىلغاندىن كېيىنلا چۈش توغرىسىدىكى شەرھ ۋە تەدبىرلەر ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان مەزمۇن ئاساسىي جەھەتتىن قالمىدى. بىراق، چۈشكە تەبىر بېرىشتىكى بىر تەرەپلىمىلىك كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىلمىيلىكىگە نىسبەتەن گۇمان پەيدا قىلىپ قويدى، ئۇنىڭ بىلەن «چۈش تەبىرىنىڭ» ئىشەنچىلىكلىكى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى.
ئۇنداق بولسا چۈشنىڭ كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ-يوق؟ ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلاردىن چۈشنىڭ كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ زادى قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكى تېخى ئىلمىي جەھەتتىن ئىسپاتلىنىپ چىققىنى يوق.
كلىنىكىلىق تېببىي ئىلىمنىڭ چۈشەندۈرۈشى
چۈش چوڭ مېڭىدىكى قىسمەن ئالىي نېرۋا پائالىيەتلىرىنىڭ ئادەم ئۇخلاۋاتقان چېغىدىكى داۋاملىشىشى بولۇپ، ئۇنى فىزىئولوگىيىلىك ھالەت ۋە پاتولوگىيىلىك ھالەت دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ، فىزىئولوگىيىلىك ھالەتتىكى چۈش خىيالى چۈش، قايتا ئايان بولىدىغان چۈش ۋە ئىلھام چۈشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل چۈش چوڭ مېڭە پوستى توقۇلمىسىدا كۈندۈزى قېپ قالغان ئىزنالارنىڭ قايتا ئايان بولۇشى بولۇپ، ئۇنى پىسخىكىلىق سېزىش ياكى سىرتنىڭ تەسىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئادەتتە ياخشى چۈش بولۇپ، پىسخىك ھالەتنى تەڭشەش، كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ، پاتولوگىيىلىك چۈش كۆپرەك ئىچكى مەنبەلىك بولۇپ، ھەمىشە بەدەندىكى يوشۇرۇن كېسەللىك مەنبەلىرى پەيدا قىلغان ئۇچۇردىن كېلىدۇ، شۇڭا چۈشۈش كېسەللىكىنى ئىنكاس قىلىدىغان ئاساسقا ئىگە.
ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمىي كېسەل بولۇش ياكى مىجەزى يوق بولۇپ قېلىش ئورگانىزمدا يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرغان كېسەللىك مەنبەسى پەيدا قىلغان پاتولوگىيە ئۇچۇرلارنىڭ ئادەم ئۇخلاۋاتقان چاغدىكى چوڭ مېڭىنى غىدىقلىشىنىڭ داۋاملىشىشى بولۇپ، كېسەللىك مەنبەسى ئادەم ئۇخلاۋاتقاندا پەيدا قىلغان پاتولوگىيە ئۇچۇرلىرى چوڭ مېڭە سېزىمىنى ئادەم ئويغاق چاغدىكىدىن ئاسان قوزغايدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئادەم ئۇخلىغاندا ئورگانىزىم ئاساسىي جەھەتتىن ئارام ئېلىش ھالىتىدە بولۇپ، چوڭ مېڭىگە كېلىدىغان ئۇچۇرلار زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ، چوڭ مېڭىدىكى روھلاندۇرۇش دولقۇنىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تىنچىيدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا چوڭ مېڭە كېسەللىكلەرنىڭ دەسلەپكى ئاجىز، غىدىقلاشلىرىمۇ ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ كېتىدۇ، چوڭ مېڭە پوستى توقۇلمىسى كۈندۈزدىكى مۇرەككەپ ساناقسىز ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تىنچ ھالەتتىكى ئۇششاق تەسىرلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلايدۇ، مانا بۇ چۈشنىڭ كېسەللىكلىرىدىن بېشارەت بېرىشتىكى قائىدە.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نېرۋا پىسخولوگىيە ئالىمى كاساتكىن 1400نەپەردىن ئارتۇق ئادەمنىڭ 23700 دىن كۆپ چۈش ماتېرىيالىنى يىغىپ ئانالىز قىلىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇيقۇ ھالەتتىكى مېڭە دەسلەپكى مەلۇم بىر خىل كېسەللىك ئۆزگىرىشنى ئالدىن سېزەلەيدۇ، بۇ خىل كېسەللىك بىر نەچچە كۈن، بىر نەچچە ھەپتە ھەتتا بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئاندىن ئىپادىلىنىدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقارغان. مەسىلەن بىر كۈنى ئۇنىڭ دوستى ئۇنىڭغا خەت يېزىپتۇ، خەتتە چۈشىدە ساپلا چىرىگەن،سېسىغان بېلىق، راك دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆرگەنلىكى يېزىلغان ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن كاساتكىن دوستىغا ئاشقازىنىنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىپتۇ، نەتىجىدە دوستىنىڭ ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى ئېنىقلىنىپتۇ.
كلىنىكىدىكى بەزى كېسەللىك مىسالىدىمۇ يۈرەك سانجىقى قوزغىلىشتىن ئىلگىرى ئادەمنى توختىماي قارا باسىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ نەپەس ۋە يۈرەك رېتىمى تېزلىشىپ كېتىدىغانلىقى، قان بېسىمى ئۆرلەپ كەيپىيات ناچارلىشىپ قالىدىغانلىقى ئايان بولدى، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردىمۇ بىمارنى كۆپىنچە قارا بېسىپ كېتىدۇ. ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار تويغۇچە غىزالىنىپ، روھىي كېسەللىكى بارلار يىغلاپ چۈش كۆرىدۇ، مەڭدەپ قېلىش بۇ خىل ئالامەتنىڭ بېشارىتى ھېسابلىنىدۇ. نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار بىرەر نەرسە بېسىۋالغاندەك نەپىسى قىسىلىپ چۈش كۆرىدۇ.
يۇقىرىقى ئەھۋاللار كېسەللىكلەرنىڭ بىر خىل ئالامەتلىرى بولۇپ، كېسەللىك توغرىلىق ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىشتا ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنىڭ بولۇشى ناتايىن، ئەلۋەتتە بىئارام قىلىدىغان چۈشلەرنى كۆرگەندە تەكشۈرتۈپ كۆرگەن تۈزۈك، ئەمما بىر قېتىم كۆرۈپ قالغان يامان چۈشكە ئاساسلىنىپلا قانداقتۇر بىر كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئوخشايمەن، دەپ ئەندىشە قىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ.
تېببىي ئىلىمدىكى يېڭى بايقاش
مېدىتسىنا ئالىمى ئاستۇك 4000 چۈش مىسالنى تەھلىل قىلىپ، چۈشنىڭ كېسەللىكلەر بىلەن مەلۇم باغلىنىشلىقى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. مەسىلەن، ئادەم ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا تەڭپۇڭسىزلىق يۈز بېرىشتىن تەخمىنەن بىر ئاي ئىلگىرى ئۇسسۇزلۇق ۋە ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك چۈشلەرنى كۆرىدىكەن. نەپەس يولى يۇقۇملانغان كېسەل قوزغىلىشتىن ئىلگىرىكى بىر ھەپتە ئارىلىقىدا شۇ كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك چۈشنى كۆپ كۆرىدىكەن.
تۆۋەندىكىسى زامانىمىزدا كەڭ تارقالغان، ياۋروپا، ئامېرىكا دوختۇرلىرى چۈش بىلەن كېسەللىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى مەزمۇن قىلىپ ئېلىپ بارغان ئۇزاق مەزگىللىك تەتقىقاتلاردىن بايقالغان سەككىز خىل چۈشنىڭ كېسەللىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
ئادەم ياكى غەلىتە مەخلۇقلار بېشىڭىزغا ئۇرغان ياكى ئەزايىڭىزغا سۇيۇق نەرسىلەرنى تۆككەن چۈشلەرنى كۆرسىڭىز مېڭىڭىزدە ئۆسمە پەيدا بولۇشى ۋە نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
غەلىتە ئاۋازلارنى ئاڭلاپ چۈش كۆرسىڭىز ئاڭلاش سەزگۈڭىز تۈگۈنىدە مەلۇم كېسەللىك ئۆزگىرىش پەيدا بولغان ياكى شۇنىڭغا يېقىن جايدىكى قان تومۇر قېتىشقان بولۇشى مۇمكىن.
گېلىڭىز بوغۇلۇپ، نەپەس ئالالماي تۇنجۇقۇپ قېلىپ چۈش كۆرسىڭىز نەپەسلىنىش سېستىمىڭىزدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ئادەم ياكى باشقا نەرسىلەر قوغلاپ، قورقۇپ ۋارقىرىيالماي، قاچالماي چۈش كۆرسىڭىز چۆچۈپ ئويغانغىنىڭىزدىن كېيىنمۇ قورقۇنچىڭىز بېسىلمىسا، تەرلەپ كەتسىڭىز، يۈرىكىڭىزنى سېلىشى تېزلىشىپ كەتسە، يۈرەكنىڭ تاجىسىمان ئارتېرىيىسىگە قان يېتىشمىگەن بولۇشى مۇمكىن.
دەلدەڭشىپ تۈزۈك ماڭالماي، تېنىڭىز تولغىنىپ، پۇت-قوللىرىڭىز ئېغىرلىشىپ ھەم دېمىڭىز سىقىلىپ چۈش كۆرسىڭىز ۋە چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتسىڭىز، يۈرەك سانجىقىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن.
ئېگىز يەردىن چۈشۈپ كېتىپ چۈش كۆرسىڭىز، ئەمما چۈشۈپ بولماي تۇرۇپ ئويغىنىپ كەتسىڭىز يۈرەك كېسەللىكنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن.
چۈشىڭىزدە كەلكۈن، سازلىقلارنى كۆرسىڭىز ياكى سۇدا تۇنجۇقۇپ قالسىڭىز، جىگەر-ئۆت سىستېمىڭىز ۋە بۆرىكىڭىزدە كېسەللىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.
تاياق يەپ چۈش كۆرگەن بولسىڭىز ھەم ئويغانغاندىن كېيىنمۇ چۈشىڭىزدە تاياق يېگەن يەرلىرىڭىز ئاغرىغاندەك بولسا، شۇ ئاغرىغان جاي ياكى ئەزايىڭىزدا كېسەللىك ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.
مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسلىرى يۇقىرىقىدەك چۈشلەر كۆپ كۆرۈلسە ئېغىرلىق قىلماي دوختۇرخانىغا بېرىپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈپ كۆرۈش كېرەك، دەپ قارىدى.
يەنە كۆپلىگەن ئادەم ھېس قىلالايدىغان كېسەللىكلەر بىلەن باغلىنىشلىقى بولغان بەزى چۈشلەرمۇ بار، مەسىلەن نېرۋىسى ئاجىزلار ئاسان ئۇخلىيالمايدۇ-يۇ، ئۇخلىسىلا بىئارام قىلىدىغان چۈشلەرنى كۆپ كۆرىدۇ؛ قان بېسىمى يۇقىرىلار ئېگىز جايلارغا چىقىپ، ئۇچۇپ، خاپا بولۇپ چۈش كۆرىدۇ؛ ئۆپكە سىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار يول يۈرگەندە ھېرىپ كېتىپ، يۆتىلىپ چۈش كۆرىدۇ؛ بادامسىمان بەز ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار گېلى سىقىلىپ ياكى گېلىغا نەرسە تۇرۇپ قېلىپ چۈش كۆرىدۇ؛ كاناي ياللۇغى، ئۆپكە يەللىك ئىششىقىغا گىرىپتار بولغانلار ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان، ھاۋاسى شالاڭ دېمىق ئۆيدە، ئۆڭكۈردە ياكى سۇ ئاستىدا تۇرۇپ چۈش كۆرىدۇ؛ رېماتىزم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار سوغۇق سۇ كېچىپ، پۇتلىرى ئاغرىپ چۈش كۆرىدۇ؛ ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار قورقۇپ، دۈشمىنى ياكى ئۆچ ئادىمىنى كۆرۈپ ياكى چۆچۈپ، جانسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىپ چۈش كۆرىدۇ.
«ئېنسىكلوپېدىيىلىك بىلىملەر» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.