تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

يۈز تېرىسىنى ئاسراشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

يوللىغۇچى : سەييارە مەنبەسى : ئاشپەز تورى ۋاقتى : 2016-08-21 كۆرۈلىشى قېتىم

 1. قۇرۇتۇلغان قىزىلگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئىلىمان قايناق سۇغا چىلاپ ئەسلىي ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىن، سۈيىگە ئازراق زەيتۇن مېيى تېمىتىۋېتىپ يۈزگە چاپلاپ 15 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋېتىلىدۇ. مۇشۇنداق داۋام قىلىپ بەرگەندە يۈز تېرىسىنى پارقىراق ھەم يۇمشاق قىلىدۇ.

2. يېرىم پىشقان شوخلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، ئاۋۋال يۈزىنى پاكىز يۇيغاندىن كېيىن قۇرۇتۇپ پاختا بىلەن شوخلا سۈيىنى يۈزگە سۈرتۈپ ئىككى سائەتتىن كېيىن يۇيۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇلدا ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە داۋام قىلىپ بەرگەندە يۈز تېرىسىنى قىزىل، پارقىراق ھەم يۇمران قىلىدۇ.

3. ھەر كۈنى كەچتە كالا سۈتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۈزگە سۈركەپ بەش مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋۇلاپ، ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا تەرخەمەك سۈيى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ئازراق بۇغداي ئۇنى ياكى ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، يۈزگە چېپىپ بىر سائەتتىن كېيىن يۇيۇپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. مۇشۇنداق ئۇسۇلدا داۋام قىلىپ بەرگەندە يۈزدىكى ھەرخىل داغلارنى تەدرىجىي يوق قىلىدۇ ياكى ئازايتىدۇ.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015