پاكىستان تالىبان ھەركىتى (Tehrik-e-Taliban Pakistan ، قىسقارتىلما ئىسمى TTP) ، پاكىستان تالىبان ھەركىتى 2007-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان بۇلۇپ پاكىستان تالىبانلىرى ئىچىدە ئەمىلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك تېرورلۇق تەشكىلاتى ، ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ 10مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار. ئاساسلىقى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ھەركەت قىلدۇ، كۆپ قېتىم پاكىستان ساقچىلىرى ۋە پۇقرالىرىغا قارتىلغان تېرورلۇق ھۇجۇمى قوزغىغان.
تۇنۇشتۇلۇشى
پاكىستان تالىبان ھەركىتى ھەر تۈرلۈك تېرورلۇق ۋەقەلىرنى سادىر قىلىپ كەلگەن ئاساسلىق زوراۋانلىق تەشكىلاتلىرنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلات 2007-يىلدىن باشلاپ بازا تەشكىلاتىغا بويسۇنۇپ ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ پاكىستاندا 6000ئادەمنىڭ ئۆلشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
پاكىستاننىڭ ئالدىنقى ھۆكۈمىتى ئىلگىرى پاكىستان تالىبانلىرى بىلەن مۇرەسسەلىشىپ پاكىستان ۋە ئافغانىستان چېگراسىدىكى غەربىي شىمال قەبىلە رايونىنى تىنىچلىق رايونى قىلىپ بىكىتكەن.
پاكىستان تالىبان ھەركىتنىڭ قۇرغۇچىسى بەتۇرا مەخسۇد بۇلۇپ 2009-يىلى 8-ئايدا ئامىرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپلانىنىڭ ھۇجۇمىدا قازا قىلغان.
پاكىستان چېگراسى ئىچىدىكى تالىباننىڭ ھەركەتلىرى ئاساسلىقى قەبىلە رايونلىرى ۋە غەربىي شىمالدىكى چېگرا رايونىدا ئىكەن.
تارىخى ئارقا كۆرنۈشى
ئەڭ دەسلىپىدە بەتۇرا مەخسۇد رەھبەرلىك قىلغان قوراللىق كۈچلەر ئافغانىستان تالىبانلىرنىڭ بىر تارماق ئورگىنى ئىدى.
2011-يىلى ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن بەتۇرا مەخسۇد پاكىستاندىكى قەبىلە رايونىغا قايتىپ كەلگەن ، ھەمدە ئۆزىنى مەڭگۈ ئافغانىستان تالىبانلىرىغا سادىق بولغۇچى دەپ ئاتاپ ئەسكەر چاقىرىپ ھۆكۈمەت ئارمىيسىگە ھۇجۇم قوزغىغان .
2005-يىلى بەتۇرا مەخسۇد ھۆكۈمەت تەرەپ ئوتتۇرغا قويغان كىلشىمنامىگە ماقۇل بۇلۇپ، بۇندىن كىيىن بازا تەشكىلاتى ئەزالىرى ۋە تالىبان ئۇنسۇرلىرنى قانات ئاستىغا ئالمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ، ھەم شۇ ئارقىلىق جەنۇبىي ۋەزىرستان رايونىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئاستىرىتتىن قوراللىق كۈچلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن.
2007-يىلنىڭ ئاخىرى بەتۇرا مەخسۇد ئۆز ئالدىغا ‹‹پاكىستان تالىبان ھەركىتى ››نى قۇرغان ، تەدرىجى ئافغانىستان تالىبانلىرى بىلەن بىر سەپكە تىزىلشقا باشلىغان ھەمدە بازا تەشكىلاتىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تەمىناتىغا ئېرىشكەن. ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن سىۋات تاغ جىلغىسى تالىبانلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغنى بەتۇرا مەخسۇد باشتىن ئاخىرى ئامىرىكنى قوغلاپ چىقىرۋىتىش ھەققىدە جار سېلىپ كەلگەن.
2010-يىلى 9-ئاينىڭ1-كۈنى ئامىرىكا ھۆكۈمىتى پاكىستان تالىبان ھەركىتنى رەسمىي ھالدا تېرورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىىرگۈزۈپ ئامىرىكا پۇقرالىرنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا ياردەم تەمىنلىشنى چەكلىگەن ، ھەمدە ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسى ئىچىدىكى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەبلىغنى توڭلىتۋەتكەن.
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى كانادا ھۆكۈمىتى پاكىستان تالىبان ھەركىتنى تېرورلۇق تەشكىلاتى قىلىپ بىكىتكەن ھەمدە كانادا دۆلىتى ئىچى ۋە سىرتىدىكى كانادا پۇقرالىرنىڭ پاكىستان تالىبان ھەركىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقە ئورناتماسلىقنى جاكارلىغان .
تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى
2010-يىلى 5-ئاينىڭ28-كۈنى پاكىستاننىڭ شەرقىدىكى شەھەر راھولدا ئىككى مەسجىد قوراللىق ۋە بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ 80ئادەمنىڭ ئۆلشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، 100دىن ئارتۇق ئادەم يارلانغان . يەنە شۇ كۈندە ھىندىستاننىڭ غەربىي بىنگال رايونىدا بىر قېتمىلىق تېرورلۇق ھۇجۇمى تۈپەيلى پويىز رېلىستىن چىقىپ كىتىش ۋەقەسى يۈز بىرىپ 80ئادەم ئۆلۈپ 200دىن ئارتۇق ئادەم يارلانغان ، ئارقىدىن پاكىستان تالىبان ھەركىتنىڭ قول ئاستىدا بولغان پانجاپ تاماق ئاگېنىتلىقى مەزكۇر ۋەقەگە پاكىستان تالىبان ھەركىتنىڭ مەسئۇل بولدىغانلىقنى جاكارلىغان .
رەھبىرى
بەتۇرا مەخسۇد پاكىستان تالىبان ھەركىتنىڭ رەھبىرى. ئەنگىليە -ئامىرىكا ئاخبارات تارماقلىرنىڭ نەزىرىدە بەتۇرا مەخسۇد ‹‹تېرورلۇق كاتتابېشى››بىنلادىنمۇ خەتەرلىك شەخىس ھېسابلىنىدۇ. ئامىرىكا پارلامنىتنىڭ
تور بېتىدە بەتۇرا مەخسۇدنى تۇتۇشۇپ بەرگەنلەرگە 5مىليون دوللار مۇكاپ بىرىلدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان چىقرىلغان. بۇ ‹‹بالا چىراي›› ، دائىم چاقچاق قىلىشنى ياخشى كۆردىغان ئوتتۇرا ياشلىق ئەر پاكىستان تالىبان ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ بىرىنجى دەرىجىلىك رەھبىرى. ئۇنىڭ قول ئاستىدا 10مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بار بۇلۇپ، ئاساسلىق ھەركىتى قەبىلە رايونلىرى ۋە شىمالىي ۋەزىرستاندا ، ئىلگىرى پاكىستاننىڭ باش مىنىستىر بۇتونى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ، ئامىرىكنىڭ پىشاۋوردىكى كونسۇلخانىسنى پارتىلاتقان ، ئىسلامئابادتىكى بىر قاۋاقخانىنى پارتلاتقان دەپ گۇمان قىلىنغان .
سىۋات تاغ جىلغىسى تالىبانلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا مەخسۇدنىڭ قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستان تالىبانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋتى تېخىمۇ يېقىن.
2010-يىلى 1-ئايدا بىر دانە ئامىرىكنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپلانى شىمالىي ۋەزىرستان رايونىدا ئىككى دانە باشقۇرۇلدىغان سىنارەدنى قۇيۇپ بىرىپ ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ 10ئادەمنىڭ ئۆلشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، شۇندىن كىيىن بەتۇرا مەخسۇدنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى تارقالغان .