مۇخبىرنىڭ Carl Zeiss شىركىتىنى تەكشۈرۈشىچە، 2013\2014-مالىيە يىلى ئالدىنقى يېرىمىدىكى تىجارەت كىرىم ئومۇمىي سوممىسى ئېشىپ ئىككى مىليارد 74 مىليون ياۋرو(تەخمىنەن 17 مىليارد 460 مىليون يۈەن) بولغان. شىركەتنىڭ ئالدىنقى يېرىم يېلىدىكى ساپ پايدىسى 57 مىليون ياۋرو (تەخمىنەن 479 مىليون 860 مىڭ يۈەن) كۆپىيىپ، 166 مىليون ياۋروغا ( تەخمىنەن بىر مىليارد 397 مىليون 487 مىڭ يۈەن) يەتكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىندا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆزەينەك كارخانىسىنىڭ بىرى بولغان فرانسىيە ئوپتىكا كۆزەينەك گۇرۇھى Essilor International يەنە بىر قېتىم يۇقىرى دولقۇندا سېتىۋېلىش قەدىمىنى بېسىپ، تەخمىنەن 388 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا كانادا كۆزەينەك توردا پارچە سېتىش كارخانىسى Coastal Contacts Inc سېتىۋالدى، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ سودا2014-يىلى 2-پەسىلدە تاماملىنىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكى تەشكىلاتنىڭ تەخمىنەن ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى كۆزەينەك بازىرى تەخمىنەن 417 مىليارد يۈەنلىك كۆلەمگە ئىگە بولۇپ، 2008-يىلى بولسا جۇڭگو كۆزەينەك پارچە سېتىش ساھەسىنىڭ سېتىش سوممىسى 50 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، كېيىنكى يىللاردا يىلىغا %20تىن يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 2020-يىلغا كەلگەندە 150 مىليارد يۈەندىن 200 مىليارد يۈەنگىچە بولىدىكەن.