ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن : 2025 - يىلى 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى دۈشەنبە
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

رۇسىيە ئىقتىسادى چېكىنىش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى

ۋاقتى : 2014-04-26  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

تېڭشۈن ئىقتىساد قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل خەۋىرى: ئۇكرائىنانى بۆلىنىش كىرزىسىغا سۆرەپ كىرگەندىن كېيىن، رۇسىيەمۇ چەتئەل مەبلىغى چېكىنىپ چىقىش، پۇل پاخاللىقى خەۋپ-خەتىرى ئۆرلەش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بولۇپ، پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيان ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي چېكىنىشكە دۇچ كەلگەن. پۇل پاخاللىقى ئېشىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى 25-ئاپرېل ئۆسۈم ئۆستۈرگەنلىكىنى جىددىي جاكارلىدى.
ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قارارىدا، رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىلگىرىكى %7.0 دىن %7.5 كە ئۆستۈرگەن. رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى بىلدۈرۈشىچە، ئۆسۈم قوشۇش 2014-يىلى %6 لىك پۇل پاخاللىقى چەكلەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇ قېتىمقى ئۆسۈم ئۆستۈرۈش يەنە رۇسىيە تاشقى پېرېۋوت سۈرۈلمە قەرەللىك سودا ئۆسۈم نىسبىتىنى %8.0 دىن %8.5 كە كۆتۈرىدۇ.
رۇسىيە مالىيە مىنىستىرلىكى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى دېيىشىچە، ھۆكۈمەت رۇسىيەنىڭ پۇل پاخاللىقى 4-ئايدا %7.2-7.3 كە يېقىنلىشىدىغانلىقىنى، 6-ئايدىكى پۇل پاخاللىقى %7.5 بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
يېقىنقى مەزگىللەردە رۇبلى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، نۆۋەتتە رۇبلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى ۋە ياۋروپا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى، خەلقئارا بازار رۇبلىنى گۇمران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى دەپ قارىماقتا، بۇ رۇسىيە دائىرلىرىنى ئەندىشىگە سالدى. رۇسىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئاندرىي ئىلگىرى رۇبلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى رۇسىيە پۇل پاخاللىقىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.
دۆلەت ئىچىدىكى پۇل پاخاللىقىدىن سىرت، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىمۇ رۇسىيە ئىقتىسادىنى شىددەت بىلەن يامانلاشتۇردى. رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن 24-ئاپرېل بىلدۈرۈشىچە، غەرب دۇنياسىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسى سەۋەبلىك ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزىشى رۇسىيەگە زىيان سېلىشقا باشلىغان.
پۇتىننىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە قىرىم يېرىم ئارىلىنى يۇتۇۋالغانلىقى سەۋەبلىك يۈرگۈزگەن جازالاش تەدبىرى رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئۇكرائىنا كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ قىسمەن سىياسىي ئەربابلىرى ۋە سودىگەرلەرگە ۋىزا بېرىشنى چەكلەش ۋە مال-مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىق جازالاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى، نەچچە كۈن ئىچىدە رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاچقۇچلۇق ساھەلىرىگە تېخىمۇ ئېغىر جازالاش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
پۇتىن غەربنىڭ ئىقتىسادىي جازانى دىپلوماتىيە سىياسىتى قورالى قىلىشتەك ئۇسۇلىنى ئەيىبلىدى ھەمدە بۇنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى بىرىنچى پەسىلدە تەخمىنەن 63 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ رۇسىيەدىن چىقىپ كەتكەن بولۇپ، 2013-يىلى پۈتۈن بىر يىللىققا باراۋەر بولغان. لېكىن دۇنيا بانكىسى مۆلچەرلىشىچە، جازالاش ئاستىدا 2014-يىلى رۇسىيەدىن ئېقىپ كېتىدىغان چەتئەل كاپىتالى 150 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
مەبلەغ سالغۇچىلار رۇسىيە زايومىدىنمۇ ۋاز كېچىشكە باشلىغان. رۇسىيە مالىيە مىنىستىرلىكى 23-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ 20 مىليارد رۇبلىلىق 5 يىللىق ۋە 9 يىللىق OFZ دۆلەت زايومىغا %9 دىن ئارتۇق پايدا نىسبىتىنى تەلەپ قىلىشى رۇسىيەنىڭ «ئىناۋەت سۈپىتى» نى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن كېيىن زايون تارقىتىشنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى ئاي ئىچىدە رۇبلى زايومى سېتىشنى مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىككىنچى قېتىم جاكارلىشى.
تەرجىمان: ئوكيان
 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا