پەن-
تېخنىكا تورىنىڭ 29-يانۋار خەۋىرى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياخۇ 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان 2013-يىلى 4-پەسىللىك ۋە پۈتۈن يىللىق مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلغان.
مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياخۇنىڭ 4-پەسىلدىكى تىجارەت كىرىمى 1 مىليارد 226 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2012-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى 1 مىليارد 346 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا قارىغاندا %6 تۆۋەنلىگەن؛
ساپ پايدىسى 348 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2012-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى 272 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا قارىغاندا %28 ئاشتى. ياخۇنىڭ پاي چېكى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 36.82 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن يىغىلىپ، %3.7 چۈشتى.
مالىيە دوكلاتىغا قارىتا، ياخۇنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارېسسا مايېر:«ياخۇنىڭ 2013-يىلى 4-پەسىلدىكى ۋە پۈتۈن يىللىق ئىپادىسى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ياخۇنىڭ كەسپلىرى داۋاملىق مۇقىملاشتى، بىزنىڭ مەبلىغىمىز ئابونتلارغا ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ئاتا قىلدى ھەمدە كىرىمىمىزنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك ئاساس سالدى. بۇلتۇر 4-پەسىلدە، بىز يېڭى نۇسخىدىكى ياخۇ ئېلخەت مۇلازىمىتى ۋە ياخۇ مالىيە مۇلازىمىتىنى ھەمدە يېڭى نۇسخىدىكى Flickr ئالبۇمىنى چىقاردۇق، بىز بىرلا ۋاقىتتا سىناق قىلىش قەدىمىمىزنى تېزلەتتۇق. ياخۇنىڭ 2013-يىلدىكى ئېقىم مىقدارى ئوخشاش مەزگىلگە قارىغاندا ئاشتى، بۇنىڭدىن ھاياجانلاندۇق، بۇمۇ بىزنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە كەسىپ ھەمدە قوشۇۋېلىشتىن پايدا ئېلىۋاتقانلىقىمىزنىڭ گەۋدىلىنىشى» دېدى.
تەرجىمىدە: ئەكبەر