«رۇسىيە ئاۋازى» رادىيو ئىستانسىسىدا 8- سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان ماقالە، ئەسلى تېمىسى «جۇڭگو ئامېرىكىدىن ئېشىپ ئەڭ چوڭ ئاۋىئاتسىيە بازىرىغا ئايلىنىدۇ»: مالايسىيا گۇاڭخۇا كۈندىلىك گېزىتى ئېلېكترون خەۋەرلىرى تورىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بوئىڭ شىركىتىدىكىلەرنىڭ قىياس قىلىشىچە، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئاۋىئاتسىيە بازىرىغا ئايلىنىدىكەن، شۇڭا يەككە قاناللىق يولۇچىلار ئايروپىلانى تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىل ئىچىدە ئېھتىياج شىددەت بىلەن ئېشىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىدىكەن.
بوئىڭ شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى تىنسايسنىڭ ئېيتىشىچە، بازار كۆلەم تەرتىپىدىكى بۇ ئۆزگىرىش 2033- يىلى يۈز بېرىدىكەن. يولۇچى كىلومېتىر كىرىمى بويىچە ھېسابلىغاندا، جۇڭگونىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيە ترانسپورت مىقدارى ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ يىغىندىسىنىڭ يېرىمىغىلا توغرا كېلىدىكەن. بوئىڭ شىركىتى ئۆزىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا قارىتىلغان يىللىق مۆلچەرىدە قىياس قىلىنىشچە، جۇڭگودىكى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى كەلگۈسىدىكى 20 يىل ئىچىدە 6000 دانە يولۇچىلار ئايروپىلانى سېتىۋالىدىكەن، بۇلارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 870 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەككە قاناللىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىدىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدىكەن. شۇ مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ ئايروپىلان ئەترىتىنىڭ كۆلىمى ھازىرقىدىن ئۈچ ھەسسە كېڭىيىپ، 7000 غا يېتىدىكەن. بوئىڭ شىركىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەككە قاناللىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ سېتىۋېلىنىش مىقدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويغان.
بوئىڭ شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى تىنسايسنىڭ قارىشىچە، بوئىڭ شىركىتى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان گەۋدىلەر ۋە ئەرزان تەننەرخلىق ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى مۆلچەرلىمەي قالغان. ئەرزان تەننەرخلىق ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئېشىش مۆلچەرى ئېھتىياجنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالىدىكەن. 7- ئايدا، جۇڭگو شەرق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئەرزان تەننەرخلىق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قۇرغان شىركەتكە ئايلاندى. بوئىڭ شىركىتىنىڭ يەنە مۆلچەرلىشىچە، يېڭى خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى بوئىڭ 787 تىپلىق خىيالىي يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ سېتىلىشىنى جانلاندۇرىدىكەن.
جۇڭگو جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋە خەينەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بۇلتۇر ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى تۈركۈملۈك بوئىڭ 787 تىپلىق خىيالىي يولۇچىلار ئايروپىلانىنى تاپشۇرۇۋالدى، خەينەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بۇ ئايروپىلاننى بېيجىڭدىن بوستونغا بارىدىغان يېڭى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىغا سەپلىدى. بوئىڭ شىركىتى تېخى جۇڭگودا ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت ھېچقانداق پىلان تۈزگىنى يوق، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى جۇڭگو سودا ئايروپىلانى شىركەتلىرى بولسا مەھسۇلات تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشماقتا. «جۇڭگو ھازىر بىر خىل سۈرئەت ئاشۇرۇش شەكلى بىلەن (ئايروبوس شىركىتى ئۆتكەن 40 يىلدا تاماملىغان خىزمەتلەرنى) تاماملاشقا تىرىشماقتا.» دېدى تىنسايس.