
سوخۇ تورىنىڭ 8-يانۋار خەۋىرى: گۇاڭدوڭ گاۋجوۋ شەھەرلىك كومىتېت ئىشخانىسى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىشىچە، 1-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گاۋجوۋ (高州) شەھىرى كەنت ئاممىسىنىڭ تاسادىپىي ئۆلۈشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان توقۇنۇشنى بىر تەرەپ قىلىپ، جىنايەت گۇماندارىدىن 10 ئادەمنى تۇتقان. ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گاۋجوۋ شەھەرلىك باۋگۇاڭ (宝光) مەھەللىسى شىنتاڭ (新塘) كەنتىدىكى 4 گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى ۋە ۋە كەنت ئاممىسى ۋەكىلىدىن بىرەيلەن بولۇپ 5 ئادەم باۋگۇاڭ مەھەللىسى شىنتاڭ كەنتى چېنكېڭلىڭدىكى (陈坑岭) ئۆي-مۈلۈك تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا بېرىپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، قۇرۇلۇشقا توسقۇنلۇق قىلغان.

قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان، گاۋجوۋ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى خېشى ساقچىخانىسى دەرھال نەق مەيدانغا ئادەم ئەۋەتىپ نەسىھەت قىلغان. قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ ئىش توختاتقان مەزگىلدە، خېساڭ (禾仓) كەنتىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى خۇاڭ فامىلىلىك يانفۇنى ئارقىلىق خېساڭ كەنتى گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىلىنى نەق مەيدانغا كېلىشكە ئۇقتۇرغان.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت بېيجىڭ ۋاقتى 10:39 ئەتراپىدا، ئامما ۋەكىلى چېنكېڭلىڭ تېغىنىڭ چوققىسىغا يامىشىپ چىققان ھەمدە ھېچقايسى تەرەپ بىلەن تىللاشمىغان، توقۇنۇشمىغان، يۈرەك تىقىلما كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ يىقىلىپ قالغان، كېيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

1-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 8 ئەتراپىدا، گاۋجوۋ شەھىرى باۋگۇاڭ مەھەللىسى كومىتېتى ھەمدە شەھەر مەمۇرىيىتى ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى چېنكېڭلىڭ تېغىغا بېرىپ ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندا، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە قىسمەن كەنت ئاممىسى قوللىرىغا توقماق، ئەينەك بوتۇلكا ئېلىپ توسۇۋالغان.
1-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10 ئەتراپىدا، يەرلىك ساقچى ئىدارىسى چارلاش ساقچى، بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتىدىن 40 ئادەمنىڭ چېنكەيلىڭغا تەرتىپ ساقلاشقا ئەۋەتىپ، نەق مەيداننى تازىلىغاندا، كەنت ئاممىسى توقماق، ئەينەك بوتۇلكىلار بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن، 2 ساقچى ۋە 6 مۇداپىئە خادىمى يارىدار بولغان.
تەرجىمىدە: نەپرەت