ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى 2.0 (سىناق) نەشرى ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى 2.0 (سىناق) نەشرى ئېلان قىلىندى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى بەش تىللىق ھەقسىز لۇغەت بولۇپ، پەقەت ئەۋەتكەن سۆزنىڭ ئۆزىنى تەرجىمە قىلىپ بېرەتتى، بۇنى ئىشلىتىپ بېقىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى چىپار كود (ئىككىلىك كود) نى سايىلەپ قوشۇۋېلىڭ.
qrcode_for_gh_594dd778d31a_258 (1)
بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 گە ئوخشاش ئىقتىدار ھازىرلانغان ئۈندىدار لۇغەت (سىناق) نەشرى ئېلان قىلىندى، ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سالونىغا ئەگەشكەن بولسىڭىز، ئاستىدىكى باش تىزىملىكتىن لۇغەتنى تاللاڭ.
0
لۇغەت قوزغىلىپ تۆۋەندىكى ئېكران كۆرۈنۈشنى پەيدا بولىدۇ
1
سىز ئۈستىدىكى ئىزدەش رامكىسىغا سۆز كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىزلا بولىدۇ.
===============================
2
مەسىلەن: 学 نى كىرگۈزۈپ بولغۇچە 学 دىن باشلانغان سۆز ساڭگىلاپ تۇرىدۇ.
===============================
3
ئاستىدىكى ئىككى سۆزنى بېسىپ ئالدىغا ياكى كەينىگە ياندۇرۇپ ئىزدىيەلەيسىز، ھەقىقەتەنمۇ قولايلىق
===============================
4
ئاستىدىكى ئىككى سۆزنى بېسىپ ئالدىغا ياكى كەينىگە ياندۇرۇپ ئىزدىيەلەيسىز، ھەقىقەتەنمۇ قولايلىق
===============================
5
ئۇيغۇرچە ھەرپلەر ئۇلانمىسا بۇ لۇغەتتىكى ئىش ئەمەس، بەلكى تېلېفونىڭىزدىكى مەسىلىدۇر. ئەمما توغرا تاپالايدۇ.
===============================
6
سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتىمۇ كەم ئەمەس.
===============================
7

8

9
ئىنگلىزچە لۇغەتمۇ بار،
===============================
10
ئەرەبچە لۇغەتمۇ بار،
===============================
11

==============

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
43 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەن بلوگىڭىزغا دائىم كىلىپ تۇرمىساممۇ ئاندا-ساندا كىلىپ تۇرىمەن. تىمىدىن مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئال سورىسام:
    1. ھازىرقى كۆزنەك 7 ( windows7) دىن باشلاپ سىتىمىنىڭ ئىچكى خەت نۇسخىسى ئامبىرىدا بىر ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بار ئىكەن مىكروسوفت ئۇيغۇر. شۇ خەت نۇسخىسىنىڭ كىلىش مەنبەسىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز بۇ خەت نۇسخى قانداق بۇلۇپ خەت ئامبىرىغا قۇشۇلغان باشقا چىرايلىق خەت نۇسخىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوقمۇ ؟ بولسا بىر ئالماشتۇرغىلى بولغان بولسا تور بەت يازىدىغانلارغا ئاز تولا پايدىسى بولۇپ قالار ئىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 13:20
  • ھەقىقەتەن قولايلىق ۋە مۇكەممەل بىر لۇغەت بوپتۇ،تېخمۇ مۇكەممەل قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى am 09:31
  • تورداشلار دېگەندەك كومپيۇتېر،تېلىفۇن قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئىشلەتكىلى بولسا ياخشى بولاتتى مۇئەللىم،جاپا تارتتىڭىز…

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 16:21
    • بولىدۇ،
      ئاۋۋال شۇنى ياسىغان بولساق، ئۈندىداردىمۇ بولغان بولسا ياخشى بولاتتى دېگەن پىكىرلەرنىڭ چۈشمەسلىكىنى ئويلاپ، ئالدى بىلەن ھېچقانداق سۇپا تاللىمايدىغان ئۈندىدار ئىچىدە ئىشلەيدىغان لۇغەتنى ياسىغان ئىدۇق، ئۇمۇ پىلانىمدا بار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 21:20
  • دېمەك ھەر قايسى كەسىپتىكىلەر ئالىم مۇئەللىمگە ئوخشاش ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپكە ئۆزىمىزنى ئاتىيالىساق، مەسئۇل بولالىساق نۇرغۇن ئىشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدىغىنىغا ئىشىنىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:55
  • مۇئەللىم بىر ئىشنى سوراپ باقسام، نىمىشقا بۇ لۇغەتتە خوتەن دەپ ئىزدىسەك مۇناسىۋەتلىك تەرجىمىسى چىقمايدۇ؟ بىلكان لۇغىتىدىمۇ چىقمايدىكەن. ياكى بۇرۇندىنلا بۇ سۆزنى لۇغەت ئامبىرىغا كىرگۈزمىگەنمۇ؟ خېلى چوڭ بىر يۇرتنىڭ تەرجىمىسى چىقمىسا غەلىتە تۇيۇلىدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:55
    • چاقچاق قىلسام چۈنكى تىلكومدا ئىشلەيدىغان خوتەنلىك تىلشۇناسلار يوق ئوخشايدۇ، ھازىرغا قەدەر قەغەز لۇغەتكە قوشۇلماپتۇ. شۇڭا سىز دېگەندەك مىسىر دېگەن چەتئەلنىڭ شەھەر ناملىرى چىقىدۇ.
      ئەمدى راست گەپ قىلسام بۇ تىلشۇناسلىقنىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس، چەتئەل يەر ناملىرىدىن بۇرۇن ئۆزىمىزنىڭ دىيارىدىكى يۇرت-جاي ناملىرى ۋە ئىزاھاتى كىرىشى كېرەك ئىدى. مەن ئۆزىمىز تەييارلىغان رەسمىي ئامبارغا ئۇلىغاندا بۇنى چىقىدىغان قىلىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:44
  • بەك ياخشى بوپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 19:17
  • جەنۇبى شىنجاڭ رايونىدا ھازىر بىزگە ئوخشاش ياشلارنىڭ غەيرى رەسمى ئاغىينىللىرىمىز قەدەمدە بىر تېلفۇنىمىزنى سوراپ كۆرۈپ باقىدۇ ، شۇڭا مۇشۇ ئۈندىدار دىگەن نىمىگە يىقىن يولىمىغىلى خىلى بولدى ، مۇشۇنداق ياخشى لۇغەتكە ئىھتىياج تۇغۇلۇپ ھازىر بىلكان بىلەن قارلۇقنىڭ لۇغىتىنى ئىشلىتىۋاتىمىز ، لىكىن نۇرغۇنلىغان يېڭى ئاتالغۇلار يوق دىيەرلىك ، بولسا ئەپ نۇسخىسى تىزراق چىقسا خوش بولاتتۇق ، بولسا بىلكان ۋە قارلۇقتەك ئىنگىلىزچىنىمۇ قوشىۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى مۇئەللىم ، ماڭا ئوخشاش ئېنگىلىزتىلى ئۈگىنىۋاتقانلارغا تېخىمۇ ياخشى قورال بولاتتى ، نۇرغۇنلىغان خەنچە لۇغەتلەتنى ئىشلىتىپ باقتىم ، لىكىن بىر خەنچە خەت ياكى جۈملىنىڭ بىر قانچە خىل مەنىسى چىققاچقا خەنچە-ئىنگىلىزچە لۇغەتكە سىلىپ ئۇندىن كىيىن ئۇيغۇرچە چۈشەنسەك جۈملە مەزمۇنىدا خىلىلا قىيىپ كىتىش بولىدىكەن ، رايونىمىزدا بۇندىن كىيىن ئېنگىلىز تىلىغا بولغان ئېھتىياج مۇقەررە ئاشىدۇ دەپ قارايمەن .
    (سەل ئارتۇق سۆزلەپ قويدۇممۇ نىمە ؟ )

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 18:16
    • ياساۋاتىمىز، چىققاندىمۇ خېلى ئوبدان چىقىدۇ، سىز تىلغا ئالغان ۋە تىلغا ئېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن لۇغەتلەرنىڭ ساندانىدا ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك قولى بار، يەنى مەنبەسى بىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 دىن بۇيان بىرەرسىمۇ لۇغەتلىرىنى يېڭىلاپ باققىنى يوق، بىزمۇ 2010-يىلىدىن باشلاپ مىكروسوفتنىڭ كەتمىنىنى چېپىپ، ئۇلارغا ئىشلىگەندىن بۇيان ئۆزىمىزنىڭ دېتاللىرىنى ۋاقتىدا پەرۋىش قىلالمىدۇق، ئەمما ھازىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىكروسوفتتىكى ئورنى ناھايىتى ياخشى، ئىشلارمۇ جايى-جايىغا چۈشۈپ بولدى، بۇرۇنقىدەك جاپالىق ئىشلەيدىغان ئىش يوق. شۇڭا ئۆتكەن يىلى Windows 10 چىققاندىن بۇيان بىزمۇ خېلى ئارام تېپىپ قالدۇق، ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ دېتاللىرىغا كۈچەيمىز، پىكىر بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 21:12
  • راستىنلا قولايلىق ھەم مۇكەممەل بىر لۇغەت بوپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى am 09:42
  • ئەسسالامۇ ئەلايكۇم، ئالىم مۇئەللىم، بىزدەك ئۈندىدار ئاچالمايدىغانلار ئۈچۈن لوغەتنىڭ APP نۇسخسىنى ئىشلەپ بازاراغا سالسىڭىز بولاتتى، مۇشۇنداق مۇكەممەل لوغەتتىن بىزلەمۇ پايدىلانساق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى am 09:26
    • بۇنىڭغىمۇ ئاز قالدى، ئاندىرويىد، iOS يەنە Windows Phone قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئىشلەيدىغانمۇ قىلماقچى

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى am 11:09
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ئىملا ئويۇنىنى نوكىيا تېلېفۇندا ئوينىغىلى بولمامدۇ؟ نوكىيا 625

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 15:38
  • ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ، ھارمىغايسىز مۇئەللىم، تېمىغا مۇناسۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقاي، مەن ئىملا ئۇيۇنىنى ئويناپ جوغلانما نومۇرۇم 5000 دىن، تۆھپە نومۇرۇم 1000 دىن ئاشتى، بىراق مۇكاپات چىقمايدىغۇ ياكى مۇكاپات يوقمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 12:03
  • مەن بۇ لۇغەتتىن پايدىلىنىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى. باشقا لۇغەتلەرگە قارىغاندا كۆپ ياخشى. ھەممىدىن ياخشى يېرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىمۇ بار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى am 09:53
  • بۇمۇ ياخشى بوپتۇ. تېخىمۇ قولايلىق بوپتۇ. «ئويۇن» قانداق بولۇپ كەتتى؟…

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 22:53
    • ئويۇن داۋاملىشىۋاتىدۇ، باشقىلار دېگەن تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئۈستىدە يەنە 100 مىڭ سۆزدىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 23:10
  • قارىماققا ماڭا بەك مۇكەممەلدەك تويۇلدى بۇ لۇغەت، ئۈندىدارنى ئېچىپ بىر سىناپ باقاي.
    ئالىم مۇئەللىم ھارمىغايسىز، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:15
  • بايام سىناپ باقتىم مۇئەللىم ،شۇنداق ياخشى بوپتۇ ،ھەپتە ئاخىرى يىڭىلايمەن دەپ راستىنلا يىڭىلاپسىز دە . (يىڭى كۇرسانت)

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 19:58
باھا بېتى: 1 2 3