ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى 2.0 (سىناق) نەشرى ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى 2.0 (سىناق) نەشرى ئېلان قىلىندى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى بەش تىللىق ھەقسىز لۇغەت بولۇپ، پەقەت ئەۋەتكەن سۆزنىڭ ئۆزىنى تەرجىمە قىلىپ بېرەتتى، بۇنى ئىشلىتىپ بېقىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى چىپار كود (ئىككىلىك كود) نى سايىلەپ قوشۇۋېلىڭ.
qrcode_for_gh_594dd778d31a_258 (1)
بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 گە ئوخشاش ئىقتىدار ھازىرلانغان ئۈندىدار لۇغەت (سىناق) نەشرى ئېلان قىلىندى، ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سالونىغا ئەگەشكەن بولسىڭىز، ئاستىدىكى باش تىزىملىكتىن لۇغەتنى تاللاڭ.
0
لۇغەت قوزغىلىپ تۆۋەندىكى ئېكران كۆرۈنۈشنى پەيدا بولىدۇ
1
سىز ئۈستىدىكى ئىزدەش رامكىسىغا سۆز كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىزلا بولىدۇ.
===============================
2
مەسىلەن: 学 نى كىرگۈزۈپ بولغۇچە 学 دىن باشلانغان سۆز ساڭگىلاپ تۇرىدۇ.
===============================
3
ئاستىدىكى ئىككى سۆزنى بېسىپ ئالدىغا ياكى كەينىگە ياندۇرۇپ ئىزدىيەلەيسىز، ھەقىقەتەنمۇ قولايلىق
===============================
4
ئاستىدىكى ئىككى سۆزنى بېسىپ ئالدىغا ياكى كەينىگە ياندۇرۇپ ئىزدىيەلەيسىز، ھەقىقەتەنمۇ قولايلىق
===============================
5
ئۇيغۇرچە ھەرپلەر ئۇلانمىسا بۇ لۇغەتتىكى ئىش ئەمەس، بەلكى تېلېفونىڭىزدىكى مەسىلىدۇر. ئەمما توغرا تاپالايدۇ.
===============================
6
سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتىمۇ كەم ئەمەس.
===============================
7

8

9
ئىنگلىزچە لۇغەتمۇ بار،
===============================
10
ئەرەبچە لۇغەتمۇ بار،
===============================
11

==============

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
43 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئۇيغۇرچە يازسام خەنچە تەرجىمە قىلىپ بەردى.شۇنىڭ خەنچىسنى ئوقۇي دىسەم پىنيىنى يوق ئەمدى بۇنى قانداق ئوقۇيمەن دەپ تۇرسام ، شۇ چىققان خەنچە تەرجىمنى بېسىپ تاشلاپتىمەن مانا شۇنىڭ بىلەن پىنينچە ئوقۇلۇشى چىقتى….
    ‹FBI›دىگەننى يېزىپ بولغىچە تەرجىمە قىلىپ بولدى…
    ‹ش ئۇ ئا ر ›،‹ج خ› نى يازسام جىم تۇردىيا…

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 16:40
  • مىكروسوفىت بىڭ (http://cn.bing.com) ئىزدەش ماتورىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى تاقىۋىتىپتۇ. جۇڭگۇ تەۋەسىدە ئىچىلمايدىكەن. دىمەك ئۇيغۇرچە ئىزدەشنى قوللايدىغان ئەڭ ياخشى ئىزدەش ماتورى بولغان گوگىلدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىيىن بىڭ ئىزدەش ماتورىدىنمۇ ئايرىلغان ئوخشايمىز. مەن ئۇيغۇرچە ئىزدەشتە دائىم ئىشلىتەتتىم. بەكمۇ ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن. تاقىۋەتكەنلىك خەۋىرىنى بۇيەردىن كۆردۈم:
    http://www.xiazaiba.com/jiaocheng/6732.html

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 18:39
    • بىڭنىڭ ئىشلىرىمۇ ۋاقىتلىق توختاپ قالدى شۇنىڭ بىلەن، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، مىكروسوفت جۇڭگونىڭ قانۇن تەرتىپلىرى بىلەن قايتا رەتلەپ ئېچىشى مۇمكىن، مىكروسوفت گۇگۇلغا ئوخشىمايدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 21:15
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز! LATEXدە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى كىرگۈزۈپ ماتېماتىكىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى يېزىش ئىمكانىيتى بولارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 15:37
    • ئەلۋەتتە مۇمكىن، 1998-يىلى ياپونىيەدىكى مۇختەر مەخسۇت بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، شۇ يىللىرى مۇختەر مەخسۇت ئۇيغۇرسوفت ئارقىلىق جەمئىيەتكە ھەقسىز تارقاتقان ئىدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 21:13
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم.
    مۇشۇ windows10نىڭ ئەپ دۇكىنىغا Alkatip5.9نىڭ ھەقسىز نەشىرىنى چىقىرىپ قويۇشقا بولارمۇ؟ windows10نىڭ ئەپ دۇكىنىنىڭ ئىزدەش رامكىسىغا Alkatipدەپ يېزىپ ئىزدىسەك Alkatip كۆرۈنسە بەك ياخشى بولاتتى. ھەقسىز نەشىرى دىگەن بەرىبىر ئوموملاشتۇرۇش خاراكتىردىكى نۇسخىسى بولغاندىكىن windows10نىڭ ئەپ دۇكىنىغا چىقىرىپ قويۇلسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
    مەسىلەن windows10نىڭ ئەپ دۇكىنىنىڭ ئىزدەش رامكىسىغاQQ دەپ يىزىپ ئىزدەش كۇنۇپكىسىنى باسساق تېڭشۈن شىركىتىنىڭ QQ دىتالىنىمۇ چىقىرىپ بىرىدىكەن، باشقا خېلى كۆپ شىركەتلەرنىڭ ھەقسىز دىتاللىرىمۇ ھەم شۇنداق ئىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى am 08:33
  • مەن توردىن ئىنگىلىز تىلى ئۇگۇنۇش ماتىريالى چۈشۈرەي دىگەن لىكىن 英语美国—-英语英国 دەپ بارئىكەن قايسىسىنى چۈشۈرۈشنى بىلەلمەي قالدىم
    ياردەم قىلساڭلار ئامرىكا ئىنگىلىزتىلى بىلەن ئەنگىلىيە ئىنگىلىزتىلىنىڭ قانداق پەرقى بار؟ ئەمەلى تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغا ئىنگىلىز تىلى ئامرىكا ئىنگىلىزتىلىمۇ ياكى ئەنگىلىيە ئىنگىلىزتىلىمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 14:13
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، مىكروسوفىت بىڭ ئىچىلمىغىلى ئىككى كۇن بولۇپ قالدى ، نېمە سەۋەپ بوپ قالغاندۇ ؟
    گوگىلدىنغۇ ئايرىلدۇق ، ئەمدى بىڭمۇ بىزنى تاشلىۋەتسە
    http://www.bing.com ئېچىلمايۋاتىدۇ …
    بەيدۇ بىلەن خوشۇم يوق ، ئەمما بىر نەرسە ئېزدەش لازىم بولغاندا ، تىللاپ تۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىمەن ..
    .ياخۇ ئوچۇقكەن راسىت …

    مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن بىڭ نى قۇرۇلتاي يىغىنىغا ئەكەتمىگەندۇ سىياسى ئۆگىنىش قىل دەپ …
    بىڭ بىز سېنى ساقلاۋاتىمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 21:58
  • نىمىشقا ئەپ نۇسخىسى چىقمايدۇ ، بەك قولايلىقتى ئەمەسمۇ ، سېتىۋالساقمۇ بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى am 08:58
  • ۋوجۇن مابالىنى يامان كەنسىلە دىتال چىرايلىق چىقىپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 21:30
  • ۋوجۇن مابالىنى يامان كەنسىلە

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 21:29
  • رەھمەت ئاكا، مېنىڭ تېلېفون نومۇرۇم 13999588896

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 22:11
  • تېلېفون نومۇرۇم
    18399599523

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 12:47
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، قانداق ئەھۋاللىرى
    گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەيۋاتىمەن…
    ئىسمىم مۇختەر، بۇ يىل 22 گە كىردىم، قەشقەر يەكەندىن،
    ئۈچ يىل قەشقەر كەسپىي تىخنىكا مەكتىۋىدە ئىلىكتىرون كەسپىدە ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇدۇم، ئىلىكتىروندىن پۇختا ئاساسىم بار.
    ھازىرقى قىززىقىشىم پروگراممىرلىق، ھەم تىرىشىپ ئۈگۈنۈش ئارقىلىق C# پروگرامما لاھىيەلەش تىلىنى ئۈگەندىم،
    java دىن ئاساسىم بار،
    قىززىقىشىم ھەم ئىلىكتىرونمۇ بولغاچقا بۇ تەرەپلەردىكى ئىزدىنىشىمنىمۇ توختىتىپ قويمىدىم، مىكرو تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچلار يەنى 单片机 گە ئوخشاش كونتىروللىغۇچلارنى پىششىق ئۈگىنىش ئۈچۈن c, c++ پروگرامما تىللىرىنىمۇ ئۈگەندىم،
    پروگرامما تىلى ئۈچۈن مەن ئەڭ تەس ھەم ئۆچ كۆرىدىغان خەنزۇتىلىنىمۇ ئۈگەندىم.
    بۇلار ھەممىسى مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ شەخسىي قىززىقىشىم بولغاچقا ھىچقانداق يەردە مۇنتىزىممۇ تەربىيەلىنىپ باقمىغان بولساممۇ، ياكى بىرەر كىشىنى ئۇستاز تۇتۇپ باقمىغان بولساممۇ قۇرۇشتا ئىشلەپ پۇل تىپىپ كومپىيۇتېر ئالغان كۈنىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە بىر مىنۇتمۇ ئىزدىنىشتىن توختاپ قىلىپ باقمىدىم.
    مىكرو كونتىروللىغۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولغان Arduino نى پىششىق ئۈگىنىش ئۈچۈن C++ ئۈگەندىم، كىيىن مۇشۇ ساھەدە ئۆزۈمگە چىقىش يولى تىپىشنى، يىڭىلىق يارىتىپ ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىنى ئۆز قولۇم ئارقىلىق قۇرۇپ چىقىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم
    ئاندىن كىچىك بولسىمۇ يىزا بازىرىغا بىر دۇكان ئىچىۋالدىم، ئىشلار يامان ئەمەس بولۇۋاتاتتى، بەرىبىر يىزا بازىرىدا يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلىرى قانچىلىك يۈرۈشىدۇ دەيدىلا،
    ئاندىن بىر تۈرنى ئىشلەۋاتقاندىم، يەنى ئىشلەۋاتقان تۈرۈم بولسا موتوسىكىلىتنى ئەقلىي يانفون، تاختا كومپىيۇتېر، قاتارلىقلارغا ئۇلاپ كونتىرول قىلىش، يەنە RFID كارتا ئارقىلىق ئىتىپ ئىچىشنى قوللايدىغان بىر قۇرۇلما، يەنى تىزگىنەك ئىدى، نەۋاقتىن بىرى بۇ تۈرنى ئىشلەپ يىرىمى تۈگەپمۇ قالغان ئىدى، مەن دۇچ كىلىدىغان مۇھىم مەسىلە تىخنىكا مەسىلىسى ئەمەس بەلكى ئىقتىساد، ئالاقە مەسىلىسى ئىدى، كىيىن خالىسام بۇنى ئۆينىڭ ئىشىكى، ئەلالاشتۇرۇپ ئاپتومبىل قاتارلىقلارغا كۆچۈرۈپ ئىلىپ بارالايىتتىم،
    مانا تۈنۈگۈن دۇكىنىمغا ۋىجدانسىز ئوغرىدىن بىرى كىرىپ مانا بۈگۈن ۋەيران بولاي دەپ قىلىۋاتىمەن. مەن يىڭى بىر چىقىش يولىغا مۇھتاج بولۇپ قالدىم، ئائىلىمىز باياشات ئەمەس، ئاددىي دىھقان ئائىلىسى، بانكىغا قەرزىمىزمۇ بار، مىنىڭ مۇشۇ خەت يىزىۋاتقان قوللىرىم ئارقىلىق ئۆز كەلگۈسۈمنى قۇرۇپ چىقىش ئويۇم بار ئىدى،
    مانا بۈگۈن كاللامدا سانسىز خىيال، نىمىلا بولمىسۇن مەن بىر چىقىش يولى تاپمىسام، ئائىلەمنى بۇ يۈكتىن خالاس قىلمىسام بولمايدۇ.
    كومپىيۇتېر ۋە ئەقلىي يانفون، تاختا كومپىيۇتېر بىلەن بىرىككەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك يولى كونتىرول قىلىش سىستېمىلىرىنى مۇستەقىل يىزىپ چىقالايمەن. يەنى زاۋۇتلاردا ئىشلىتىدىغان كومپىيۇتېردا ئۈسكۈنىلەرنى كونتىرول قىلىش سىستېمىلىرىغا ئوخشاش.
    ھەم مۇشۇ تەرەپتە بىر چىقىش يولى تاپقۇم بار.
    مەن ئەڭ ئىغىر كۈندە قالغاندا ماڭا ياردەم قىلغان قىلغان كىشىنى مەن مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن.
    c, c++ پروگرامما تىللىرىنىمۇ ئۈگەندىم
    بۇ مىنىڭ قەشقەردە بىر مىھمانخانىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا ئۆزۈم بىر قوللۇق تاماملاپ چىققان مىھمانخانا باشقۇرۇش سىستېمىسى
    http://www.uyghurweb.com/forum.php?mod=viewthread&tid=42636

    تەبەسسۇم، مۇجەسسەم قاتارلىق مۇشۇ تۈردىكى شىركەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش يولىنى پەقەت تاپالمىدىم، مىنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىم ۋە ئەمەلىي كۈچۈم ئارقىلىق كەلگۈسۈمنى قۇرۇپ چىققۇم بار.
    قاراپ تۇرۇپ سىلىمۇ مەندەك بىر ياشنىڭ ۋەيران بولۇپ كىتىشىنى خالىمايدىلا، ھەم سىلى خالىغان تەقدىردىمۇ ئىزدىنىشتىن توختاپ قالمايمەن.
    سىلىدىن ئۈتۈنىدىغىنىم پەقەت مۇجەسسەم شىركىتىنىڭ بىۋاستە ئالاقىلاشقىلى بولىدىغان ئالاقە شەكلىنى تىپىپ بەرگەن بولسىلا.
    ياكى مۇشۇنىڭدەك باشقا شىركەتلىرىمىز بولسىمۇ مەيلى ئىدى،
    كاللامدا ئويلاپ قويغان يىڭى تۈرلەر، تەرەققىيات يۆنىلىشى بار ئىدى.
    ئاللاھ خالىسا مىنىڭ بۇ ئۆمرۈمدە چوقۇم ياشانغانلار ساناتورىيىسى ئىچىش ئارزۇيۇم بار.
    ماڭا بىر چىقىش يولى كۆرسىتىپ قويغان بولسىلا.
    مەن قىلالايدىغان ئىشلار كۈندە تەجرىبە شەكلىدىلا بولىشىنى ئەمەس ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،
    بۇ بىر تىرىشچان ياشنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۈتۈنىشى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 12:14
  • ئالىم ئەھەت ئاكا، قانداق ئەھۋالىڭىز؟
    بۇ مەسىلىنى سىزگە قانداق ئوتتۇرىغا قويۇشنى بىلەلمەي باش تېمىغا مۇناسىۋەتسىزلا مەزمۇن يېزىپ قالدىم.
    ئادەتتە تېكىست تەھرىرلىسەم «ئەلكاتىپ ژۇرنال توم» خەت نۇسخىسىنى كۆپ ئىشلىتىمەن، چۈنكى خەت غولىنىڭ توملۇقى مۇۋاپىق، سۆزلەر بەك ئۇزىراپ كەتمەي ئىخچام چىقىدىكەن، لېكىن بۇ خەت نۇسخىسىدىكى ھەمزە، كىرتىك بەلگىلىرى تازا كۆركەم ئەمەس، خەت غولىغا، نۇسخىسىغا ماس كەلمىگەندەك. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئامالىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز…

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 22:04
  • مەن بۇرىندىنلا ئىشلىتىپ كەلگەنتىم، ھازىر بەك يېڭىلىنىپ كېتىپتۇ تەتىلدە كومپىيۇتېردىلا ئىش قىلىپ تورلاغا بەك چىقمىدىم ئەمدى سىناپ باقمىسام بولماپتۇ بوسلا android بىلەن ios تەڭ چىققان بولسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 13:22