ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

دۇنيادا ئۆزىنى داڭلىسا بىرىنچى ئەخمەق، خوتۇنىنى داڭلىسا ئىككىنچى ئەخمەق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن، ئۆزىنىڭ ئانا تىل-يېزىقىنى داڭلىسا، قانچىنچى ئەخمەق بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن. شۇڭا، پىكىرىم سەل تېيىز بولسىمۇ، ھاياجان سەل ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىۋاسىتە تەھرىرلىمەي يازغان بولغاچقا كەچۈرۈڭلار، قېنى باشلاي ئەمىسە.

10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى لايىھىلەپ، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ كودىنى بېكىتىپ (ئۇ چاغلاردا تېخى بىرەر ئورۇن بېكىتىپ بەرمىگەن بولغاچقا)، كىرگۈزگۈچ ياساپ، كېيىن ئىملا تەكشۈرگۈچ ۋە لۇغەت ياساپ باققان بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتىم يىلدىن-يىلغا كۈچىيىپ باردى. ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقىم ۋە ئىشلىتىدىغانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم، ئاددىي سەۋەبى مۇنداق:

(1) كومپيۇتېردا پىروگرامما يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا مەلۇمكى، كومپيۇتېردا ئىككىلىك سىستېما قوللىنىلىدۇ، شۇڭا، ساقلىغۇچنىڭ سىغىمىمۇ 2 گېگابايت، 4 گېگابايت، 8 گېگابايت،..32 گېگابايت دېگەندەك ئايرىلىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىدا 32 ھەرپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 8 سوزۇق تاۋۇش بار. بۇلار دەل ئىككىنىڭ دەرىجىلىرىدۇر(2،4،8،16،32). ASCII كودىدا لاتىنچە چوڭ-كىچىك ھەرپلەرنى پاراللېل رەتلىك قىلىش ئۈچۈن زورمۇ-زور ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلار بار ئىدى، ناۋادا، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرگە ئايرىم رايوندا كود بېكىتىلىدىغان بولسا، ASCII كودىدىنمۇ رەتلىك ئورۇنلىشىپ، بىر رايونىغا شۇنداق چىرايلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ گۈلى-گۈلىگە كېلىدۇ. (مەن ئەلكاتىپ 1.0 دە شۇنداق قىلىپ، USCII كودى دەپمۇ ئاتاپ باققان ئىدىم). بۇنداق يېزىقنى يەنە تاپالامسىز؟

(2) سۆز قوشۇمچىلىرى
ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان چېغىمدىلا I am from Xinjiang دېگەن جۈملىدىكى from (دىن، تىن) نى بەك تەستە قوبۇل قىلغان، تېخى ئالدىدىكى am دېگەننىچۇ؟ ئەگەر بۇ جۈملىنى ئۇيغۇرچە دېيىشكە توغرا كەلسە، «مەن شىنجاڭدىن» (ئىككى سۆز بىلەن) دەيمىز، ئىش تامام. تېخى ئۈرۈمچى خانتەڭرى مەسچىدى يېنىدىكى «جۇڭگو بانكىسى» دېگەن سۆزنىڭ ئىنگلىزچىسى Bank of China بولۇپ، «of» دېگەن نېمە ئۇ؟ كومپيۇتېرغا ئىنگلىزچە Windows نى قاچىلىغاندا، My Computer دەپ چىقاتتى. ئۇيغۇرچە «كومپيۇتېرىم» دېسەكلا تامام. بىزدە بۇنداق شەخس، كېلىش قوشۇمچىلىرى بىۋاسىتە سۆزنىڭ ئارقىسىغا ئۇلىنىپ كېلىدۇ، بۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە تىلدىن يەنە قانچىسى بارلىقىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن، ئىنگلىز تىلىدا بۇنداق ئالاھىدىلىك يوق. ئۇيغۇرچە جۈملىدە نەچچە سۆزنىڭ بارلىقىنى ساناش توغرا كەلسە، بەك توغرا تېپىشقا بولىدۇ. ئەمما، ئىنگلىزچىدە ئۇنداق ئەمەس. of, the, to, from,…. دېگەنلەر ساناشقا تەسىر قىلىدۇ. دۇنيادا بۇنىڭدەك باشقا تىل-يېزىقنى تاپالامسىز؟

(3) مىقدار سۆز
خەنزۇ تىلىدا بىر دانە ئۈستەل، بىر نەپەر ئادەم دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەردە زورمۇ-زور مىقدار سۆز ئىشلىتىشكە مەجبۇرىي بولىمىز، لېكىن، ئۇيغۇرچىدە بۇنداق زورمۇ-زور ئىشلىتىدىغان ئىش يوق. پەقەت بىر ساپاق ئۈزۈم، بىر خالتا سۈت ،…دېگەندەك جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا مىقدار سۆزنى زورلاپ ئىشلەتمەيمىز، بۇنداق قۇلايلىقلار يەنە قانداق تىللاردا بار؟

بەلكىم، يۇقىرىدىكى مەزمۇنلاردا ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان تېيىز كۆز قارىشىم سەۋەبىدىن سىڭگەن چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەت بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، ئۆزىنىڭ تىلىنى ماختاش، سۆيۈش ھەرگىزمۇ خاتا ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن تىلىمىزغا باشقىچە قارايدىغانلارغا ھەيران قالىمەن.

يېقىندىن بۇيان تىلىمىزغا بولغان ھەر خىل خىرىسلار مەۋجۈت بولۇپ، بەزىلەر «ھەمزە»نى تاشلىۋېتەيلى دېسە، يەنە بەزىلەر ھەرپ شەكىللىرىمىز ئېنىق ئەمەس دەپ، يەنە بەزىلەر ئېلىپبە تەرتىپىمىز توغرا ئەمەس دېيىشمەكتە. يەنە بەزى نوپۇزلۇقلار مۇنداقمۇ دېيىشمەكتە، ئالىم ئەھەت كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ كۆرۈپتىكەنتۇق، بۇ جەدىۋەلدە، «ژ» بىلەن «ف» نىڭ تەكرارلىقى بەك تۆۋەن، شۇڭا، بۇ ئىككىنى ھەرپنى قىسقارتىپ، «ژ» نى «ج» بىلەن، «ف» نى «پ» بىلەن ئىپادىلەيلى، ھەمزە بىلەن جەمئىي ئۈچ ھەرپنى تاشلىۋېتەيلى دېگەن قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرغا قويۇپ باقتى. مەن 2004-يىلى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھەرگىزمۇ بۇ مەقسەت ئۈچۈن ھېسابلاپ چىقمىغان ئىدىم، يەنە بەزىلەر ئىنگلىز تىلىدا 48 تاۋۇش 26 ھەرپ بار ئىكەن، ئۇيغۇر تىلىنى ئىسلاھ قىلىپ 32 ھەرپ 16 تاۋۇش قىلايلى دىگەنلەرمۇ بار ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆز ئانا تىلىنى پىششىق بىلمىگەن بەزى چالا تەرجىمانلارنىڭ دائىم مۇنداق تەرجىمىلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.

(1) ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 بال يەر تەۋرەش يۈز بەردى.
(2) دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى.
(3) يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى.
(4) دېھقانلار ئاز پۇل سەرپ قىلىپ يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي سالدى.
(5) سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
(6) ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن

مېنىڭچە،
(1)-جۈملە «ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 يەر تەۋرەش يۈز بەردى» دىكى «يۈز بەردى»دېگەن قانداق گەپ؟ ئۇيغۇر تىلىدا پېئىللارنىڭ ھەرخىل دەرىجىلىرى، شەخس ،..نى ئىپادىلەيدىغان قوشۇمچىلار ئىنتايىن مول، بىر پېئىلنى 5040 خىل تۈرلەشكە بولىدۇ، شۇڭا، مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 بال يەر تەۋرىدى (توغرا)

قايسى كۈنى تېلېۋىزوردىكى خەۋەردە تېخى مۇنداق دەيدۇ: «ئىچكىردە سۇ ئاپىتى يۈز بەردى»، توۋا دەپ قاپتىمەن. «ئىچكىردە كەلكۈن كەلدى» دېسە تامام. «كەلكۈن» دەپ مەخسۇس بىر ئاتالغۇ تۇرسا، ئېلان ئورنىدا دەپ قوياي، ئۇلار «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»نى ئىشلەتكەن بولسا، ئۇنداق بولماس ئىدى بەلكىم. (يازما ئارىسىغا ئېلان قىستۇرۇش مودا ھازىر).

(2)-جۈملە «دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى» دىكى «نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى»دېگەن قانداق گەپ؟ خەنزۇ تىلىدىن قۇرمۇ-قۇر تەرجىمە قىلغانما؟ كومپيۇتېردا تەرجىمە قىلغانمىكىن دېسەم، بۇنداق خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە دېتال تېخى ئېلان قىلىنمىدى. مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىنى داۋالىدى (توغرا)

(3)-جۈملە «يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى» دىكى «چوڭقۇر قانات» دېگەن قانداق گەپ؟ بۇنىما خەنزۇ تىلىدىن قۇرمۇ-قۇر تەرجىمە قىلغانما؟ «ناۋادا، قاناتنى چوڭقۇر يايدۇرساق، يۇقىرىدىن-تۆۋەنگە يېيىلىپ، يەرگە چوڭقۇر سانجىلىپ كېتىدۇ»، شۇڭا، مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
يىغىن روھىنى كەڭ قانات يايدۇرايلى (توغرا)

(4)-جۈملە «دېھقانلار ئاز پۇل سەرپ قىلىپ يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي سالدى» دىكى «پۇل سەرپ قىلىپ» دېگەن قانداق گەپ؟ ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى «يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي» دېگەن سۆزنى«يەر تەۋرەشكە چىداملىق» دەپ ئۆزگەرتتى، ئەمما، ئالدىدىكى «پۇل سەرپ قىلىپ» دېگەننىڭ ئورنىغا، «پۇل خەجلەپ» دېسە بولماسمىدى؟ ياكى بۇلارنىڭ ئىچىدە خەجلىمىگەن ئەمما، كەنت باشلىقلىرىغا پارا بەرگەن پۇللارمۇ بولغاچقا، «خەجلەش»نىڭ ئورنىغا «پۇل سەرپ قىلىپ»دەمدۇق؟ بۇنى مەن بىلمىدىم. مېنڭچە، مۇنداق دېيىش كېرەك:
دېھقانلار ئاز پۇل خەجلەپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالدى (توغرا)

(5)-جۈملە «سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» دىكى «سىزنىڭ…بولدى»دېگەنگە قارىغاندا، بۇ ئىنگلىزچە يۇمشاق دېتاللارنى تەرجىمە قىلغاندا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىق. مەن ئۈستىدە دەپ ئۆتكەندەك، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئىنگلىز تىلىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى تەرەپلىرى بار، مەن يەنە بۇلارنى بىلوگىمدا داۋاملىق يېزىشىم مۇمكىن، بۇ جۈملىنى مۇنداق تەرجىمە قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز غەلبىلىك بولدى
ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز غەلبىلىك بولدى
سىز ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتتىڭىز.
ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋەتتىڭىز

«مۇۋەپپەقىيەتلىك» دېگەن سۆزنىڭ ئىملاسىنى مانا مەن دېگەن ئادەممۇ توغرا يازالمايدۇ، شۇڭا، «غەلبىلىك» دېگەننى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا چۈشىنىشلىك بولىدۇ ۋە ئۈچ بوغۇم قىسقىراپ، سۆز مەنىسى ئۆزگەرمەيدۇ، يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىمۇ جىق ئورۇننى ئېگەللىمەيدۇ. لېكىن، «سىز ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتتىڭىز» ياكى «ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋەتتىڭىز»نىمۇ ئويلىشىپ باققاننىڭ زېيىنى يوق. «غەلبىلىك بولدى»، «غەلبىلىك ھالدا»،…دېگەندەك ئىبارىلەرنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن زامان قوشۇمچىلىرىنى ئۇلاپ قويساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

(6)-جۈملە «ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دىكى «رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن»دېگەن قانداق گەپ؟ «رەھمەت» دېسەكلا تامام، مېنىڭچە يۇقىرىدىكى جۈملىنى مۇنداق دېيىش كېرەك:
ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن (توغرا)

ئۆز ئانا تىلى ساۋادى چالا بولغان يېڭى تەرجىمانلىرىمىز، خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىنى بەك پىششىق ئۆگىنىپ كەتتىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ تىل ئىپادىلەش ئادىتىنى ئۇيغۇر تىلىغا سىڭدۈرمەكچىمۇ بولدىمۇ، سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش سېھرىي كۈچىنى باشقىلارغا ھېس قىلدۇرالمايۋاتىدۇ. بۇنداق ئىپادىلەش خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدا بەك كام تېپىلىدۇ، بۇنى يازغانسېرى، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان مېھرى-مۇھەببەت قايتىدىن كۈچەيدى، شۇڭا، «ئۇيغۇر تىلى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزەيلى، بەزى نەرسىلەرنى تاشلىۋېتەيلى، زامانغا ماسلاشمايدۇ، كومپيۇتېرغا بولمايدۇ،…دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەرنى ئاڭلاپ قالسام بىئارام بولىمەن. شۇڭا، ئۇنداق نەرسىلەرنى ئەمدى بىلوگىمدا بولسىمۇ ئاڭلاپ قالمىغايمەن.

مېنىڭچە، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، ئالاھىدىلىكلەرنى قېزىپ چىقىپ، ياخشى تەرەپلىرىنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىش كېرەك ھەم ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساق، «دوپپا مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى»-دەپ خەۋەر بېرىپ، دوپپا كەيمىگەندەكلا ئىش يەنى تېخى شۇ يىغىن تۈگەپ 10 مىنۇتتىن كېيىنكى ئايرىم شەخسلەرنى زىيارەت قىلغاندا، نوپۇزلۇقلارنىڭ بىرسىنىڭمۇ بېشىدا دوپپا يوق (ئەلكۈيىدىكى زىيارەتنى كۆرۈپ بېقىڭ). لېكىن، دوپپا دېگەن مۇنداق ياخشى نەرسە دەپ بىر پاتمان سۆزلەپ بەرسەكمۇ، ئۆزىمىز ئەمەل قىلمىساق، زورمۇ-زور ئۆتكۈزگەن بايرامدەك، رەسىمگە چۈشۈپ، ساياھەت قىلىپ، ئۆپچە تاماق يەپلا يېنىپ كېلىمىز، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنى ھەم قايىل قىلالمايمىز. نۇرغۇن چىقىم قىلغاننى ئاز دەپ يەنە باشقىلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى ئالىمىز.

تىلىمىزغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى توغرا تەتقىق قىلايلى، ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنايلى!

دىققەت: بۇ تېخى دەسلەپكى ئىزدىنىش بولۇپ، تولۇق پۈتمىدى. شۇڭا، باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلىماي تۇرۇڭ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
135 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئۇلىنىش تورىنىڭ «نۇر تورى خەۋەرلىرى» دېگەن ئەپنى App Store غا چىقاردى دېگەن خەۋىرىنى ئاڭلاپ خوشلۇقۇمدا يۈگرەپ چۈشۈرۈپ كۆرۈپتىمەن. گەپنىڭ قىسقىسى، تەرجىمانلارنىڭ تىل قابىلىيىتى مېنى بەك ئەپسۇسلاندۇردى. ئۇلار «كۈنىگە 2~3 يۈز خەۋەر چىقىرىمىز» دەپ سانغا كۈچەپ، خەۋەر مەزمۇننىڭ تىلغا يېقىن، چۈشىنىشلىك، ئوقۇغانسىرى ئوقۇغۇسى كېلىدىغان قىلىشقا پەقەتلا كۈچەپ قويماپتۇ. ئۇلارغا ئالىم مۇئەللىمنىڭ بۇ يازمىسى دورىكەن! خەۋەرنى خەنزۇچىدىن توپتوغرا، ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل تەرجىمە قىپ قويۇپتۇ. خەنچىنى تولا ئاڭلاپ زېرىككەندە خەۋەرنىمۇ ئۇيغۇرچە كۆرەلمەيدىكەن ئادەم دەپ ئىچىم سىقىلدى…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى am 11:04
    • http://www.nur.cn/news/2012/06/71278.shtml دىكى ماۋۇ جۈملىگە قاراڭ:
      ===========================================================
      بىر قانچە شوپۇردىن باشقا، بىر 59 ياشلىق ئەر ئايالى بىلەن سەيلە قىلىۋاتقان بولۇپ، بەختىگە يارىشا قاتىل پىچاقنى ئۇنىڭ يۈرىكىگە تىقىۋەتكەن بولغاچقا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
      ===========================================================
      بەختىگە يارىشا ئۆلۈپ كېتىپتۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 15:57
  • ئالىم مۇئەللىم بوسا مۇشۇ بىكەتكتتىكى ئېسىل تىمىلارنى باشقا تور بەتلەرگە ئۇلانما،ھەمبەھىر(分享QQ空间,人人,新浪等等) قىلىدىغان قىلىپ قويسىڭىز بولاتتى…مۇشۇنداق ئسىل تىمىلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋەرسىز يۈرۈيدىغانلار ئاز ئەمەس…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 16:46
  • چەتئەل سۆزلۈكلىرى ھازىرچە ئاشۇ كەسىپ دائىرىسىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ تۇرىشى مۈمكىن. بۇ تېخنىكىلىق ئاتالغۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاۋام خەلق ئارىسىدا ئانچە كەڭرى ئىشلىتىلىپ كەتمىگەچكە ھازىرچە شۇنداق قوبۇل قىلىنىپ تۇرسىمۇ زىيىنى يوق. كېيىنچە ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغىمۇ چارە تېپىلىشى مۈمكىن، ۋە ياكى پەن-مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بۇ سۆزلۈكلەرمۇ كەڭرى ئىشلىتىلىشقا ئېرىشىپ ئومۇملىشىپ كېتەلىشى مۈمكىن. خۇددى ئايروپىلان، ۋېلىسپىت، ماشىنا دېگەن سۆزلۈكلەر ئىشلىتىلىش چاستوتىسىنىڭ زىيادە كۆپلىكىگە بېقىنىپ تېز ئومۇملىشىپ كەتكەندەك. ئۇيغۇر تىلىدا يېڭى سۆزلۈكلەرنى ياساشتا زور بۆسۈش بولغانلىقىنى ھېس قىلدۈم. بولۇپمۇ «تاراتقۇ» (ئاممىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى) دېگەن سۆزنىڭ ياسىلىشى مېنى بەكمۇ سۆيۈندۈردى. ھەتتا رۇسلارمۇ بۇ سۆزلۈكنى رۇسچىدا ئىخچام ئىپادىلەشكە ئامالسىز قېلىپ ئىنگلىزلاردىن ئەينەن ئېلىپ «ماس مېدىيا» دەيدۇ ئەمەسمۇ. بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆزلۈك ياساشتىكى ئىچكى قۇۋۋىتىنىڭ غايەت زور ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭ قېزىپ چىقىرىشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئىسپاتلايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 22:06
  • تىلنىڭ رەڭدارلىقى ئۇنىڭ تاۋۇشلىرىنىڭ كۆپلىكىدە بىلىنىدۇ. «ژ» نى ۋە «ف»نى يوقىتايلى دېگەن ئەخمەقنىڭ گېپى. ئۆينى بۇزۇش ئاسان، ئەمما سالماق تەس. يوقاتقان نەرسىنى كېيىن نەدىن تېرىپ كېلىمىز؟ تىلغا چاقچاق قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇ بىر ياكى ئىككى ئادەمنىڭ خالىغانچە بۇزىدىغان، يوقىتىدىغان ياكى ئۆزگەرتىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقى ئەمەس. تىلغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-يەكۈنلەر كۈچلۈك ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولمىسا ئېلان قىلىنماي تۇرغىنى ياخشى. تىلغا مۇناسىۋەتلىك قارارلارمۇ ئاشۇ تىلنىڭ ئىگىسى بولغان خەلقنىڭ پىكرى ۋە ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىسە چىقىرىلمىغان ياكى ئىجرا قىلىنمىغان ياخشى.
    «مۇۋەپپەقىيەتلىك» ۋە «غەلىبىلىك» دېگەن سۆزلەر مېنىڭچە ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەپ ۋەياكى پارس تىلىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆزلۈكلەر. بۇلاردىنمۇ ئىخچام بولغان ئۇيغۇر تەمى قويۇق «ئۇتۇقلۇق» دېگەن ئاران 3 بوغۇملۇق چىرايلىق سۆزنى ئويلىشىپ بېقىشقا بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 21:00
    • شۇنداق، توغرا دەيسىز. مەنمۇ ئۇيغۇرچە ئاتاش مۇمكىن بولسىمۇ، بىۋاسىتە ئاتىلىپ كەلگەن ئانالوگ، كاتالوگ، سېنزور، ئېففېكىت، مېتېرولوگىيە،ئابۇنت…دېگەندەك سۆزلەرنى قەتئىي ياقتۇرمايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 21:33
  • ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىگە بىر ماقال كەتتى: چالا تىلچى تىلنى بۇزىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 12:40
    • چالا موللا ئادەم ئۆلتۈرەر
      بۇ يەردىكى ‹موللا› سۆزى بۈگۈنكى كۈندىكى بالا تەرجىمانلارغا كىنايە قىلىنغان ھالدا ئىستىمال قىلىنىدىغۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى am 05:28
  • ئالىم مۇئەللىم، ئالىم ئاكا!!!

    ئۇھ، يازمىڭىزنى كۆرۈپ، تازا بىر ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدۇم، ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇ مەسىلە توغرىلىق باش قاتۇرۇپ كېلىۋاتقان، ئىزدەنگەن، ھەتتا مۇشۇندان بىر تېمىدا بىرەر يازما يېزىشنىمۇ ئويلاشقانىدىم… كۆپ رەھمەت، نۇرغۇن ئەجىر قىپسىز!

    ئاشۇ ئۇيغۇرتىلى ئۇنداق، مۇنداق دەيدىغان، بىردەم ئۇنى ئۆزگەرتىمىز، بۇنى تاشلايمىز دەيدىغان كىشىلىرىمىز مۇشۇ يازمىڭىزنى بىر كۆرۈپ چىقسا، ھېچبولمىسا ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئوبدانراق ئويلىشىپ باققان بولسا، نومۇستىن يۈزلىرى قىزارغان بولسا، ئۇيغۇرتىلىمىزنىڭ قۇدرىتى ۋە پاساھىتىگە ئىشەنگەن بولسا…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 12:28
  • مىڭ يىل مۇقەددەم ئۇلۇغ بۇۋىمىز مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىلىمىزنى دۇنياغا تونۇتقان،بۇگۈنكى كۈندە سىز كومپىيۇتىرنىڭ روھىنى « ئۇيغۇر »غا ئايلاندۇردىڭىز،مۇبارەك بولسۇن!ئىسمىڭىزمۇ ئالىم،ئۆزىڭىزمۇ«ئالىم»ئىكەنسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 22:17
  • ياحشى گەپ !!!مەن شۇڭا بەزى ئادەملەرنىڭ ئعىزىدا پالۋان ،ئەمىلىيەتتە قۇلىدىن پوق كەلمەيدۇ!ئالىم ئاكا رەىمەت سىزگە!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:30
  • مەن ئۆزۈمنى ئانا تىلىمنى تولىمۇ سۈيىمەن دەپ ئويلاپتىمەن. ئالىم ئەھەت ئەپەندىمنىڭ ئالدىدا مەن تېخى ئانا تىلىمنى ھەقققىي سۆيمەپتىمەن. پەقەت خىيالىمدىلا سۆيگەن ئوخشايمەن(خىيالدىكى سۆيگۈ). ئاكىمىزنىڭ يوقۇرىدىكى يازمىسىنى كۆرۈپ قايىل بولدۇم. ئانا تىلىنى سۆيۈش ئەسلى شۇنداق بولۇش كېرەك. مەن بىلىۋالدىم، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرتىلىنى سىز سۈيگەندەك ئۇسۇلدا سۆيۈشكە بەل باغلىدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى am 11:25
  • مەنمۇ بۇ بەتنى تۇنجى زىيارەت قىلىشىم ،مەزمۇنىدىن بەكلا سۆيۈندۈم.الىم ەخەت مۇەللىمنىڭ تېرىشچانلىقىغا رەخمەت ېيتىمەن .انا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداش بىلەنلا قالماي پۈتكۈل تۈركى مىللەت تىل يېزىقىنى ومۇملاشتۇرۇش ،بىرلىككە كەلتۈرۈشتە ھەممەيلەننىڭ مەجبۇرىيىتى بار .تىل،يېزىق ىخچاملىققا ىگە بولسا ەۋزەللىك ېشىپ بارىدۇ.ھەمزىنىڭ قويۇلىشى بىزنى بىر قىسىم الاھىدىلىككە ېگە قىلسىمۇ ،بىراق كىلاسسىك ەسەرلىرىمىزدىن ەۋلادنى يىراقلاشتۇرۇش،تۈركى مىللەتلەرنى يېزىق جەھەتتىن يېراقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە «ھەسسە»قوشتى دېسەك كۇپايە..ەۋلادلار 70 يىلنىڭ الدىدىكى يېزىقىمىزدا يېزىلغان ەسەرلەرنى وقۇيالمايدۇ ،ۇنىڭ الدىدىكىسىدىنغۇ سۆز اچقىلى بولمايدۇ .بۇمۇ بىرنى تىكلەپ بىردىن ايرىلىشمۇ قانداق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى am 10:21
  • ياخشى ھەممىمىز ئورتاق ئىزدىنىپ ئۇيغۇرچىدىكى ئىلغار ئۇچۇرلارنى تارقىتايلى!!!رەخمەت .ئەزىز تىنىڭىز ئامان بولسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:40
  • ئالىم ئەھەد ئەپەندىنىڭ تىلىمىز توغرىسىدا يازغانلىرىنى كۆرۈپ ئانا تىلىمغا بولغان ھۆرمىتىم تىخمۇ ئاشتى……..ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن پەخىىرلىنىمەن !!! ئالىم ئەپەندىگە ئوخشاش كىشلەرنىڭ تىخمۇ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھ دىن تىلەيمەن.(ھەمدە ئۆزۈممۇ مىىللىتىمىز تىل -يىزىق تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشقا تىرىشىمەن.)
    ئوقۇيمەن دەپ يۇرىتتىن ئايرىلىپ ئىچكىرى ئۆلكىلىردە يۈرگىلى مانا بەش يىل بوپتۇ ،ئويلاپ باقسام بەش يىلدىن بىرى ئۇيغۇر يىزىقىمنى ناھايىتى ئاز ئىشلىتىۋىتىپتىمەن (ھەتتا بەزىدە سۆزلىگەندىمۇ خەنزۇچە ،ئىنگلىزچە….)….خىقىللىق ھىس قىلىۋاتىمەن……

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى am 09:38
  • ھاياجاندا يەنە بىر ئىنكاس يازاي.مانا مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە ئۇيغۇرنىڭ سانى 10دىن ئاشمايدۇ، تەتىلدە قايتىش سەپىرىدە، قازاق ساۋاقدىشىم بىلەن ھەمسەپەر بولدۇم. پويىزدا قازاق دوستۇم بىلەن ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىپ كىتىپ باراتتۇق(ئۇ ئۇيغۇرچىنى راۋرۇس سۆزلەپ قويىدۇ، چانمايدۇ)، قارشى تەرەپتە ئولتۇرغان قىز «ئۇيغۇرچىنى ئەجەپ ياخشى سۆزلەيدىكەنسىلەر!»دەپ ھەيرانلىق بىلەن سورىدى، تېخى ئۇ قىزنى يولداشلاردىن ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن، پويىزغا چىققاندىن باشلاپ ئۇدا خەنچە سۆزلەپ ئولتۇردى(ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ، ۋاي توۋا!).يەنە تېخى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇغان بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى ياخشى دەيدۇ تېخى، بوپتۇ، قىز بالىكەن دەپ غىڭشىپ قويمۇدۇم.ماڭا كۈن-كۈنلەپ ئۇيغۇرچە سۆزلەش پۇرسىتى يوق ئىچىم سىقىلىدۇ، مەكتەپ بولسا ساۋاقداشلار بىلەن تاماق ۋاقتىدىلا ئۇچرۇشۇپ قالىمىز، بولمىسا ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىشى بىلەن ئاۋارە.ئالتە يىلدىن ئارتۇق ئىچكىرىدە ياشاپتىمەن، ئانا تىلىمغا بولغان مۇھاببىتىم كۈنسىرى ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ.سۆزلەشكە پۇرسەت بولمىغاندىكىن دەپ، كۈندە توردا ماقالە ئوقۇيمەن، ئالىي مەكتەپكە چىققاندا، ئۇيغۇرچە خەت بېسىشنى ئۇخمايتىم، ئۈگۈنۈش جەريانىدا تىرىشىپ يۈرۈپ ئۈگىنىۋالدىم، بلوگ قۇرۇپ ئازتولا ئۇسلۇبمۇ تەرجىمە قىلىپمۇ تارقاتتىم.خەنچىگە كەلسەك ،ئىشقىلىپ يىرتىپ تاشلىۋېتەلمىسەممۇ، خەنزۇۋاندىن قېلىشمىغۇدەك سۆزلەيمەن، ئىنگىلىز تىلىنى خېلى خەنزۇ يولداشلاردىن ياخشى سۆزلەيمەن(ئىشقىلىپ يول سورىغان چەت ئەللىكلەر، ئاشخانا ئىزدىگەن چەت ئەللىك مۇسۇلمانلار ئىنگىلىزچىنى ياخشى سۆزلەيدىكەنسەن دەيدۇ، ئۆزۈمنى ماختىۋالاي، ھى،ھى…).

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 19:09
  • ئۆزئانا تىلىنى داڭلىغان بىرىنجى دانا

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 15:19
  • بۇ ھەۆتە ئوبدان ئويلانسام بولغۇدەك~~~~~

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى am 11:21