ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

دۇنيادا ئۆزىنى داڭلىسا بىرىنچى ئەخمەق، خوتۇنىنى داڭلىسا ئىككىنچى ئەخمەق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن، ئۆزىنىڭ ئانا تىل-يېزىقىنى داڭلىسا، قانچىنچى ئەخمەق بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن. شۇڭا، پىكىرىم سەل تېيىز بولسىمۇ، ھاياجان سەل ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىۋاسىتە تەھرىرلىمەي يازغان بولغاچقا كەچۈرۈڭلار، قېنى باشلاي ئەمىسە.

10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى لايىھىلەپ، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ كودىنى بېكىتىپ (ئۇ چاغلاردا تېخى بىرەر ئورۇن بېكىتىپ بەرمىگەن بولغاچقا)، كىرگۈزگۈچ ياساپ، كېيىن ئىملا تەكشۈرگۈچ ۋە لۇغەت ياساپ باققان بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتىم يىلدىن-يىلغا كۈچىيىپ باردى. ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقىم ۋە ئىشلىتىدىغانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم، ئاددىي سەۋەبى مۇنداق:

(1) كومپيۇتېردا پىروگرامما يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا مەلۇمكى، كومپيۇتېردا ئىككىلىك سىستېما قوللىنىلىدۇ، شۇڭا، ساقلىغۇچنىڭ سىغىمىمۇ 2 گېگابايت، 4 گېگابايت، 8 گېگابايت،..32 گېگابايت دېگەندەك ئايرىلىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىدا 32 ھەرپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 8 سوزۇق تاۋۇش بار. بۇلار دەل ئىككىنىڭ دەرىجىلىرىدۇر(2،4،8،16،32). ASCII كودىدا لاتىنچە چوڭ-كىچىك ھەرپلەرنى پاراللېل رەتلىك قىلىش ئۈچۈن زورمۇ-زور ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلار بار ئىدى، ناۋادا، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرگە ئايرىم رايوندا كود بېكىتىلىدىغان بولسا، ASCII كودىدىنمۇ رەتلىك ئورۇنلىشىپ، بىر رايونىغا شۇنداق چىرايلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ گۈلى-گۈلىگە كېلىدۇ. (مەن ئەلكاتىپ 1.0 دە شۇنداق قىلىپ، USCII كودى دەپمۇ ئاتاپ باققان ئىدىم). بۇنداق يېزىقنى يەنە تاپالامسىز؟

(2) سۆز قوشۇمچىلىرى
ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان چېغىمدىلا I am from Xinjiang دېگەن جۈملىدىكى from (دىن، تىن) نى بەك تەستە قوبۇل قىلغان، تېخى ئالدىدىكى am دېگەننىچۇ؟ ئەگەر بۇ جۈملىنى ئۇيغۇرچە دېيىشكە توغرا كەلسە، «مەن شىنجاڭدىن» (ئىككى سۆز بىلەن) دەيمىز، ئىش تامام. تېخى ئۈرۈمچى خانتەڭرى مەسچىدى يېنىدىكى «جۇڭگو بانكىسى» دېگەن سۆزنىڭ ئىنگلىزچىسى Bank of China بولۇپ، «of» دېگەن نېمە ئۇ؟ كومپيۇتېرغا ئىنگلىزچە Windows نى قاچىلىغاندا، My Computer دەپ چىقاتتى. ئۇيغۇرچە «كومپيۇتېرىم» دېسەكلا تامام. بىزدە بۇنداق شەخس، كېلىش قوشۇمچىلىرى بىۋاسىتە سۆزنىڭ ئارقىسىغا ئۇلىنىپ كېلىدۇ، بۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە تىلدىن يەنە قانچىسى بارلىقىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن، ئىنگلىز تىلىدا بۇنداق ئالاھىدىلىك يوق. ئۇيغۇرچە جۈملىدە نەچچە سۆزنىڭ بارلىقىنى ساناش توغرا كەلسە، بەك توغرا تېپىشقا بولىدۇ. ئەمما، ئىنگلىزچىدە ئۇنداق ئەمەس. of, the, to, from,…. دېگەنلەر ساناشقا تەسىر قىلىدۇ. دۇنيادا بۇنىڭدەك باشقا تىل-يېزىقنى تاپالامسىز؟

(3) مىقدار سۆز
خەنزۇ تىلىدا بىر دانە ئۈستەل، بىر نەپەر ئادەم دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەردە زورمۇ-زور مىقدار سۆز ئىشلىتىشكە مەجبۇرىي بولىمىز، لېكىن، ئۇيغۇرچىدە بۇنداق زورمۇ-زور ئىشلىتىدىغان ئىش يوق. پەقەت بىر ساپاق ئۈزۈم، بىر خالتا سۈت ،…دېگەندەك جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا مىقدار سۆزنى زورلاپ ئىشلەتمەيمىز، بۇنداق قۇلايلىقلار يەنە قانداق تىللاردا بار؟

بەلكىم، يۇقىرىدىكى مەزمۇنلاردا ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان تېيىز كۆز قارىشىم سەۋەبىدىن سىڭگەن چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەت بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، ئۆزىنىڭ تىلىنى ماختاش، سۆيۈش ھەرگىزمۇ خاتا ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن تىلىمىزغا باشقىچە قارايدىغانلارغا ھەيران قالىمەن.

يېقىندىن بۇيان تىلىمىزغا بولغان ھەر خىل خىرىسلار مەۋجۈت بولۇپ، بەزىلەر «ھەمزە»نى تاشلىۋېتەيلى دېسە، يەنە بەزىلەر ھەرپ شەكىللىرىمىز ئېنىق ئەمەس دەپ، يەنە بەزىلەر ئېلىپبە تەرتىپىمىز توغرا ئەمەس دېيىشمەكتە. يەنە بەزى نوپۇزلۇقلار مۇنداقمۇ دېيىشمەكتە، ئالىم ئەھەت كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ كۆرۈپتىكەنتۇق، بۇ جەدىۋەلدە، «ژ» بىلەن «ف» نىڭ تەكرارلىقى بەك تۆۋەن، شۇڭا، بۇ ئىككىنى ھەرپنى قىسقارتىپ، «ژ» نى «ج» بىلەن، «ف» نى «پ» بىلەن ئىپادىلەيلى، ھەمزە بىلەن جەمئىي ئۈچ ھەرپنى تاشلىۋېتەيلى دېگەن قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرغا قويۇپ باقتى. مەن 2004-يىلى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھەرگىزمۇ بۇ مەقسەت ئۈچۈن ھېسابلاپ چىقمىغان ئىدىم، يەنە بەزىلەر ئىنگلىز تىلىدا 48 تاۋۇش 26 ھەرپ بار ئىكەن، ئۇيغۇر تىلىنى ئىسلاھ قىلىپ 32 ھەرپ 16 تاۋۇش قىلايلى دىگەنلەرمۇ بار ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆز ئانا تىلىنى پىششىق بىلمىگەن بەزى چالا تەرجىمانلارنىڭ دائىم مۇنداق تەرجىمىلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.

(1) ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 بال يەر تەۋرەش يۈز بەردى.
(2) دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى.
(3) يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى.
(4) دېھقانلار ئاز پۇل سەرپ قىلىپ يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي سالدى.
(5) سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
(6) ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن

مېنىڭچە،
(1)-جۈملە «ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 يەر تەۋرەش يۈز بەردى» دىكى «يۈز بەردى»دېگەن قانداق گەپ؟ ئۇيغۇر تىلىدا پېئىللارنىڭ ھەرخىل دەرىجىلىرى، شەخس ،..نى ئىپادىلەيدىغان قوشۇمچىلار ئىنتايىن مول، بىر پېئىلنى 5040 خىل تۈرلەشكە بولىدۇ، شۇڭا، مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
ياپۇنىيەدە يەنە 7.1 بال يەر تەۋرىدى (توغرا)

قايسى كۈنى تېلېۋىزوردىكى خەۋەردە تېخى مۇنداق دەيدۇ: «ئىچكىردە سۇ ئاپىتى يۈز بەردى»، توۋا دەپ قاپتىمەن. «ئىچكىردە كەلكۈن كەلدى» دېسە تامام. «كەلكۈن» دەپ مەخسۇس بىر ئاتالغۇ تۇرسا، ئېلان ئورنىدا دەپ قوياي، ئۇلار «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»نى ئىشلەتكەن بولسا، ئۇنداق بولماس ئىدى بەلكىم. (يازما ئارىسىغا ئېلان قىستۇرۇش مودا ھازىر).

(2)-جۈملە «دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى» دىكى «نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى»دېگەن قانداق گەپ؟ خەنزۇ تىلىدىن قۇرمۇ-قۇر تەرجىمە قىلغانما؟ كومپيۇتېردا تەرجىمە قىلغانمىكىن دېسەم، بۇنداق خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە دېتال تېخى ئېلان قىلىنمىدى. مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىنى داۋالىدى (توغرا)

(3)-جۈملە «يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى» دىكى «چوڭقۇر قانات» دېگەن قانداق گەپ؟ بۇنىما خەنزۇ تىلىدىن قۇرمۇ-قۇر تەرجىمە قىلغانما؟ «ناۋادا، قاناتنى چوڭقۇر يايدۇرساق، يۇقىرىدىن-تۆۋەنگە يېيىلىپ، يەرگە چوڭقۇر سانجىلىپ كېتىدۇ»، شۇڭا، مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك:
يىغىن روھىنى كەڭ قانات يايدۇرايلى (توغرا)

(4)-جۈملە «دېھقانلار ئاز پۇل سەرپ قىلىپ يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي سالدى» دىكى «پۇل سەرپ قىلىپ» دېگەن قانداق گەپ؟ ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى «يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي» دېگەن سۆزنى«يەر تەۋرەشكە چىداملىق» دەپ ئۆزگەرتتى، ئەمما، ئالدىدىكى «پۇل سەرپ قىلىپ» دېگەننىڭ ئورنىغا، «پۇل خەجلەپ» دېسە بولماسمىدى؟ ياكى بۇلارنىڭ ئىچىدە خەجلىمىگەن ئەمما، كەنت باشلىقلىرىغا پارا بەرگەن پۇللارمۇ بولغاچقا، «خەجلەش»نىڭ ئورنىغا «پۇل سەرپ قىلىپ»دەمدۇق؟ بۇنى مەن بىلمىدىم. مېنڭچە، مۇنداق دېيىش كېرەك:
دېھقانلار ئاز پۇل خەجلەپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالدى (توغرا)

(5)-جۈملە «سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى» دىكى «سىزنىڭ…بولدى»دېگەنگە قارىغاندا، بۇ ئىنگلىزچە يۇمشاق دېتاللارنى تەرجىمە قىلغاندا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىق. مەن ئۈستىدە دەپ ئۆتكەندەك، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئىنگلىز تىلىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى تەرەپلىرى بار، مەن يەنە بۇلارنى بىلوگىمدا داۋاملىق يېزىشىم مۇمكىن، بۇ جۈملىنى مۇنداق تەرجىمە قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
سىزنىڭ ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز غەلبىلىك بولدى
ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز غەلبىلىك بولدى
سىز ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتتىڭىز.
ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋەتتىڭىز

«مۇۋەپپەقىيەتلىك» دېگەن سۆزنىڭ ئىملاسىنى مانا مەن دېگەن ئادەممۇ توغرا يازالمايدۇ، شۇڭا، «غەلبىلىك» دېگەننى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا چۈشىنىشلىك بولىدۇ ۋە ئۈچ بوغۇم قىسقىراپ، سۆز مەنىسى ئۆزگەرمەيدۇ، يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىمۇ جىق ئورۇننى ئېگەللىمەيدۇ. لېكىن، «سىز ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتتىڭىز» ياكى «ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋەتتىڭىز»نىمۇ ئويلىشىپ باققاننىڭ زېيىنى يوق. «غەلبىلىك بولدى»، «غەلبىلىك ھالدا»،…دېگەندەك ئىبارىلەرنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن زامان قوشۇمچىلىرىنى ئۇلاپ قويساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

(6)-جۈملە «ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دىكى «رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن»دېگەن قانداق گەپ؟ «رەھمەت» دېسەكلا تامام، مېنىڭچە يۇقىرىدىكى جۈملىنى مۇنداق دېيىش كېرەك:
ئاخىرىدا، مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن (توغرا)

ئۆز ئانا تىلى ساۋادى چالا بولغان يېڭى تەرجىمانلىرىمىز، خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىنى بەك پىششىق ئۆگىنىپ كەتتىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ تىل ئىپادىلەش ئادىتىنى ئۇيغۇر تىلىغا سىڭدۈرمەكچىمۇ بولدىمۇ، سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش سېھرىي كۈچىنى باشقىلارغا ھېس قىلدۇرالمايۋاتىدۇ. بۇنداق ئىپادىلەش خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدا بەك كام تېپىلىدۇ، بۇنى يازغانسېرى، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان مېھرى-مۇھەببەت قايتىدىن كۈچەيدى، شۇڭا، «ئۇيغۇر تىلى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزەيلى، بەزى نەرسىلەرنى تاشلىۋېتەيلى، زامانغا ماسلاشمايدۇ، كومپيۇتېرغا بولمايدۇ،…دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەرنى ئاڭلاپ قالسام بىئارام بولىمەن. شۇڭا، ئۇنداق نەرسىلەرنى ئەمدى بىلوگىمدا بولسىمۇ ئاڭلاپ قالمىغايمەن.

مېنىڭچە، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، ئالاھىدىلىكلەرنى قېزىپ چىقىپ، ياخشى تەرەپلىرىنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىش كېرەك ھەم ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساق، «دوپپا مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى»-دەپ خەۋەر بېرىپ، دوپپا كەيمىگەندەكلا ئىش يەنى تېخى شۇ يىغىن تۈگەپ 10 مىنۇتتىن كېيىنكى ئايرىم شەخسلەرنى زىيارەت قىلغاندا، نوپۇزلۇقلارنىڭ بىرسىنىڭمۇ بېشىدا دوپپا يوق (ئەلكۈيىدىكى زىيارەتنى كۆرۈپ بېقىڭ). لېكىن، دوپپا دېگەن مۇنداق ياخشى نەرسە دەپ بىر پاتمان سۆزلەپ بەرسەكمۇ، ئۆزىمىز ئەمەل قىلمىساق، زورمۇ-زور ئۆتكۈزگەن بايرامدەك، رەسىمگە چۈشۈپ، ساياھەت قىلىپ، ئۆپچە تاماق يەپلا يېنىپ كېلىمىز، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنى ھەم قايىل قىلالمايمىز. نۇرغۇن چىقىم قىلغاننى ئاز دەپ يەنە باشقىلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى ئالىمىز.

تىلىمىزغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى توغرا تەتقىق قىلايلى، ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنايلى!

دىققەت: بۇ تېخى دەسلەپكى ئىزدىنىش بولۇپ، تولۇق پۈتمىدى. شۇڭا، باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلىماي تۇرۇڭ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
135 پارچە باھا يېزىلدى
  • يۇقارقى ئىنكاسقا قاراپ ئويلىنىپ قالدىم.
    «ئىخچام» مۇ ياكى «ئخچام»مۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 21:40
  • ھۆججەتنى ئۆچەدىڭىز. دېسە تېخىمۇ ئىخچام بولغۇدەكقۇ…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 16:54
  • ناھايىتى ياخشى پىكىرلەر بولىدىكەن. ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەشتە ھەممىمىزنىڭ مەسئولىيىتىمىز بار!
    بىز نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن تەرجىمىلەرنى خەنزۇ تىلىغا ئاساسلىنىپ تەرجىمە قىلىمىز؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 16:50
  • مېنىڭچە توربېكەت ئاتامانلىرىدىن باشلاش زۆرۈر دەپ قارايمەن .
    كۆپ ئۇچرايدىغان خاتا خەتلەر ۋە ھەرپلەر :

    1.ئۇ = ئۆ=ئۈ=ئو (بۇلار مېنىڭچە چ چ دا سىڭىپ قالغان خۇي،چۈنكى چ چ دا «ئو»بىلەن«ئۇ»نىلا ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچىدىمۇ شۇنداق كۆنۈپ قالىدۇ).

    2.ئې = ئى مېنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىدىغىنىم مۇشۇ ھەرپ ، 80%ئادەم مۇشۇنداق يازىدۇ .

    سۆزلەردىن :
    مۇشۇ بلوگدىنلا مىسال ئالاي(بۇ بلوگدىكىسى توغرا دېمەكچى)
    تولدۇرىسىز = تولدۇرسىز
    بېكەت=بىكەت
    تۈگەيدۇ=تۇگەيدۇ
    ۋاقت=ۋاقىت
    قىلىدىغانلار=قىلدىغانلار
    تولىمۇ=تۇلىمۇ
    ئەمدى=ئەمدې
    دېگەن=دىگەن
    بۇنىڭدىن=بۇندىن
    ئوتتۇرىسىدا=ئوتتۇرسىدا
    يولدىشىم=يولدۇشۇم
    تۆرەلگەن=تۈرەلگەن
    بۇ سۆزلەرنى مۇشۇ بلوگقا يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ 1.بېتىدىنلا تاپتىم ، يەنە ئىزدىسەم يەنە چىقىدۇ ، بۇلار پەقەت ماڭا نىسبەتەن توغرا دېيىلگەنلىرى، مەن ئالىقانداقتۇر ئۇيغۇر تىلى ئىلمىدا ئوقۇمىغان،پەقەت كىچىكىمدىن كىتاب ئوقۇش ئادىتىم ئارقىسىدا يېتىلگەن، مەندە خاتالىقلار بولسا ۋاقتىدا تۈزىتىشكە تىرىشىمەن.يەنە نۇرغۇنلىغان لوگېكىلىق خاتالىقلار بار،ئۇلارنى سۆزلەپ ئولتۇرمىدىم،پەقەت تۈزەتسەك دېگەن ئويدا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 16:39
  • ھۆرمەتلىك ئالىم ئەھەت ئەپەندى:
    بۇ تەقرىزىڭىزنى ئوقۇپ كۆپ ئىلھام ئالدىم، سىز ماتېماتىكا ۋە ئۇچۇر ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىپ ھەمدە بۇ ساھەدە زور ئۇتۇق قازىنىش بىلەن بىرگە، يەنە تىلغا توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىغا ئائىت خېلى چوڭقۇر مەسىلىلەرنى «ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟» دېگەن تېمىدا تولىمۇ ئەتراپلىق يورۇتۇپسىز، ئاپىرىن! ماقالىڭىزنى بالدۇرراق ئوقۇپ زوقلىنىشقا نېسىپ بولماپتۇ، ھەي ئىسىت!
    سىز يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەرجىمە ۋە يېزىق ئىشلىتىش خاتالىقى جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت، ئالايلۇق مەركەز، ئاپتونوم رايون، ئوبلاست، ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم يىغىنلاردا بەرگەن دوكلاتلىرىنى زەڭ سېلىپ ئوقۇيدىغان بولساق، ئۇلاردىكى بەزى تەرجىمە، سۆز، تىنىش بەلگىلەرنىڭ ئىملاسى قاتارلىق جەھەتتىكى خاتالىقلار كىشىنى چۆچۈتىدۇ، يەنە كېلىپ ئەشۇ دوكلاتلار بىزگە ئۇستاز، نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ قولىدا تەكرار «پىششىقلانغان»! ئاساسىي قاتلاملاردا جۈملىدىن ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى يەرلىك «زىيالىيلار»نىڭ قولىدىن چىققان دوكلات، ھۆججەتلەردە غودۇر سۆز-جۈملىلەرنىڭ كۆپلىكىنى دېمەيلا قويايلى. قەيت قىلىشقا بولىدۇكى، بۇنىڭدىن كېيىن «قوش تىل» ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىزنىڭ سۆيۈملۈك ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزدىكى خاتالىق ۋە ئىللەتلەرمۇ كۆپىيىشى، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا سىلەرگە ئوخشاش نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ئىشتىراكىدا ئۇلار تۈزىتىلىشى مۇمكىن، شۇنداق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!
    سىز ماقالىڭىزدە ئۆز قارىشىڭىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، نۇقسانلىق دەپ قارىغان 6 مىسالنى خېلى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ توغرىسىنى سەمىمىي يوسۇندا كۆرسىتىپسىز، بۇلاردىن سىزنىڭ سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىزغا تولىمۇ مەسئۇلىيەتچان نەزەر بىلەن قارايدىغان، تىلىمىزنىڭ ھۆرمىتى ۋە شان-شۆھرىتىنى ئاشۇرۇش يولىدا توختاۋسىز ئىزدىنىدىغان، ئىسمىڭىز جىسمىڭىزغا لايىق ئالىم سۈپەت ئەزىمەت ئىكەنلىكىڭىز چىقىپ تۇرۇپتۇ(سىز يەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ كۆپ تىللىق لۇغەت، كوررېكتورلارنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرۇپ، يولىمىزنى راۋان، ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلغانلىقىڭىزمۇ شۇنداق دېيىشىمنىڭ دەلىلى بولالايدۇ، ئەلبەتتە).
    بىراق، «ئاينىڭ يۈزىدىمۇ داغ بار» دېگەندەك، يۇقىرىقى 6 جۈملە ئىچىدىكى «(3)-جۈملە ‹يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى› دىكى ‹چوڭقۇر قانات› دېگەن قانداق گەپ؟ بۇنىما خەنزۇ تىلىدىن قۇرمۇ-قۇر تەرجىمە قىلغانما؟ ‹ناۋادا، قاناتنى چوڭقۇر يايدۇرساق، يۇقىرىدىن-تۆۋەنگە يېيىلىپ، يەرگە چوڭقۇر سانجىلىپ كېتىدۇ›، شۇڭا، مېنىڭچە مۇنداق دېيىش كېرەك: يىغىن روھىنى كەڭ قانات يايدۇرايلى (توغرا)» دېگەن قۇرلار مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىپ، مېنى باشقىچە ئويغا سالدى:
    ھەممىمىزگە مەلۇم، مەيلى ئۆلچەملىك تەرجىمىدە بولسۇن، ياكى ئانا تىل-يېزىقتىكى بىۋاسىتە نۇتۇق ۋە يازما ئالاقەلەردە بولسۇن، قانداق سۆز بىلەن قانداق سۆز ماسلىشىدىغان ياكى ماسلاشمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق قائىدە ياكى ئەنئەنىۋى تىل ئادىتىمىز بار، ئەگەر بۇ قائىدە ۋە ئادەتكە خىلاپ بولغان سۆز-جۈملە كۆرۈلسە، ئۇ غودۇر(نۇقسانلىق) سۆز-جۈملە دېيىلىدۇ. مېنىڭچە، 3-جۈملە «يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى» دېيىلسىمۇ، «يىغىن روھىنى كەڭ قانات يايدۇرايلى» دېيىلسىمۇ خاتا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ جۈملىدىكى مەركىزىي سۆز روھ، يەنە كېلىپ يىغىننىڭ روھى، روھنى مەيلى كەڭ بولسۇن، ياكى چوڭقۇر بولسۇن قانات يايدۇرغىلى بولمايدۇ. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، روھ گەرچە ئىسىم(جۈملىدە تولدۇرغۇچى ئورنىدا كەلگەن) بولسىمۇ ، قانات يايدۇرۇش دېگەن پېئىل(جۈملىدە خەۋەر ئورنىدا كەلگەن) بىلەن ماسلىشمايدۇ، ھەم بۇنداق ئاتاش ئادىتىمىزمۇ يوق(يەرلىك شىۋىلەردىمۇ شۇنداق). «قانات يايدۇرۇش»نى بىز دائىم دېگۈدەك ئىش، پائالىيەت، ھەرىكەت بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگە(ئەگەر، باشقا تىللاردا شۇنداق ئاتايدىغان ئادەت ۋە قائىدە بولسا، بۇ باشقا گەپ). ئەگەر، «قانات يايدۇرۇش» بىلەن «روھ»نى ماسلسشتۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالسا، «روھ» نىڭ جۈملىدىكى خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئالماشتۇرۇش يولى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە، يەنى«روھ»نى ئېنىقلىغۇچىغا ئايلاندۇرۇپ مەركىزىي سۆزنى(تولدۇرغۇچىنى) ئېنىقلاپ ئىپادىلەشكە توغرا كېلىدۇ. مەن بۇ جۈملىنى ھېچ بولمىغاندا، «يىغىن روھىنى ئۆگىنىش(ئىزچىللاشتۇرۇش) پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرايلى»، دەپ ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر، كونتېكىستتە (يەنى كونكرېت تېكستتە) «روھ»نى «قانات يايدۇرۇش»بىلەن ماسلاشتۇرماي، باشقا سۆز بىلەن ماسلاشتۇرۇشقىمۇ بولىدىغان ئېھتىياج ياكى زۆرۈرىيەت تۇغۇلسا، ئۇ ھالدا «روھ»نى «قانات يايدۇرۇش» بىلەن بىھۇدە ئاۋارە بولماي(ھەركىمنىڭ تىل قائىدىسى ۋە ئادەتلىرىگە ئەمەل قىلىش ئاساسىدا، ئۆز قارىشىنى قانداق سۆز بىلەن ئىپادىلەش، ئىپادىلىمەسلىك ھوقۇقى بار، ئەلبەتتە)، «جارى قىلدۇرۇش»، «ئەۋج ئالدۇرۇش» قاتارلىق سۆزلەر بىلەن ماسلاشتۇرسىمۇ خېلى جايىغا چۈشۈپ قالاتتى!
    يۇقىرىقىلار مېنىڭ «ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟» دېگەن تەقرىزنى ئوقۇشتىن ئالغان ئىلھامىم ئاساسىدىكى تەسىراتىم، نامۇۋاپىق جايلىرى بولسا، تەنقىد قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىلسە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 16:20
    • تەنقىدىي پىكىرىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن. مەن ئۆز ۋاقتىدا مەلۇم مۇنبەردىكى خاتا تەرجىمىنى كۆرۈپلا، ئاچچىقىمغا پايلىماي، بۇ تېمىنى بىلوگىمدا بىۋاسىتە يېزىپلا ئېلان قىلىۋەتكەن ئىدىم. پىكىرىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن، شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى،…قاتارلىقلاردا 深入开展会议精神 نىڭ تەرجىمىسىنى «يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى» دەپ ئالغانلىقىنى كۆپ ئۇچراتقان ئىدىم، شۇ ئېسىمدە قالغان بولسا كېرەك، شۇڭا، مەن بۇ يەردە قانات بىلەن يېيىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىپتىمەن، ھەر بىرىمىز مۇشۇنداق ئەستايدىل بولسا، بۇنداق ئىشلار ئازىلايدۇ، سىزگە كۆپ رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 16:56
  • پاھ مەن بۇ يازمىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇيغۇر تىلنى تىخىمۇ ياخشى ئۈگۈنۈش قاراىغا كىلىۋاتىمەن. ئاللاھ خالىسا بىز ھەممە قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ كىتەلەيمىز!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 15:23
  • مىنىڭچىمۇ مۇنداق خاتا تەرجىمە قىلىدىغان ، لوگىكىلىق خاتالىق سادىر قىلدىغانلار ئاز ئەمەس…خەنزۇ يولداشلېرىمىزنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرىسلىكىدە كىسەل جۈملە(语病句) دەيدىغان بىر مۇھىم تىمىلار بۇلىدىغان.بىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات دەرىسلىكىگە شۇنداق تىمىلارنى قېتىپ قويسا بۇلامدىغاندۇ؟ بولمىسا كىيىن بۇنداق خاتالىق بىلىپ-بىلمەي سادىر بۇلىۋىرىدىغان ئىش چىقىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 22:23
  • سىز بەك ئۇلۇغ جۇمۇ ئاكا ~!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 14:34
  • رەخمەت ئالىم مۇئەللىم قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ،ئەجرىڭىز دىن گۇللەر ئۇنسۇن ،ئالتۇن تىنىڭىز ئامان بولسۇن ،ئامەت ۋە بەخىت مەڭگۇ سىزگە ۋە سىزگە ئوخشاش مىللەتنىڭ كىلىچىگى ئۇچۇن جان پىدالىق بىلەن تىرىشىۋاتقان جاپاكەشلەرگە بولسۇن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى am 10:05
  • مەنمۇ ئانچە مۇنچە تەرجىمانلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ قالىمەن ، ئەمما ئۇيغۇرچە ئىپادىلىشىم تۇلىمۇ ناچار ، ئۆزەم ھىس قىلساممۇ ئەمما تۈزىتىشتە قىينىلىمەن ، بۇ مىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاپ ئۆگەنمىگەنلىكىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك دىگەن خۇلاسىگە كەلدىم ، بولمىسا كىچىگىمدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىدا ئۇقۇغان ، خەنزۇچىغا بەكمۇ راۋان ئەمەس ،،،بۇ چۇقۇم ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكلىرىگە بەكمۇ سەل قارىغانلىقىمىزدىن بولسا كېرەك …..

    ھەراست نەق مەيدان دىمەي نىمە دىسەك توغرا بۇلار ،،،،بىز يېزىدا تۇلا دەيمىز ئۇ گەپنى ،،،،نەق مەيدان يىغىنى ئېچىلىدۇ ،دەپ ، ئېتىز بېشىدا ئاچقان يىغىننى نەق مەيدان يىغىنى دەپ ئاتايمىز …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 13:35
  • مۇئەللىم ، سىزنىڭ بۇ ماقالىڭىز شۇنداق ناۋاتتەك ياقتى ، مەن ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى،دائىم مۇشۇ تىل مەسلىسىدە بەكلا بېشىم قاتىدۇ، تىلىمىزنىڭ كەلگۈسى قانداق بولار دەپ ئويلاپ كېتىمەن. ئامال قىلىپ ساپ،چىرايلىق ئۇيغۇرتىلى بىز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بارا يوقىلىپ كېتىۋاتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى am 05:45
  • ھۆججەت ئۆچۈرۈشىڭىز تاماملاندى
    ھۆججەت ئۆچۈرۈش تاماملاندى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:55
  • بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن ئوغلۇمنى مەكتەپكە بەرگىچە ، يولدىشىم ئىككىمىز ئوتتۇرسىدا بۇلۇنغان دىئالوگنى سىلەرگە سۇندىم .
    بالىنى خەنزۇچىغا بېرەيلى ، بولمىسا كېيىن جاپا تارتىپ قالىدۇ .
    ياق ، دىدى يولدۇشۇم كەسكىنلىك بىلەن، ئىنسان بۇ دۇنياغا جاپاغا تۈرەلگەن ، جاپامۇ ئادەمگە ئەقىل بېرىدۇ ، ئۇيغۇرچىغا بېرىمىز ، چۇنكى بۇ بىزنىڭ تىلىمىز ، ئوغلۇم ئاۋال ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى پىششىق ئۆگەنسۇن ، باشقىسى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق .
    ئۇنداق دىگەن بىلەن ھازىر ھەممىلا ماتېرىيال خەنزۇچە بۇلۇپ كېتىۋاتسا …..
    ئۇيغۇرچىدا ئوقۇيدۇ ، بالىلىرىمىز خەنزۇچىدا ئوقۇسا ئوقۇتقۇچىلىرىمىز نىمە ئىش قىلىدۇ؟
    ئادەتتە ئېغىر – بېسىق يولدۇشۇمنىڭ ‹ئوقۇتقۇچىلىرىمىز نىمە ئىش قىلىدۇ؟› دىگەن سۇئالى مېنى مەڭدىتىپ قويدى ، توۋۋا نىمىشقا بۇ نوقتىنى ئويلىيالمىغاندىمەن . توغرا ئەمەسمۇ ، بىز ئۇيغۇر ، تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى . ئۆز يېزىقىمىز ، تىلىمىز تۇرسا . شۇندىلا ئۆزۈمنى قايتا تاپقاندەك بولدۇم ، ئانا تىلىمغا بولغان ئىنتىلىش ، ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى . تارىخىي كىتابلارنى ، تىل ھەققىدە يېزىلغان ماقالە ، ئەسەرلەرنى تويماي ۋاراقلايدىغان بولدۇم . پەخىرلىك ئۇستاز تېمىڭىزغا رەھمەت ، ئىزدىنىشلىرىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن!!!

    ئانا تىلىم ئۈز تىلىم ،
    يۈرىكىمدە گۈلخىنىم .
    تىللارنىڭ شاھىسەن ،
    پۇرەكلىگىن چېچىلغىن.(جاھانغا)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:51
  • شۇنداق ياخشى يازمىكەن.نېمىشقا ئەمدې كۆرگەندىمەن!لېكىن مۇئەللىم باشقا تور بەتكەيۆتكىگىلى قويماي……….؟مەيلې،مەن يۆتكەۋەردىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى am 10:45
  • مىفەن _______________ ئاق بەتتە
    پولو __________________ سېرىق بەتتە

    شۇڭا پولونى پولو دەپ ئېلىپ، مىفەننى ئاق بەتتە دەپ ئالساق بىر ئاز مۇۋاپىق بولامدىكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى am 08:23