Microsoft بىلەن HP بىرلىشىپ راستتىنلا ساراڭ بولۇپتۇ!!!
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]بۈگۈن مىكروسوفت تور دۇكىنىغا كىرىپ ھەيران قالدىم، Microsoft بىلەن HP بىرلىشىپ 669 يۈەنلىك كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىپتۇ، ئۇلار راستتىنلا ساراڭ بولۇپتۇ. ئىچىدە تېخى ھەقلىق Windows 8.1 بار ئىكەن، ئېسىڭلاردا بولسۇن بۇ Windows 8 RT ئەمەس ئىكەن، يەنى بۇ بىر تاختا ئويۇنچۇق ئەمەس، بىر ھەقىقىي كومپيۇتېر ئىكەن، شۇڭا Photoshop نى، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ دېگەن گەپ، ئېنىق ئېيتساق كومپيۇتېردا ئىشلەيدىغان بارلىق يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ دېگەن گەپ. ئۇلار راستتىنلا ساراڭ بولۇپ قاپتۇ. بۇنچىلىك پۇلغا كومپيۇتېر ئەمەس، تېلېفونمۇ كەلمەيدىغان تۇرسا.
مىكروسوفت تور دۇكىنىنىڭ ئادرېسى: store.microsoft.com
سەپلىمىسى:
4 يادرولۇق Intel بىر تەرەپ قىلغۇچ
نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللار قاچىلاپ قويۇلغان
كۆڭۈل ئېچىش\ئىشخانا ئىشلىرىنى قىلىشنىڭ بىرسىمۇ كەم ئەمەس
سۈزۈك IPS ئېكران سەپلەنگەن.
Windows 8.1 قاچىلانغان بۇنى تېخى ئۇيغۇرچە قىلالايسىز.
ئېكرانى: 7 دىيۇم
سىغىمى: 32 گېگابايت (ئەنسىرمەڭ ھازىر بۇلۇت دەۋرى نەچچە 100 گېگابايتلىق دىسكىنى نېمە قىلىسىز ئىشلىتىپ)
ئىچكى ساقلىغۇچ: 1 گېگابايت (كەلگۈسىدە Windows 10 نى قاچىلىسىڭىزمۇ چاتاق يوق)
ئېغىرلىقى: ئاران 350 گىرام (تېلېفوندەكلا، لېكىن بۇ كومپيۇتېر جۇمۇ)
====================
==============
قاراڭ ماۋۇلارنى، Photoshop نى ئويناپ كېتىپتۇ.
==============
====================
باھار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 669 يۈەندىن ساتقان ئوخشايدۇ، ئەسلىي باھاسى 999 يۈەن ئىكەنتۇق.
ئالىم مۇئەللىممۇ دەرھال بىرنى سېتىۋالدى مانا، مىكروسوفتتىكىلەر ئالىم مۇئەللىم بىلوگىڭدا ئېلان بەرگىن دېمىگەن بولمىسا، شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ كەتمىنىنى چېپىپ قوياي، سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار بىۋاسىتە مىكروسوفت تور دۇكىنىدىن سېتىۋېلىڭلار. بەلكىم بىزمۇ ئانچە مۇنچە كەلتۈرۈپ، پايدا ئالماي ئۆز باھاسىدا سېتىشىمىز مۇمكىن.
بۇ كومپيۇتېرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ كومىتېتى پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارغا تەۋسىيە قىلىپتۇ يەنە ھازىرقى زاماندا ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىش ھوقۇقى بار دەپتىمىش، بۇ گەپنى تاپسام ئۇلانمىسىنى قالدۇرۇپ قويىمەن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 16,356 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 01-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 18:46
- ئالدىنقى يازما :Microsoft پۈتۈن تەسۋىرلىك كۆزئەينىكى (كۆرمەي تۇرۇڭلار)
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى تىجارەت باشلىدى (تىجارەت قىزىپ كەتتى!)
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەن قىسمەن سەۋەپلەر تۇپەيلى بۇ خۇشاللىقنى بىلمەپتىمەن، ماڭىمۇ بىرسى كىرەكتى ،ماڭا بىرنى سېلىپ بىرەمسىز .مەن خۇتەندىن
ھازىر مال ئىشلەشتىن توختاپتۇ، كەچۈرۈڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەنمۇ بىر دانە تاختا كومپيۇتېر سېتىۋالاي دېگەن،قارىسام ئالىم مۇئەللىممۇ مۇشۇ ماركىلىقنى سېتىۋاپتۇ،مەن كومپيۇتېردەك ئىشلىتەي دېگەن،شۇڭا ئالىم مۇئەللىم ئىشلەتكىنىدىن بىرنى سېتىۋالاي،لىكىن قانداق سېتىۋېلىشنى بىلمىدىم،تاۋباۋ تورىدىن ئىزدەپ تاپالمىدىم،ياردەم قىلغان بولساڭلار…
ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنىدىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ،
ئۈندىدارنىڭ ئۆزىدە زىيارەت قىلىڭ، ياكى ئۇيغۇرسوفت سالونىنى قوشۇۋېلىڭ.
dukan.uighursoft.com
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ،مەن مىكروسوفىت تور دۇكىنىدىن بىر تاختا كومپىيوتىر سېتىۋالغان ئىدىم ،توك قاچىلىسام پەقەت%89 تىن ئاشمىدى،قانداق قىلىشنى بىلمىدىم ،مەن ئىكران تىلىنى ئىنگىلىزچە قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان …..شۇنىڭ تەسىرىمۇ بىلمىدىم….مۇمكىن بولسا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسڭىز ……رەھمەت
تىل بولىقى بىلەن زەرەتلەشنىڭ پەرقى يوق
بىلەن خۇيپۇ سىتىرىم ئىككى تاختا VOYO A8 mini 3G芭比限量版
كومپىيۇتىرنىڭ زادى قايسىسى ياخشىراق ؟مەن پەقەتلا بىلمىدىم توردىكى بەزى ئىنكاسلارغا قارىسام ،ئاۋۇ خۇيپۇنى سەل ناچار باھا بىرىپ قۇيۇپتۇ… شۇڭا سىزنىڭچە مەن قايسىسىنى سېتىۋالسام بۇلار…..ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن مۇئەللىم….مەن شۇ كىتاپ ماتىرىيال كۈرۈش ئۈچۈن ئشلىتەتتىم.
كىتاب كۆرىدىغان ئىش بولسا قايسىسى بولسا بولۇۋېرىدۇ، ئەمما كومپيۇتېردەك ئىشلىتىپ باقاي دېسىڭىز، HP نى ئويلىشىپ بېقىڭ، بۇنىڭ يەنە ئورگان تور بېكىتىدە 8 سۇڭلۇقى بار
VOYO A8 mini 3G芭比限量版 مەن بۇ خىل ماركىلىقنىمۇ كۆردۇم….مىكىروسوفىت دوكىنىدا بار ئىكەن …..باھاسى 699 يۈەن ئىكەن…بىلمىدىم قايسىنى سېتىۋېلىشنى …..شۇڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز….ئالىم مۇئەللىم سىزنى ئاۋارە قىلىپ قۇيدىغان بولدۇم…..ۋاقىت چىقىرىپ سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بەرگەن بولسڭىز……
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم قانداق سىز ھېلىقى مىكىروسوفىت بازىرىدىن سېتىۋالغان تاختا كومپىيۇتىر كەلدىمۇ ؟ قانداقراق ئىكەن ؟مەنمۇ بىلوگىڭىزدىكى ئۇچۇرنى كۈرۈپ سېتىۋالاي دىگەن…
ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز ؟
بۇ كومپىيۇتېرغا باشقا نەشىردىكى سېستىمىلارنىمۇ قاچىلىغىلى بولامدۇ؟ مەسىلەن : win10, win7 دىگەندەك سېستىمىلارنى قاچىلاشنى دېمەكچى؟
بولىدۇ، بۇ دېگەن كومپيۇتېر تۇرسا
خۇيپۇنىڭ بۇ جىزىسىدىن بىرەيلەن ئاپتىكەن، مەن ئارىيەتكە ئېلىپ مەخپىي نۇمۇرىنى بۇزۇپ قۇيدۇم. يارىدەم قىلىپ ئېچىپ بېرەلەيدىغانلار بارمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئاكا مەن surfer Pro3دىن بىرنى سېتىۋالاي دىگەنتىم كەسپى نۇسقىسىنى سېتىۋالسام ياخشى بۇلامدۇ ياكى خەنزۇچە نۇسقىسىنى سېتىۋالسام ياخشى بۇلامدۇ، ئەگەر ئۇيغۇر سوفت دوكىنىدىن سېتىۋالسام ماڭا ياردەم قىلالامسىز، مەن ئۈرۈمچىدە دۇكان ئادىرسىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز ئىزدەپ بارسام بۇلىدۇ، ياردەم قىلغان بولسىڭىز
بىزدە يوق ئىدى، بەيخۇاسۇن كومپيۇتېر بازىرىدا بار ئىدى
دوسلار مەنمۇ مۇشۇ win8 سېستىملىق تاختا كومپىيوتىردىن بىرنى ئالاي دىگەن بۇ hp stream7 مۇ بۇلدىكەن شۇ ئىچكى ساقلىغۇچى بىلەن ئېكران سەل كىچىكمۇ قانداق ، تاباۋ تورىدا قارىسام iwork 8 ۋە 台电x80h مۇشۇ ئىككى ماركىلىق كومپىيوتىرمۇ سېستىمىسى ۋىندوۋېس 8.1 ۋە ئاندىرويد 4.4 قوش سېستىمىلىق ئىكەن ،ئىچكى ساقلىغۇچىمۇ 2G مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى 4 يادىرولۇق ، سېغىمى 32G ئىكەن باھاسىمۇ 530-650 يۈۋەن ئەتىراپىدا ئىكەن دوسلار سىلەرچە مۇشۇ ئىككى ماركىدىكى تاختا كومپىيوتىرلار قانداقراق چىقار ، ئادەتىكى PC كومپىيوتىرلارنىڭ exe فورماتدىكى يۇمتالارنى نۇرمال قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بۇلارمۇ ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار.
مەن مۇنداق ماركىلارنى ئىشلىتىپ باقمىدىم، HP نى ئىشلىتىمەن.
مېكروسوفىت دۇكىنىدىن ئالاممىدىمغۇ ،ياكى ئۈرۇمچىدىن بېرى كەلمەمدۇ،شۇنىڭ بىلەن تاۋباۋدىن ئىزدىسەم دۇكىنى باركەن بىرنى ئالدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇنىڭدىن سىرىت 原道,昂达,普耐尔دېگەنلەرمۇ ساراڭ بولدى،بۇنىڭ ئىچىدىكى普耐尔نىڭ ئەڭ تۆۋەن باھادىكى تاختا كومپىيوتېرى ئاران 299¥ .
ماۋۇ بولىدىغان گەپكەن ئالامەت ياخشى ئىش ئىكەن بۇ، رەھمەت سىزگە ئالىمجان ئاكا مۇشۇنداق ياخشى ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئايىماي ئوتتۇرغا تاشلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. قالغان سېتىۋالدىغان ئىشلارنى ئاۋۋال سىزنىڭ سېتىۋالغىنىڭىز كەلسە سىز بىر ئاز- تۇلا تەسىراتىڭىزنى يېزىپ بىزلەرگە سۇنسىڭىز ئاندىن سېتىۋالساق بولغۇدەك، مۇمكىن بولسا، بۇ مەھسۇلات ھەقىقەتەن ياخشى بولۇپلا قالسا، سىز تور دۇكىنىڭزغا سالسىڭىز سىزدىن سېتىۋالساقمۇ بولاتتى. بۇ پىكىرنىمۇ بىر ئويلىشىپ باقارسىز رەھمەت سىزگە!!!
توغرا دەيسىز، مەن تور دۇكانغا سالغان ئىدىم، ئەمما ھازىر بايرامدا يەتكۈزۈش ئىشى تەس بولۇۋاتىدۇ. چاغاندىن كېيىن قايتا دۇكانغا سالارمىز.
ئاللا ئاللا ئالىم مۇئەللىم مىنىڭ يۇقارقى سۇئالىم ئەجەپ بىر جاۋاپسىز قالدى ھە، كۈندە ئۈچ ۋاخ يۇقلايمەن مۇشۇ سۇئالىمغا جاۋاپ بىرىلگەنمىدۇ دەپ ،تا بۈگۈنگىچە سادا يوق. ئەگەر مىكروسوفىتنىڭ شۇنداق قوش كارتىلىق تىلفۇنى چىققان بولسا مەن بىرنى سېتۋالاتتىم بىرىنچى بۇلۇپ .
سىز دېگەندەك ئۇنداق قوش كارتىلىق تېلېفونى ھازىرچە باردەك ئەمەس
بۇ يەردىنمۇ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
http://www.microsoftstore.com.cn/%E7%B1%BB%E5%88%AB/%E6%89%8B%E6%9C%BA/c/phones
ياكى تېلېفون قىلىپ سوراپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەن تېلېفونغا بەك قىزىقمايمەن،
ئالىم مۇئەللىم مىكروسوفىتنىڭ تىلگىراف كارتىسنى ھەم كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتىسنى قوللايدىغان قوش كارتىلىق تىلفۇنلىرى يوقمىدۇ، ھېچ بىر دۇكانغا قارسام ساپلا قوش كارتا دەيدۇ قارسام ھەممسىسى بىرلەشمە بىلەن كۆچمە كارتىسنىلا قوللايدىكەن. ياكى بوسا مەن تاپالمىدىممۇ بىلمىدىم.