Microsoft Visual Studio 2012 ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Microsoft Visual Studio 2012 ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى ]

Visual Studio بولسا Microsoft شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال ئېچىش قورالى بولۇپ، Windows سۇپىسىدىكى قوللانما دېتاللار ۋە تور قوللانما پىروگراممىلىرى، شۇنداقلا يەنە تور مۇلازىمەتلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە ئەپلىرى ۋە Office قىستۇرما دېتاللىرىنى ئېچىشقا بولىدۇ.

Microsoft شىركىتى 12-سىنتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 10:30 دىن ئەتىسى سەھەر 1:30 غىچە Microsoft Visual Studio 2012 توردا ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. Microsoft ئاۋغۇستتىن باشلاپ MSDN غا مۇشتەرى بولغانلارغا Visual Studio كەسپىي نۇسخىسى، ئالىي نۇسخىسى،…قاتارلىقلارنى تەمىنلەپ بەرگەن بولۇپ، Visual Studio 2012 نىڭ رەسمىي ئېلان قىلىش ۋاقتى ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 12-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن 9:30 غا بېكىتىلدى.

September 12, 2012
9:30 AM PDT (UTC -7:00)

ئېلان قىلىش ئادرېسى:
http://www.visualstudiolaunch.com/Agenda

VS2012 نىڭ يېڭى ئىقتىدارلىرى

Windows 8 Metro ئارايۈزلۈك پىروگىراممىلارنى ئېچىشنى قوللايدۇ. Metro تۇغۇلۇشىدىنلا بۇلۇت+خېرىدار يەنى Cloud/Client ئەندىزىسى (ئىلگىرى مۇلازىمىتېر+خېرىدار يەنى Server/Client، تور كۆرگۈچ+خېرىدار يەنى Browser/Client)نى قوللايدىغان بولۇپ، ئازادە، يېنىك، مەزمۇنلۇق، ئۆز-ئارالىق مەشغۇلات قاتارلىق كەلگۈسى يۈزلىنىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن؛ كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئەپلىرىنى ئېچىش ۋە HTML5 نى ئومۇمىيۈزلۈك قوللايدۇ؛ JavaScript ئىقتىدارى قوشۇلغان؛ NET 4.5 قۇرۇلمىنى قوللايدۇ؛


بايا بۇ كىشى سۆزلىدى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
48 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • Windowsنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىدىغان ئادەم بولسىلا، بۇمۇ تەس ئەمەس. بولمىسا بۇ ئىشلار بىر ئىزدا توختاپ قېلىشى مۇمكىن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 13:22
  • مۇشۇمۇ ئۇيغۇرچە چىقىپ كەتكەن بولسا ھە. ھې ھې……

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:45
  • ماۋۇ windows phone7 دە يازغان خەت قانداقراق بوپتۇ?

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى am 09:42
    • سوراق بەلگىسىنىڭ تەتۈر بولۇپ قالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ياخشى بوپتۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 14:58
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟
    بۈگۈن مىكروسوفىتنىڭ توربېتى http://www.microsoft.com/china/windowsserver2012launch/
    دىن Windows Server 2012نىڭ 9-ئاينىڭ18-كۈنى تارقتىلىدىغانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈدۈم.
    http://www.microsoft.com/zh-cn/server-cloud/ws2012/?smt_b=4B0B0A09080706052007EF0C

    Windows Server 2012دىمۇ ئۇيغۇرتىلى بولىقى بارمۇ؟
    مانا بۈگۈن تارقىتىلىشقا 4كۈنلا ۋاقىت قاپتۇ. مۇشۇ توغرىسىدا بىر ئۇچۇر ئاڭلاپ قالساق دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:22
  • ئەگەر ھەقىقى نۇسخسىنى قوللاپ سېتىۋالىدىغانلار بولسا مەن بۇ يەرگە سېتىۋىلىش ئادىرىسىنى قالدرۇپ قوياي ، ئىزدەيمەن دەپ ئاۋارە بولىدىغان ۋاقتىڭلار بولسىمۇ تىجىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس :
    ئادىرىسى :
    http://msdn.microsoft.com/subscriptions/buy.aspx
    كەسىپى نۇسخىسى : 11645 يۈەن خەلق پۇلى
    كەسپى نۇسخىسى(سىناق): 21069 يۈەن خەلق پۇلى
    ئالىي نۇسخىسى : 59424 يۈەن خەلق پۇلى
    بايراقدار نۇسخىسى : 129150 يۈەن خەلق پۇلى
    بۇ بىر نەچچە نۇسخا ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر ، مەن تەمىنلىگەن ئادىرىستا بار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 15:27
    • باھاسى قىممەت ئىكەن . ئەگەر MSDN بىلەن بىللە ئۇيغۇرچە بولغان بولسا چىداپ كەسىپى نۇسخىسىنى ئېلىپ باققان بولاتتىم .

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى am 08:09
  • Visual Studio 2012 بولسا پەقەت بىر سۇپا. تىلنىڭ
    گىرامماتىكىسى پەقەت بىر ۋاستە. ھىسابلاش ئۇسۇلى بولسا مەسىلىنىڭ ئەڭ نىگىزلىك نوقتىسى. بۇنىڭ ئىچىدە ھىچقايسىسىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى تۆۋەن دىگىلى بولمىسىمۇ لىكىن ھىسابلاش ئۇسۇلىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەممىدىن چوڭ. خۇددى تىل بىلگەن ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ رومان يازالىشى ناتايىن بولغانغا ئوخشاش. 32 ھەرىپنى ھەممىمىز بىلىمىز ، ‹ئانا يۇرت›،‹ئىز›…. رومانلىرىمۇ 32 ھەرپتىن تۈزۈلگەن لىكىن گەپ شۇ ھەرىپنى تىزىشقا كىتىدىغان كاللا.
    Visual Studio 2012 نىلا بىلىپ تىلنىڭ قائىدە قانۇنىيەتلىرىنى ئىقتىدارىنى ، ئارتۇقچىلىقىنى بىلمىسە يەنە بولمايدۇ، بىر تىلنىڭ بارلىق فونكىسىيەلىرىنى ئېنگىلىزتىلىدىكى سۆزلۈكلەرنى يادلىغانغا ئوخشاش يادقا ئېلىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى بىلمىسە ئۇ كىشى پەقەت يادلاش ماھىرىلا خالاس. شۇڭا يۇمشاق دېتال تەتقىقات ئىلمى ئۇنداق ئاسانلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس. شۇڭا ئىشلىتىدىغان تىل ، ئېچىش مۇھىتى ، ھەل قىلىش چارىسى ….. دىگەن ئۇقۇملارنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىش زۈرۈردۇر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 14:40
    • شۇڭا مەنمۇ ھەيران قالىمەن، ئارىمىزدا بەزى بالىلار «تېلېفون دەپتىرى» ياكى «سائەت» پىروگراممىسىنى ياساپ قويۇپ ياكى بىرەر مۇنبەرنى تەرجىمە قىلىپ قويۇپ ياكى باشقىلار تاشلىۋەتكەن بىرەر تېخنىكىنى ئۆزلەشتۈرۈپ پايدىلىنىپ، ئۆزىنى «پىروگراممېر» دەپ ئاتىۋالىدىكەن. «-ېر» قوشۇمچىسىنى ئۇنداق ئالدىراپ قوشقىلى بولمايدۇ.

      بۇ كەسپنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئىنتايىن مۇرەككەپ نەزەرىيەسى بار. قوشۇمچە يەنە باشقا پەنلەردىكى ئاساسىنىڭ پۇختا بولۇشىنى يەنە تەلەپ قىلىدۇ. بۇنى سىستېمىلىق ئۆگەنمەي تۇرۇپ، نۇرغۇن ئادەم خالاپ ئىشلىتىدىغان ياخشى پىروگرامما يېزىش ئىنتايىن تەس. ھازىر ئوقۇماي تۇرۇپ پىروگرامما يازىدىغان بىل.گېيتىسنىڭ دەۋرى كەتتى. ھازىر بەزى چوڭ پىروگراممىلارنى ھەل قىلىشتا بىر شەخسنىڭ ھەتتا بىر شىركەتنىڭ كۈچى يەتمەيۋاتىدۇ.

      ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۆزى مۇستەقىل پىروگرامما يازىدىغانلار بەك ئاز. يازغانلىرى شۇ 1+2+3+….+99+100=؟ نى ھېسابلاپ يۈرىدۇ.چۈنكى، دەرستە مۇئەللىم باشقا نەرسىلەرنى ئۆتمىگەن. ئۆتكەنلەرنىمۇ ئوقۇغۇچىلار ئاران %70-%80 ئۆزلەشۈرگەن تۇرسا، ھازىرغا قەدەر Turbo C2.0 ياكى FoxPro نى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كومپيۇتېر فاكولتېتلىرىدا دەرس قىلىش توغرا ئەمەس، شۇ بىچارە بالىلار بۇنىڭدەك بىرەر قورالنى يەنى Visual Studio نى كۆرمەي پۈتتۈرۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئىش ئۈچۈن مەكتەپتىن، ئوقۇتقۇچىدىن ياكى مائارىپ تۈزۈلمىسىدىن قاقشىمايمىز، ئالدى بىلەن ئۆزىدىن ئاغرىنىش كېرەك. ھازىر مەكتەپلەردە كۈتۈپخانىلار ئازادە، ئىنتېرنېت دېگەن نەرسە ياتاقتىمۇ بار، ئاتا-ئانىسى ھەتتا كومپيۇتېر فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن بالىلىرىغا ھەر ئىسىل خاتىرە كومپيۇتېر ياكى 4000-5000 يۈەنلىك يان تېلېفون ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 17:44
  • ئالىم مۇئەللىم بۇلار ھەقلىقمۇ ياكى ھەقسىزمۇ؟ مۇشۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز.ئەگەر بىزمۇ msdn غا ئەزا بولساق بىزگىمۇ تەمىنلەمدۇ؟ تەمىنلىگىنى ھەقلىقمۇ ياكى ھەقسىزمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 14:34
    • MSDN غا ئەزا بولۇپ قويسىڭىز ياكى مىكروسوفتنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بولالىسىڭىز، بۇ قورالنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەمىنلەيدۇ، ئەلۋەتتە باشقا مەھسۇلاتلارنىمۇ ھەم شۇنداق.
      بۇ قورالنى ھازىرچە 6 ئاي ئىشلىتەلەيسىز. كېيىن يۇمشاق دېتال پۇل تاپقانداق ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ. كەسپىي نۇسخىسى 10 مىڭغا بارىدىغۇ-دەيمەن. لېكىن ئۇنىڭدىن Metro ئۇسلۇبىدا پىروگرامما يېزىپ پۈتۈن دۇنياغا 1 دوللاردىن ساتسىڭىزمۇ، 10 دوللار تاپالايسىز. نەچچە ئاينىڭ ئىچىدە

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 17:31
      • ئالىم مۇئەللىم، visual studio 2010 دىمۇ metro يۈزلۇك پروگراممىلارنى يازغىلى بولاممدۇ؟ 2010 بىلەن 2012 نىڭ يېڭىلىق ۋە ئىختىدار جەھەتتە قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 17:49
  • ئچىنىشلىق يېرى مەن بۇ قۇرالنى بەك چۈشەنمەيدىكەنمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 13:21
    • ئەمما بۇ بىزدەك پىروگراممىچىلار ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈۋاتقان قورال ئىدى، پىروگراممىچىلار بۇ قورالدىن ئايرىلسا، خۇددىي بېلىق سۇدىن ئايرىلغاندەك بولىدۇ. بۇنىڭدا يەنە ئەپ يېزىپ، Windows دۇكىنىغا يوللاشقا بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن تىزىملىتىشى كېرەك. يازغان پىروگراممىلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن يۇمشاق دېتال لايىھەلەيدىغانلارنىڭ كۈنى سەل ياخشىلىنىدىغاندەك قىلىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 17:28
      • مۇشۇ ۋىندوۋسنىڭ سيستېما ئورنىنى يەنى
        system locationنى ئۇيغۇرچىگە توغىرلىغاندىن كېيىن مۇشۇ vs2010 vs2012 مۇشۇ قوراللار بىلەن پىروگرامما ئاچقاندىن كېيىن خاتالىق ئۇچۇرى چىقۋېلىپ خەنچە خەتلەر نورمال چىقمايۋاتىدۇ . خەنچە پىروگراممىلانى قاچىلغاندىمۇ بەزى ئەپلەر خەتلىرى شۇنداق چىقۋالدىكەن . بۇ نىمە ئۈچۈندۇ ؟
        system locationنى جۇڭگو خەنچە دېگەنگە توغىرلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئوڭشىلىدىكەن
        windows 8 دىمۇ بۇ خاتالىق بار…..

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 14:57
      • ئالىم ئەھەت ئاكا، Microsoft Visual Studio 2012 نىڭ ياخشىراق ئۆگىنىش ئۇسۇلى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى am 00:33
  • ئەگەر ئۇيغۇرچە بولسا ئۇيغۇر پىروگراممېرلار ھەسسىلەپ ئېشىپ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار تۆكمە بۇلۇپ كېتەر .
    ئۇيغۇرچە نەشىرى چىقىشىنى بەكمۇ ئارزو قىلاتىىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 13:00
  • مھن ھازىر ئاۋال bing غا چىقىدىغان بولىۋالدىم قاچان ئۇيغۇرچە بۇلىدىكىن دەپ . . google نىڭ ئۇيغۇرچى بېتى چىقىپ شۇنىڭغلا ئەگەشكەن ئىدم bing ئۇيغۇرچە بېتى چىققان بولسا ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:18
  • ۋاھ،نېمىدگەن ياخشى ئىشلار ھە!راستىمنى دېسەم يېقىندىن بۇيان مەزكۇر تور بېتىنىڭ جىنى چاپلاشتى ماڭا،ئالىم مۇئەللىمنىڭ بۇ تورى مېنى تورىغا چۈشۈرىۋالدىمۇ قانداق، كۈندە ئىختىيارسىز نەچچە قېتىم ئارلىمىسام كۈنۈم ئۆتمەيدىغان بولۇپ قالدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى am 08:31
  • مۇمكىن بولسا Visual Studio نى 0دىن باشلاپ ئۆگۈتىدىغان ئوقوتۇش يۇمشاق دېتالى ئىشلىشىڭىزنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلاتتىم.
    سىزدەك ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىپ ئازتولا ئاساس سېلىۋالساق دېگەن ئۈمۈتتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى am 08:07
  • لېكسىيەنى نەق مەيداندىن ئاڭلاش ئادرېسى:
    http://www.visualstudiolaunch.com/Agenda

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 23:00
  • ئاللا-كاللا،بۇ مۇھىم نەرسە ئىدى، قاچان ئۇيغۇرچە بولا بۇ ھە ئۇستاز ئالىمكا………………………….؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:02
    • ئىشلىتىدىغان ئادەم بولسىلا، بۇمۇ تەس ئەمەس، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچىلىشىپ بولغانلىرىنى ئىشلەتكەچ تۇرۇڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 23:07
  • مەن ئىلگىرى Microsoft Visual Studio 2012 نى قاچلاپ ئىشىلتىپ باققان( قانداق نەشىردىكىسى بىلمەيمەن) ، مىنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى بۇ نەشىردە ئۇيغۇرچە قوللاش پۇتۇنلەي ئەمەلگە ئاشقان ، ھەتتا كود يېزىش كۆزنىكىمۇ بىۋاستە ئۇيغۇرچە قوللايدىكەن، ئوڭدىن توغىرلاش بىرلا خاسلىق بىلەن ھەل بۇلدىغان ئىشكەن، قانداقلا بولمىسۇن مەن بۇندىن كىيىن ئانا تىلمىزدىكى داڭلىق ئەپلەرنىڭ مەيدانغا كىلشىگە ئىشنىمەن ،چۇنكى Microsoft Visual Studio 2012 ئۇيغۇر تىلىنى تىگدىن قوللىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:53
باھا بېتى: 1 2