Messenger دىكى بۇ ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ
[ ئاتالغۇلار ]Messenger دىكى بۇ ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ
بىرىنچى: توردىكى ئالاقە دېتاللىرى مەسىلەن: Messenger ،QQ،…قاتارلىق يۇمشاق دېتاللاردا، ئىشلەتكۈچىنىڭ تۆۋەندىكى بىر نەچچە ھالىتى بولىدۇ.
(1) Available (خەنزۇچە: 有空)
(2) Busy (خەنزۇچە: 忙碌)
(3) Away (خەنزۇچە: 离开)
(4) Appear offline (خەنزۇچە: 隐身)
بۇلارنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاش كېرەك؟ پايدىلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندە ئىنگلىزچە، خەنزۇچە ۋە تۈركچە سېلىشتۇرمىسى بېرىلدى، ئۆز پىكىرىڭىزنى بايان قىلىڭ، رەھمەت!
(بۇ رەسىمنى چېكىپ پۈتۈن كۆرۈڭ)
ئىككىنچى: بۇنداق دېتاللاردا يەنە مۇھىم ئىككى ئاتالغۇ بار، كىشى تىزىملىكى (بەزىدە يەنە ئالاقىلىشىش تىزىملىكى ياكى ئالاقىداش)دىكى كىشىلەرنى گۇرۇپپا (تۈرگە) ئايرىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: يېقىن كىشىلەر، دوستلار، خىزمەتداشلار،…دېگەندەك. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بۇ ئىككى ئاتالغۇنى قانداق ئاتاش كېرەك؟
(5) group (خەنزۇچە: 群)
(6) category (خەنزۇچە: 组)
بۇلارنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاش كېرەك؟ پايدىلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندە ئىنگلىزچە، خەنزۇچە ۋە تۈركچە سېلىشتۇرمىسى بېرىلدى، ئۆز پىكىرىڭىزنى بايان قىلىڭ، رەھمەت!
(بۇ رەسىمنى چېكىپ پۈتۈن كۆرۈڭ)
- يازما كۆرۈلۈشى: 3,178 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 04-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 14:29
- ئالدىنقى يازما :«ئۇيغۇر تىلى»مۇ ياكى «ئۇيغۇرچە»مۇ؟
- كېيىنكى يازما :ئالىم ئەھەت بىلوگى بىر ياشقا كىردى
有空–بۇ مەلۇم ئىشلار ئارىلىقىدا بوش ۋاقتى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.شۇڭا«بىكار »دېسەك مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.«ئارىسالدى»دەپ ئاتاش ئەڭ مۇۋاپىق.
忙碌–ئالدىراش
离开–ئايرىلغان
隐身–يوشۇرۇن
创建群-توپ قۇرۇش
创建组-گۇرۇپپا قۇرۇش