• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئۆزىنىڭ پىسخىك ساغلاملىققا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-01-28
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى

    1.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز-ئۆزىنى قۇبۇل قىلالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    2.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز-ئۆزىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆزىنى ھۆرمەتلەش ئەمەس،بەلكى ئۆزىدىن بىزار بولىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    3.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىگە ئىشىنىدۇ،ئەكسىچە بولسا،گۇمانلىنىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    4.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئۆز-ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تۇيغۇسى مول بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل ياكى يوق بولۇپ،ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئامالسىز قالىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    5.پىسخىكىسى ساغلام كىشىلەر سەمىمىي-ساداقەتمەن كېلىدۇ،ئەكسىچە بولسا،ياسالما ۋە سەمىمىيەتسىز بولىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    6.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۈمىدۋار بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،روھى چۈشكۈن بولىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    7.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىنىڭ شەخسى ئىقتىدارىنىڭ نېمىلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆلاز ئىقتىدارى ھەققىدە ھېچنېمىنى دەپ بېرەلمەيدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    8.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز مۇۋاپىقىيىتىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ.ئەكسىچە بولسا،غەلبە قىلىشتىن قورقىدۇ ياكى غەلبىسىنى ئىنكار قىلىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    9.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ھاياجانلىنىپ كونتىروللىقىنى يوقىتىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    10.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،يەككە چەكلىمىلىكلەرنى قۇبۇل قىلالايدۇ.بۇ سەۋەبلىك ئارامسىزلىنىپ،خىجىل بولۇپ ئۆزىنى جىنايەتكاردەك ھېس قىلمايدۇ.ئەكسىچە بولسا،تەنقىدلىنىش ۋە يېڭىلىشتىن قورقىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    11.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،بىرەر ئىش قىلغاندا تەشەببۇسكار ۋە بېرىلىشچان بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا پاسسىپ بولىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    12.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،مەسىلىلەرنى مەركەز قىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،پەقەت ئۆزىنىلا مەركەز قىلىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    13.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ھېسىيات جەھەتتە باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئەكسىچە بولسا باشقىلارغا سوغۇق مۇئامىلىدە بولىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    14.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئىشەنچىسى تولۇپ تاشقان بولۇپ،ئۆزىنى باشقىلارغا ئاشكارىلىيالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئىشەنچىسى كەمچىل،ئۆزىنى يۇشۇرۇشقا تىرشىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    15.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز پىكرىنى بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،خىجىل بولۇپ،ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    16.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ھەقىقي ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى بېسىشقا ئۇرىنىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    17.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،مېھرىبان ۋە ئاقكۆڭۈل بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ھۇجۇم قىلىش قىلمىشى ئېغىر ھەم باشقىلارغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    18.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،باشقىلارغا كۆيۈنۈش ۋە باشقىلارنى ئاسىراشنى بىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ،سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    19.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئىلاستىكىچانلىقى يۇقىرى،يەنى ماسلىشىش چانلىقى يۇقىرى بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،قاتمال،مۇتەئەسسىپ،ئۆزگەرمەس بولىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    20.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىنى مۇداپىيە قىلىش ئېڭى تۆۋەنرەك بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆزىنى يۇكسەك دەرىجىدە مۇداپىيە قىلىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    21.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۈمىد ئارزۇلىرى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن مۇۋاپىق بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئەمىلىيەتتتىن ھالقىغان،بەك ئاددىي ياكى ھېچقانداق ئۈمىد ئارزۇسى يوق بولىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    22.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،باشقىلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى قۇبۇل قىلالايدۇ،ئۆگىنىشنى خالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،تايىنى يوق قۇسۇرلارنى تاپىدۇ،باشقىلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى قۇبۇل قىلمايدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    23.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆسۈپ-يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەجىربىلەرگە خۇشاللىق بىلەن يۈزلىنەلەيدۇ.ئەكسىچە بولسا،يېڭى تەجىربىلەرگە قارشى تۇرىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    24.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش ۋە جەڭ ئېلان قىلىشتىن ھوزۇر ھېس قىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنى خالىمايدۇ،مەغلۇپ بولۇشتىن قورقىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    25.پىسخىكىسى ساغلام بولسا، سالماق ۋە بىمالال يۇرىدۇ.ئەكسىچە بولسا،پاسسىپ ھەم جىددىيلىشىپلا يۈرۈيدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    26.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى خالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،خالىمايدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    27.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز ئىقتىدارىنى توغرا،دەل جايىدا ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆزىنى ئاجىز،ئوڭايلا زەربىگە ئۇچىرايدىغاندەك كۆرسىتىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    28.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ياردەمسىز قالدىم،دەپ قارايدۇ ياكى ئۆزىنى ئەيىبلەپ مەسئۇلىيەتتىن قاچماقچى بولىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    29.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىگە مۇۋاپىق كۈرەش نىشانى بېكىتەلەيدۇ.ئەكسىچە بولسا،بۇنداق كىشىلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك توغرا ۋە ئېنىق نىشانى بولمايدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    30.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،مۇستەققىل ۋە ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،باشقىلارغا تايىنىۋالىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    31.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،قەتئىي ۋە كەسكىن بولىدۇ.ئەكسىچە  بولسا، بىر ئىشنى دائىم يېرىم قىلىپ تاشلاپ قويىدۇ.ئوڭايلا بەل قويۋېتىدۇ.ھەتتا بەزىلىرى ئۆز ھاياتىدىنمۇ كېچىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    32.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىدىن رازى بولىدۇ،باشقىلارنىڭ يېقىنچىلىق مۇناسىۋەتلىرىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدۇ،ھەم باشقىلارنىمۇ كۆرەلمەيدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    33.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،شەخسى تىرىشچانلىقىنىڭ ئۆز ھاياتىغا گەۋدىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.ئەكسىچە بولسا،مۇتەئەسىپلىك بىلەن موھىت ۋە شارائىتتىن ئاغرىنىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    34.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ھاياتلىققا بولغان كۆزقارىشى: ”مەنمۇ يامان ئەمەس،مەن  ئۆز ھاياتىمنى قولۇمدا تۇتۇپ تۇرالايمەن“دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا، ”مەن بەك ناچار،ھاياتىمنى كونتىرول قىلىشقا ئامالسىزمەن“دەپ قارايدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى

    35.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ھازىرى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن يۆلىنىش بېكىتىۋالىدۇ.ئەكسىچە بولسا،بۇرۇنقى كەچۈرمىش ۋە كەلگۈسى ئارزۇ-ئۈمىدكە نىسبەتەن تەتۈر پوزىتسىيىدە بولىدۇ.2rJئاقيول تور بىكىتى


    2rJئاقيول تور بىكىتى

    دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق پىسخىلوگ بى شۇمىن خانىمنىڭ ”بەختنىڭ سىرىنى ئېچىش ”ناملىق كىتابتىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى:لوپنۇرى2rJئاقيول تور بىكىتى

    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز