سىتانفورت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ دېيىشىچە، ئىنسانلار گېنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ھالىتى ئەڭ زور دەرىجىدىكى بېسىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدىكەن، ۋە بۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئەقلى بىلەن ھەرىكىتىدىكى تەلەپكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن، ئەمما قوزغىتىش نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى مۇرەككەپ نېرۋىلار تورىدا ئۆزگىرىش بولۇپتۇ، ھەمدە ئىنسانلارنىڭ ھازىر ياشىشى ئەقلى ئىقتىدارنى تۇلۇق تەلەپ قىلىپ كەتمەيدىكەن، بۇ خىل ئۆزگىرىش بولسا ھەرگىزمۇ جەمئىيەتكە ماسلىشىش بولماستىن بەلكى، ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى بىلەن ھېسسىي ئىقتىدارىدا تەدرىجىي چېكىنىش بولۇپتۇ. ئەمما دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئىنسانلار ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىدىن ئەندىشە قىلمايدىكەن، چۈنكى ئەگەر چېكىنىش بىر قەدەر ئېغىر بولغان شۇ كۈنى، مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا ماتېرىياللىرى تەبىئىي تاللىنىش تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىكەن.
بۇ قېتىملىق دوكلاتتىكى دوكتورنىڭ دېيىشىچە، ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدار تەرەققىياتى بىلەن كۆپ مىقدارىدىكى ئەقلى گېنىنىڭ ئەلالىشىشى بەلكىم ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەرەققىياتى پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن، باشقا نۇقتىلارنى نىشان قىلغان ھالدا تەرەققىي قىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئەقلى ئىقتىدار بولسا ھاياتلىقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، ھەمدە كۆپ مىقداردىكى تاللاش بېسىمى ئەقلى ئىقتىدارلىق گېننىڭ تەرەققىياتىدىكى تاللاشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىنسانلار ئەقلى ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزىدىكەن.
ئەمما، يېزائىگىلىك بىلەن شەھەرلىشىش تەرەققىياتى ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىدىكى تەرەققىياتىدا پاسسىپ رول ئويناپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى پەللىدىن بارغانسېرى تۆۋەنلەپتۇ. مۇناسىۋەتلىك دوكتورنىڭ پەرەز قىلىشىچە، 3000 مىڭ يىلدىكى 120 دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئىچىدە، ئىنسانلار ئاللىقاچان ئىككى خىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولغان ئەقلى ئىقتىدارى ۋە ھېسسىي ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى قىلىپ بولۇپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى زاماندىكى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدا بايقىلىشىچە، مېڭە ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان گېنلارنىڭ ئۆزگىرىشى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولۇپتۇ.
ئەمما شۇنىڭ بىلەن تەڭ، بېسىمنى تاللايدىغان كېمىيىش سۈرئىتىمۇ ناھايىتى ئاستا بولۇپتۇ، ھەمدە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئويلىشىپتۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كەلگۈسىدە چوقۇم پەن-تېخنىكا ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بولىدىكەن.
ئۇ يەنە : «ئۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، بىز ھەر قانداق مۇناسىۋەتلىك توقۇلمىلارنى كونترول قىلىدىغان گېنلارنى ئوڭشىيالمايمىز، شۇ چاغدا ئىلگىرى بار بولغان تەبىئىي تاللىنىشىمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ» دەپتۇ.