1.ھەرقانچە ئازاپلىق ئىش بولسىمۇ،ئۇ ئۆمۈرۋايەت داۋاملاشمايدۇ!شۇڭا،ھەرگىز بىئارام بولماڭ.
2.ئىلگىرىكى ئازاپلىق كەچۈرمىشىڭىزنى،ئەينى چاغدا قانداق قىلىپ قايتىدىن قەد كۆتۈرگىنىڭىزنى ھەمدە كېيىنكى كۆڭۈللۈك كۈنلەرنى ئويلاپ،بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا تىنچ-ئامان ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.
3.ئۆزىڭىزگە «بۇ دېگەن كىشىلىك ھايات،كۆپچىللىكنىڭ ھەممىسى تىرىشىۋاتىدۇ»دېيىشىڭىز كېرەك.
4.كۈندىلىك خاتىرە يېزىڭ.ئۆزىڭىزنى ئازادە تۇتۇپ،كۆڭلىڭىزدە ساقلىغانلىرىڭىزنى پۈتۈنلەي خاتىرلەش ئارقىلىق كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەڭ.
5.بارلىق ئىشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ تازا قانغۇچە ئۇخلاڭ.ئويغانغاندىن كېيىن كەيپىياتىڭىز چوقۇم ياخشىلىنىپ قالىدۇ.
6.بەزى يۇمۇرلۇق،ھەجۋى رەسىم توپلىمى،كىتابلار ياكى كومېدىيىلىك فىلىمدىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ،پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن كۆرۈپ چىقىڭ.كۈلكە بارلىق كۆڭۈلسىز ئىشلىرىڭىزنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
7.ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇڭ.بۇمۇ كەيپىياتىڭىزنىياخشىلاشتىكى بىر ياخشى ئۇسۇل.
8.چېنىقىش مەركىزى ياكى ھۆسۈن تۈزەش ئورۇنلىرىغا بېرىپ كەسپى ئۇۋۇلاشتىن بەھرىمان بولۇپ،پۈتۈن بەدىنىڭىزنى تەلتۈكۈس بوشاشتۇرۇڭ.
9.بالكۇندىن پايدىلىنىپ باغۋەنچىلىك لەززىتىدىن بەھرىمان بولۇڭ.ھەر بىر تاشتەكتىكى گۈلگە نام بېرىڭ،ھەربىر تال يۇپۇرماقنى كۆڭۈل قۇيۇپ سۈرتۈڭ،پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن ئۆسۈملۈكلەردىن خەۋەر ئېلىڭ.
10.ئەتىۋارلىنىش ھېسياتىدىن بەھرىمان بولۇڭ،ئادەم چىرايلىق بولغانسېرى كەيپىياتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشىلىنىدۇ.
11.سەھەر تۇرۇپ باغچا ياكى دەرەخزارلىقتىن ئىبارەت يېشىللىققا پۈركەنگەن جايلارغا بېرىپ سەيلە قىلىڭ.
12.پۇتىڭىزنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ راھەتلىنىڭ.توڭغاقلار بۇ ئۇسۇلنى قوللانسا ئەڭ مۇۋاپىق.
13.ئەڭ راھەت قىياپەتتە تۇرۇپ،قۇرساق بىلەن نەپەسلىنىڭ،بۇرۇن بىلەن كۈچەپ نەپەس ئېلىپ،ئاندىن ئېغىز بىلەن ئاستا-ئاستا نەپەس چىقىرىڭ،مۇشۇنداق تەكرار بىر نەچچە قېتىم نەپەسلەنگەندە،كەيپىياتمۇ تۇراقلىشىدۇ.
14.بەدەن چېنىقتۇرۇش ئسۋابى بىلەن بويۇن،غول،بەل ھەمدە پۈتۈن بەدەننى كۈچەپ ھەركەتلەندۈرۈڭ.
15.دوستىڭىز بىلەن مۇڭدۇشۇڭ.
16.مەقسەتسىز مېڭىڭ ياكى نىشان بەلگىلەشنىڭ زىيىنى يوق.
17.تەنھەركەت مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈپ ئۆزىڭىزنى شۇنىڭغا سىڭدۈرۈڭ.
18.ناخشا ئېيتىڭ ياكى ناخشا ئاڭلاڭ.
19.ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلەرنى يىيىشتىن ھېيىقماڭ،تا كەيپىياتىڭىز ياخشىلانغىچە يەڭ.ئۇرۇقلاۋاتقان بولسڭمۇ ھىچقىسى يوق،ئۆزىڭىزگە بىر كۈن رۇخسەت بېرىڭ.
20.كەيپىياتىڭىز ناچار ۋاختىدا ،ئىلگىرى سېتىۋالماقچى بولۇپ سېتىۋالالمىغان كىيىم ياكى سومكىنى سېتىۋېلىپ،ئۆزىڭىزگە:«داۋاملىق تىرىشقىن»دەپ تەسەللى سۈپىتىدە سوۋغا قىلىڭ.