
ئەنگىلىيە ئالىملىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قىسقا ئۇچۇرنى «تەشەببۇس قىلىش» تاماكا تاشلاش نىسبىتىنى بىر ھەسسە ئۆرلىتىدىكەن.
ئالتە ئايلىق تەجرىبىدىن كېيىن، توختىماستىن رىغبەتلەندۈرۈش ئۇچۇرى قوبۇل قىلغان 2900 تاماكا چەككۈچىدىن %10 تىن كۆپرەكى تاماكىنى ئوڭۇشلۇق تاشلىيالىغان. ئەمما قىسقا ئۇچۇر قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ %4.9 ىلا تاماكا چىكىش ئادىتىنى تاشلىيالىغان.
دوكلاتتا «پەقەت غەيرەت قىلسىڭىزلا قىلالايسىز» دېگەندەك مەدەت بېرىدىغان قىسقا ئۇچۇرلار كىشىلەرنى تاماكا تاشلاشقا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت تۈرىگە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان.
جەمئىي 5800 تاماكا چەككۈچى ئالتە ئايلىق بۇ تەجرىبىگە قاتناشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 2915 ئادەم مەدەت بېرىدىغان قىسقا ئۇچۇر قوبۇل قىلغان. قالغانلىرى بولسا پەقەت «قاتناشقىنىڭىزغا رەھمەت» دېگەن قىسقا ئۇچۇرنى قوبۇل قىلغان. دەسلەپكى بەش ھەپتىدە ئۇلار ھەر كۈنى قىسقا ئۇچۇردىن بەشنى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ كەينىدىن ھەر ھەپتىدە قىسقا ئۇچۇردىن ئۈچنى قوبۇل قىلغان.
قاتناشقۇچىلارنىڭ تاماكا خۇمارى قوزغالسا، بۇ قىسقا ئۇچۇرلارغا جاۋاب قايتۇرسا، بىر قىسىم ئالاھىدە تەكلىپ-پىكىرلەرگە ئېرىشەلەيدۇ.
تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىش تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تاماكا تاشلىشىغا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇل. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەزى ئۇسۇللار كىشىلەرنىڭ باشقا ئىللەتلىرىنى تۈزىتىشىگىمۇ ياردەم بېرىدىكەن.
ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى قايىل قىلىدىغان تەرەپلىرى
ياشانغانلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەيدىغان بەش خىل ئۇسۇل
قانداق قىلغاندا مىجەزى ئىتتىكلىك قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
چۈشتە مۇۋاپىق ئۇخلاپ بېرىشنىڭ پايدىسى
سۈرەت كۆرۈش ساغلاملىقنى ئاشۇرىدۇ
قىسقا ئۇچۇرنىڭ تاماكا تاشلاشقا ياردىمى باركەن
ئاياللارنى ئاسان جەلىپ قىلىدىغان 12 تۈرلۈك مىجەز
بېسىمنى تۈگۈتۈشتىكى 20 خىل ئۇسۇل
نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى بىلەن ھېسسىي ئىقتىدارى چېكىنىپ كەتكەن
كىشىلىك تۇرمۇشتىكى «ئون»نى ساقلىماسلىق
توي-تۆكۈن توغرىسىدا
ئەيدىز - دورا - سالامەتلىك - جىنسىيەت
ئۆسمۈرلۈك ھاياتىمنى نابۇت قىلغان چۇمادۇ
شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار
نەشە چەككەندىكى ئۆزگىرىش
نەشىنىڭ زىيىنى
زەھەر چەكلەش ساۋاتلىرى
چۇمادۇدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك
ئورۇقلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى ـــ تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇت
ئاق تۇرۇپنى تۆۋەندىكىلەر بىلەن قوشۇپ يېگەندە...
