
ئىچىنى بوشىتىش ئۇسۇلى
ياشانغانلار ھەر خىل زىددىيەت ، توقۇنۇشلارغا يولۇقۇپ ، كەيپىياتى ناچارلىشىپ قالغاندا ، ئامال بار كەيپىياتىنى تېزرەك تەڭشەپ ياكى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ئىچىنى بوشىتىۋېلىپ روھىي ھالىتىنى تۇراقلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك . مەسىلەن ، كوتۇلداش ، پاراڭلىشىش ، يىغلاش، باشقىلارغا دەردىنى تۆكۈش ، سەيلە قىلىش دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلسا بولىدۇ. توپ ئويناش ، تاغقا چىقىش دېگەندەك ھەرىكەت مىقدارى بىر قەدەر زور پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ، روھى بېسىمىنى تۈگىتىپ ، پىسخىكىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ . بىراق ، بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان «ئىچىنى بوشىتىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك.
دىققىتىنى بۇراش ئۇسۇلى
ياشانغانلار روھىي بېسىمغا ئۇچراپ ، ئىچى سىقىلغان چاغدا، مۇھتىنى ئالماشتۇرۇش، نىشاننى بۇراش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ دىققىتىنى ئۆزىگە خۇشال-خۇراملىق ئاتا قىلىدىغان مۇزىكا ئاڭلاش، كومىدىيلىك تېلۋىزىيە نومۇرلىرىنى كۆرۈش، تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش، ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى خۇش قىلىش ، تەبىئەتنىىڭ گۈزەللىكلىرىدىن بەھرىلىنىش ، قىزىققارلىقپائالىيەتلەرگە قاتنىشىش دېگەندەك ئىشلارغا بۇراپ ، ناچار كەيپىياتنى تۈگىتىشى كېرەك.
ئۆزىگە ئۆزى تەسەللىي بېرىش ئۇسۇلى
ياشانغانلار كۆڭلىگە ياقمىغان ئىشلارغا يولۇقۇپ ، سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقى ئارقىلىقمۇ ئۆزگەرتەلمىگەندە ، ئۆزىگە ئۆزى مۇۋاپىق دەرىجىدە تەسەللىي بېرىپ ئۆزىدىكى تەشۋىشلىنىش ، قايغۇرۇش ، ئازابلىنىش ، ۋە ئۈمىدسىزلىنىشتەك ناچار كەيپىياتنىتۈگىتىش كېرەك.
سۆز ئارقىلىق بېشارەت بېرىش ئۇسۇلى
سۆز ئارقىلىق بېشارەت بېرىش ئادەمنىڭ پىسخىكىسى ھەتتا ئىش -ھەرىكىتىگە نىسبەتەن ئاجايىپ رول ئوينايدۇ.ئۆزىدىن بېشارەت بېرىش ئۇسۇلى سۆز ۋە ئوينىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ياكى مۇددىئانى كرسىتىپ بېرىدىغان ئۇسۇلنى كۆرسىدۇ.مەسىلەن ، كەيپىياتى جىددىيلەشكەن ،كۆپ چۈش كۆرۈپ ياخشى ئۇخلىيالمىغان چاغلاردا ، ئۆزىنىتىنىچلاندۇرىدىغان ، ئەركىن-ئازادىلىك ھېس قىلدۇرىدىغان ، ئۇيغۇسىنى كەلتۈرىدىغان گەپ-سۆزلەر بىلەن ئۆزىگە تەسەللىي بەرسە بولىدۇ. يەنى «ئېغىر-بېسىق ، تەمكىن بول» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق جىددىيلىكنى تۈگىتىپ ، ئۇيغۇنى ياخشىلىسا بولىدۇ.
كۈلكە -چاقچاق ئىچىدە ياشاش ئۇسۇلى
ياشانغانلار يۇمۇرلۇق ، كۈلكە-چاقچاق ئۈزۈلمەيدىغان مۇھىتتا تۇرمۇش كەچۈرسە سالامەتلىككە پايدىلىق . كۈلكە كەيپىياتنى ئۈنۈملۈك تەڭشەپلا قالماي ، ئورگانىزىملاردىكى ھەر قايسى سېستىمىلارنىڭ فۇنكىسىيىسىنى تەڭشەش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش رولىغا ئىگە ، ئادەملەرگە ۋە ئىشلارغا يۇمۇرلۇق نەزەردە قاراشقا ماھىر بولغاندا ، بىر قىسىم زىددىيەت ۋە تالاش-تارتىشلارنى ئاسانلا ھەل قىلىپ ، كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى ، ئالاقە ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ، ياشانغانلارنىڭ ئاخىرىقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشكە پايدىلىق
ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى قايىل قىلىدىغان تەرەپلىرى
ياشانغانلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەيدىغان بەش خىل ئۇسۇل
قانداق قىلغاندا مىجەزى ئىتتىكلىك قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
چۈشتە مۇۋاپىق ئۇخلاپ بېرىشنىڭ پايدىسى
سۈرەت كۆرۈش ساغلاملىقنى ئاشۇرىدۇ
قىسقا ئۇچۇرنىڭ تاماكا تاشلاشقا ياردىمى باركەن
ئاياللارنى ئاسان جەلىپ قىلىدىغان 12 تۈرلۈك مىجەز
بېسىمنى تۈگۈتۈشتىكى 20 خىل ئۇسۇل
نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى بىلەن ھېسسىي ئىقتىدارى چېكىنىپ كەتكەن
كىشىلىك تۇرمۇشتىكى «ئون»نى ساقلىماسلىق
توي-تۆكۈن توغرىسىدا
ئەيدىز - دورا - سالامەتلىك - جىنسىيەت
ئۆسمۈرلۈك ھاياتىمنى نابۇت قىلغان چۇمادۇ
شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار
نەشە چەككەندىكى ئۆزگىرىش
نەشىنىڭ زىيىنى
زەھەر چەكلەش ساۋاتلىرى
چۇمادۇدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك
ئورۇقلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى ـــ تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇت
ئاق تۇرۇپنى تۆۋەندىكىلەر بىلەن قوشۇپ يېگەندە...
