
چۈشتە بىر سائەت ئۇخلىسا ئادەمنىڭ زېھنى كۈچى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشچە، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئازراق ئۇخلىۋالسا، ئادەمنىڭ جىسمانىي كۈچى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە كېرەكلىك قىسقا ئۇچۇرلارنى ساقلىشىغا ۋە ئىزدىشىگە ياردىمى بولىدىكەن .
ئامېرىكا كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركېلىي شۆبە مەكتىپىنىڭ پىسخولوگى ۋۇكىل باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى 39 نەپەر ساغلام پىدائىي ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، چۈشتە ئۇخلىمىغان گۇرۇپپىدىكلەر بىلەن ئۇخلىغان گۇرۇپپىدىكىلەرنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرغاندا، ئالدىنقىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى خېلىلا ناچار بولغان، چۈشتە ئۇخلىغانلارنىڭئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆگىنىش ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى بولغان. ۋۇكىل دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى تەتقىقاتلاردا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان خاتىرىلەر چوڭ مېڭىنىڭ ‹‹ سەقەنقۇر›› رايونىدا ۋاقىتلىق ساقلىنىپ، ئاندىنچوڭ مېڭىنىڭ ماڭلاي ياپراقچە قەۋىتىگە يۆتكىلىدىغانلىقى، ئۇ يەردە تېخىمۇ كۆپ »ساقلاش بوشلۇقى» بارلىقى بايقالغان. تەتقىقاتتا يەنە قاتتىق ئۇيقۇنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمى ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقى بايقالغان .
ئەمما چۈشتە ئۇخلاشمۇ بەلگىلىك تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. چۈشتە ئۇخلاش پەقەت مۇۋاپىق بولغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى قايىل قىلىدىغان تەرەپلىرى
ياشانغانلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەيدىغان بەش خىل ئۇسۇل
قانداق قىلغاندا مىجەزى ئىتتىكلىك قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
چۈشتە مۇۋاپىق ئۇخلاپ بېرىشنىڭ پايدىسى
سۈرەت كۆرۈش ساغلاملىقنى ئاشۇرىدۇ
قىسقا ئۇچۇرنىڭ تاماكا تاشلاشقا ياردىمى باركەن
ئاياللارنى ئاسان جەلىپ قىلىدىغان 12 تۈرلۈك مىجەز
بېسىمنى تۈگۈتۈشتىكى 20 خىل ئۇسۇل
نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى بىلەن ھېسسىي ئىقتىدارى چېكىنىپ كەتكەن
كىشىلىك تۇرمۇشتىكى «ئون»نى ساقلىماسلىق
توي-تۆكۈن توغرىسىدا
ئەيدىز - دورا - سالامەتلىك - جىنسىيەت
ئۆسمۈرلۈك ھاياتىمنى نابۇت قىلغان چۇمادۇ
شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار
نەشە چەككەندىكى ئۆزگىرىش
نەشىنىڭ زىيىنى
زەھەر چەكلەش ساۋاتلىرى
چۇمادۇدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك
ئورۇقلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى ـــ تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇت
ئاق تۇرۇپنى تۆۋەندىكىلەر بىلەن قوشۇپ يېگەندە...
