ئەرلەر :«بىز ئاياللاردىن كۈچلۈك، ئاياللار ئاجىز» دېگەننى ئاغزىدىن چۈشۈرمىگەن بىلەن، ئاياللاردىكى جاپاغا چىدامچانلىق، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىي ئۇلارنى قايىل قىلماي تۇرالمايدۇ. پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى قايىل قىلىدىغان تەرەپلىرى مۇنۇلارنى ئىكەن:
جاپاغا چىدامچانلىق روھى. ئاياللارنىڭ بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى ئەرلەرنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئەرلەر قارىماققا كۈچلۈك، ئاياللارغا يۆلەنچۈك بولىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، كۆڭلى نازۇك بولغاچقا تۇرمۇشنىڭ بەزى ئىسسىق –سوغۇقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن. شۇڭا ئەرلەر ئايالىنىڭ ئۆزىنى خۇددى كىچىك بالىنى كۈتكەندەك كۈتۈشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن؛
ئۆزىنى بېغىشلاش روھى. نۇرغۇن ئايال ئېرىنى خۇش قىلىش، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى تۇرمۇشتىكى بىردىنبىر مەقسىتى دەپ بىلىدىكەن. ئۆزىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسىمۇ، ئېرىنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئامالنىڭ بارىچە قارشى تەرەپنى خۇش قىلىشقا تىرىشىدىكەن. ئاياللاردىكى بۇ خىل ھالەت ئەرلەرنى قايىل قىلماي تۇرالمايدىكەن؛
كۆڭلىدىكىنى بىلدۈرۈشكە ماھىرلىقى. ئايال بولغۇچىنىڭ كۆڭلىدە ئويلىرىغانلىرىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئېرىگە بىۋاستە ئېيتالىشى تەس، ئەلۋەتتە. بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلار ۋاستىلىك ئۇسۇللار بىلەن قارشى تەرەپنىڭ دىققىتىنى تارتىدىكەن؛
ھەر قانداق ۋاقىتتا ئېرىگە يول قويۇش روھى. بۇنى ھەرقانداق ئايالغا تەتبىقلىغىلى بولمىسىمۇ، ئىشىنىمەنكى تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئاياللار ئېرىنىڭ پىكىرىگە يول قويىدۇ. ئەرلەر ئاغزىدا دېمىگىنى بىلەن، مەيلى ئۆزىنىڭ يوللۇق بولسۇن–بولمىسۇن، ئايالىنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆز پىكىرىگە يول قويۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. شۇڭا ئەقىللىق ئاياللار كۆپىنچە ۋاقىتتا، بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىنىڭ گەپلىرىگە رەدىيە بېرىشتىن ساقلىنىدىكەن.
ئاياللارنىڭ تۇرمۇشتا پىشقان تەرەپلىرى. كۆپىنچە ئاياللار ئائىلە ئىشلىرىغا پىششىق كېلىدۇ. ئەر–خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى بىر–بىرىگە ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قاراشتىن ئىبارەت ئىكەن. ھېچقانداق ئايال كۈن بويى ئېرىنىڭ كەمچىلىكىنى يېپىپلا، ئۇنى كىچىك بالىنى پەپىلىگەندەك پەپىلەپلا ئۆتۈشنى خالىمايدىكەن. ئۇلارمۇ ئېرىنىڭ ئۆزىگە يۆلەنچۈك بولۇشىنى، ھالىغا يېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
قىسقىسى، ئەرلەر ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يوشۇرۇن كۈچكە ئەڭ ئىنتىلىدىكەن. ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاياللار چۈشىنىپ بولمايدىغان، سىرلىق جىسىم ئىكەن. ئەرلەرنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى قەدىرلەپ سۆيگەن ئايالىدىن ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئايرىلىپ قېلىش ئىكەن. ئەرلەر ئاياللارنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىگە قايىل بولسىمۇ، ئۇنى ئاغزىدىن چىقارمايدىكەن. چۈنكى ئۇلار: «بىر ئايال ئۆزىدىكى شۇ ئارتۇقچىلىقلارنى بىلىۋالسىلا، ئېرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ» دەپ قارايدىكەن.