ئوتتۇرا شەرقلىق پۇلدار 45 مىليون يۈەنگە ساپ ئالتۇندىن ياسالغان ‹‹Lamborghini›› ئاپتوموبىلى مودېلىنى سېتىۋالدى

يېقىندىن بېرى پۇلدارلار ‹‹ئەدەپ›› كەتتى ، ئوتتۇرا شەرقلىق پۇلدارلار ھەقىقەتەن ‹‹پۇلنى توپىدەك چېچىش ›› نىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاپ بەردى : بىرى 7 مىليون 500 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 45 مىليون يۈەن) غا 55 قاداق ئېغىرلىقتىكى بىر ساپ ئالتۇن Lamborghini Aventador پىكاپىنىڭ مودېلىنى سېتىۋالدى . بۇ ئاپتوموبىل مودېلىغا ئېغىرلىقى 1100 قاداققا يېتىدىغان كېسەك ئالتۇن سەرپ قىلىنغان بولۇپ ، بىر قېتىملىق خەير-ساخاۋەت كىمئارتۇق يىغىنىدا 6 مىليون 500 مىڭ دوللار باھادىن باشلىنىپ كىمئارتۇق قىلىنغان ، ئەڭ ئاخىرىدا دۇبەيلىك بىر خېرىدار 7 مىليون 500 مىڭ دوللارغا سېتىۋالغان. ھازىر بۇ پىكاپ مودېلى تېخى ھەقىقىي ياسىلىپ بولماپتۇ، كىمئارتۇق يىغىنىدا ئەرزانراق ماتېرىيالدىن ياسالغان ئوخشاش تىپلىق پىكاپ مودېلى كۆرگەزمە قىلىنىپتۇ.
ۋاقتى كەلگەندە Robert Wilhelm Gulpen ‹‹يۇقىرى تېخنىكا›› دىن پايدىلىنىپ كومپيۇتېردا ئورۇن بەلگىلەپ ، ھەقىقىي ساپ ئالتۇن Aventador مودېلىنى ياسايدىكەن . بۇ مودېل ھەقىقىي پىكاپنىڭ 8\1 دەك چوڭلۇقتا ئىكەن، ئاۋۋال كاربون تالاسىدىن تىرەك (تۈۋرۈك) ى ياسىلىدىكەن، ئاندىن سىرتى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىنىدىكەن. پىكاپنىڭ باش (ئالدى) چىرىغىغا ئالماس قويۇلىدىكەن، ئورۇندۇقىغا ئوخشاش بولمىغان ماتېرىيالدىن ياسالغان 700 تال قىممەتلىك ياقۇت (گۆھەر) قادىلىدىكەن. پىكاپ گەۋدىسى ئىچىگە ئىشلىتىلىدىغان كاربون تالاسىمۇ ھەقىقىي ماتېرىيال بولۇپ، ھازىر F1 مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىغا ئىشلىتىلىۋاتقان ماتېرىيال ئىكەن.





2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى: ئاممىباب 2016-نۇسخا شالاڭ
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا قايتتى
ئاۋۇت پالاكەت 3-بۈلۈمى پات ئارىدا سۆرەتكە ئىلىنىشقا باشلىنىدۇ
يېڭى تارىخىي باش پەللە(رەسىملىك)
يېڭى تارىخىي باش پەللە
چوڭ تىپتىكى تور تاشقى تەشۋىقات پائالىيىتى «شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى» پائالىيىتى باشلاندى
ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ زور مەبلەغ كەتكەن ناخشا
شىۋېتسىيەلىك ئالاھىدە ماھارەت كۆرسەتكۈچى ئۇچقاندەك كەلگەن لامبورجىنى ئاپتوموبىلىدىن ئاتلاپ ئۆتتى
91 ياشلىق مۇلازىمەتچى
ئامېرىكىدا بىر ئەر قار ئۆي ياساپ ئىجارىگە بەردى
ياپونىيەدە سامساق تەملىك كولا بازارغا سېلىندى