ئۈرۈمچى شەھىرى 2013–يىلى 25-دېكابىردىن باشلاپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىشتىكى يېڭى ھەق ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى . يېڭى ئۆلچەمدە ئادەم ۋە ئاپتوموبىل زىچلىقىغا ئاساسەن پەرقلەندۈرۈپ ھەق ئېلىنىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ۋاقتى 15 مىنۇتقا توشمىسا ھەق ئالماسلىق يولغا قويۇلدى .
بۇ ئۆلچەم يەر ئاستى ، يەر يۈزى ، ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى ، دوختۇرخانا (كېسەل كۆرسەتكەن ۋە دوختۇرخانىدا ياتقان ئاغرىقلارنىڭ ئاپتوموبىللىرىدىن شۇ كۈنلۈك ھەق ئېلىش تالونىغا ئاساسەن ياكى دوختۇرخانىدا يېتىش رەنە تالونىغا ئاساسەن ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ئېلىنمايدۇ ) ، سودا ئورۇنلىرى (سودا ساراي ، ھەر خىل بازار ، مېھمانساراي، مېھمانخانا ، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى ، ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى قاتارلىقلار) نىڭ قىزىل سىزىقى ئىچىدە ھەق ئېلىنىدۇ .
مەھەللىلەرنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ئۆلچىمى مۈلۈكدارلار ھەيئىتى يىغىنىدا بېكىتىلىدۇ .
جاڭ بىن ئىسىملىك بىرەيلەن مۇنداق دېدى : ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى توغرىسىدىكى يېڭى ئۆلچەمدە ئاپتوموبىل توختىتىش ۋاقتى 15 مىنۇتقا يەتمىسە ، ھەق ئېلىنمايدىغانلىقى بىر قەدەر مۇۋاپىق بوپتۇ ، بۇ ۋاقىت ئادەم ساقلاشقا ، ھۆججەت–ماتېرىياللارنى ئېلىۋېلىشقا يېتىدۇ ، بۇنداق بولغاندا نەچچە مىنۇتلۇق ئىش ئۈچۈن ، يېرىم سائەت ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئىزدەيدىغان ئىش ئازلايدۇ .
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزى 2-بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دۇ بىن مۇنداق دېدى: يېڭى ئۆلچەم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ، شەھىرىمىز ھازىرقى مۇلازىمەت ۋە ھەق ئېلىش ئۇسۇلىنى پەيدىنپەي ئۆزگەرتىپ، ئەنئەنىۋى يوسۇندىكى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ ھەق ئېلىشنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەق ئېلىش ئۇسۇلى (كارتا سىيرىش) غا ئۆزگەرتىدۇ . بۇ ئارقىلىق ۋاقىت ھېسابلاش بىلەن ھەق ئېلىش توغرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىپ ، ئېلېكتىرونلۇق ھەق ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىكى ھەق ئالغۇچىلارنى تەربىيەلەپ ، ئۇلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ، مەدەنىي ، تەرتىپلىك ئاپتوموبىل توختىتىش مۇلازىمەت مۇھىتىنى بەرپا قىلىدۇ .
2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى: ئاممىباب 2016-نۇسخا شالاڭ
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا قايتتى
ئاۋۇت پالاكەت 3-بۈلۈمى پات ئارىدا سۆرەتكە ئىلىنىشقا باشلىنىدۇ
يېڭى تارىخىي باش پەللە(رەسىملىك)
يېڭى تارىخىي باش پەللە
چوڭ تىپتىكى تور تاشقى تەشۋىقات پائالىيىتى «شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى» پائالىيىتى باشلاندى
ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ زور مەبلەغ كەتكەن ناخشا
شىۋېتسىيەلىك ئالاھىدە ماھارەت كۆرسەتكۈچى ئۇچقاندەك كەلگەن لامبورجىنى ئاپتوموبىلىدىن ئاتلاپ ئۆتتى
91 ياشلىق مۇلازىمەتچى
ئامېرىكىدا بىر ئەر قار ئۆي ياساپ ئىجارىگە بەردى
ياپونىيەدە سامساق تەملىك كولا بازارغا سېلىندى