
2013- يىلى 5-ئۆكتەبىر كۈنى شىنجاڭ گۈزەل قاشتېشى مىھمانسارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا رەھبەر ئاپتوموبىل كەسپى تەرەققىيات كۇلۇبى ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ ئاپتوموبىل رىمونتچىلار جەمئىيىتى» تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى، ھەر قايسى جايلاردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن چوڭ رىمونتخانا ۋە مەخسۇس سېتىش ئورۇنلىرى رەھبەرلىرى قاتارلىقلار قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى ئەزھەر كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇتەللىپ ئەپەندى «شىنجاڭ ئاپتوموبىل رېمونتچىلار جەمئىيىتى» قۇرۇشنىڭ دەۋر ئېھتىياجى، ئەھمىيىتى، زۆرۈرىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە توختىلىپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھاياتلىق ئىلمى ۋە تېخىنكا ئىنىستىتۇتىدىن ئەخمەتجان ئەخەت ئەپەندى كارخانىلارنىڭ تەتقىقات تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىشى ھەققىدىكى تەلەپلەر ۋە ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى تەتقىقات تۈر مەبلەغلىرىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى قاتارلىقلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

ئۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن مۇھەممەد ياسىن دوكتۇر ئاپتوموبىل تېخنىكا ئېنژىنىرلىرى سۆھبىتى ھەققىدە توختىلىپ، يەككە ئىگىلىك ۋە كارخانا، باشقۇرۇش، ئانالىز... قاتارلىق تېمىلاردا نىسبەتەن تەپسىلىي توختىلىپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى كارخانىلىشىش ۋە سىستېمىلىشىش جەھەتلەردە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ پايدىلىنىش قىممىتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى.

يەنە ئۇنىڭدىن باشقا F1 ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقىنىڭ مەسئۇلى «ئاپتوموبىل رېمونت مۇلازىمىتى تۈرى ۋە كۆلىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە تۈرلىنىشى» دېگەن تېمىدا ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە شۇنىڭدىن مۇلازىمەتنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ئاساستا، كۈندىلىك خىزمەت جەريانىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكى، خېرىدارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز تەجرىبىسىنى سۆزلەپ، يىغىن كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە قىلدى.

بۇ قېتىملىق يىغىندا يەنە ئەركىن پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەركىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ يېقىندىن بىرى ئۇتۇق قازانغان كەشپىياتلىرىدىن قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپ، ئۆزىنىڭ كەڭ ئاپتوموبىل رېمونتچىلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى
يىغىن ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەسىپ جەھەتتە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن باشلامچى رېمونتچى ئۇستاملارنى مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلدى ۋە كۆپچىلىك ئەركىن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

بۇ قېتىملىق يىغىن ئودا بەش سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقاندىن كېيىن، ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلىشىپ، ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
چىمبۇلاق ئېكرانى ئالاھىدە تور - تېلېۋىزىيە پروگراممىسى
يىغىن نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرى:

























































































2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى: ئاممىباب 2016-نۇسخا شالاڭ
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئاكۇرا NSX نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ ئېلان سۈرىتى
يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا قايتتى
ئاۋۇت پالاكەت 3-بۈلۈمى پات ئارىدا سۆرەتكە ئىلىنىشقا باشلىنىدۇ
يېڭى تارىخىي باش پەللە(رەسىملىك)
يېڭى تارىخىي باش پەللە
چوڭ تىپتىكى تور تاشقى تەشۋىقات پائالىيىتى «شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى» پائالىيىتى باشلاندى
ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ زور مەبلەغ كەتكەن ناخشا
شىۋېتسىيەلىك ئالاھىدە ماھارەت كۆرسەتكۈچى ئۇچقاندەك كەلگەن لامبورجىنى ئاپتوموبىلىدىن ئاتلاپ ئۆتتى
91 ياشلىق مۇلازىمەتچى
ئامېرىكىدا بىر ئەر قار ئۆي ياساپ ئىجارىگە بەردى
ياپونىيەدە سامساق تەملىك كولا بازارغا سېلىندى