خەير،كۆرۈشەرمىز!
ۋادەرىخا،كەتتى ئۇ جانىم مېنىڭ جاننى ئېلىپ،
ئۇ كېتەردە مەندە جان قايدا،ياغاچ بولدۇم قېتىپ.
جادۇ كۆز گۈل كىرپىكى بىرلە يۈرەردە بىر قاراپ،
تاش كۆڭۈلنى قوغۇشۇندەك ئېرىتىپ قىلدى خاراپ.
مەنىلىك سىرلىق قاراپ:<بولغىن ئامان يارىم>دېدى،
<مەن ئۆزۈم كەتكەن بىلەن سېنىڭ بىلەن يادىم>دېدى.
نائىلاج مەنمۇ دېدىم:<بولسۇن مۇبارەك بۇسەپەر،
تاكى جايىڭغا يېتىپ بارغۇچە يوللار بىخەتەر.>
ئاق بىلەك گەدەنگە چەمبەر،بىرلەشتى ھەر ئىككى تىنىق،
ئالما،ئانار بولدى بىر جۈپ،ئۆپتى تويغۇچە يېنىپ.
<خەير،كۆرۈشەرمىز>دېبان،ئايرىلىشتۇق نائىلاج،
ئۇيغۇر يوقاتتى ئېسىنى،دېدى:بەختىم زادى كاج.
شېئىرلار شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىر قىلىنغان <<ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى>> ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.
كونا ئورۇندۇق(ھېكايە)
بالىلار شئېرى تېپىشماقلىرى (ئابدۇۋايىت ئابلىز )
ئەرلەر دەستۇرى
قىزلار ئالما ئەمەس، بىر چىشلەپ تاشلايدىغان
ئەرلەر نىمىشقا باشقا ئاياللارغا قاراشقا ئامراق
تۇرمۇش ۋە ئايال
مۇھەببەت قارشى تەرەپكە ئازابلىنىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىشمۇ
ئەركەكلىكىنىڭ ئۆلچىمى
تۇغۇلغان كۈن - ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىدۇر
ياخشى ئايال ـــ تالانتلىق ئۇستاز
