مودا ئۇيغۇر قىزى
بەك پىچەتقۇ ھەي قىزچاق نەگە ماڭدىڭىز،
يوپكىلىرىڭىز بىر غېرىچ نەدىن ئالدىڭىز،
چاچلىرىڭىز ئەرەڭ_سەرەڭ توبادەك ئەجەب.
سىزدە يوقمۇ شەرمى_ھايا ئەخلاق ۋە ئەدەب.
نېمە دەيدۇ ما مەتۇ ! ئۆتەپ بارە ماڭ،
سەن زاماننىڭ كەينىدىمۇ ياكى بىر ساراڭ،
بۇ دېگەنچۇ ئەلۋەتتە مودا بىلمەمسەن،
نوچى بولساڭ سەنمۇ قېنى بىزدەك يۈرمەمسەن .
ئوھو، بۇنى مودا دەڭ، شۇنداق كىيىشنى،
يۈز-كۆزىنى مايمۇندەك بوياپ يۈرۈشنى.
ئۇنداق بولسا بۇ كېچىدە نەگە ماڭغانسىز.
سائەت توققۇز بولغاندا كېچىكىپ قالغانسىز .
ھازىر ماڭدىم كېچىكمىدىم مىسىر خانىشقا،
ئۇسسۇل، تانسا، دىسكولارنى غەزەب ئويناشقا.
ھاراق، پىۋا، خۇڭجۇلارنى ئىچىپ كېتىمىز،
ساكىسلارنى قۇچاقلاپ ئويناپ كېتىمىز .
نېمە دەيدۇ؟ قىز بالا تۇرۇپ ھاراق ئىچەمسىز،
ئۇيالماستىن قۇچاقلىشىپ ئويناپ كېتەمسىز،
مەست بوپ قېلىپ ناۋادا كەچ قالسىڭىز،
ئۆيىڭىزگە نېمە دەپ قانداق كىرىسىز.
ئۇ يەرلەردىن بىز خاتىرجەم ئامال تېپىپ قويدۇق،
ئۆيدىن بىرنى زۇلې قىلىپ سىرتتىن ئېلىپ قويدۇق،
ئوغۇل بولسا قولتۇقلىشىپ كېتىپ قالىمىز،
جاڭجۈنلەردىن ياتاق ئېچىپ يېتىپ قالىمىز.
ھە، ئۇنداقتا سىز ھەر كۈنى شۇنداق يۈرەمسىز،
بېرىپ دىبا، جيۇبالارغا ئويناپ كۈلەمسىز،
ياشلىقىڭىز ئۆتۈپ كەتسە بىھۇدە شۇنداق.
كېيىنچە سىز تۇرمۇش قۇرۇپ قانداق قىلىسىز .
ھازىر شۇنداق ئويناپ يۈرىمىز ياشلىق دېگەندە،
نېمە يېتەر بۇ دۇنيادا ئويناپ كۈلگەنگە.
شۇ چاغ كەلسە بىر مەزگىل ئويۇننى تاشلاپ.
ئالدىچىلاپ ئىڭەكتىن ياغلىق ئارتىمىز،
يۇۋاش_يۇمشاق ئەرنى تېپىپ ئالداپ تېگىمىز .