ئ‍اددىي ئ‍ەمما شىپالىق چاي رېتسىپلىرى

مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

IMG20160720000243

* يۇقۇرى قان بېسىم ۋە دىئابىت بىمارلىرى ئ‍ۈجمە غازىڭىنى قۇرۇتۇپ قويۇپ چاي دەملەپ ئ‍ىچىپ بەرسە ماس كىلىدۇ.
* ئ‍ىسسىقتىن تولا زۇكام بولىدىغانلار، ئ‍اسان قوقاق تېگىدىغانلار لېموندا چاي دەملەپ ئ‍ىچسە ماس كىلىدۇ.
* ھازىر بىھى پىشىپتۇ. ئ‍ۆت ياللۇقى، جىگەر خىزمىتى ياخشى بولمىغانلار، كۆڭلى ئ‍ىلىشىپ بىئارا بولىدىغانلار، قورسىقى ئ‍اچمايدىغانلار، سىزىكى بارلار بىھىنى قاينىتىپ تەمىنى چىقىرىپ چاي قىلىپ ئ‍ىچسە ماس كىلىدۇ.
* ئ‍اشقازان، بۆرەك، بالياتقۇ سوغۇق، پۇت-قولى ئ‍ىسسىمايدىغانلار: قەلەمپۇر، قوۋزاقدارچىن، خۇلۇنجان، زەپە، ماكا، تاتلىق توشقان زەدىكى، ئ‍القات، ئ‍ارپابەدىيان دېگەنلەردىن مۇۋاپىق تەڭشەپ چاي دەملەپ ئ‍ىچىپ بەرسە ماس كىلىدۇ.
* ئ‍ۇيقۇسى ئ‍از، نېرۋا-يۈرەك ئ‍اجىزلار: لاچىندانە، رەيھان، ئ‍ۇستىقۇددۇس، قىزىلگۈل، گاۋزىبان، سۈپەتلىك قىزىل چايلار بىلەن تەڭشەپ چاي قىلىپ ئ‍ىچسەڭلار ماس كىلىدۇ.
* ئ‍اشقازان ئ‍اجىز، تاماق ئ‍اسان ھەزىم بولمايدىغانلار: پىننە، سۈپەتلىك قاراچاي، زىرە قوشۇپ دەملەپ ئ‍ىچىپ بەرسەڭلار ماس كىلىدۇ.
* قەۋزىيەت، ئ‍ۆت ياللۇقى، سېمىزلىك، تولا گال ئ‍اغرىيدىغانلارغا يالپۇز دەملەپ ئ‍ىچسەڭلار ماس كىلىدۇ.
* تولا ئ‍ۇسسايدىغان، كومپيۇتېر ئ‍الدىدا ئ‍ۇزۇن ئ‍ولتۇرىدىغانلار ئ‍ۈرۈك قېقى-گۈلىنى چىلاپ قويۇپ چاي ئ‍ىچىپ بىرىڭلار!
* تەبىي مېۋە چاي دەملەپ ئ‍ىچىش ئ‍ۈچۈن: چىلان، قىزىل ئ‍ۈزۈم، گۈلە دېگەنلەرنى ئ‍ىككى سائەت چىلاپ قويۇپ ، قاينىتىپ تەمىنى چىقىرىپ ئ‍ىچىپ بەرسە ھەر خىل ئ‍وزۇقلارنى تولۇقلايدۇ ھەم ئ‍ۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ. بۇنىڭغا سۈپەتلىك قىزىلچايدىن بىرە قوشۇپ سىلىپ بىللە قاينىتىپ دەملىسە تەمى ھەم رەڭگى ئ‍وبدان كىلىشىدۇ. زەپەدىن، قىزىلگۈل غۇنچىسىدىن ئ‍ازىراق قوشۇۋەتسە تېخىمۇ ئ‍ېسىل بولىدۇ. قەنت سىلىپ ئ‍ىچىشنىڭ پەقەتلا ھاجىتى قالمايدۇ.
* ئ‍ىسسىقچان كىشىلەر بىر ئ‍ىستاكانغا بىر چىمدىم يېشىلچاي، بىر تال چىلان، بىر تىلىم لېمون سىلىپ دۈملەپ قويۇپ ئ‍ىچىپ بەرسە ئ‍ىسسىقنى ئ‍الىدۇ. قوقاقنى قايتۇرىدۇ. جىگەر ۋە قان تومۇرلارنى ئ‍اسرايدۇ.
80خالتا بلوگى-“30 كۈنلۈك ئ‍ىلمىي غىزالىنىش ئ‍ۈندىدار توپى“ دا يوللانغان چاي دەملەش ھەققىدىكى پاراڭلاردىن
ئۈندىدارغا قوشۇلۇش نۇمۇرى: 13565662787


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...