جاھىل خاراكتېرلىك تەڭگە تەمرەتكە يۇقامدۇ؟

جاھىل خارەكتىرلىك تەڭگە تەمرەتكە يۇقامدۇ ؟

 ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! مۆھتىرەم مۇھەممەد تۇرسۇن ئەپەندى . سىزنىڭ مۇشۇنداق بىر تور مەنزىلىنى قۇرۇپ بىزلەرنى بەزى تىببىي مەسىلىلەر توغرىسىدا بەلگىلىك مەلۇماتقا ئىرىشتۈرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت !

سۇئالىم : جاھىل خارەكتىرلىك تەڭگە تەمرەتكە يۇقامدۇ ؟

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

 جاھىل خارەكتىرلىك تەڭگە تەمرەتكىسىنىڭ يېرىڭلىق تېپىدىكىسى يۇقىدۇ. شۇڭا تازىلىققا ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك.

 بەزەنلەرنىڭ بۇ كېسەل ساقىيامدۇ دەپ سورىغان سۇئاللىرى ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن جاۋابسىز قالغان ئىدى. بۇ يەردە قىسقىچە بايان قىلىۋىتەي!

 ئىسمىدىنلا بۇنىڭ ئاسان ساقايمايدىغان، جاھىل كېسەللىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇردۇ. تەڭگە تەمرەتكە تېرە كېسەللىكلىرى ئىلمى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دكلەتلەردە مەخسۇس مۇشۇ تۈردە تېببى تەتقىقات ئورۇنلىرى قۇرۇلۇپ خىلى زور ئادەم كۈچى ۋە مەبلەغ ئاجرىتىلىپ ئىنچىكە تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ھازىرغا قەدەر بۇ خىل كېسەللىككە دىئاگنۇز قويۇش جەھەتتە تونۇش ئىنىق بولمايۋاتىدۇ.

بۇ بۇ كېسەلنى ساقايمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئۇيغۇر تېبابىتىدە تەڭگە تەمرەتكە ( كالا تېرىسىمان تەمرەتكىمۇ دېيىلىدۇ) نى داۋالاشنىڭ ئۆزىگە خاس داۋالاش ئۇسسۇللىرى بار.

 ئالدى بىلەن كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبكە قارىتا مۇنزىق بىرىلىپ كېسەللىك ماددسى پۇشۇرىلىدۇ، ئاندىن مۇناسىپ سۈرگۈچى دورا بىلەن بەدەن تازىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغۇچى، قاتتىقلىقنى يۇمشاتقۇچى، تېرىنى سىلىقلاشتۇرغۇچى ، كېسەللىك مىكروپلىرىنى يوقاتقۇچى دورىلارنى بېرىش؛ سېرتىدىن زەمبۇرغقا قارىشى ۋە تېرە توقۇلمىلىرىنى ياخشىلىغۇچى دورىلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدۇ. مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا داۋالاش بىلەن يېمەك-ئىچمەك پەرھىزلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلغاندا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ساقىيىش نېسبىتى يۇقۇرى بولىدۇ. مۇشۇ ساھەدە تەجىربىسى بار تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە سىستېمىلىق داۋالانسا ساقىيىپ كېتىدۇ.

ئاچچىق-چۈچۈك، يەللىك نەرسىلەردىن، كالا، ئۆچكە گۆشى، ھاراق-تاماكا ۋە ھەر خىل سوغۇق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتىلىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      d11

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىر زات ھېكىم! مەن ئەسلى تۆۋەندىكى سورىماقچى بولغىنىمنى ئايرىم سوئال تېمىسىدا سوراي دېگەن ئىدىم لېكىن پىكىر دەپتىرىنى ئاچالمىدىم، ھەم ئايرىم سوئال سوراش سەھىپىسىنى تاپالماي مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللىدىم، كەچۈرىسىز. مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم، ئادەتتە قولغا رەڭ بىلەن چېكىلگەن رەسىم، ياكى ئىسىملارنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشنىڭ مىللىي تېبابەتتە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بارمىدۇ؟ ھازىرغۇ بازاردا مەخسۇس ماشىنا بىلەن يۇيىدىغان ئورۇنلار باركەن. لېكىن ئۇنىڭ كېيىنكى تەسىرى قانداق بولىدۇ بىلمىگەچكە، مىللىي تېبابەتتە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بارمىدۇ بىلىپ باققۇم كەلدى.

    • #2

    • #3
      margiya

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم .مىنىڭ كىكىردىكىم ئاستىغا ئۇششاق سەپكۈگە ئوخشاش قۇيۇق داغ پەيدا بۇلۇپ كىڭىيىۋاتىدۇ. .قۇرقۇۋاتىمەن ….. مىللىي تېبابەتتە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بارمىدۇ ياردەم كىلسىڭىز.

    • #4

    • #5
      atirgul611

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەن ھاملدار بولغلى ئەمدىلا ئىككى ئاي بولدى لىكىن مىنىڭ تەڭگە تەمرەتكە كېسلىم يەنە قوزغىلشقا باشلدى بۇ كىسلىمگە قارتا دورا يەي دىسەم ھامىلىگە تەسىر يېتشدىن قورقىمەن ،شۇڭا مەن قانداق قىلشىم كىېرەك ؟ مىللى تىبابەت دورلىرنى ئستىمال قىلسام بولامدۇ؟

    • #6

    • #7
      13231313113

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بېرزات ھىكىم ھەم كۇرۇرمەنلەر:مەن بىر پىشكەدەم ئايال ئوقۇتكۇچى ،ئېسىمنى بىلسەم6يىشىمدىن باشلاپ مەندە تەڭگە تەمرەتكە كىسلى بار ئىكەنتۇق.بۇ كىسەلنىڭ ئېلىپ كېلىدىگان روھى ئازاۋى ۋە ئىختىزادى بىسىمىنى شۇ كىسەلنى تارتقان ئادەم ئوبدان بىلىدۇ.شۇنداق قىلىپ مەن 35يىشىمغا كەلگەندە كوپ داۋالانغان بولساممۇ كىسەل كوزغىلىپ پۇتۇن بەدىنىمنىڭ 80پىرسەنتىنى قاپلاپ كەتتى.مەن ئۇمۇتسىزلىنىپ يۇرگەن كۇنلەردە بىر شىپائى دورا ئاللانىڭ ھىكمىتى بىلەن قولۇمغا كېلىپ قالدى.مەن بۇ دورىنى بۇرۇن ئىشلەتكەن بىر دورا بىلەن بىرلەشتۇرۇپ كورگەن ئىدىم ؟ويلىمغان ئۈنۈمگە ئېرىشتىم.بىر ئاي ئىچىدە پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتتىم.مانا 14يىل بولدى،قايتا قوزغىلىش كورۈلمىدى.ئوزەمگە ئوىشاش توت بىمارنىمۇ ساقايتقان بولدۇم.
      دىمەكچى،ئەگەر ئۇزۇن داۋالىنىپ ساقىيالمىغان ،داۋالاشقا قولايلىك بولۇش ئۈچۈن ئايال بىمار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشسا ياردىمىم تىگىپ قالارمۇ دىگەن ئۇمۇتتىمەن.مەندىكى داۋالاش ئۇسۇلى ھەقىقەتەن ئۈنۈملىك بولسا ئىسراپ بولۇپ كەتمىسە دىگەن ئۈمۈتتىمەن. تېلفۇن:0994-6565660

    • #8

    • #9
      aykatip

      بىرزات ئەپەندىن سىڭلىم بۇ يىل 25 كە كىردى. قەۋزىيەت بولغىلى8 يىل بولدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئۆزىنى سوغوققا ئېتىپ، تەبىئىتى سوغوق بولغانلىكى نەرسىلەرنى كۈچەپ ئىستىمال قىلدى، شۇنداق بولغاندا سەل راھەتلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىدىكەن،شۇنىڭدىن باشلاپ ئاقسۇ، قەشقەرلەردىن مىللى تىبابەت دورلىرى يىگەن، لىكىن پەقەت ئۈنۈمىنى كۆرەلمىدى، بىراق بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىردا ئۇ توساتتىن پۇتىدا ئىككى يەردە سۇس ئاقنى بايقاپتۇ، يۈزىدىمۇ يېقىن قارىسا سۇس ئاق بار، نەتىجىدە بىز قورقۇپ، خوتەن مىللى تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مىجەز تەكشۈرتكىلى باردۇق، ئۇ يەردە ئاقنى سوغوققا ئۆزىنى بەك ئۇرغانلقتىن، بېشىنى قان يىتىشمەي قان-تۇمۇر بىردە تۇسۇلۇپ، بىردە ئېچىلغانلقتىن دەپ 800 يۇەندىن كۆپرەك دورا بەردى، بىر تەرەپتىن ئاق كىسەلنى داۋالاش باسقۇچى قىززىق ياس پەسلى بولغاچقا، يەنە بىر تەرەپتىن دوختۇر ئۇنى دەسلەپكى ۋاقتى ئىكەن دورا ئارقىلىق تىزگىنلىگىلى بۇلىدۇ دېگەچكە دورا بىلەن يېنىپ كەلدۇق،ئۇ دورا قەۋزىيەتكە ئۈنۈم بەردى، لىكىن ئاق ئوڭشىلىدىغاندەك ئەمەس، ئۇ بەك يىغلاپ كېتىپ بارىدۇ،(قىز بالا ئەمەسمۇ) دوختۇر ئۇنىڭغا يەنە سىرتىدىن سۈركەيدىغان دورا بەرگەن ئىدى، پۇرىقى بەك كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىشلەيدىغان مەكتەپتە توي قىلمىغان ئوقۇتقۇچىلار 3-4 كىچە بىر ياتاقتا ياتىدىغان بولغاچقا سۈركەشكە ئىمكانىيەت بولمىدى، دورىسىنى 8-ئاينىڭ ئاخىردىن باشلاپ يەپ كېلىۋاتىدۇ.
      باش ئاغىرقىمۇ سەل قۇيۇپ بېرىپتۇ،
      يەنە، بۇيۇن سۈڭەك ئۆسمىسى بۇلۇپ، بىر باسقۇچ دوختۇرخانىد ئۇۋلىتىپ داۋالانغان.
      شۇڭا مەن سىزدىن مۇشۇ جەھەتتىكى كېسەللەرگە ئۈنۈملۈك بىر دورا بارمىدۇ؟ دەپ سىزنىڭ مەسلىھىتىڭىزنى ئالغۇم كەلدى، بولسا بىر جاۋاپ قايتۇرغان بولسىڭىز؟

    • #10

    • #11
      orman

      پىچان گۇلىنىڭ شىپالق رولى نىمە؟

    • #12
      orman

      پىچان گۇلىنىڭ شىپالق رولى نىمە؟

    • #13
      mumin608

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىر زات كېرىمدشم، پۇت قول كوپ تەرلەشمۇ تىرا كېسەللىكىگە كىرەمدۇ؟مۇشنىڭگا بىر داۋا بامىدۇ؟جىخ دورا يەپ كەتتم ئۈنۈم بوممىدى،،،كاندا كىسام بولا؟

    • #14

    • #15
      ئابدۇللا

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوختۇر مېنىڭ ئايالىمنىڭ سول يۈز ۋە قۇلاق ئارقا قىسىمىغا بوينىغا بەلباغسىمان قاپارتما چىقىپ كەتتى ھازىرقى ئەھۋالى سول تەرەپ قۇلاق ۋە قۇلاق كەينى چېقىپ كۈيۈشۈپ ئاغىريدۇ.ھەم سول تەرەپ بوينا ۋە قۇلاق ئەتىراپىغا بىر نەرسە چىقىپ كۈپۈيۈپ يۈز قىسىمىغا ۋە بوينىنىڭ ئوڭ تەرپىگە قاراپ كۈپۈيۈپ ۋاتىدۇ. .دوختۇرخانىغا بارساق قورقىدەك ئىش يوق ئالدىرماي ساقىيدۇ دەيدۇ ،بۇنىڭغا داۋا بارمىدۇ؟
      ئايالىم بالا ئىمتۋاتقان.

    • #16

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...