رېماتىزم كېسەللىكىنى داۋالاش ھەققىدە

80خالتا بلوگ ئىلاۋىسى: رېماتىزىم كېسەللىكى ئۈزۈل-كېسىل داۋالىماق تەس بولغان جاھىل خاراكتىرلىك كېسەللىكلەردىن بولۇپ تۆۋەندىكى يازمىدا بۇ كېسەللىكنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالىغىلى بولىدۇ دەپ ئەنئەنىۋى بولغان بەزى رېتسىپ ۋە ئۇسۇل چارىلەر كۆرسىتىلگەن. ھەمدە ئاشۇ چارىلەرنى قىلىپ بەرگەندە بۇ كېسەللىك سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ دەپ بىمارلارغا ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ. بۇ يازمىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. دورا ۋە داۋالىنىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە دوختۇر-تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە ئىش قىلغايسىز!

كېسەللىك سەۋەبى:

رېماتىزم كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى خىلمۇ-خىل ھەم ناھايىتى كۆپ. ئاساسەن بەدەن سۆڭەكلىرىگە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش، ئۇزاق مۇددەت سۇدا، پاتقاقتا يۈرۈش، نەم، زەي يەردە ياشاش،  كۆپ قېتىم قاتتىق سوغۇق ۋە يامغۇردا قىلىپ سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش، سۆڭەك، بوغۇملار زەخمىلىنىش، كالا، قوتاز گۆشى، ئاچچىق، سوغۇق، يەللىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىستېمال قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدۇ. رېماتىزم ئاغرىقى سۆڭەك-بوغۇملارنى ئاساس قىلىپ پەيدا بولغاچقا ، ئادەمنىڭ ھەركەت پائالىيىتىنى قىيىنلاشتۇرۋېتىدۇ. ئۇزاققا سوزۇلغانچە پۇتتىن قولغىچە كېڭىيىپ ئاخىرى پالەچ قىلىدۇ ياكى رېماتىزم مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما، بۇ مەيلى ئىسسىقتىن ياكى سوغۇقتىن قوزغالسۇن، قانچىلىك ئېغىرلاپ كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ ساقىيىپ كېتىدىغان كېسەللىك.

ھەر خىل رېماتىزم كېسەللىكى ئۈچۈن تۆۋەندىكى دورا رېتسىپى تەييارلاپ بىرىلىدۇ:

ئاق يەر يىلان تالقىنى، ئالىي دەرىجىلىك بۇغا مۈڭگۈزى تالقىنى، زەنجىۋىل، يانتاق چېچىگى، چارمىق، شاقاقۇل، بىخ مارجان  كۈشتىسى، كابۇل ھېلىلىسى، ئاق ئۈجمە يېلتىزىنىڭ ئاقلانغان قوۋزىقى، قەلەمپۇر 30گىرامدىن، ئۇچقۇر پاقا، سۇمبۇل، چايان، چۈچۈكبۇيا يېلتىزى، سۆرۈنجان، موزا 20گىرامدىن، كۇچۇلا كۈشتىسى 10 گىرام، ئوق يىلان 6 گىرام، ئىپار بىر گىرام، زەپە 4 گىرام. دورىلارنىڭ ھەممىسى يۇمشاق تالقان قىلىنىپ مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەسەل جەۋھىرى بىلەن مەجۈن قىلىنىپ ئەتتىگەن-كەچتە تاماقتىن كىيىىن جىگدە چوڭلىقىدا يەپ بىرىلىدۇ.

سىرتىدىن سۆڭەك ئوتىغا قاقلىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

بۇنىڭدا قوي، ئات، ئىت، قاغا قاتارلىق ئىسسىق تەبىئەتلىك ھايۋان، ئۇچار قاناتلارنىڭ قۇرۇپ قاقشال بولغان سۆڭەكلىرىنى يېغىپ مەشكە سىلىپ ئۈستىگە ئادراسمان ئۇرۇقىنى سېلىپ ئوت يېقىپ، مەشنىڭ ئاغزى ۋە ئۈستىنى ئېتىپ، كىچىك جەينىكىنى كارۋاتنىڭ بىر تال شىلى ئېلىۋېتىلگەن كاماردىن چىقىرىپ، سۆڭەك راسا كۆيۈپ، تۈتۈن قۇيۇندەك قويۇق چېقىشقا باشلىغاندا يالىڭاچلىنىپ، قىسقا ئىشتان بىلەنلا ئولتۇرۇپ ئاغرىغان ئورۇننى ئاساس قىلىپ ئىسلاپ قىزدۇرۇپ، ھەر تەرەپنى ئايلاندۇرۇپ قاقلاش، كۆيگەن يەرنى قاتتىق مۇجۇپ ئۇۋۇلاش كېرەك. سۆڭەك ئوتى يالقۇنىنى ئىلاج بار تۈتۈن شەكلىدە چىقىرىپ ئىككى سائەت چامىسىدا قاقلىنىش قايتا-قايتا ئۇۋۇلىغاندىن كىيىن ، كېسەللىك ئېغىر، قاقلىنىش، ئۇۋۇلىنىش يېتەرلىك بولمىدى دەپ قارالغان ئورۇنلارنى سۆڭەك ئوتى يالقۇنىغا يەنە قاقلاش لازىم. ئاخىرىدا يەنە بىر قېتىم چوغ ئۈستىدە ئادراسمان ئۇرۇقىنى كۆيدۈرۈپ 10 مىنۇت قاقلاش كىرەك. بۇ سىرتتىن تەسىر كۆرسىتىدىغان فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ خىل داۋالاش ئىككى قېتىم تەكرارلانسا بىمار ئاساسەن ساقىيىدۇ.

رېماتىزىم كېسەللىكىنىڭ زادىلا قوزغالماسلىقى ئۈچۈن مۇرەككەپ رېماتىزم مەجۈنى بېرىلىدۇ.

تەركىبى: ئاق يەر يىلان 80گىرام، قورۇلغان ئادراسمان ئۇرۇقى، تازىلاپ كۈشتە قىلىنغان تۇخۇم شاكىلى، يالپۇز ، ئاقىرقەرھا 50 گىرامدىن، چۈچۈكبۇيا يېلتىزى، بادام مېغىزى، قاقىلە ، قەلەمپۇر، شاقاقۇل، كۇندۇر، كەترا، جويۇز، بوزۇغا، بىخ مارجان كۈشتىسى، ئۇچقۇر پاقا، ئالىي دەرىجىلىك بۇغا مۈڭگۈزى ، سەمغى ئەرەبى 30گىرامدىن، خۇلۇنجان، مەرۋايىت، كۇچۇلا كۈشتىسى، كىرپە تېكىنى، قارا ھېلىلە، كابۇل ھېلىلىسى، سېرىق ھېلىلە، ئادەمگىياھ، چار مىق، موزا، كاۋاۋىچىن، كات ھىندى، ئاقاقىيا، تۇخۇمى خەشخاش، پىلپىل، زەنجىۋىل، ئاق ئۈجمە يېلتىزىنىڭ ئاقلانغان قوۋزىقى، توخۇ تاشلىقى ئېتى 20گىرامدىن، خەيما 10گىرام، زەپەر، ئوق يىلان 5 گىرامدىن. ئىپار 3 گىرام، ساپ ھەسەل يېتەرلىك مىقداردا ئېلىنىپ قائىدە بويچە مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىستىمال مىقدارى: كۈندى ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن 5-6 گىرامدىن يەپ بىرىلىدۇ.

دورىلىق ھاراق سۈركەپ ئۇۋۇلاش

دورىلىق ھاراق تەركىبى: بۇغا مۈڭگۈزى 30گىرام، جويۇز، بوزۇغا، خۇلۇنجان، شاقاقۇل، قەلەمپۇر 50گىرامدىن، ئادەمگىياھ، خەيما 15 گىرامدىن، زەھەرسىز كۇچۇلا 10گىرام، ئاقىرقەرھا 40گىرام، ھاراق 500 گىرام.

يۇقۇرقى دورىلارنى تالقان قىلىپ ئىككى قات داكىدا تەييارلانغان خالتىغا قاچىلاپ ئاغزى ھىم ئېتىلىدىغان ئەينەك قاچىغا سېلىپ 500 گىرام ھاراققا بىر ھەپتە چىلاش لازىم.

ئىشلىتىلىشى: ئاغرىغان ئورۇنلار ئەتتىگەن – كەچ دورىلىق ھاراق سۈركىلىپ ئۇۋۇلاپ بىرىلىدۇ. خۇسۇسىيىتى: پەي-سۆڭەك، بوغۇم، مۇسكۇللارنى قىزىتىش، كۈچەيتىش، ئاغرىق توختىتىش رولى بار.

 * كۈن ئارىلاپ تۇخۇم يېغى بىلەن ياغلاپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ قول -پۇت ئۇۋۇلاپ بىرىلىدۇ.

* چارمىق، ئادراسمان ، ئۇچقۇر پاقا، ئاقيەر يىلان، بوزۇغا، موزا، ئاقىرقەرھا، قەلەمپۇرلار ئارىلاش تالقان قىلىنىپ ، ئۈزۈم سىركىسى بىلەن ئاغرىق ئورۇن قايتا-قايتا تېڭىلىدۇ. تېڭىشتا ئاۋۋال ئاغرىق ئورۇن بىر قەۋەت داكا بىلەن تېڭىلغاندىن كىيىن ئۈستىگە دورا تالقىنى چىپىلىپ داكا بىلەن يەنە تېڭىلىدۇ. كەپتەر مايىقىنى قايناق سۇدا بۇسلاپ پۇت، قول، تېز، بەل بوغۇملىرىغا تاڭسا بۇنىڭمۇ پايدىسى كۆپ.

ئەگەر رېماتىزم ئاسارىتى شۇنچە دورىلار بىلەنمۇ 2-3 ئايغىچە ساقايمىسا 6-7-ئايلاردىكى ھاۋا تازا قىززىغان كۈندە ، زادىلا سۇ كۆرۈپ باقمىغان دۆڭلۈكتىكى كونا باراقسان چېغنى تېپىپ، بىر مېتىر چوڭقۇرلۇقتا كولاپ چىغنى چىقىرۋېتىپ، چۈشتە بىمارنى ئىچ كىيىمى بىلەنلا ھېلىقى چىغ چىقىرۋېتىلگەن ئورەككە كۆمۈپ ئاندىن يىلان، شاقاقۇل، ئاقمۇچ، قارامۇچ، كاۋاۋىچىن، قەلەمپۇر، پاقا قاتارلىقلاردا تەييارلانغان چاينى دەملەپ ئىچىپ كەم دېگەندە 2 سائەتنى ئۆتكۈزۈپ قوپۇرۇلسا ، بۇ كېسەللىكتىكى ھەممە ئىللەت تۈگەيدۇ. (خۇدا خالىسا). بۇنىڭدا چىغنىڭ توپىسىدىكى قۇۋۋەت بەدەنگە ئۆتۈش ئارقىلىق شىپالىق رولىنى ئوينايدۇ. كەچتە گۆش، تۇخۇم بىلەن قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىپ ياتسا ئەتىسى يەڭگىللەپ سالامەتلىكى تېز ئەسلىگە كىلىدۇ. مانا بۇ تەلتۆكۈس داۋالىنىشتۇر.

[align=center]2011-06-07_140014-0.jpg[/align]

پەرھىز قىلىدىغان يېمەكلىكلەر ۋە ئىشلار:

گۈرۈچ، كالا، قوتاز، بىلىق، تۆگە گۆشلىرى، لازا، ئاچچىقسۇ، جىياڭيۇ، جاڭدۇ، ياڭيۇ، تۇرۇپ، سۈت، قېتىق، تاۋۇز، شاپتۇل، بىھى، ئامۇت، ئالىرات قاتارلىق يېمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ.

تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق، پىۋا، كولا قاتارلىق سانائەت ئىچىملىكلىرىنى ئىچمەسلىك، جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق لازىم.

جاھىل خاراكتىېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش دېگەن كىتابتىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئىلىندى.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      dilsiri

      مىنىڭ سوڭەكىم چىنىقىش ۋاخلىرىدا زەخمىلنىپتىكەن ھاۋا ئوزگىرىشتىن 2سائەت بۇرۇن ئاغرىشقا باشلايدۇ بۇنىڭغا دۇرا بامىدۇ؟ سىنگاپورنىڭ دەپ بىر دۇرىنى بەرگەن بۇنى يىسەم قۇيۇپ بىردۇ يىمىسەم ئاغرىيدۇ

    • #2
      dilsiri

      مىنىڭ سوڭەكىم چىنىقىش ۋاخلىرىدا زەخمىلنىپتىكەن ھاۋا ئوزگىرىشتىن 2سائەت بۇرۇن ئاغرىشقا باشلايدۇ بۇنىڭغا دۇرا بامىدۇ؟ سىنگاپورنىڭ دەپ بىر دۇرىنى بەرگەن بۇنى يىسەم قۇيۇپ بىردۇ يىمىسەم ئاغرىيدۇ

    • #3
      abaji

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم
      ماڭايۇتقۇن ياللۇغى دەپ دىئاگىنوز قويۇلغىلى بىرنەچچە يىل بولاي ددى ھەرخىل دورىلارنى ئىشلىتىپ باققان بولساممۇ ئۈنىمى بولمىدى، ئسسىقلىق قىلسام تېخى ئاغىريىدۇ، سوغۇقلۇق قىلسام تېخى، شۇڭا ماڭا بۇ جەھەتتىكى ئەڭ ياخشى دۆرىنى ئىيتىپ بەرگەن بولساڭلار.
      ئاللاھ ئىشلىرىڭلارغا بەركەت بەرسۇن.

    • #4

    • #5
      نادىرە

      ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى،ياخشىمۇ سىز،سىزنىڭ رېماتىزىم كېسىلى توغرىسىدا يوللىغان پايدىلىق ئۇچۇرلىرىڭىز مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى.ئاشۇ رېتسىپلارنىڭ خالىغان بىرىنى قوللانساق بولامدۇ؟ ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا،شۇ رېتسىپلارغا ئاساسەن ماڭا بىر دورا تەييارلاپ بەرگەن بولسىڭىز تولىمۇ خۇرسەن بولغان بولاتتىم.28 ياشقا كىردىم لېكىن بۇ كېسەل ھازىر پۇتۇمدىن ئۆتۈپ قولۇمغا كەلدى،كەچلىرى ئۇخلىيالمايمەن،خىزمەتلىرىمگە كۆپ قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى…

    • #6

    • #7
      gulxan

      ئەسىسالاممۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز مەن تۇغۇتتى قۇپۇپ ئاغرىپ قالغان ،دۆختۇرخانىغا بارسام رىمزتىزىم دەيدۇ 4يىل بولدى.ھازىر قۇلۇم ،پۇتۇم ئاغرىيدۇ ئەممە ئىشتىن قالدىم ،مۇشۇ دورىلارنى ئىشلەتسەم بۇلامدۇ؟ماڭا بىر يەردەم قىلسىڭىز بۇلۇپتىكەن سڭزدىن بەك مىننەتتار بولغان بۇلاتتىم رەھمەت

    • #8

    • #9
      chaqmaq137

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى مىنىڭ ئانام رىماتىزىم دەپ دىئاگىنوز قۇيۇلغىلى خېلى يىللار بولدى دورا يەپ ئۇكۇل ئېلىپ دىگەندەك يۈرگەن ئىدى ،ئىككى ئۈچ كۈن بولدى تۇيۇقىسىز ئوڭ قول بىگىز بارمىقى ئىششىپ كەتتى يا بىر جاراھەت چىققىنىنى يا بىر نەرسە كىرىپ كەتكىنىنى بىلمەيدىكەن ھەتتا قۇلىنىڭ ئاغرىقى بەدىنىگە تاراپ كەتتىمۇ تىنىم ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ دەيدۇ يەنە ئۆت ياللۇغى بار قۇلىنى تۇتسا چىڭ بىلىنىدۇ ئىچىدىن چېقىپ ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ دەيدۇ ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىدە مەھەللە دوختۇرى بارئىدى ئۇنىڭغا كۆرسەتسەك قوقاقلىنىپ قاپتۇ دەپ دورا ئۇكۇل بەرگەن ئۈنۈمى يوق بۇ رىماتىزىمنىڭ تەسىرىمىدۇ قۇلۇم خوشنىلار كۈرۈپ كۆكىنە بۇلۇپ قاپتۇ دەيدۇ بۇ كۆكىنە دىگەن نىمە ،بولسا جاۋاپ قايتۇرۋەتسىڭىز ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ،ئىلخېتىمگە جاۋاپ يازسىڭىزمۇ بۇلىدۇ [1601733673@QQ.com

    • #10

    • #11
      阿依古丽

      بىرزات ئەپەندىم ياخشىمۇسىز ؟ بۇ تېمىنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولدۇم . چۈنكى ئاپامنىڭ رىماتىزىم كېسىلى بولۇپ قالغانلىقىغا خېلى ئۇزۇن بولغان ( مومام رىماتىزىم كېسىلى بىلەن تۈگەپ كەتكەن، شۇڭا ئاپامنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ناھايىتى ئەنسىرەيمىز ) ھازىر ئاپامنىڭ قول بارماقلىرىنى شەكلى ئۆزگىرەپ كەتتى ، تىزىنىڭ شەكلىمۇ ئۆزگىرىپ 0 شەكلىلگە كىرىپ قالدى . ئەمدى پۇت بارماقلىرىنىڭ شەكلىمۇ ئۆزگىرەپ كېتىۋاتىدۇ . يۇرتىمىزدا خېلى داۋالانغان بولسىمۇ لېكىن ھىچ ئۈنۈمى بولمايۋاتىدۇ . شۇڭا يوقۇرىدا ئېيتقان دورىلىرىڭىزدىن تەييارلاپ قويۇلغىنى بولسا ئاپامغا ئىشلىتىپ كۆرگەن بولسام . ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا مېنىڭ كوت – كوت نومېرىمنى قوشىۋالغان بولسىڭىز ، مېنىڭ نومۇرۇم 1741350879

    • #12

    • #13
      ماھىرە

      ئەسسلاممۇ ئەلەيكۈم!سىزدە مۇ شۇ رىستىپتىن تەييارلانغان دۇرا بارمىدۇ ؟

    • #14
      ماھىرە

      ئەسسلاممۇ ئەلەيكۈم!سىزدە مۇ شۇ رىستىپتىن تەييارلانغان دۇرا بارمىدۇ ؟

    • #15
      hankiz

      ياخشىمۇ سىز بىرزات ئەپەندى .
      مىنىڭ ئاپامنىمۇ دوختۇرلار شۇنداق دىگەن. دائىم پۇتۇم -قۇلۇم، پۇتۇن بەدىنىم ئاغرىيدۇ دەيدۇ ، . قۇلىنى باش تەرىپىگە بەك ئۇستۇن قىلالمايدۇ .. تەكشۇرىتسەك رىماتىزىم بەك ئىغىر دەيدۇ .
      قەشقەرگە بارماقچى ئىدىم شۇڭا بۇ دۇرىلار دۇكىنىڭىزدا بولسا سىتىۋالاي دىگەن . .ئاۋال ئاللا ئاندىن قالسا سىزنىڭ دۇرىڭىز بىلەن ئاپامنىڭ بۇ كىسىلى ساقىيىپ كەتسە دىگەن ئۇمىتتە مەن …

    • #16

    • #17
      wujiaxim

      سىز دە يۇقارقى دىگەن دۇرىلار بارمۇ ئەگەر بولسا مەن سىز بىلەن ئالاقىلاشماقچى ئىدىم

    • #18
      wujiaxim

      سىز دە يۇقارقى دىگەن دۇرىلار بارمۇ ئەگەر بولسا مەن سىز بىلەن ئالاقىلاشماقچى ئىدىم

    • #19
      sarmi

      ئەسىسالاممۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى ،ياخشىمۇ سىز بۇ تېمىنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولدۇم . چۈنكى مەن رىماتىزىم كېسىلى بولۇپ قالغانغا خېلى بولغان .
      ئەگەر مۇمكىن بولسا سىز بىلەن پاراڭلىشاي دىگەن ئىدىم
      مېنىڭ كوت – كوت نومېرىمنى قوشىۋالغان بولسىڭىز ، مېنىڭ نومۇرۇم 1152716764
      رەخمەت سىزگە .
      ئاللاھ ئىشلىرىڭلارغا بەركەت بەرسۇن

    • #20

    • #21
      salima

      مىنىڭ قان ىشلەش ەزايىمدا قىتىشىش كىسىلى بار،داۋاسى بارمىدۇ؟ 【ۇ ەزايىمنىڭ ىسمىنى يازالمىدىم كەچۈرۈڭ.】 مىنىڭ كوت-كوت نومۇرۇم 1274858552بولسا مېنى قېتىۋالسىڭىز،اللا سىزدىن رازى بولسۇن.[مەسلىھەت سوراي دىكەن.]

    • #22

    • #23
      polatjan

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !بىر زات ئەپەندى
      مىەن 25 ياش ،مەن ھەر كۈنى .ەتىگەن تۇرغاندا 2 پۇتۇم ناچايىتى تىلىپ ئاغرىيدۇ ،ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھەر كەت كىل غان اىن باشلاپ ئھغرىش توختايدۇ.بۇمۇ رىماتىزىمنىڭ ئالامەتىمۇ ؟مەن قانداق داۋالانسام ئۈنۈم بىرىدۇ ؟سەمىمى مەس لىھەتىڭىز نى ئايىمىغايسىز~

    • #24

    • #25
      marhaba727305

      ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى،ياخشىمۇ سىز،سىزنىڭ رېماتىزىم كېسىلى توغرىسىدا يوللىغان پايدىلىق ئۇچۇرلىرىڭىز مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى.ئاشۇ رېتسىپلارنىڭ خالىغان بىرىنى قوللانساق بولامدۇ؟ ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا،شۇ رېتسىپلارغا ئاساسەن ماڭا بىر دورا تەييارلاپ بەرگەن بولسىڭىز تولىمۇ خۇرسەن بولغان بولاتتىم.38 ياشقا كىردىم .نەچچە ئاي بولدڭ دوختۇرغا كۆرۈنسەم رىماتىزىم دەپ دىئاگۇنۇس قويدى شۇدىن بېرى ىئزچىل داۋالىنىپ كېلىۋاتىمەن بىلمىدىم تازا ئۈنىمى تازا ياخشى بولمايۋاتىدۇ مەن راستىنلا سىز دىگەندەك ئۈزۈل-كېسىل ساقىيىپ كېتەرمەنمۇ ؟ ،بۇ كېسەل خىزمەتلىرىمگە كۆپ قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى…

    • #26

    • #27
      ayimnisa

      يۇقارقى يازمىڭىزنى ئوقۇپ ناھىيىتى خوشال بولدۇم، مەندىمۇ شۇ رىماتىزىم كىسىلى بار ئىدى، ئۈنۈملۈك داۋالىنالماي كەلگەن ئىدىم، خالىسىڭىز ، ۋاختىڭىز يەتسە ماڭىمۇ بىر كۇرۇس داۋالىنىش پۇرسىتى يارىتىپ ، ئەشۇ دورىلىرىڭىزدىن بەھرىمان قىلغان بولسىڭىز ، مەن ياندۇرالمىسام ئاللا ئىگەمدىن يانار ئىدى، مەنمۇ ئاللا ياندۇرار دەپلا قاراپ تۇرمايتتىم، ئازابىنى بەك تارتىپ كەتتىم، ئاۋارە قىلدىم. رەھمەت

    • #28

    • #29
      bahwan

      مەندىمۇ رىماتىزىم كېسىلى بار

    • #30
      bahwan

      مەندىمۇ رىماتىزىم كېسىلى بار

    • #31
      zubayda

      مىنڭ ئۆت ياللۇقۇم بار ئىدى ،بىر ھەپتىدىن ئېشىپ كەتتتى .ئوڭ تەرەپ غۇلام بەك ئېچىشىپ ئاغىرىپ كىتۋاتىدۇ.بۇنىڭ شىپاسى بارمىدۇ .يەنە بەك تۇلا ئەسنەيمەن.بۇمۇ بىر كېسەللىكمۇ؟

    • #32
      zubayda

      مىنڭ ئۆت ياللۇقۇم بار ئىدى ،بىر ھەپتىدىن ئېشىپ كەتتتى .ئوڭ تەرەپ غۇلام بەك ئېچىشىپ ئاغىرىپ كىتۋاتىدۇ.بۇنىڭ شىپاسى بارمىدۇ .يەنە بەك تۇلا ئەسنەيمەن.بۇمۇ بىر كېسەللىكمۇ؟

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...