ياشلاردا راستىنلا قان سوۋۇش، ئەرلىك زەئىپلىك ئېغىرلاپ كېتىۋاتامدۇ؟

تۇرمۇش، تېرىكچىلىك ئۇسۇلىمىزدىكى جىددىيچىلىك سەۋەبلىك شەھەرلەردە قۇياش نۇرىغا تۇيۇنغىدەك قاقلىنالمىغاننى ئاز دەپ ھاۋا تەڭشىگۈچ، توڭلاتقۇدىكى مۇزلۇق ئىچىملىكلەر، مۇزلىتىلغان گۆش، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلار كەبىي قاننى سوۋۇتۇپ، پەي-ئەسەپلەرنى بوشىتىدىغان يېمەك-ئىچمەك ۋە ۋاقىتلىق بولسىمۇ راھەت قوغلىشىدىغان زامانىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىگە كۆنۈپ قالدۇق. ياشلارنىڭ ئۆزىنى ئاسىراش، سالامەتلىككە دىققەت قىلىش، مىزاجىغا بىقىپ ئوزۇقلىنىش قارىشى يىتەرسىز بولغاچقا چوڭلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەسكەرتمىلىرىگە ئاڭسىز رەۋىشتە بىپەرۋا قارايدۇ. بەدەن سوغۇق، كەيپىيات ئېغىر، پەيلەر بوشاشقان ئەھۋالدا تېۋىپ يېنىغا بىرىپ تومۇر تۇتقۇزماقچى بولىدۇ. ياشلارنىڭ تومۇرىنى تۇتقان كۆپۈنچە تېۋىپلارنىڭ دەيدىغىنى: بۆرەك سوۋۇپ كېتىپتۇ. قاننىڭ ھەركىتى ئاجىز، ئومومىي بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق، قۇۋۋەتنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىزلىغان. پەي-مۇسكۇللار بوشاپ قۇۋۋەت تۆۋەنلەپتۇ. سوغۇق ئىچىملىك، ئاچچىق، يەللىك، قېتىق، دوغاپ دېگەندەكلەرنى ئىچمىسىلە، بەدەن چىنىقتۇرۇپ قاننى قىززىتىپ بەرسىلە…

تېۋىپلارنىڭ تومۇرىنى تۇتقانلىكى ياشلارنى بۆرەك سوۋۇپتۇ، پەي ئاجىز دېيشىدىكى مەقسەت پۇل تېپىشمىدۇ ياكى زامانىمىز ياشلىرىدا راستىنلا قان سوۋۇش، ئەرلىك زەئىپلىك ئېغىرلاپ كېتىۋاتامدۇ دېگەندەك سۇئاللارنى سورىغانلار كۆپ بولدى. مېنىڭ قارىشىمدا كوچا-كويلاردىكى ئاز بىر قىسىم تېۋىپ سىياقىدىكى كىشىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا پەزىلەتلىك تېۋىپ يوق يەردىن گەپ تېپىپ بىمارنىڭ ئاجىز پىسخىكىسىغا ھۇجۇم قىلىپ چۆنتەكتىكى <<ئاقچا>> نى ئىلىش كويىدا بولمايدۇ. زامانىمىز ياشلىرىدا مىزاج تىز سۈرئەتتە سوۋۇپ كىتىۋاتقىنى زىيادە كۆپتۈرۋېتىلگەن مۇبالىغە ئەمەس. ئۆتكەندە بىر ئاقساقال كىشى ياشلار ھەققىدە پاراڭ قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: ھازىرقى ياشلاردا نېمە ئىشكى كوچىدا ماڭسا بىر قۇتا ئىچىملىككە ئىسىلىۋالىدىكەن. بىزلەر كىچىكىمىزدە 15- 16 ياشقا كىرىپ بولغۇچە خوتۇن ئالساق دەپ تۇراتتۇق. ھازىر بۇ باللا 30 ياشقا كىرىپ كەتسىمۇ خوتۇن ئىلىشقا بىلى بوش كىلىپ بويتاق يۈرۈۋېرىدىكەن. بۇ ئاشۇ ئىچىملىكلەر بىلەن بۇ باللارنىڭ ئەمگەك قىلماسلىقى، چىنىقماسلىقى سەۋەبىدىنمىكى دەيمەن.

كۆزىتىشىمچە زامانىمىز ياشلىرىنىڭ تەن ساپاسىدىكى كۆرۈلىۋاتقان سۈپەت مەسىلىسىدە بەزى بىر روھىي ئامىللار يەنى چۈشكۈنلۈك، ئىرادىسىزلىك، ھورۇنلۇق، شەھۋەت ۋە كەيىپ قىلغۇچى (نەشە، مەجۈن، چۇمادۇ، ھاراق دېگەندەك) نەرسىلەرگە بىرىلىش، ئانانىزىمغا ئۈگۈنۈپ قىلىش، سوغۇق ئىچىملىك ۋە ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، سوغۇق كۈنلەردە يىلىڭ كېيىنىش، شەھۋانىي موھىيت دېگەندەك ئامىللار ئاساسلىق ئامىللار ئىكەن. قېنى تورداش سىزمۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشمامسىز؟ زامانىمىز ياشلىرىدىكى روھىي ۋە جىسمانىي ساقسىزلىقنىڭ يەنە قانداق سەۋەبچى ئامىللىرى باردۇ؟!!

تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

ئەرلەرنى كېسەلچان قىلىۋاتقان سەۋەبلەر

جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشى (ئەركەكلەر)

ئىچىملىككە برىلگەنلەر توغرىسىدا

بۆرەك ئاجىزلىقىنىڭ ئالامەتلىرى The Symptoms of Kidney Weakness

جىنسىي ئالاقىدا مەنىي تېز كېتىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەققىدە

بۆرەككە زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسىراش چارىلىرى

مەزى بېزىگە زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسراش چارىلىرى


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      bortala

      نەچچە يىل ئاۋال خوتەن قارىقاش ناھىيىلىك شىپاخانىدا، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ساھەسىدىكى پىشقەدەم ئۇستاز روزى باقى ھاجىم بىلەن قايسى ئەزا بەدەندىكى ئەڭ مۇھىم رەئىس ئەزا دېگەن مەسىلە ھەققىدە پىكىرلىشىش نىسىپ بولدى. كەسىپداشلارنىڭ بەزىلىرى ئەنئەنىۋى قاراشتا(ئۈچ رەئىس ئەزا_ يۈرەك، مېڭە، جىگەر) چىڭ تۇردى، بەزىلىرى بولسا جۇڭيى تېبابىتىدىكى بۆرەك رەئىسلىك قارىشىنى ياقىلىدى. يەنە بەزىلىرى بىرى رەئىس، بىرى خادىم ئەزا دېگەن قاراشقا قارشى تۇردى. نۆۋەت بويىچە مەنمۇ ئۆز قارىشىمنى بايان قىلىشقا قىستالدىم ۋە ئادەمدە روھ يەنى ئىدىيە رەئىس بولۇشى مۇمكىن دېگەن قىياسىم(خىيالىم)نى سۆزلەپ باقتىم. شۇنىڭغا مۇناسىپ بەزى مىساللارنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. روزى باقى ھاجىم سورۇندا ئوخشىمىغان قاراشلارنى نىتىراللاشتۇرغۇچى بولدى.
      بۇ تېمىدا ئەرلىك ئىقتىدارسىزلىقنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم سەۋەپلەر ئاساسەن دېيىلىپ بوپتۇ. مېنىڭ قوشۇمچە قىلىپ قويىدىغىنىم، يۇقارقى سەۋەپلەردىن سىرت، ياشلارنىڭ جىنسىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشىمۇ ئۇلارنىڭ ئەرلىك قۇۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بەزىلەر جىنسىيەتكە نىسبەتەن ناھايىتى ئاينىغان قاراشتا بولۇپ، ھاياتىدا يات جىنىستىن باشقا مەۋجۇدىيەت ۋە قىممەت يوقتەك ياشايدۇ. ئۇلار كونا تامنىڭ تۆشۈكلىرىگىمۇ شەھۋەت بىلەن قارايدۇ. يەنە بەزى ئاز ساندىكىلەرنىڭ خىيال دۇنياسىدا يات جىنىسلارغا ھېچقانچە ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. يات جىنىسلارغا نىسبەتەن زىيادە سەزگۈر بولۇش بىلەن ئۇلارغا سىزىمى زىيادە تۆۋەن بولۇشنىڭ ھەر ئىككىلىسى بەدەندە ھورمۇن تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ۋە شۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئىنتىلىشنىڭ بالدۇر ئاجىزلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

    • #2
      tfr

      تامنىڭ تۆشىكىگىمۇ شەھۋەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ،،، ھا ھا ھا ما گەپكە شۇنداقمۇ كۈلگۈم كەلدى. ھىلىقى بەزى شائىرلارنىڭ نەزىرىدە قۇم دۆۋىلىرىمۇ ئاياللارنىڭ يالىڭاچ كۆكسىدەك كۆرۈنۈپ ھېسياتى ئويناقشىپ كىتەركەنمىش. شەھەرلىشىش بىلەن يالىڭاچلىشىش تەڭ ماڭىدىغان چېغى، يالىڭاچ موھىتتا ياشاۋەرگەن ئوغۇلبالىمۇ غىدىقلىغۇدەك يالىڭاچلىقنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ كۆزى تويۇپ قىلىپ شەھۋىتى سۇسلاپ قىلىشى، بەزى يېزا-سەھرادا ياشىغۇچى، قېنى قىززىپ شەھۋىتى كۆيدۈرۈپ كونا تامنىڭ تۆشىگى، قۇم دۆۋىلىرىمۇ كۆزىگە ئاياللىق جەزبىدە كۆرۈنىشى مومكىن. شۇنداق يۇقۇردىكى ئىنكاستا ئېيتىلغاندەك ھورمۇن تەڭپۇڭسىزلىقى كۆرۈلسە ئوخشاشلار ياشلاردا روھىي ۋە جىسمانىي كېسەللەرنى پەيدا قىلىشى مومكىن. تېما ئوبدان باشلىنىپتۇ…ياشباللا كىيىن ئىچىگە تىنىپ خوتۇنى ئالدىدا يۈزى تۆۋەن ياشىغۇچە گۈلدەك ۋاقتىدا ئۆزىنى ئاسرىغىنى تۈزۈك ئىكەن.

    • #3
      Birzat

      [quote=bortala]نەچچە يىل ئاۋال خوتەن قارىقاش ناھىيىلىك شىپاخانىدا، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ساھەسىدىكى پىشقەدەم ئۇستاز روزى باقى ھاجىم بىلەن قايسى ئەزا بەدەندىكى ئەڭ مۇھىم رەئىس ئەزا دېگەن مەسىلە ھەققىدە پىكىرلىشىش نىسىپ بولدى. كەسىپداشلارنىڭ بەزىلىرى ئەنئەنىۋى قاراشتا(ئۈچ رەئىس ئەزا_ يۈرەك، مېڭە، جىگەر) چىڭ تۇردى، بەزىلىرى بولسا جۇڭيى تېبابىتىدىكى بۆرەك رەئىسلىك قارىشىنى ياقىلىدى. يەنە بەزىلىرى بىرى رەئىس، بىرى خادىم ئەزا دېگەن قاراشقا قارشى تۇردى. نۆۋەت بويىچە مەنمۇ ئۆز قارىشىمنى بايان قىلىشقا قىستالدىم ۋە ئادەمدە روھ يەنى ئىدىيە رەئىس بولۇشى مۇمكىن دېگەن قىياسىم(خىيالىم)نى سۆزلەپ باقتىم. شۇنىڭغا مۇناسىپ بەزى مىساللارنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. روزى باقى ھاجىم سورۇندا ئوخشىمىغان قاراشلارنى نىتىراللاشتۇرغۇچى بولدى.
      بۇ تېمىدا ئەرلىك ئىقتىدارسىزلىقنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم سەۋەپلەر ئاساسەن دېيىلىپ بوپتۇ. مېنىڭ قوشۇمچە قىلىپ قويىدىغىنىم، يۇقارقى سەۋەپلەردىن سىرت، ياشلارنىڭ جىنسىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشىمۇ ئۇلارنىڭ ئەرلىك قۇۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بەزىلەر جىنسىيەتكە نىسبەتەن ناھايىتى ئاينىغان قاراشتا بولۇپ، ھاياتىدا يات جىنىستىن باشقا مەۋجۇدىيەت ۋە قىممەت يوقتەك ياشايدۇ. ئۇلار كونا تامنىڭ تۆشۈكلىرىگىمۇ شەھۋەت بىلەن قارايدۇ. يەنە بەزى ئاز ساندىكىلەرنىڭ خىيال دۇنياسىدا يات جىنىسلارغا ھېچقانچە ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. يات جىنىسلارغا نىسبەتەن زىيادە سەزگۈر بولۇش بىلەن ئۇلارغا سىزىمى زىيادە تۆۋەن بولۇشنىڭ ھەر ئىككىلىسى بەدەندە ھورمۇن تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ۋە شۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئىنتىلىشنىڭ بالدۇر ئاجىزلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
      ئىنكاسقا جاۋاپ قايتۇرۇش
      [/quote] ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر:
      قاراقاش ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدىكى كەسىپداشلار بىلەن پىكىرلەشكەندە سىلى ئوتتۇرغا قويغان روھ رەئىس بولىشى مومكىن دېگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قويۇپ بەزى مىساللارنى كەلتۈرۈپ دەپسىلە، ئۇ مىساللاردىن بىزنىمۇ خەۋەردار قىلسىلا بولامۇ؟

    • #4
      bortala

      روھ، ئىدىيە ۋە ئاڭ دېگەن ئاتالغۇلار ئۆز-ئارا مەنىداشمۇ ياكى بەزى پەرىقلىق مەنىلەرگە ئىگەمۇ، بىلمىدىم. بۇنداق ئاتالغۇلارنىڭ كۆپىنچىسى باشقا تىللاردىن كىرگەچكە، ئېنىق ۋە پەرىقلىق مەنىسىگە قارىتا چۈشەنچە توغرا بولماسلىق ھەممىمىزدە ئازدۇر-كۆپتۇر مەۋجۇت مەسىلە دەپ ئويلايمەن. پەقەت مېنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىم، ماددىي تەننىڭ ئەكسى بولغان روھىي دۇنيايىمىز.
      تەندىكى ماددىي ئەزالاردا باشقۇرۇش ۋە باشقۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى تولىمۇ نىسپىي بولىدۇ. بەزىدە باشقۇرۇلىدىغان ئەزا باشقۇرىدىغان ئەزانى باشقۇرىدۇ ياكى سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئۆز ساقسىزلىقى بىلەن ئۆزىنى باشقۇرىدىغان ئەزالارنىمۇ كارغا كەلمەس قىلىپ قويىدۇ. ئەمما تەن ۋە روھ مۇناسىۋىتى سەل ئۆزگىچە بولۇپ، روھى جەھەتتىكى ساقسىزلىق بىۋاستە ھالدا تەننىڭ ساقسىزلىقىنى پەيدا قىلىدۇ-دە، ئادەم روھىي جەھەتتىن كۆڭۈلسىزلىككە ياكى ئەندىشىگە يۇلۇقسا، تەندىكى خىلىت ۋە مى‍زاجنىڭ قانچىلىك نورمال بولىشىدىن قەتئىينەزەر، تەن ناھايىتى تېزلا بىنورماللىققا ئۆزگىرىپ، ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ، ئۇيقۇ قاچىدۇ، تومۇرلار تارىيىپ، قان ئايلىنىش قالايمىقانلىشىدۇ…لېكىن تەن ساقسىزلىقى بىۋاستە روھىي ساقسىزلىقنى پەيدا قىلالمايدۇ> يەنى ئايرىم ھاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، روھ يەنىلا ناھايىتى نورمال ۋە كۆتۈرەڭگۈ ھالەتنى ساقلاپ قالالىشى مۇمكىن. مەسىلەن: قورساقنىڭ ئېچىشى، ئۇسساش، نېرۋىنىڭ چارچىشى، توڭۇش ياكى ئىسسىپ كىتىشلەرنىڭ بىر ئادەم روھىي جەھەتتىن ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ ۋە خۇشال پەيتلەردە ئۇنتۇلۇپ كىتىلگىنىگە ئوخشاش.
      يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيىتقاندا، بەزى بەدەنگە مەلۇم زىيىنى بار يېمەكلىكنى يىگەندە، شۇ يىمەكلىكنىڭ زىيىنىنى بىلگۈچى بىلەن بىلمىگۈچىنىڭ ئۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. يەنى ئۆزىگە زىيان قىلىدۇ دېگۈچىگە، ھېلىقى يىمەكلىك تولۇق ۋە تېزرەك زىيان قىلىدۇ؛ ئۆزىگە زىيان قىلىشىنى بىلمەيدىغان كىشىگە بولسا، ئانچە زىيان قىلمايدۇ ياكى ئاستا زىيان قىلىدۇ. پايدىلىق يېمەكلىك بولسىمۇ، ئادەم بەدىنىگە يۇقارقىدەك پەرىقلىق تەسىرلەرنى بېرىدۇ. بۇ بەلكىم ئادەم روھىنىڭ بەدىنىمىزدىكى قۇبۇل قىلىش ئاپپاراتلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن.
      بەزىدە، بىر تېۋىپقا ياكى دورىغا ئىشەنچ قىلمىساڭ پايدا قىلمايدۇ دېگەندەك گەپلەرنى كۆپ ئاڭلايمىز. مېنىڭ بايقىشىمچە، روھ ئادەم بەدىنىگە كىرگەن زىيانلىق نەرسىلەرنىڭ بەكرەك زىيان قىلىشى ياكى ئانچە زىيان قىلماسلىقىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. بەزى زىيانسىز نەرسىلەرمۇ يىگۈچى تەىپىدىن زىيانلىق دەپ قارالسا، زىيانلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ، پايدىلىق نەرسە پايدىسىز دېگەن قاراش بىلەن ئىستىمال قىلىنسا، پايدا قىلالمايدۇ.
      مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي. باشقىچە پىكىرلەرنى ئاڭلاش داۋامىدا قالغىنى تولۇقلىنىپ قالار.

    • #5
      bortala

      خىلىت ۋە مىزاجنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆپىنچە ھاللاردا يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدىن ئىزدەيمىز. ئەمما ھەمىشە ئوخشاش ئوزۇقلىنىدىغان ياكى ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ مىزاجى ناھايىتى پەرىقلىق بولىدۇ. روھىي جەھەتتىكى جىددىيلىك كىشىدە سەپرا خىلىتىنىڭ ئىشلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ؛ چۈشكۈنلۈك سەۋدا خىلىتىنىڭ، خاتىرجەملىك قان خىلىتىنىڭ، بىكارچىلىق ۋە بىغەملىك بولسا بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپ ئىشلەپ چىقىرىلىش ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەسلىدىكى غالىپ خىلىت روھىي ھالەتنىڭ قانداق بولۇشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. لېكىن خىلىتنىڭ روھقا تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسى ۋە تېزلىكى روھنىڭ خىلىت ئۆزگىرىشىگە تەسىر قىلىش دەرىجىسى بىلەن تېزلىكىدەك يۇقىرى بولالمايدۇ دەپ ئويلايمەن.

    • #6
      ھىدايەت

      ئەركەكلىرىمىز يازغۇچى نۇر مۇھەممەت ئۇچقۇننىڭ «دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ»ۋە«توپان بالاسى راستىنلا ھاجەتمۇ »دىگەن ماقالىلىرىنى ئوقۇپ باقسا ،ئانانىزىمدەك بولمىغۇر قىلىقلاردىن قۇتۇلۇشقا مەنىۋى جەھەتتىن پايدىسى بار دەپ ئويلايمەن.
      «دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ»نىڭ ئادىرىسى:
      http://bbs.karahijran.com/read.php?tid=631
      «توپان بالاسى راستىنلا ھاجەتمۇ »نىڭ ئادىرىسى:
      http://www.xsada.com/show.asp?id=103

    • #7
      xir9999

      ياخشىمۇسىز مىنىڭ مەسلىھەت سورايدىغان ئىشىم باتتى قانداق سورايمەن خەت قالدۇرامدىمەن ئىنكاس شەكلىدە

    • #8
      muptila

      ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم Birzat چ چ نۇمۇرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز مىنىڭ 312949715مەسلەت سوراي دىگەن

    • #9
      hairegul

      assslsmualaykum birzat apandi siz bilan paraglixay digan kot-kot numurigizni dap bargan bolsigiz?awara kildim

    • #10
      hairegul

      assslsmualaykum birzat apandi siz bilan paraglixay digan kot-kot numurigizni dap bargan bolsigiz?awara kildim minig kot-kot numurum 962611139,siznig uqurigizni kutiman

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...