ئۈزۈمنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە شىپالىق رولى

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن ( بىرزات)

ئۈزۈم بۇرۇندىن مەشھۇر مېۋە بولۇپ ئادەتتە مېۋە ئورنىدا ئىستىمال قىلىنغاندىن سىرت ئۇيغۇر تېبابىتىمىزدە  ئۈزۈمدىن ھەر خىل شاراب-ئىچىملىكلەرنى، شىرنە، سىركە دېگەندەكلەرنى تەييارلاپ ساقلىقنى ساقلاش ۋە كېسەل داۋالاشتا ئەتۋارلىنىپ ئىشلىتىلىدۇ. ياشانغان كىشىلىرمىز ئارىسىدا ئەتتىگەندە ناشتىدا ئۈزۈم بىلەن نان يېسە ئادەمنى ياشارتىدۇ دەيدىغان قاراش بار. ئۈزۈم بىلەن نان يېسە سۈننەت دەيدىغان گەپلەرنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمەلىيەتتىمۇ مەيلى قۇرۇق ئۈزۈم بولسۇن ياكى ھۆل ئۈزۈم بولسۇن نان بىلەن يېسە ئالاھىدە ئېسىل ۋە يېيىشلىك بولىدۇ. ئۈزۈمنىڭ شىپالىق رولى ھەققىدە ئۇيغۇر تېبابەت مەنبەلىرىدە شۇنداق بايانلار بار: قايسى خىل سورتتىكى ئۈزۈم بولمىسۇن تەبئىتى ھۆل ئىسسىق. ئۇرۇقى: قۇرۇق سوغۇق. 

شىپالىق رولى: ساپ قان پەيدا قىلىش، قاننى جانلاندۇرۇش ۋە ساپلاشتۇرۇش،  ئۈچەينى تازىلاش قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، بەدەننى سەمىرتىش، ماغدۇرسىزلىقنى داۋالاش، زىھنى قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ ئۇنتىغاقلىقنى داۋالاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئۇرۇقىنىڭ مۇسكۇللارنى چېڭىتىش، مەنىينى تورمۇزلاش دېگەندەك رولى بار. تېبابىتىمىزدە ئىشلىتىلىدىغان ئۈزۈم خوتەن دىيارىدا كۆپ ئۆستۈرىلىدىغان قىزىل ئۈزۈمنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۇندىن قالسا قەشقەر بەشكىرەم، ئاتۇش موناقى ئۈزۈملىرى، تۇرپان كىشىمىشلىرى تەم، سۈپەت جەھەتتە ياخشى. لىكىن تۇرپاننىڭ كۆك كىشىمىشلىرىنى چىرايلىق، كۆرۈنىشى ئۇز قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيېنى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن تېۋىپلار دورىلانغان ئۈزۈمنى ئىستىمال قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

دىيارىمىزدا ئۈزۈمنىڭ ئۆستۈرلۈشى بەك قەدىمىيلىككە ئىگە بولۇپ ماتېرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ئۈزۈم دىيارىمىزدا 2000 نەچچە يۈز  يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ كىيىنچە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىلىپ بىرىپ ئۆستۈرگەن ئىكەن. ياۋرۇپالىقلار ئۈزۈمدىن ۋىنو (ئۈزۈم ھارىقى) ئىشلەپ كەڭ ئىستىمال قىلىدىكەن.

ئۈزۈمنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى:

ئۈزۈم تەركىبىدە ۋىتامىن  ئا، ۋىتامىن ب2 ، ۋىتامىن ب12، ۋىتامىن س ، ۋىتامىن ې، فلاۋونوئىد، شۇنىڭدەك كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كالىي، ناترىي، ماگنىي، مانگان قاتارلىق مېنىرال ماددىلار بار.

ئۈزۈم قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنى توسىدۇ، قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ ھەمدە بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتىدۇ. ئۈزۈم ساغلام ھۈجەيرىلەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىنى توسىدۇ ھەمدە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈزۈم باكتتىرېيە ۋە ۋىرۇستىكى ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ، ئۇلارنى كېسەل تارقىتىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، ئۈزۈمنىڭ يۇلۇن سۇر ماددا ۋىرۇسى ۋە باشقا بەزى ۋىرۇسلارغا قارىتا ناھايىتى ياخشى ئۆلتۈرۈش رولى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە ئانتىتېلا  (抗体 kàng tǐ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى) پەيدا قىلىدۇ.

ئۈزۈمنىڭ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بىرىش رولى بار بولۇپ تال، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ئۈزۈم جىگەر، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ ياخشى خىلىت پەيدا قىلىدۇ. پەي-مۇسكۇللارنى چىڭىتىدۇ. قۇۋۋەتنى ، قاننى تولۇقلاش، كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار. قۇرۇق ئۈزۈمنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بەرسە قان پىلاستىنكىسى ئازىيىپ كېتىشنى داۋالاش رولى بار. قان ئازلىق، يۇقۇرى قان بېسىم، سۇلۇق ئىششىق، نېرۋا ئاجىزلىققا گېرىپتار بولغانلار، چارچاپ كەتكەنلەر ئۈزۈمنى كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدۇ. قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە شېكەر، تۆمۈر مىقدارى بىر قەدەر يۇقۇرى بولۇپ ، بالىلار، ئاياللار، تېنى ئاجىزلار، قان ئازلىققا گېرىپتار بولغانلار قۇۋۋەت تولۇقلاش ئوزۇقلىقى سۈپىتىدە ئېستىمال قىلسا ياكى مېغىزلار بىلەن سوقماق تەييارلاپ ئىستىمال قىلىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. (خوتەننىڭ قىزىل ئاپتاۋى ئۈزۈمى ئالاھىدە ياخشى)

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار:

ئۈزۈمنىڭ قەنت مىقدارى يۇقۇرى بولۇپ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۈزۈم ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتشى لازىم.

ئۈزۈمنى دىھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇرق زەھىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پاكىز يۇيۇپ ئىستىمال قىلىش كېرەك.

ئۈزۈم يېگەندىن كىيىن دەرھال سۇ ياكى چاي ئىچمەسلىك كېرەك. بولمىسا ناھايىتى ئاسانلا ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ.

ئۈزۈم يېسە ئىچى سۈرۈپ كېتىدىغانلار ئۇرۇقىنىمۇ قوشۇپ يېسە ئېچى سۈرمەيدۇ.

 


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      GoodLuck

      ئۇرۇقىنىمۇ قوشۇپ يىسە ئىچى سۈرمەيدۇ.
      ————————————
      بولىدىغان گەپكەن ماۋۇ .

    • #2
      塔依尔

      ئەسسىلامۇئەلەيكۇم! بىرزات ئەپەندى.سىزدىن سورايدىغان مەسلىھەتىم بار ئىدى مۇمكىن بولسا چ چ نۇمۇرىڭىزنى قوشۇۋالسام مىنىڭ 63635970

    • #3
      UQKUR001

      «80خالتا» ئەپەندى ، سڭزمۇ تاۋباۋ تورىدا دۇكان ئاچقان بولسىڭىز ، بىزنىڭ مال سىتىۋىلىشىمىزمۇ ئاسانلاشقان بولاتتىكەن

    • #4
      izdan282

      «80خالتا» ئەپەندى ، سڭزمۇ تاۋباۋ تورىدا دۇكان ئاچقان بولسىڭىز ، بىزنىڭ مال سىتىۋىلىشىمىزمۇ ئاسانلاشقان بولاتتىكەن

    • #5
      izdan282

      hgjghjghj

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...