كۈز- قىش پەسلىدىكى بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان 4 خىل مېۋە

بىرزات ئىلاۋىسى:ھەر قايسى ئىقلىم ۋە جۇغراپىيلىك شارائىت، يېمەك-ئىچمەك، ئوزۇقلىنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتى، گېن-ئىرسىيەت ئامىلى دېگەندەك پەرقلەر سەۋەبلىك ھەر قايسى ئىقلىملاردا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىدە رۇشەن ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. شۇ سەۋەب ھەر قايسى جايلاردا تېرىپ ئۆستۈرىلىدىغان ئۆسۈملۈك-كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە بىرىدىغان تەسىرىدىمۇ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت. مەسىلەن: جۇڭگۇ تېبابىتىدە يۇمغاقسۈتنىڭ تەبئىتىنى ئىسسىق ياكى ئىسسىققا مايىل دەپ تەبىر بىرىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە يۇمغاقسۈتنى ئۆتكۈر دەرىجىدە سوغۇق دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككىلا قاراشنى ئوتتۇرغا قويغۇچىلارنىڭ قاراشلىرى ئۆز ئەمەلىيىتى ئاساسىدا ئوتتۇرغا چىققان بولۇپ بىرسىنىڭ قارىشىنى توغرا، يەنە بىرسىنىڭكىنى خاتا دەپ قاراش مۇۋاپىق ئەمەس، چۈنكى ئالدىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك پەرقلىق مىزاج ئالاھىدىلكىگە ئاساسەن يېمەكلىكلەرنىڭ بىرىدىغان تەسىرىدىمۇ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت. خەنزۇچە ياكى باشقا ئەل-خەلقلىرىنىڭ ساغلاملىق ۋە ئوزۇقلۇقلارنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدىكى تەرجىمە ماقالىلەرنى ئوقۇغاندا يۇقۇردا دەپ ئۆتكەن نۇقتىلارغا دېققەت قىلغايسىز! بىزنىڭ بەدىنىمىز ۋە ساغلاملىقىمىز تەكلىماكان بويلىرىدىكى قۇرغاق كىلىمات ۋە شۇ تۇپراقتا ئۆسۈپ چىققان نىئمەتلەرنى ئىستىمال قىلىش نەتىجىسىدە شۇنىڭغا مۇناسىپ مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان. ئۇيغۇر تېبابىتىمۇ شۇ ئاساستا تەرەققى قىلغان. تۆۋەندە خەنزۇچە ئائىلە دوختۇرى لىنىيىسىنىڭ <<كۈز- قىش پەسلىدىكى بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان 4 خىل مېۋە>> ماۋزۇسىدىكى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈلگەن ماقالىدە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان مېۋىلەر قاتارىدا ئۈزۈم، ئۈجمە قاتارلىقلارنى ساناپ قىلىپ ئارقىدىن قارقات ۋە چىلاننىمۇ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ دەپ چۈشەنچە يازىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ قارىشىدا ئالدىدىكى ئىككى خىل مېۋە ئىسسىقلىق ۋە قۇۋۋەت تەسىرىدىن بۆرەك ۋە باشقا رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ. كىيىنكى ئىككى خىل مېۋە بولسا قۇرۇق سوغۇققا تەۋە بولۇپ ئاساسلىقى قاننى سۈيەلتىپ قان تازىلاش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، ئىسسىقنى ئىلىش خۇسۇسىيەتلىرى بار. دېمەك ئىسسىق مىزاجلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كەلگىنى بىلەن سوغۇق مىزاج كىشىلەر كۆپ ئىستىمال قىلسا بەلكىم بەدەن-قاننى سوۋۇتۇپ بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشى مومكىن.  شۇڭا تەرجىمە ماقالىلەرنى كۆرگەندە رېتسىپ ۋە يېمەكلەرنىڭ بىزنىڭ بەدەن ھالىتىمىزگە، مىزاجىمىزغا ماس كىلىش-كەلمەسلىكىگىمۇ ئەھمىيەت بەرگەيسىز! تۆۋەندە مەزكۇر ماقالە دېققىتىڭىزدە بولىدۇ:

____________________ بىرزات

ئائىلە دوختۇرى لىنىيىسى خەۋىرى:

1.ئۈزۈم
كۈز، قىش پەسلى ئۈزۈم كۆپ مىقداردا بازارغا چىقىدىغان ياخشى پەيت، ئوزۇقلۇق قىممىتىدىن قارىغاندا، ئۈزۈمدە مېنرال ماددىلاردىن كالىتسىي، كالىي، فوسفور، تۆمۈر ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بولۇپلا قالماي، يەنە ئادەمنىڭ تېنى ئېھتىياجلىق كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالار بار. جۇڭگو تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، ئۈزۈم تەمى تاتلىق، چۈچۈمەل بولۇپ، تال، ئۆپكە، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۈزۈمنى كۆپ يېگەندە قاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ جىگەرنى ئاسرايدۇ. زور مىقداردىكى تىببىي تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۈزۈم بۆرەك ياللۇغى بولغان بىمارلارنى ئەسلىگە كېلىشىدە بەلگىلىك قوشۇمچە داۋالاش ئۈنىمى بار ئىكەن.
ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، بازاردىكى ئۈزۈملەرنىڭ تۈرى ۋە رەڭگى كۆپ خىل بولۇپ، بۆرەكنى ئەڭ قۇۋۋەتلەيدىغىنى قىزىل ئۈزۈم (ياكى قارا ئۈزۈم) ئىكەن. ئۈزۈم سەل سوغاققا مايىل بولۇپ، ئاشقازىنى سوغاق بولۇپ كەتكەنلەر دىققەت قىلىشى، بىر قېتىمدىلا بەك كۆپ يەۋالماسلىقى كېرەك.
2. ئۈجمە
ئۈجمە تاتلىق، شىرنىلىك بولۇپ، كىشىلەر دائىم يەيدىغان مېۋىلەرنىڭ بىرى، «ئەل ئارىسىدىكى خاسىيەتلىك مېۋە» دەپ تەرىپلىنىدۇ. جۇڭگو تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، ئۈجمىنىڭ تەمى تاتلىق چۈچۈمەل بولۇپ، تەبىئىتى سەل سوغاق، يۈرەك، جىگەر، بۆرەككە پايدىلىق، قان تولۇقلاپ مەنپىيلىككە پايدا قىلىدۇ، جىگەرنى ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
ئۈجمىدە يەنە كۆپ خىل ۋىتامىن، ئامىنو كىسلاتا ۋە كاروتىن قاتارلىقلار بولۇپ، ئاياللارغا پايدىسى تېخىمۇ كۆرىنەرلىك، دائىم ئىستىمال قىلسا ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
3.قارىقات
قارىقاتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئالىملارنىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ھەر 100 گىرام قارىقاتتا 181 مىللىگىرام ۋىتامىن C، 322 مىللىگرام كالىي ۋە كالىتسىي، سىنىك، فوسفور، ماگنىي ۋە تۆمۈرلەر بار ئىكەن، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق رولى بار بولۇپ، ئاز ئۇچرايدىغان ئېسىل مېۋە.
بۇنىڭدىن سىرت، قارىقاتنىڭ يەنە ناھايىتى يۇقىرى دورىلىق قىممىتى بولۇپ، تەركىبىدىكى بىئولوگىيىلىك فلاۋون قان تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ياخشىلاش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار ئىكەن.
4. قارا چىلان
چىلان تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر دەرھال قىزىل چىلاننى ئەسكە ئالىدۇ، قىزىل چىلاننىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، قان تولۇقلاش ۋە قۇۋۋەتلەشتىكى ئېسىل مېۋە، بولۇپمۇ ئاياللارغا ئالاھىدە ماس كېلىدۇ. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، قىزىل چىلان قان تولۇقلاشتا كۆرىنەرلىك ئىكەن، قارا چىلان بولسا بۆرەك قۇۋۋەتلەشتە ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك ئىكەن، قارا چىلاننىڭ تەمىن قىرتاق، تەبىئىتى سوغاق بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، قەنتلەر ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بولۇپ، ۋىتامىن C ۋە كالىتسىي، تۆمۈر ماددىسى ئەڭ كۆپ ئىكەن، ئاشقازان ۋە تالنى قۇۋۋەتلەش، بۆرەكنى ئاسراش رولى بار ئىكەن. بۆرەكنى ئاسرىماقچى ۋە قۇۋۋەتلىمەكچى بولغانلار كۆپرەك قارا چىلان يەپ بېرىشى كېرەك.

(ئوكيان تورىدىكى نەپرەت تەرجىمە قىلىپ 80 خالتا تورىغا يوللىدى)


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      يولۇچى

      قىش پەسلىدە بۇ ئۈجمىنى قەيەردىن تېپىپ يەمىز ئەمدى؟ بىر زات ئەپەندىم سىلىدە بارمۇ يا؟ يازدا ئۈزۈپ ئىسكىلاتتا ساقلاپ قويغانلىرى؟
      [reply=Birzat,2011-11-28 02:04 PM]دورىلىق ئۈچۈن ئۈجمىنى ئادەتتە قۇرتۇپ ساقلايدۇ، ياكى پىشقان مەزگىللەردە مۇراببا ياسىۋىلىپ قىشىچە ساقلاپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ. ئىزدەپ باقسا تىپىلىپ قالار، لىكىن مەندە يوق. [/reply]

    • #2
      birgul

      بۇ يەردە قىزىل چىلانمۇ يوق تۇرسا قارا چىلانغا نەگە بارارمەن ئەمدى ؟ ھە راست ، قارا چىلاننى مەن بىلمەيدىكەنمەن . ئىسىمگە كەلمەيۋاتامدۇ يا ؟ [face04]

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...