‹‹ پار كېسىلى ›› گە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟

پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدە، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى ئۆيىنىڭ ئىسسىمىغانلىقى سەۋەبىدىن ھەممە تەرەپكە قاتىراپ يۈردى. ئەمما يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆيى زىيادە ئىسسىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ‹‹ پار كېسىلى ››گە گىرىپتار بولدى.

يېقىندا، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتۇرىيىسىگە بېرىپ، كېسەل كۆرۈنگىلى كەلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى گىلى ئىشىپ قېلىش، نەپسى سىقىلىش، ئىچى تىتىلداش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كەلگەنلىكىنى بايقىدى. ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ نەپەس يولى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جۈ يۈلۇڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ پارنىڭ ئىسسىش ئەھۋالى نورمال بولمىسا بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالايلۇق، ئاغزى قۇرۇش، روھىي جەھەتتىن چارچاش، بېشى قېيىپ ماغدۇرسىزلىنىش، ئوڭايلا زۇكام بولۇپ قىلىش ۋە ئىسسىقى ئۆرلەپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بىز بۇنداق ئالامەتلەرنى پار كېسىلى دەپ ئاتايمىز››.

‹‹پار كېسىلى ››گە تاقابىل تۇرۇشنىڭ قانداق ياخشى تەدبىرلىرى بار؟ نەپەس يولى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جۈ يۈلۇڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۆپكىنى ياشارتىدىغان يېمەكلىكلەر جۈملىدىن كۆكتات شورپىلىرى، پۇرچاق سۈتى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشنى بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆينىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىشنى سەمىگە سالدى . ئالدى بىلەن، پار كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۆي بەك ئىسسىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئادەتتە ئۆيلەرنىڭ تېمپىراتۇرىسى 18 سېلسىيە گرادۇستىن 22 سېلسىيە گرادۇسقىچە بولسا نىسبەتەن مۇۋاپىق بولىدۇ. يەنە بىرى ، ئۆينىڭ نەملىكىنى ياخشى تەڭشەش، ھاۋانىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك . گۈل، بىلىق بېقىش، ئۆي نەملەشتۈرگۈچ ياكى بىر داس سۇ قويۇپ، ئۆينىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ ياخشى تەدبىر. يېمەك – ئىچمەك جەھەتتە كۆپرەك سۇ ئىچىش كېرەك. مەسىلەن: ھەسەل سۈيى قاتارلىقلارنى ئىچىپ، مېۋىنى كۆپ يېيىش، ئاچچىق، قۇرۇق ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش، ئىمكانقەدەر ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك تېما:

ئاستىدىن ئىسستىدىغان قۇرۇلمىلىق ئۆيلەردە يېتىش زىيانلىقمۇ؟

مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

 


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ