مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:
ئۇرۇقدانغا زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسراش چارىلىرى
ساغلام ياشاپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى ئۈچ موھىم ئىش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەمەتتۇرسۇن ئەپەندىم، مەن بۇيىل 38ياشقا كىردىم، يېقىنقى 2-3يىلدىن بۇيان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسام، مەنى ناھايىتى ئاز ھەم ئىنتايىن كۈچسىز چىقىدىغان، ھەتتا بەزىدە ھىسسىيات يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلسىمۇ مەنى چىقمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا قانداق داۋالانسام بولار؟ مەن بۇ سوئالنى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى بىر قېتىم سورىغان ئىدىم، ئېھتىمال، ئالدىراشلىقىڭىزدىن كۆرۈشكە ۋاقتىڭىز چىقمىغان ئوخشايدۇ، شۇڭا بۈگۈن يەنە سورىدىم، رەنجىمەي مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز!
جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
مەنىي ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىللار ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:
ئۇرۇقدان، مەزىبېزىدە بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش؛
ئوزۇقلۇنۇش ۋە تۇرمۇش ئادىتىنىڭ مىزاجغا مۇۋاپىق ئىلمىي بولماسلىقى؛
ھەر خىل سەۋەبلەردىن كىلىپ چىققان روھىي ئامىللار؛
ئۇزۇن يىللىق ئانانىزىم (قولدا لەززەتلىنىش) غا ئادەتلىنىپ قىلىش؛
جىماغا زىيادە بىرىلىپ كېتىش؛
ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ئاجىزلاش؛
يۇقۇردىكى ئامىللارنىڭ بىر ياكى بىرقانچىسى كۆرۈلۈش نەتىجىسىدە نېرىپ-توقۇلمىلارنىڭ پائالىيەتچانلىقى تۆۋەنلەش بىلەن بىرگە ئوزۇقلۇق-قۇۋۋەتلەرنىڭ سۈمۈرلىشى، مۇناسىپ ئەزالارغا تەقسىملىنىشى يىتەرلىك بولماسلىق، قان ئازلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن مەنىي سۇيۇقلىقىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى ئاستىلاپ، مەنىينىڭ ئۇرۇقدان خالتىسىغا يېغىلىشى ئازلاپ جىنسىي تۇرمۇشنىڭ يېتەرلىك لەززەت ئىچىدە ئىلىپ بىرىلىشىغا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ. مەنىي كەملىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان ئالامەتلەر ئاساسلىقى : ئەرلىك يېتەرلىك قايىم بولالماسلىق، جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەنىي كەلمەي تۇرۇپ (مەنىي كەلسىمۇ ئىنتايىن ئاز بولۇش) ئەرلىك ئەزا بوشاپ كېتىش، يۇقۇرى پەللىگە يېتەلمەي لەززەتلىنەلمەسلىك قاتارلىقلاردۇر.
بۇ خىل ئەھۋالدا ئاۋۋال مەزىبېزىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسا تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئەھۋالنى ئىنىقلاش كېرەك. ئەگەر مەزىبېزى-ئۇرۇقداندا كېسەللىك ئالامەتلىرى بايقالسا ئاۋۋال شۇ كېسەللىككە قارىتا چارە قىلىپ ئەھۋال ياخشىلانغاندىن كىيىن مەنىي تولۇقلايدىغان ئوزۇقلۇق-دورىلاردىن ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى مەنىي كۆپەيتىدىغان قۇۋۋەت دورا رېتسىپلىرىدىن: لۇبۇبى كەبىر، ھالۋايى بەيزە، جاۋارىش زەرئۇنىي، مەجۈنى سۆئىلەپ، لۇبۇبى سەغىر، سۇپۇپى كۈنجۈت قاتارلىقلاردىن تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە مىزاجغا مۇناسىپلىرىنى تاللاپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.
ئوزۇقلاردىن مەنىي كۆپەيتىدىغانلىرى:
سۈت، شورپا، ئەنجۈر، ياڭاق، بادام، خورما، نوقۇت، تۇخۇم سېرىقى، ئۇچار قۇش گۆشلىرى….قاتارلىقلار.
زىيانلىق يېمەكلىكلەر: ئاچچىق، قىرتاق، سوغۇق يېمەك-ئىچمەكلەر.
مەنىي ئازلاپ جىنسىي تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدە مىزاجغا مۇناسىپ ئوزۇقلىنىش، تۇرمۇش ئادىتىنى تەرتىپكە سىلىش، روھىي تەڭپۇڭلۇق قاتارلىق نۇقتىلارغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش زۆرۈر. بۇ ھەقتە ئىلگىرى يوللىغان تېمىلاردىن پايدىلانسىلا بولىدۇ.
__________ مۇھەممەد تۇرسۇن