ئەر-ئايال جىنسىي قوشۇلۇشتا ئورتاق قانائەت تېپىشنىڭ ئۇسۇللىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئەزىز تورداشلار. مەن بۇ ھەقتىكى تېمىلارنى بۇندىن 5-6 يىللار بۇرۇن يېزىپ 80خالتا بلوگىمغا يېزىپ يوللىغان بولۇپ، بۇ قېتىم تېما مەزمۇنىغا قايتىدىن قاراپ، تەھرىرلەپ يوللاپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم. بۇ يازمىدىن نىكاھ بوسۇغۇسىغا قەدەم قويۇش ئالدىدىكى ياشلار ۋە تۇرمۇشلۇق بولۇپ بولغاندىن كىيىن ئەر-خوتۇنچىلىق قوشۇلۇشتىن يىتەرلىك زوق ئالالمايۋاتقانلار مەنپەئەت ئالىدۇ دەپ ئويلايمەن.
_______________ مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

جىنسىي قوشۇلۇش-فىزئولوگىيلىك تەن ۋە پىسخولوگىيلىك كەيپىياتنىڭ يۇغۇرلىشىدىن پەيدا بولىدىغان ،ئوخشىمىغان ئىككى جىنس ئوتتۇرسىدا ئاجايىپ نازۇك ھەم سېھرىلىك رەۋىشتە ئىلىپ بىرلىدىغان بۈيۈك پائالىيەتتۇر. ياراتقۇچى ئۇنىڭغا ئىنسان تەسەۋۋىرىغا تالىق مول مەزمۇنلارنى ئاتا قىلغان. ھاياتلىق شۇنىڭ بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك مىللىتىمىز ئىچىدە ئادەت كۈچىنىڭ تەسىرىدىن جىنسىيەت ھەققىدە ئېغىز ئىچىشنى نۇمۇسلۇق ئىش دەپ قاراپ كەلگەچكە بۇ ھەقتىكى بىلىملەر بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر كىشىنىڭ ئۈگۈنىشى زۆرۈر بولغان ئىلىم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگىنى يوق.
شۇ سەۋەب 80خالتا بلوگىمدا مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ ھەپتىدە بىر تېمىنى تۇتقا قىلىپ جىنسىيەت ۋە تەننىڭ ساقلىقى، جىنسىيەت ۋە پىسخىك ساغلاملىقنى مەزمۇن قىلغان دائىرىدە ئۇيغۇر تىبابەت ساھەسىدىكى ئۇستازلىرىمىزنىڭ ھەمدە باشقا مىللەت ئالىملىرىدىن مۇشۇ ساھەدە قەلەم يۈرگۈزگەن يازمىلاردىكى پايدىلىق مەزمۇنلار بىلەن ئۆزۈمنىڭ تەجىربە ، كۆزىتىشلىرىمنى بىرلەشتۈرگەن ئاساسىدا دەرىس بايان قىلىنماقچى. ئۇستازلارنىڭ، كەسىپداش، كەڭ تورداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىمەن ھەم رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ ھەپتە بايان قىلىنماقچى بولغان دەرىس تېمىسى: ئەر-ئايال جىنسىي تۇرمۇشتا ئورتاق قانائەت تېپىشنىڭ ئۇسسۇللىرى
كېلەر ھەپتىلىك دەرس «جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ پايدىسى ھەمدە چەكتىن ئاشقان جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ زىيانلىق تەسىرلىرى » ھەققىدە بولىدۇ.
دەرسىمىزنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە بىز ئىرىشمەكچى بولغان ئۈنۈم:
ئەرلەر دىققىتىگە: ئادەتتىكى ۋاقىتتىمۇ مىھرىبان، كۆيۈملۈك بولۇپ جىنسىي مۇناسىۋەتنىمۇ دەرسىمىزدە بايان قىلىنغاندەك ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغاندا ئاياللارنىڭ قەلبىنى 100% ئەل قىلالايسىز. ئەگەر ئايالىڭىزدا سىزگە بولغان ھۆرمەت، مۇھەببەتنىڭ كاملىقىنى بايقىغان ۋاقتىڭىزدا دەرسىمىزدە سۆزلىنىۋاتقان ئۇسسۇللار بىلەن ئۆزىڭىزنى قايتا سىناپ باققايسىز! ئىسىڭىزدە بولسۇن ، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچنى يوقاتماي تەمكىن بولۇپ مۇھەببەت بىلەن ئەمرىڭىزگە ئالغان ھالال جۈپتىڭىزگە دادىل يۈزلىنىڭ، چوقۇم ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالايسىز! زىنا -پاھىشىدىن يىراق بولۇپ ھالال، پاكىز ياشىغايمىز ، ئاللا ھەممىمىزدىن رازى بولسۇن!

جىنسىي تۇرمۇشتا ھەر ئىككى تەرەپ تولۇق قانائەت تېپىشنى ئارزۇ قىلغۇچى ئەر-ئاياللار دەسلەپتە ئەر-ئايال جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئەر ئاياللاردىكى پەرىقلەرگە مۇناسىۋەتلىك جىنسىي بىلىمنىڭ ئاساسىي نۇقتىلىرىنى چۈشىنىۋالغاندا مۇھەببەتلىك جىنسىي تۇرمۇشنى ھەر ئىككىلا تەرەپ تولۇق قانائەت تاپقان رەۋىشتە يۇقۇرى پەللىگە چىقارغىلى بولىدۇ. جىنسىي فىزئولوگىيە ۋە پىسخىق جەھەتتە ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى پەرىق ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى يىغىنچاقلىغاندا تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

men-vs-women

1.ئەرلەرنىڭ جىنسىي تەلىپى كۈچلۈكرەك بولۇپ ،جىنسىي قوزغىلىشنىڭ پەيدا بولىشىمۇ ناھايىتى تېز بولىدۇ. ئازىراق غىدىقلىنىش بولسىلا دەرھال قوزغىلىپ كېتىدۇ. ئاياللارنىڭ جىنسىي تەلىپى ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاجىزراق بولۇپ ، جىنسىي قوزغىلىش ھەيز دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەيز كىلىشنىڭ ئالدىدا، يەنى تۇخۇم چىقىرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە جىنسىي تەلەپ سەل يۇقۇرى بولۇپ ، جىنسىي قوزغىلىشمۇ سەل تېزرەك بولىدۇ. ئاز ساندىكى ئاياللاردا تۇرمۇش قۇرۇش ئالدىدا جىنسىي تەلەپ ناھايتى ئاجىز ، ھەتتا يوق دېيەرلىك بولىدۇ. تۇرمۇشقا چىققاندىن كىيىن ، جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا جىنسىي تەلەپ تەدىرجى كۈچۈيىشكە باشلايدۇ.
2. ئەرلەرنىڭ جىنسىي قوزغىلىشى تېزرەك بولىدۇ. بالاغەتكە يەتكەن دەۋردە زەكەر بەش سېكۇنۇتتىلا قايىم بولۇشى مومكىن. جىنسىي يۇقۇرى پەللىگە يېتىشىمۇ ، يۇقۇرى پەللىنىڭ داۋاملىشىشىمۇ بىر ئاز قىسقا بولۇپ ، جىنسىي تەلەپنىڭ بېسىقىشىمۇ تېز بولىدۇ. ئەمما ئاياللارنىڭ جىنسىي قوزغىلىشىنىڭ پەيدا بولىشى ئاستىراق بولۇپ ، جىنسىي مۇناسىۋەت باشلىنىپ تاكى يۇقۇرى پەللىگە يەتكىچە بولغان ئارىلىق ۋاقتىمۇ ئەرلەرنىڭكىدىن ئۇزاقراق بولىدۇ. ئادەتتە 5-15 مىنۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئاندىن جىنسىي يۇقۇرى پەللىگە يېتىپ، ئۇنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىمۇ ئۇزاقراق، جىنسىي ھەۋەسنىڭ بىسىقىشىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا ئاستىراق بولىدۇ.
3.ئەرلەرنىڭ جىنسىي تەلەپ ئارزۇسى ئاساسەن جىنسىي ئەزاغا مەركەزلىشىدۇ. جىنسىي ھاياجانلىنىش پەيدا بولۇپ ، قوزغىلىش باسقۇچىغا كىرگەندىن كىيىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بەك ئالدىرايدۇ. ئاياللارنىڭ جىنسىي تەلەپتە تاقىلىدىغان دائىرىسى بەك كەڭ ۋە مۇرەككەپ بولۇپ ، جىنسىي ئىنكاسىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا ئاستا بولىدۇ. شۇڭىلاشقا جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدا ئەر ئۆزىنى سەل تۇتىۋىلىپ ، دەسلەپتە ئايالىنى يۇمۇرستىك، قىزىقارلىق سۆز-ھەركەتلىرى بىلەن جەلىپ قىلىپ سىلاش، قۇچاقلاشششششش، ئۇۋلاش ، سۆيۈش ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق ئايالىنىڭ مۇھەببەت سەزگۈ رايۇنلىرىنى غىدىقلاپ بەرگەندە ئايالىدا يولدىشىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ھوزۇرلىنىش، مۇھەببەت ھېسياتى كۈچلۈك دولقۇن ياساپ جىنسىي مۇناسىۋەت تەلىپىنى پەيدا قىلىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىمۇ ئۆزلۈكسىز مۇھەببەت تۇيغۇ ، نازۇك جايلىرى غىدىقلىنىپ تۇرسا جىنسىي ھوزۇرلىنىش سېزىملىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ ، جىنسىي ئىنكاس باسقۇچىمۇ تېزلىشىدۇ. نەتىجىدە جىنسىي يۇقۇرى پەللىگە ئەر-ئايال بىردەك يېتىپ جىنسىي قانائەتلىنىشتىن ئورتاق بەھرىمان بولىدۇ.

ئەر – خوتۇنلار جىنسىي تۇرمۇشتىن ئورتاق قانائەت تىپىشتا توسالغۇ بولىدىغان، ھىسياتقا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىدىغان بەزى ئەھۋاللار بولسا ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ ، كىلىشەلمەسلىكنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىشى لازىم. جىنسىي تۇرمۇشتىكى كېلىشەلمەسلىكتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ:
1. ئەر تەرەپنىڭ جىنىسي فىزولوگىيە ھەققىدىكى بىلىمىنىڭ يىتەرسىزلىكى ياكى ئايالىغا بولغان كۆيۈنۈشنىڭ يىتەرسىزلىكىدىن ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدىكى تەييارلىقتا ، دەسلەپتە ئايالىنىڭ جىنسىي ھېسياتىنى قوزغىماي ئۆزىنىلا ئويلاش، ئۆزىدە جىنسىي ھەۋەس پەيدا بولىشىغىلا ئالدىراپ جىنسىي مۇناسىۋەتكە ئۇرۇنۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتتە قانائەتلىنىش ھاسىل قىلىپ مەنىنى چىقىرۋىتىپلا ، ئايالىنىڭ جىنسىي ئارزۇسى ۋە جىنسىي ئىنكاسلىرى بىلەن كارى بولماسلىق قاتارلىقلارنى ئوڭايلا سادىر قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئايال تەرەپ جىنسىي قانائەتلىنىشكە ئىرىشەلمەي قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇنغا سوزۇلغاندا ، ئايال تەرەپنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان ھەۋىسىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تەبئىي. بۇنىڭدا ئايال كىشى جىنسىي تۇرمۇشنى ئاۋارچىلىق ھېسابلاپ جىنسىي تۇرمۇشتىن سوۋۇش ھەمدە تەرەققى قىلىپ زىرىكىش، سەسكىنىش، ۋە نېرۋا ئاجىزلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن.

2.ئايالدا ئەر بىلەن بولىدىغان نورمال جىنسىي تۇرمۇش ھەققىدىكى بىلىملەر يېتەرسىز بولسا ياكى ئۇ نۇرمال جىنسىي تۇرمۇشنى << يامان ئىش >>، << شەھۋانىيلىق>>، << ئىپلاسلىق >> دەپ تونۇپ قالسا ، ياكى ھامىلدار بولۇپ قېلىشتىن ۋە تۇغۇتتىن قورقۇپ قالسا، ياكى تۇرمۇشقا چىققاندىن تارتىپ بىرەر قېتىممۇ جىنسىي ھوزۇرلىنىش ۋە جىنسىي قانائەتلىنىشكە ئېرىشىپ باقمىغان بولسا جىنسىي تۇرمۇشتىن بىزار بولۇش سېزىمى پەيدا بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىدا ئۆز ئىختىيارى ياكى ئارزۇسى بىلەن بولمىغانلىقتىن ، ئېرىگە ماسلىشىپ بېرەلمەسلىك تۈپەيلىدىن جىنسىي تۇرمۇشتا كىلىشەلمەسلىك كىلىپ چىقىدۇ.
3. ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ بىرەرىدە كېسەللىك ھالىتى بولۇپ قالسا، جىنسىي تۇرمۇشتا كېلىشەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئەرلەردىكى قايىم بولماسلىق ( ئەرلىك ئەزا قوپماسلىق)، بوش قايىم بولۇش، مەنىنىڭ بەك تېز چىقىپ كېتىشى ياكى مەنىنىڭ ئېقىپ كېتىشى قاتارلىق كېسەللىكلەر، ئاياللاردا بولسا جىنسىي مۇناسىۋەتتە ماتكا ئاغرىش، جىنسىي ھەۋەسنىڭ (شەھۋەتنىڭ) ئاجىزلاپ كېتىشى، بالياتقۇ سوۋۇپ كەتكەنلىكتىن قىلىشىشقا خوش ياقماسلىق، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن سەسكىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىدە جىنسىي تۇرمۇشتىكى كىلىشەلمەسلىك (ھەر ئىككىلا تەرەپ قانائەت تاپالماسلىق ) كىلىپ چىقىدۇ. بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئەر-خوتۇن مۇھەببىتى ئارىسىغا سوغۇقچىلىق پەيدا بولۇپ ئائىلىنىڭ مۇستەھكەملىكىگە دەز كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا داۋالىنىش، ئەر خوتۇن بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يېتىشى، كەڭ قورساق بولىشى لازىم.
ئەر-خوتۇن يۇقۇردىكى ئەھۋاللار بىلەن تونۇشۇپ چىققاندىن كىيىن ئەڭ ياخشىسى بىرلىكتە ئولتۇرۇپ ، ئۆزلىرىدىكى كېلىشەلمەسلىكنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە چىرايلىق مۇڭدىشىپ ، جىنسىي تۇرمۇشتىكى ماسلىشالماسلىق، كىلىشەلمەسلىك ئەھۋاللىرىنى يېڭىشى لازىم.

ئەر-خوتۇنلار جىنسىي مۇناسىۋەتتە چىن مۇھەبىبىتى، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن ھەمكارلىشىپ جىنسىي تۇرمۇشتىن تەڭ بەھرىمان بولۇپ بىر-بىرىگە يۈكسەك ھاياجان ئاتا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم. ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ ، بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يېتىشكەندىلا ئاندىن جىنسىي تۇرمۇشتا بىر-بىرسىدىن رازى بولىدۇ. ئەرلەر پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغان چاغدىلا ئايالىغا مۇلايىم بولۇپ كۆرۈنمەستىن بەلكى ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ مىھرىبانلىقنى، مۇھەببىتنى ئىزھار قىلىش، ئۆز ئارا ھېسيات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشلىرى لازىم.
چۈنكى جىنسىي تۇرمۇش ئەر-خوتۇن ئىككىلا تەرەپنىڭ بىردەك قىلىشىشىدىغان ئىشى بولغاچقا ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدا بىردەك مۇھەببەت تۇيغۇسى مەۋجۇت بولغاندىلا ئاندىن زىچ ماسلىشالايدۇ. ئەر تەرەپ ئۆزىنىڭ شەخسىي ھېسياتىنى قاندۇرۇشنىلا ئويلاپ ، مىجەزىنىڭ ئىتتىكلەپ كېتىشىدىن، ئايالىنىڭ ئىختىيارى بىلەن كارى بولماسلىقتىن ساقلىنىشى لازىم. ئايالمۇ ئەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش مېنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپەم دەپ قارىشى لازىم.

ئەگەر بىرلا تەرەپتە جىنسىي ھېسيات تۇيغۇسى قوزغىلىپ قالسا، دەسلەپتە ئۆز ئارا كۆيۈنۈش، سۆيۈنۈش كەيپىياتلىرى ئاستىدا قارشى تەرەپكە ئۆز ئارزۇسىنى ئىما-ئىشارەت قىلىشششش ئارقىلىق بىلدۈرۈش. بۇنداق قىلغاندا قارشى تەرەپكە ئۇشتۇمتۇت چىقىلغانغا قارىغاندا كۆپلىگەن خۇشاللىق بېغىشلىنىدۇ.كۆپلىگەن ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدا جىنسىي ھەۋىسىنىڭ قوزغىلىشى ئۈچۈن ئەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىك رول ئوينىشىغا مۇھتاج بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا كەيپىياتى ياخشى بولمايدۇ ياكى يېقىمسىزلىق ھېس قىلىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ مەيلىگە ، رازىلىقىغا قارىماي مەجبۇرىي ھالدا جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغاندا ، ئىككىلا تەرەپ جىنسىي ھوزۇرلىنىشنى قولغا كەلتۈرەلمەيلا قالماستىن ، بەلكى كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ قارشى تەرەپتە جىنسىي مۇناسىۋەتنى يامان كۆرۈش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ.ھەمدە جىنسىي ھەۋەسنى، جىنسىي ئىقتىدارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ھەتتا ئەر-خۇتۇن ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتكە ، ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.

جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدا ئەر-خوتۇن ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىنىڭ جىنسىي ھېسياتىنى تولۇق ھەركەتلەندۈرۈپ يالقۇنجىتىشى لازىم.
جىنسىي تۇرمۇشتا ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدىكى تەييارلىقلارنى ئوبدان ئىشلەش كېرەك.ئەر دەسلەپتە جىنسىي ھېسياتنى ئويغىتىدىغان سۆز ۋە ئىما-ئىشارەتلەردىن باشقا ، جىنسىي سەزگۈ رايۇنلىرىنى غىدىقلاش ئارقىلىق ئايالىنىڭ جىنسىي ھېسياتىنى قاتتىق كۈچلەندۈرۈش كېرەك. بۇنىڭغا تەخمىنەن 10 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە قەدەر ۋاقىت كېتىدۇ. ئايال تەرەپ ئىنتايىن ھاياجانلانغاندا جىنسىي يولىدىن ككپ مىقداردا سۈيۈقلۇق ئىشلىنىپ چىقىدۇ -دە، جىنسىي يول كىرىش ئېغىزى سىلىقلىنىدۇ.
مانا مۇشۇ ۋاقىت ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتىنى باشلاشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقتى. ئايالمۇ ئۆزلۈكىدىن يوشۇرۇن ھالدا بولسىمۇ ئېرىگە ماسلىشىپ ، ئىما-ئىشارەت، قۇچاقلاش، سۆيۈش قاتارلىق ھەركەتلىرى بىلەن ماسلىشىپ بېرىشى كېرەك.

جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىدا ئىككىلا تەرەپ جىنسىي تەلەپنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىنى قولغا كەلتۈرىشى كېرەك. جىنسىي مۇناسىۋەت ئۈستىدە ئادەمنىڭ دىققىتى چېچىلسا ، جىنسىي ھېسياتنىڭ يۇقۇرى پەللىگە يېتىش ۋاقتى ئارقىغا سوزىلىدۇ. ئەكسىچە دىققىتى جىنسىي مۇناسىۋەتكە مەركەزلەشسە، جىنسىي ھېسياتنىڭ يۇقۇرى پەللىگە يېتىش ۋاقتى قىسقىراپ تېزرەك پەيدا بولىدۇ. ئەر-خوتۇنلار بۇ جىنسىي فىزولوگيەلىك ئالاھىدىلىككە ئاساسلىنىپ ، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىدا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ جىنسىي يۇقۇرى پەللىگە بىردەك يەتكەندە ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي ئىنكاسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۆرنەرلىك ئالغا سۈرەلەيدۇ، جىنسىي قانائەتلىنىشكىمۇ ئېرشەلەيدۇ. ئەكسىچە قىلىشىدىغان ۋاقىتتا قىلىشىش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئوي-پىكىرلەردە بولۇپ ، يوقىلاڭ نەرسىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەر ئىلىپ بىرىلسا، مەسىلەن: بۈگۈن ئانام كەلمەكچى، پالانچى قازا قىپتۇ، يېڭى پاسوندا يوپكا چىقىپتۇ…دېگەندەك پاراڭلار بولسا ، بولۇپمۇ ئادەمنى خۇشال قىلمايدىغان مەسىللەر ھەققىدە سۆزلەشسە، ئەر-خوتۇننىڭ سۆز-ھەركەتلىرى ۋە چىرايىدىن رازى بولمايدىغان ياكى رەنجىگەندەك ئادەمنى يېقىمسىز قىلىدىغان ئىپادىلەر سادىر بولسا ئەر-خوتۇننىڭ جىنسىي ھاياجانلىنىشىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ. نەتىجىدە ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە كېلىشەلمەسلىك كىلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم. ئەرلەر ئۆز جىنسىي ئىنكاسىنىڭ ئاياللارغا نىسبەتەن تېز ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن ، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىنىڭ دەسلىپىدە دىققىتىنى باشقا نەرسىلەرگە چىچىپ ، جىنسىي مۇناسىۋەتكە بەكمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ كەتمەي، سەل تىزگىنلەپ ، ئۆزىدىكى جىنسىي ھېسياتنىڭ يۇقۇرى پەللىگە يېتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ ، ئايالىنىڭ جىنسىي ئىنكاسىنى تېزلەشتۈرۈپ ، جىنسىي يۇقۇرى پەللىسىنىڭ تېز ھاسىل بولىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەرلەرنىڭ زەكەر بېىشى ، بولۇپمۇ قالپاق ئاستى ئېرىقچىسىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئەڭ سەزگۈر بولۇپ، ئۇ قىسمى غىدىقلانغاندا جىنسىي ھاياجانلىنىش بەك كۈچىيىپ كېتىپ، ئاسانلا جىنسىي يۇقۇرى پەللە ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەتتە زەكەر ئۇچىنى ئايال جىنسىي يولىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرگۈزۋىلىپ ، ۋاقىتىنچە سۇغۇرۇپ كىرگۈزۈش ھەركىتىنى قىلماي، ئوڭ-سولغا ئاۋايلاپ ھەركەت قىلىش ئارقىلىق زەكەرنىڭ سۈركىلىشىدىن پەيدا بولىدىغان غىدىقلىنىش بىلەن زەكەرنىڭ سەزگۈر قىسمىنىڭ غىدىقلىنىشىنى ئازايتىپ، جىنسىي يۇقۇرى پەللىسىنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش لازىم. يەنە بىر تەرەپتىن، زەكەرنىڭ تۈۋى بىلەن ئۇرۇقدان خالتىسى قىسقا ھەركەتلەر نەتىجىسىدە ئاياللارنىڭ دىلچىق ۋە جىنسىي يول چوڭ-كىچىك كالپۇكلىرىنى غىدىقلاش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ جىنسىي قوزغىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

ئاياللارنىڭ جىنسىي سەزگۈ رايۇنلىرى ۋە جىنسىي ئەزالىرىدىكى ھوزۇرلىنىش سېزىملىرى يۇقۇرى پەللىگە يەتكەندە، يېقىملىق ھوزۇرلىنىش سېزىملىرى ناھايىتى تېزلا پۈتۈن بەدىنىگە تارقىلىپ ، پۈتۈن بەدەندە بىر خىل بىلىنەر -بىلىنمەس تىتىرەك پەيدا بولۇپ ، جىنسىي يوللىرى ئىختىيارسىز رېتىملىق قىسقىرايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەرنىڭمۇ ھوزۇرلىنىشىنى چەكسىز كۈچەيتىدۇ. بۇ -ئاياللارنىڭ جىنسىي يۇقۇرى پەللىسىگە يېتىپ بارغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مانا دەل شۇ ۋاقىتتا ئەر زەكىرىنى سوزۇپراق سۇغۇرۇپ كىرگۈزۈش ھەركىتىنى قىلسا ، ئەردىمۇ جىنسىي يۇقۇرى پەللە ھاسىل بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى << ئۆزىنى تاشلىشى>> كۆرىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاياللاردىمۇ كۆپۈنچە ئىككىنجى، ئۈچۈنجى قېتىملىق جىنسىي يۇقۇرى پەللە پەيدا بولغان بولىشى مومكىن. نەتىجىدە ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى جىنسىي تۇرمۇشتا بىردەك ئەڭ ھوزۇرلۇق قېنىشىشنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
بوشاش (چۈشۈرۈش ) باسقۇچىدا ئەر داۋاملىق ئايالىغا مىھرىبانلىق قىلىشى لازىم
ئەر-خوتۇن بىردەك جىنسىي يۇقۇرى پەللىگە يېتىپ، ئىككىلا تەرەپ تولۇق جىنسىي قانائەتلىنىش ھاسىل قىلغاندىن كىيىن ، ئۆزلىكىدىنلا بوشىشىش دەۋرى باشلىنىدۇ. ئەر جىنسىي يۇقۇرى پەللىگە يېتىپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ جىنسىي قوزغىلىشى يوقىلىشقا باشلاپ زەكىرىمۇ ناھايتى تېزلىكتە يۇمشاپ ، بوشىشىپ كېتىدۇ. بىراق ئاياللار جىنسىي قوزغىلىشىنىڭ يوقىلىش باسقۇچى نىسبەتەن ئاستا بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىنسىي ئورگانلىرىدىكى قان تولۇشلار تەدىرجى يوقۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇ ، ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ ئاستا بولىدۇ. بەزى ئەرلەر ئاياللارنىڭ بۇ خىل فىزىئولوگىيلىك ئالاھىدىلىكىگە ئېتبارسىز قاراپ، مەنىنىڭ چىقىرلىپ بولىشىغا ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولدى دەپ قاراپ، ئۆزى ئۇيقۇغا كېتىپ قالىدۇ. بۇنداق قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى بۇ ، ئاياللار جىنسىي تەلىپىنىڭ قانائەتلىنىشى ، كەيپىياتى ۋە پىسخولوگىيلىك ھالەتلىرىگە پايدىسىز. بۇ ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە ئاياللارنىڭ جىنسىي ھېسيات-ھەۋەسلىرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئەرلەر مەنى چىقىپ بولغاندىن كىيىن دەرھاللا زەكەرنى جىنسىي ئورگاندىن چىقىرۋالماي، ئايالىنى ئەركىلىتىش، سىلاش ، سۆيۈش قاتارلىق كۆيۈنۈش، مىھرىبانلىق ھەركەتلىرى بىلەن ئايالىنىڭ جىنسىي قوزغىلىشىنىڭ تولۇق تارقىلىپ بولۇشىنى كۈتۈش كېرەك.تولۇق مەمنۇن بولغاندىن كىيىن ، ئىككى تەرەپ بىردەك جىنسىي مۇناسىۋەتنى تاماملىشى ، بىردەك ئۇيقۇغا كىرىشى لازىم.
پايدىلانغان ماتېريال: جىنسىي ئاجىزلىق ۋە ئۇنى داۋالاش- ئرېك سايرانى


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...