ناشتىلىق ئوزۇقلۇق تالقىنى تەييار بولدى. رېتسىپنىمۇ تونۇشتۇردۇق.

ALMONDS
كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ ئەتتىگىنى بىر نەرسە يېگۈسى كەلمەي ناشتىسىز ياكى بىرەر بۇردا نان بىلەنلا چۈشلۈك تاماققا ئۇلىشىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەتىگەندە ئوزۇقلۇقى مول بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىشنىڭ ئومومىي بەدەن سالامەتلىكى بولۇپمۇ مېڭە ئۈچۈن نەقەدەر زۆرۈرلىكى ھەققىدە ئىلگىر يوللىغان تېمىلاردا يېتەرلىك بايان قىلىنغان بولغاچقا ‹‹ئالدىراش›› لار ئۈچۈن بۇ يەردە توختالماقچى بولغىنىمىز ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا تەييار بولىدىغان، تېخنىكا -ھۈنەر تەلەپ قىلمايدىغان ، ھېچقانچە چىقىم كەتمەيدىغان مول ئوزۇقلۇق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ناشتىلىق ھەققىدە بولىدۇ. بۇ -رامىزاندا زوھۇرلۇق ئۈچۈن تاماق ئىتىشكە ۋاقىت، شارائىتى يار بەرمەيدىغانلار ئۈچۈنمۇ ئوبدان ئوزۇقلۇق بولىدۇ.
مەن ئائىلىدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىرىدارلىرىمغا تەۋسىيە قىلغىنىمدەك ھەر خىل مېغىزلارنى ئېزىپ تالقانلاپ ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ ‹‹سوقماق›› تەييارلاپ بەردىم. بۇمۇ بىر ئاز بولدى، لىكىن ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇلغان مېغىزلارنى بەزىلەر كۆڭۈلگە تېگىدىكەن دەپ ئادەتلىنەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ناشتىلىق بىلەن باغلانغان ، ھەم مېزىلىك ھەم يېيىشلىك بولغان مېغىز تالقىنى تەييارلىدۇق.
201675-120G31KP268

 

9885883_191251720001_2

 

b94-662861

چىنىگە نان سالىسىز، ئۈستىگە بىر-ئىككى قوشۇق كەلگۈدەك تالقان سىلىپ ئۈستىدىن قايناقسۇ ياكى قاينىتىلغان سۈت قۇيىسىز، يېنىك قوچۇپ بىر ئاز ھورى كۆتۈرۈلگەندىن كىيىن بىر-ئىككى قوشۇق ھەسەل سالىسىز. ۋاھ، ئىشتىھانى ئاچقۇدەك مەزىلىك پۇراق دىماققا ئۇرۇلغاندا ناشتا قىلماي تۇرۇپمۇ پۇت-قوللىرىڭىزغا قۇۋۋەت تولۇپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىسىز. خووووش ، ئەمدى رېتسىپنى ۋە تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرايمۇ؟!!!

IMG_20150625_140240
مەن دۇكاندا بۇ قېتىم تەييارلىغان ئۆلچەم بويچە تونۇشتۇرىمەن، قالغىنىنى ئۆزىڭىز ئىھتىياجىڭىزغا قاراپ ئاز-كۆپ تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.
پىستە مېغىزى 500 گىرام . قورۇلغان، پوستى سارغۇچراق كەلگەن يېڭى پىستە ئەڭ ياخشىسى. يۇيۇپ ئاقارتىلغان پىستىلەر بولمايدۇ.
ياڭاق مېغىزى ،
بادام مېغىزى،
ئۈرۈك مېغىزى،
پىندۇق مېغىزى بىر كىلوگىرامدىن. ئۈرۈك مېغىزى بىلەن بادام مېغىزىنى قايناقسۇغا چىلاپ 15 مىنۇت دۈملىگەپ ئاقلايمىز. ئۇندىن كىيىن پاكىز داكا ئۈستىگە يېيىپ چاڭ قوندۇرماي بىر-ئىككى كۈن قۇرىتىمىز. پىندۇقنىڭ پوستى بەك قاتتىق بولغاچقا چاقماق تەس. بىز بۇ قېتىم تۈركىيەدىن ۋاكئۇم ھالەتتە كىرگۈزۈلگەن پىندۇق مېغىزىدىن ئىشلەتتۇق.
ئۇرۇقسىز قىزىل ئاپتاۋى ئۈزۈم بىر كىلو.
كۈنجۈت بىر كىلوگىرام. قۇرۇق ساپلىقتا يەلپۈپ تۇرۇپ يەڭگىل قورۇيمىز.
نوقۇت: 1.5 كىلوگىرام. قۇرۇق قازان، ياكى ساپلىقتا يەڭگىل قورۇپ چالا پۇشۇرىۋالىمىز . ئۇندىن كىيىن ئۇندەك تالقان قىلىمىز.
خۇرۇچلار تەييار بولغاندىن كىيىن چوڭ قاچىدا تەكشى ئارىلاشتۇرىۋالغاندىن كىيىن ئېزىش ماشىنىسىغا سىلىپ تالقان قىلىمىز. دىققەت قىلىدىغان ئىش: چوڭراق، ئىلغارراق ماشىنىدا ئەزمىسەك تەكشى تالقانلانماي ئانچە-مۇنچە مونەكلىشىۋالىدۇ.
ئەگەر يۇقۇردىكى تەپسىلات، جەريانلارغا شارائىت يار بەرمەي ۋاقتىڭىز چىقماي قالسا بىزگە ھاۋالە قىلسىڭىز ، يۇقۇردا دېيىلگەندەك تۈجۈبىلەپ پاكىز تەييارلاپ بىرىمىز. يىراقتا بولسىڭىز ئەۋەتىمىز.
ئادرىسىمىز: قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ جامەنىڭ نور بېشى تەرەپ يان ئىشىكى ئۇدۇلى 2-قەۋەتتىكى بىرزات 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت چاي، ھەسەل دۇكىنى
تېلفۇن: 0998-2820877
13565662787
باھاسى:
بىر كىلوگىرام 100 يۈئەن.

80halta.w059228.dns558.com

بۇنى ئادەتتىكى نۇرمال ئوزۇقلۇق، يېمەكلىك دەپ ئىستىمال قىلىدىغان قۇرۇق مېۋە، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى دېگەندەك خۇرۇچلار.
قوشۇلغان خۇرۇچلارنىڭ تېبابەت كىتابلىرىدا ئېيتىلغانلىرىغا كۆرە تەسىرى جەھەتتىن ئىلىپ ئېيتقاندا بۇ تالقان ئومومىي بەدەنگە ئوزۇق-قۇۋۋەت بولۇش، زىھنى قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، ئاقسىل، كالتىسىي تولۇقلاپ ماغدۇر پەيدا قىلىش،  پەي-مۇسكۇللارغا قۇۋۋەت بىرىش، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ سۈتىنى كۆپەيتىش، تېرىگە جۇلا بىرىش، سېمىرتىش، يىلىك تولۇقلاش، قان كۆپەيتىش دېگەندەك خۇسۇسىيەتلىرى بار.
ئەگەر ئەكىس تەسىرى بار دەپ قارالسا بىر قېتىمدا كۆپرەك ئېستىمال قلىنسا ئاشقازان-ئۈچەيدە يەل پەيدا قىلىشى مومكىن. مەن تەمىگە خۇشتار بولۇپ تاماق قوشىقىدا 3 قوشۇق سىلىپ ئىچسەم يەلنى سەل كۆپەيتىۋەتكەندەك تەسىر بەردى. (بەدەندىكى قۇۋۋەت يەلدىن كىلىدۇ دەپ قويىدىكەن چوڭلار).
ئادەتتە تاماق قوشۇقىدا ئىككى قوشۇق ئىچىپ بەرسەم نۇرمال، باشقىلارغىمۇ يېقىپ قاپتۇ.  ئادەتتە چوڭلارغا ئىككى قوشۇق، بالىلارغا بىر قوشۇق ياكى ئازىراق بەرسەك مۇۋاپىق دەپ قارىدىم.
ئاسان سېمىرىشچان كىشىلەر ئۇزاقراق ئىستىمال قىلسا تېخىمۇ سېمىرىپ قىلىشى مومكىن.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...