80خالتا دۇكىنىمىزدىكى يېڭىلىق مەھسۇلاتلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. خىرىدارلىرىمىزغا مەلۇم بولغىنىدەك يىللاردىن بىرى دۇكىنىمىزدا سېتىلىۋاتقان ھەسەللىرىمىزنىڭ ساپ، كۆنەكتە ئوبدان پىشقان بولىشىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بىرىپ كىلىۋاتقان بولۇپ، «ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەننى دوستۇڭغا راۋا كۆر» دېگەن پىرىنسىپ بويچە ئۆزىمىزگە يارىغاننى خىرىدارلىرىمىزغا تەۋسىيە قىلىپ، ئۆزىمىزگە يارىمىغاننى دۇكىنىمىزغا كىرگۈزۈشتىن ساقلىنىپ كەلدۇق. ھەسەللىرىمىز دىيارىمىزنىڭ ھۆل-يېغىن ئاز، ھاۋاسى قۇرغاق بولغان جەنۇبىي يۇرتلىرىمىزدىكى ھاۋاسى، تۇپرىقى بۇلغانمىلاردىن خالىي بولغان دەشت-باياۋان، جاڭگاللاردىكى يانتاق، جىگدە ۋە باشقا دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدە يايلىتىلغان ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ ئېسىل ھەسەللىرى بولۇپ ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكى، روھىنىڭ ھەر ۋاقىت جىلۋېلىنىپ تۇرىشى ئۈچۈن ياخشى تاللىشىڭىز بولۇپ قالغۇسى.

519x311

ھەسەل دېگەننى زاۋۇتتا ئىشلىگىلى بولمىغاندىكىن ھەر يىلى چېچەك پەسلىدە ھەسەل ھەرىلىرىنى يايلىتىپ ھەسەل يېغىدىغان ئىش ئىكەن. ھەسەل ھەرە كۆنىكىگە يېغىلىپ پىشىپ تەييار بولغۇچە يەنە خىلى ۋاقىت ئۆتىدۇ. ھەسەل كۆنەكتە قانچە ئۇزۇن تۇرسا ھەسەل مىقدارى ئازلاپ كەتكەن بىلەن سۇ مىقدارى ھاۋاغا ئۆرلەپ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاشىدۇ ھەم ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ ئىستىمال قىلغىلى بولىدۇ. ھەسەل مىقدارنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ بازارغا تېز ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن كۆنەكتىن ئالدىراپ ئىلىنغان ھەسەل مىقدارى كۆپ، ئۆزى سۈيۇق، خام بولىدۇ. بۇنداق ھەسەلنىڭ سۇ مىقدارى كۆپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولىدۇ. ساقلاش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ.

ساپ ھەسەللەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئاساسلىقى بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازىلاش، ئەزالارنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش خىزمىتىنى ياخشىلاپ ھەم ئوزۇقلۇق مىنىرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەپ ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان، چىرايىنى نۇرلۇق قىلىپ كەيپىياتنى تىتكلەشتۈرىدىغان بولسىمۇ چېچەك تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت بولىدۇ. داۋاملىق ھەسەل ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر بۇ نۇقتىغا دېققەت قىلىسا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ.
; بىرزات چاي، دورا-دەرمەك، ھەسەل دۇكىنىدا ھەسەل ھەرىسى ئۆزى تەبئىي گۈل-چېچەكلەردەن پىششىقلاپ ئىشلەپ چىققان، ئادەملەرنىڭ تەگمىگەن، ھەسەل ھەرىسىنىڭ كۆنىكىدە ياخشى پىشىپ چىققان ئېسىل ھەسەللەر بار. ھەر ۋاقىت ساغلاملىقىڭىزنى ئاسىراپ، چىرايىڭىزنى نۇرلۇق، روھىڭىزنى تېتىك تۇتۇشنى خالىسىڭىز ئىشەنچلىك ساپ ھەسەللىرىمىزدىن ئىچىپ قويۇڭ! يىراقتا بولسىڭىز ئەۋەتىمىز.

دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدىن يېغىۋېلىنغان ئالىي ھەسەل:

ئومومىي بەدەننىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلىغان كىشىلەر: بۆرەك، نېرۋا ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن بولغان مەنىي تېز كېتىش، ئاياللاردا ئىچكى ئاجرالمىلار قالايمىقانلىشىشتىن بولغان ئادەت مىقدارى ئازلاپ كېتىش، قەۋزىيەت، چىرايى نۇرسىز بولۇش قاتارلىقلار؛ زېققە قاتارلىق نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغان بىمارلار، ئېممۇنېت ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ئاسان زۇكامداپ قالىدىغان، ئاسان چارچايدىغان ؛ مېڭە ئاجىزلىقتىن بولغان ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتىغاقلىق قاتارلىقلارغا كۆڭۈلدىكىدەك ئېسىل ئوزۇقلۇق بولالايدۇ. جۈملىدىن تۇرمۇش، خىزمەت بېسىمى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ھەر بىر كىشىلەرنىڭ قۇۋۋەت تولۇقلاشتىكى ئىشەنچلىك ئوزۇقلۇق بولالايدۇ.
ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى: 80 يۈئەن
ساپ جىگدە چېچىگى ھەسىلى:
بىر قانچە يىللىق ئەمەلىي تەجىربىمىزدىن قارىغاندا جېگدە چېچىگى ھەسىلىنىڭ ئوزۇقلۇق، قۇۋۋەت تەركىبى يۇقۇرى بولۇپ ئاساسلىقى بۆرەك، ئاشقازان، بالياتقۇ سوۋۇپ كېتىشتىن بولغان ئاجىزلىقلار، نېرۋا ئاجىزلىقى ، پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلەرنىڭ ئىستىمال قىلىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ. (بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ) ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى: 70 يۈئەن
يانتاق چېچىگى ھەسىلى:
ئاساسلىق خۇسۇسىيىتى: ئاشقازان -ئۈچەيدىكى يەللەرنى تارقىتىش، زەھەر تازىلاش، قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش، گېمىروي(بوۋاسىر) غا مەنپەئەت قىلىش، چىراينى سۈزۈش، ئىچكى ئاجرالمىلار توسۇلۇش سەۋەبلىك ھەيز ئاغرىتىپ كىلىش قاتارلىقلاردا ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدۇ. ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى: 60 يۈئەن
بىرزات ئاپتابى قىزىلگۈل گۈلقەنتى
قىزىلگۈلقەنتنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ئۆزىدە ھەم دورىلىق خۇسۇسىيەت ھەم ئوزۇقلۇق خۇسۇسىيەتنى تەڭ ھازىرلىغان. قىزىلگۈلقەنت خەلقىمىزگە شۇ قەدەر تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەنكى ھەر بىر ئائىللەردە ئۆزلىرى تەييارلاپ، كۈزنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىرىدا قۇياش نۇرىنىڭ كۈچلۈك تەپتىدە تۈجۈبىلەپ پۇشۇرۇپ ساغلاملاقنى ئاسىراشتىكى ئۆزگىچە دورىلىق يېمەكلىك سۈپىتىدە ساقلاپ ئىستىمال قىلىشنى ئادەت قىلىپ كەلگەن.
ئاپتابى قىزىلگۈلقەنتنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى :
بالىلارنىڭ ياخشى يېمەكلىكى- ئىشتىھاسىزلىق، كالتىسىي كەملىك، قان ئازلىق، يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش قاتارلىقلاردا؛
ئاياللارنىڭ موھىم ئوزۇقلىق ھەمراھى – يۈرەك-مېڭىنى كۈچلەندۈرۈپ روھىي كەيپىياتنى ياخشىلاش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھەر خىل زۆرۈر ئوزۇقلۇقلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش، قان تولۇقلاش قاتارلىقلارغا؛
ياشانغانلاردىكى كالتىسىي كەملىك، ئۆپكە تېبوركوليۇز، يۆتەل، ئاشقازان ئاجىزلىقى، يۈرەك-مېڭە ئىقتىدارى چىكىنىش قاتارلىقلاردا قىزىلگۈلقەنت ھەسەلگە ئوخشاشلا موھىم دورىلىق يىمەكلىكتۇر. گۈلقەنتنى يەنە قورساق ئاغرىپ قالغاندا، ئىچى سۈرۈپ قالغاندا يەپ بەرسىڭىز تىزلا ياخشى ئۈنۈم كۆرىسىز.
ھازىر بازار ئىھتىياجىنى قوغلۇشۇپ گۈلقەنتلەرنىڭ سۈپىتىگە تولۇق ئەھمىيەت بىرىلمەيدىغان ئەھۋاللار ئومومىيۈزلۈك مەۋجۇت. قىزىلگۈلقەنتنى تەييارلاشتا قىزىلگۈل بىلەن شىكەرنى ئېزىش ماشىنىسىدا ئارىلاشتۇرۇپلا تۈنكە تۇڭلارغا قاچىلاپ ئامبارغا بېسىپ قويۇپ سىتىلىدۇ. بۇ گۈلقەنتلەر كۈن نۇرىدا قىزتىلىپ ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر ئارىلاشتۇرۇپ پۇشۇرۇلىشتىن ئىبارەت جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزمەيدۇ. بۇنداق قىلسا تەنەرق، ۋاقىت كۆپ كىتىدۇ.
شۇڭا بىز گۈلقەنت ئىستىمال قىلغۇچىلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز. گۈلقەنت سىتىۋالغاندا ئاپتاپتا تولۇق پىشقان، ئېغىزغا سىلىپ بولغۇچە ئىرىپ كېتىدىغاندىن سىتىۋالغايسىلەر. ئەگەر بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىسا گۈلقەنتنى ئەينەك شىشىگە قاچىلاپ ئاپتاپتا 1-2 ئاي تۇرغۇزۇپ ، 3-4 كۈندە بىر قوچۇپ ئوبدان پۇشۇرۇپ ئىستىمال قىلىڭ!

1408590dmb2jmycj5cv27o.jpg.thumb
دۇكىنىمىزدىكى گۈلقەنت باھاسى:
قەشقەرنىڭ يەرلىك قىزىلگۈلىدە تەييارلىنىپ ئاپتاپتا ئۇزۇن ۋاقىت ئوبدان پۇشۇرۇلغان ئالىي دەرىجىلىك قىزىلگۈلقەنت: ھەر كىلوگىرامى 50 يۈئەن:
مەنزىلىمىز: 80خالتا بىرزات چاي، دورا-دەرمەك، ھەسەل دۇكىنى
قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7- رايون A بۆلەك 018-نۇمۇر (2-قەۋەت) يەنى ھېيتگاھ مەسچىت ئالدى مەيدان نوربېشى تەرەپ گۈمبەز يېنىدىكى << نوربېشى ئاشخانىسى >> نىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە. ھېيتگاھ مەيداندىكى چوڭ تېلۋىزوردىن 50 مېتىر نېرىدا. ھېيتگاھ مەسچىت نور بېشى تەرەپتىكى يان ئىشىكى ئۇدۇلىدا.
تېلفۇن: 0998-2820877
يانفۇن:13565662787
باش ئۇستام: مۇھەممەد تۇرسۇن
تور بەت: 80halta.w059228.dns558.com

بۇ يىلقى يېڭى ھەسەللەردىن :
دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدىن يېغىۋىلىنغان ئالىي ھەسەل.
باھاسى: ھەر كىلوگىرامى 80 يۈئەن
يانتاق چېچىگى ھەسىلى
باھاسى: ھەر كىلوگىرامى 60 يۈئەن
جىگدە چېچەك ھەسىلى
باھاسى: ھەر كىلوگىرامى 70يۈئەن

گۈلقەنتلەردىن :
ئاپتاۋى قىزىلگۈلقەنت
باھاسى: ھەر كىلوگىرامى 50يۈئەن
جىگدە ھەسىلىدە تەييارلانغان ئاپتاۋى قىزىلگۈلقەنت
باھاسى: ھەر كىلوگىرامى 70 يۈئەن
زەپە قوشۇلغان ئاپتاۋى قىزىلگۈلقەنت
باھاسى: ھەر كىلوگىرامى 70يۈئەن
يۇمران پىننە يوپۇرمىقىدا تەييارلانغان «پىننە گۈلقەنتى»
باھاسى: ھەر كىلوگىرامى 35 يۈئەن

 

ناشتىلىق ئوزۇقلۇق تالقىنى

 كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ ئەتتىگىنى بىر نەرسە يېگۈسى كەلمەي ناشتىسىز ياكى بىرەر بۇردا نان بىلەنلا چۈشلۈك تاماققا ئۇلىشىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەتىگەندە ئوزۇقلۇقى مول بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىشنىڭ ئومومىي بەدەن سالامەتلىكى بولۇپمۇ مېڭە ئۈچۈن نەقەدەر زۆرۈرلىكى ھەققىدە ئىلگىر يوللىغان تېمىلاردا يېتەرلىك بايان قىلىنغان بولغاچقا ‹‹ئالدىراش›› لار ئۈچۈن بۇ يەردە توختالماقچى بولغىنىمىز ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا تەييار بولىدىغان، تېخنىكا -ھۈنەر تەلەپ قىلمايدىغان ، ھېچقانچە چىقىم كەتمەيدىغان مول ئوزۇقلۇق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ناشتىلىق ھەققىدە بولىدۇ.

مەن ئائىلىدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىرىدارلىرىمغا تەۋسىيە قىلغىنىمدەك ھەر خىل مېغىزلارنى ئېزىپ تالقانلاپ ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ ‹‹سوقماق›› تەييارلاپ بەردىم. بۇمۇ بىر ئاز بولدى، لىكىن ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇلغان مېغىزلارنى بەزىلەر كۆڭۈلگە تېگىدىكەن دەپ ئادەتلىنەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ناشتىلىق بىلەن باغلانغان ، ھەم مېزىلىك ھەم يېيىشلىك بولغان مېغىز تالقىنى تەييارلىدۇق.
201675-120G31KP268

 

9885883_191251720001_2

 

b94-662861

چىنىگە نان سالىسىز، ئۈستىگە بىر-ئىككى قوشۇق كەلگۈدەك تالقان سىلىپ ئۈستىدىن قايناقسۇ ياكى قاينىتىلغان سۈت قۇيىسىز، يېنىك قوچۇپ بىر ئاز ھورى كۆتۈرۈلگەندىن كىيىن بىر-ئىككى قوشۇق ھەسەل سالىسىز. ۋاھ، ئىشتىھانى ئاچقۇدەك مەزىلىك پۇراق دىماققا ئۇرۇلغاندا ناشتا قىلماي تۇرۇپمۇ پۇت-قوللىرىڭىزغا قۇۋۋەت تولۇپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىسىز. خووووش ، ئەمدى رېتسىپنى ۋە تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرايمۇ؟!!!

IMG_20150625_140240
مەن دۇكاندا بۇ قېتىم تەييارلىغان ئۆلچەم بويچە تونۇشتۇرىمەن، قالغىنىنى ئۆزىڭىز ئىھتىياجىڭىزغا قاراپ ئاز-كۆپ تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.
پىستە مېغىزى 500 گىرام . قورۇلغان، پوستى سارغۇچراق كەلگەن يېڭى پىستە ئەڭ ياخشىسى. يۇيۇپ ئاقارتىلغان پىستىلەر بولمايدۇ.
ياڭاق مېغىزى ،
بادام مېغىزى،
ئۈرۈك مېغىزى،
پىندۇق مېغىزى بىر كىلوگىرامدىن. ئۈرۈك مېغىزى بىلەن بادام مېغىزىنى قايناقسۇغا چىلاپ 15 مىنۇت دۈملىگەپ ئاقلايمىز. ئۇندىن كىيىن پاكىز داكا ئۈستىگە يېيىپ چاڭ قوندۇرماي بىر-ئىككى كۈن قۇرىتىمىز. پىندۇقنىڭ پوستى بەك قاتتىق بولغاچقا چاقماق تەس. بىز بۇ قېتىم تۈركىيەدىن ۋاكئۇم ھالەتتە كىرگۈزۈلگەن پىندۇق مېغىزىدىن ئىشلەتتۇق.
ئۇرۇقسىز قىزىل ئاپتاۋى ئۈزۈم بىر كىلو.
كۈنجۈت بىر كىلوگىرام. قۇرۇق ساپلىقتا يەلپۈپ تۇرۇپ يەڭگىل قورۇيمىز.
نوقۇت: 1.5 كىلوگىرام. قۇرۇق قازان، ياكى ساپلىقتا يەڭگىل قورۇپ چالا پۇشۇرىۋالىمىز . ئۇندىن كىيىن ئۇندەك تالقان قىلىمىز.
خۇرۇچلار تەييار بولغاندىن كىيىن چوڭ قاچىدا تەكشى ئارىلاشتۇرىۋالغاندىن كىيىن ئېزىش ماشىنىسىغا سىلىپ تالقان قىلىمىز. دىققەت قىلىدىغان ئىش: چوڭراق، ئىلغارراق ماشىنىدا ئەزمىسەك تەكشى تالقانلانماي ئانچە-مۇنچە مونەكلىشىۋالىدۇ.
ئەگەر يۇقۇردىكى تەپسىلات، جەريانلارغا شارائىت يار بەرمەي ۋاقتىڭىز چىقماي قالسا بىزگە ھاۋالە قىلسىڭىز ، يۇقۇردا دېيىلگەندەك تۈجۈبىلەپ پاكىز تەييارلاپ بىرىمىز. يىراقتا بولسىڭىز ئەۋەتىمىز.
ئادرىسىمىز: قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ جامەنىڭ نور بېشى تەرەپ يان ئىشىكى ئۇدۇلى 2-قەۋەتتىكى بىرزات 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت چاي، ھەسەل دۇكىنى
تېلفۇن: 0998-2820877
13565662787
باھاسى:
بىر كىلوگىرام 100 يۈئەن.

80halta.w059228.dns558.com

بۇنى ئادەتتىكى نۇرمال ئوزۇقلۇق، يېمەكلىك دەپ ئىستىمال قىلىدىغان قۇرۇق مېۋە، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى دېگەندەك خۇرۇچلار.
قوشۇلغان خۇرۇچلارنىڭ تېبابەت كىتابلىرىدا ئېيتىلغانلىرىغا كۆرە تەسىرى جەھەتتىن ئىلىپ ئېيتقاندا بۇ تالقان ئومومىي بەدەنگە ئوزۇق-قۇۋۋەت بولۇش، زىھنى قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، ئاقسىل، كالتىسىي تولۇقلاپ ماغدۇر پەيدا قىلىش،  پەي-مۇسكۇللارغا قۇۋۋەت بىرىش، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ سۈتىنى كۆپەيتىش، تېرىگە جۇلا بىرىش، سېمىرتىش، يىلىك تولۇقلاش، قان كۆپەيتىش دېگەندەك خۇسۇسىيەتلىرى بار.
ئەگەر ئەكىس تەسىرى بار دەپ قارالسا بىر قېتىمدا كۆپرەك ئېستىمال قلىنسا ئاشقازان-ئۈچەيدە يەل پەيدا قىلىشى مومكىن. مەن تەمىگە خۇشتار بولۇپ تاماق قوشىقىدا 3 قوشۇق سىلىپ ئىچسەم يەلنى سەل كۆپەيتىۋەتكەندەك تەسىر بەردى. (بەدەندىكى قۇۋۋەت يەلدىن كىلىدۇ دەپ قويىدىكەن چوڭلار).
ئادەتتە تاماق قوشۇقىدا ئىككى قوشۇق ئىچىپ بەرسەم نۇرمال، باشقىلارغىمۇ يېقىپ قاپتۇ.  ئادەتتە چوڭلارغا ئىككى قوشۇق، بالىلارغا بىر قوشۇق ياكى ئازىراق بەرسەك مۇۋاپىق دەپ قارىدىم.
ئاسان سېمىرىشچان كىشىلەر ئۇزاقراق ئىستىمال قىلسا تېخىمۇ سېمىرىپ قىلىشى مومكىن.

 

 


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...