موھىم مەخپىيەتلىكنى دەپ سالىدىغان بولدۇم. گۈلقەنت ياساش ۋە ئىستىمال قىلىش

بەك پوچى ماۋزۇ قويىۋالىدىغان ئادەت مۇنبەرلەردە ئانچە-مۇنچە ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. 
ئەمما مەن راستىنلا كۆپىنچە كىشىلەر بىلمەيدىغان موھىم مەخپىيەتلىكنى دەپ بىرىمەن. شۇڭا تېمىنى ئاخىرىغىچە چىداپ ئوقۇڭ:

قىزىلگۈلقەنتنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ئۆزىدە ھەم دورىلىق خۇسۇسىيەت ھەم ئوزۇقلۇق خۇسۇسىيەتنى تەڭ ھازىرلىغان. قىزىلگۈلقەنت خەلقىمىزگە شۇ قەدەر تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەنكى ھەر بىر ئائىللەردە ئۆزلىرى تەييارلاپ، كۈزنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىرىدا قۇياش نۇرىنىڭ كۈچلۈك تەپتىدە تۈجۈبىلەپ پۇشۇرۇپ ساغلاملاقنى ئاسىراشتىكى ئۆزگىچە دورىلىق يېمەكلىك سۈپىتىدە ساقلاپ ئىستىمال قىلىشنى ئادەت قىلىپ كەلگەن.
80خالتا ئاپتابى قىزىلگۈلقەنتنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى :
بالىلارنىڭ ياخشى يېمەكلىكى- ئىشتىھاسىزلىق، كالتىسىي كەملىك، قان ئازلىق، يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش قاتارلىقلاردا؛
ئاياللارنىڭ موھىم ئوزۇقلىق ھەمراھى – يۈرەك-مېڭىنى كۈچلەندۈرۈپ روھىي كەيپىياتنى ياخشىلاش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھەر خىل زۆرۈر ئوزۇقلۇقلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش، قان تولۇقلاش قاتارلىقلارغا؛
ياشانغانلاردىكى كالتىسىي كەملىك، ئۆپكە تېبوركوليۇز، يۆتەل، ئاشقازان ئاجىزلىقى، يۈرەك-مېڭە ئىقتىدارى چىكىنىش قاتارلىقلاردا قىزىلگۈلقەنت ھەسەلگە ئوخشاشلا موھىم دورىلىق يىمەكلىكتۇر. گۈلقەنتنى يەنە قورساق ئاغرىپ قالغاندا، ئىچى سۈرۈپ قالغاندا يەپ بەرسىڭىز تىزلا ياخشى ئۈنۈم كۆرىسىز.
ھازىر بازار ئىھتىياجىنى قوغلۇشۇپ گۈلقەنتلەرنىڭ سۈپىتىگە تولۇق ئەھمىيەت بىرىلمەيدىغان ئەھۋاللار ئومومىيۈزلۈك مەۋجۇت. قىزىلگۈلقەنتنى تەييارلاشتا قىزىلگۈل بىلەن شىكەرنى ئېزىش ماشىنىسىدا ئارىلاشتۇرۇپلا تۈنكە تۇڭلارغا قاچىلاپ ئامبارغا بېسىپ قويۇپ سىتىلىدۇ. بۇ گۈلقەنتلەر كۈن نۇرىدا قىزتىلىپ ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر ئارىلاشتۇرۇپ پۇشۇرۇلىشتىن ئىبارەت جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزمەيدۇ. بۇنداق قىلسا تەنەرق، ۋاقىت كۆپ كىتىدۇ.

گۈلقەنتنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە قولدا مۇجۇپ ياكى ياغاچ تەڭنىگە سىلىپ توقماقتا سوقۇپ تەييارلىۋالغاندىن كىيىن داتلاشماس قاچا، ئەينەك قاچىلارغا ئىلىپ ئاپتاپقا سالىمىز. بىر كىلو تازىلانغان قىزىلگۈلگە 3 كىلو شىكەر قوشۇلسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئىمكانىيەت بولسىلا 2-3 كۈندە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا كۈننىڭ تازا ھاۋا قىززىغان پەيتىدە گۈلقەنتنى ياغاچ چۆمۈچ (مۇۋاپىق كەلگۈدەك كۈسەي دەپ تۇرساقمۇ بولىدۇ  ) تە قوچۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تومۇز يېگۈزىمىز. گۈلقەنتنى بۇنداق جاپا تارتىپ تونۇردەك قىززىقتا قوچۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قۇياش نۇرىغا قاقلاپ بىرىشنىڭ ھېكمىتى شۇكى، شىكەر بىلەن قىزىل گۈلنى ئۆز ئارا يېيىشتۈرۈپ پۇشۇرۇپ ئاشقازان، جىگەرنىڭ قوبۇل قىلىشى، سۈمۈرىشىگە لايىقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
بۇ ئارقىلىق نېمە مەقسەتكە يېتىمىز؟ ئەلۋەتتە ھازىر بالىلىرىمىزغا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن باشلاپ يېگۈزۈپمۇ تولۇقلاپ بولالمايۋاتقان كالتىسىي ۋە باشقا زۆرۈر ئوزۇقلۇقلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇستىخاننىڭ يېتىلىشىگە ياردەم بىرىش. قىزىل گۈلقەنت ھامىلدار ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ زۆرۈر ئوزۇق تولۇقلاش يېمەكلىكى بولۇشقا مۇناسىپ. ئۇندىن باشقا شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تادۇ بەگ گۈلقەنت ياساشنىڭ ئۇسۇللىرى دېگەن تېمىدا بايان قىپتۇ. گۈلقەنتنى يېيىشنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۇسۇلى يۇمشاق نانغا سۇۋاپ ھوزۇر بىلەن چايناپ يېيىش. 
خوش، ئەمدى گۈلقەنتنى ماشىنىدا سالغاندىن ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا قولىدا ياكى تەڭنىگە سىلىپ ياغاچ توقماقتا سوقۇپ ياسىسا ئەبزەل بولۇشنىڭ بىر ھېكمىتى: گۈلقەنت تۆمۈر بىلەن ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە رەڭگى قارىدىۋالىدۇ. پۇراق، سۈپەت جەھەتتە ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا سالغاندەك ئېسىل بولمايدۇ. شۇڭا جاپا تارتساقمۇ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىن ۋاز كېچەلمەسلىكىمىزنىڭ سەۋەبى مۇشۇ.
ئەمدى ھەسەل گۈلقەنتنىڭ ياسىلىشى ھەققىدە ئازىراق قىستۇرۇپ ئۆتەي. گۈل+قەنت – ئىسمىدىنلا مەلۇم بۇلۇپ تۇرۇپتۇكى بۇ ئېسىل يېمەكلىك گۈل بىلەن قەنت-شېكەرنىڭ يۇغۇرلىشى بىلەن ياسىلىدىغان بولۇپ تولۇق ئاپتاپ يېگۈزۈلۈپ ياسالغان سۈپەتلىك گۈلقەنتنى ‹‹ئاپتاۋى گۈلقەنت›› دەيمىز. بەزى بەلغەم-ھۆل سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەرگە ھەسەل بىلەن گۈلقەنت سالماقچى بولساق  بىر كىلو قىزىلگۈلگە ئىككى يىرىم كىلو شىكەر ئارىلاشتۇرۇپ تەخمىنەن بىر ئاي ئاپتاپتا پۇشۇرۇپ شىكەر تولۇق ئىرىپ قىزىلگۈلگە ئۆزلەشكەندىن كىيىن بىر كىلو مىقداردا جىگدە ھەسىلى ئارىلاشتۇرۇپ ئاپتاپتا يەنە بىر ھەپتە تۇرغۇزۇپ ئالىمىز. گۈلقەنتنى شىكەر ئارىلاشتۇرماي ساپ ھەسەل بىلەنلا سالالماسلىقىمىزدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار.
1. ھەسەلن يۇقۇرى تىمپراتۇرىدا ئۇزۇن ۋاقىت قىزدۇرساق ھەسەل تەركىۋېدىكى مىنىرال ئوزۇقلۇقلارنى زىيانغا ئۇچرىتىمىز-دە، شىكەردە سالغان گۈلقەنتتىن ئالاھىدە، ئېسىل بولسۇن دېگەن ئارزۇيۇمىزغا يېتەلمەيمىز.
2. شىكەردە سالغان گۈلقەنتتەك گۈلنى يېتەرلىك ئىزىپ پۇشۇرالمايمىز. ھەمدە ئاپتاپقا يېتەرلىك قويالمايمىز.
گۈلقەنتنى ساقلاپ ئېستىمال قىلىشتا ياكى تېبابەت دۇكانلىرى ساقلاپ سېتىشتا گۈلقەنت قاچىلايدىغان تۇڭ-قاچىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك. گۈلقەنتنى نېكىلى بۇزۇلغان، داتلاشقىلى تۇرغان تۆمۈر قاچا، تۇنكا تۇڭلارغا قاچىلاپ ئۇزۇنراق تۇرغۇزساق سۈپەتتە مەسىلە كۆرىلىپ رەڭگى قاردىۋالىدۇ. سۇلياۋ قۇتىلارغا قاچىلاپ ئۇزۇنراق ساقلاشمۇ ياخشى ئەمەس. ئىستېمال قىلغۇچىلار ئەڭ ياخشىسى گۈلقەنت-ھەسەللەرنى ئەينەك قۇتا، داتلاشماس قاچا، سىرلىق كورىلارغا قاچىلاپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
گۈلقەنتلەرنىڭ تۈرى خىلى كۆپ بولۇپ كىشىلەر بەكرەك ياقتۇرۇپ يەيدىغان ھەم ھەر خىل مىزاج، ھەر خىل ياشتىكىلەرگە ئۇنۋېرسال ماس كىلىدىغانراقى ئاپتاۋى قىزىلگۈلقەنت بولغاچقا ھەمدە ھەر قانداق ئادەم ئۆزى ئۆيىدە قىلىۋالالايدىغان بولغاچقا بۇ تېمىدا شۇنى ئاساس قىلىپ تونۇشتۇرغان ئىدىم.
بۇ تېمىغا تورداشلارنىڭ گۈلقەنتلەر ھەققىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەزمۇننى قوشۇمچە قىلىپ قويدۇم.
قىزىلگۈلقەنتنىڭمۇ نەچچە خىل تۈرى بار:
ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ سالىدىغان – ئوزۇقلۇق قۇۋۋەتلەرنى، ئاشقازان ، بۆرەكنىڭ ئىسسىقلىقىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
زەپە ئارىلاشتۇرۇپ سالىدىغان – قاننى جانلاندۇرۇش، زىھنى قۇۋۋەتنى، يۈرەكنى ياخشىلاش مەقسىتىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
ئاقلانغان بادام مېغىزى ئارىلاشتۇرۇپ سالىدىغان – ئۆپكە نەپەس يوللىرىدا مەسىلە بار، تېبۇركوليۇز، زىيادە ئورۇق كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ.
بىز بۇلتۇر ھەسەل بىلەن زەپەنىڭكىنى ئازىراقتىن تەييارلىغان ئىدۇق، بەك بازارلىق بولۇپ كىتىپ بالدۇرلا تۈگەپ كەتتى.
ئۇندىن باشقا باشقا چېچەك تۈرلىرىدىن :
جىگدە چېچىگى گۈلقەنتى – ھېس-تۇيغۇنى كۈچەيتىپ شەھۋەتنى ئاشۇرىدۇ.
زاراڭزا چېچىگى گۈلقەنتى – قاننى جانلاندۇرىدۇ، تېرىگە جۇلا بىرىدۇ. ئاق كېسەل بىمارلىرى قوشۇمچە ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
ئانار چېچىگى گۈلقەنتى – ھۆللۈكنى قۇرتىدۇ، قان توختىتىدۇ. ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
يانتاق چېچىگى گۈلقەنتى – بوۋاسىر كېسىلى بارلارغا ماس كىلىدۇ.
ئاپتاپپەرەس چېچىگى گۈلقەنتى – بۆرەك، دوۋسۇندا تاش بار كىشىلەرگە ماس كىلىدۇ.
خەشخاش (كۆكنار چېچىگى) گۈلقەنتى – ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، يۆتەل پەسەيتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختۇتۇش مەقسىتىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ. كىچىك بالىلارغا بىرىلمەيدۇ.
ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقىنى ئېزىپ سالىدىغان گۈلقەنتلەردىن:
پىننە گۈلقەنتى – ئاشقازان، ئۆت كېسەللىكلىرىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
يالپۇز گۈلقەنتى – ئاشقازان يەللىكى
رەيھان گۈلقەنتى – ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك ئاجىزلىقىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ.›› دېگەندەكلەرنى تەييارلاش مومكىن.
قىزىلگۈلدا سالغان گۈلقەنتلەردىن باشقىلىرىنى ھەر خىل كېسەللىكلەردە قاراتمىلىق ئىستىمال قىلىپ بىرىشكە بۇيرۇلىدۇ. تەمى، پۇرىقى، رەڭگى ئاپتاۋى قىزىلگۈلقەنتنىڭكىدەك يېيىشلىك ئېسىل چىقمايدۇ. شۇڭا باشقا چېچەك، ئۆسۈملۈك گۈلقەنتلىرى كەمدىن-كەم سىلىنىدۇ.
تېۋىپ-دورىگەرلەردىن ئىتتىك تاپقىلى بولىدىغان گۈلقەنتلەردىن:
قىزىلگۈل گۈلقەنتى
پىننە گۈلقەنتى
ئانار چېچىگى گۈلقەنتى
يالپۇز گۈلقەنتى دېگەندەكلەر.
يازما ئاپتۇرى: مۇھەممەتتۇرسۇن

ئەسكەرتىش: بۇ تېما 80خالتا بلوگى ۋە ئىزدىنىش مۇنبىرىگە تەۋە.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      ئامانشەھەر

      بۈگۈن بەكمۇ ياخشى تېمىدىن بىرنىئوقۇغۇنىمدىن خۇشالمەن ،بەك قىزىقىمەن تىبابەتكە گۈلقەنتنىڭ بۇنچە كوپ تۈرلىرى بارلىغىنى بىلمەپتىمەن نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇم نەچچە كۈندىلا جىگدىلەر چىچەكلەيدۇ چۇقۇم ياساپ يەيمەن

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...