2011-يىللىق بلوگ باھالاشتا 80خالتا بلوگى يەنە بىرىنجى بولدى

كەچتە دۇكاندىن يېنىپ ئۆيگە كىرسەم ئوغۇللىرىم ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كىلىشىدۇ، بىلال: << دادوو، ھۇ ئاللا (مېنى كۆتۈرۈپ قوي دېگەن مەنىدە) دادوو، ھۇ ئاللا>> دەپ پاچىقىمغا ئېسىلىيدۇ. چوڭ ئوغلۇم ئۆمەرھەييارلىق قىلىپ :<< دادا نىمدا ئەمدى كەلدىڭ، بالدۇيياق كەسەڭ بولمامدا؟! دادا، ئىسسىپ كەتتىڭ، چاپىنىڭنى سىلىۋېتە…..!>> ۋاي تاتلىق بالام ، دۇكاندىن مىڭىپ كىلىپ 5-قەۋەتكە چىقىپ بولغۇچە راس سەل ئىسسىپ قالدىم، سىلىۋىتەي مانا دەپ چاپاننى قويۇپ بولغۇچە يانچۇقنى كولاپلا تېلفۇننى ئىلىۋالىدۇ. ئەسلى مەقسىدىك شۇمىدى دەپ يالغاندىن ھومۇيۇپ قويسام ، ئەركىلەپ :<< دادا، مەن بى ئويناپ باقاييي…>> HTC نى قولىغا بىر ئىلىۋالسا بىرەرسىدىن تېلفۇن كىلىپ قالمىغۇچە بەرگىلى ئۇنىمايدۇ. ھىلى ئۇ يانغا سىيرىپ، ھىلى بۇ يانغا سىيرىپ ئۆزى ئامراق ئويۇن، ناخشىلارنى چىقىرىپ ئويناپ كېتىدۇ. ئاندىروئىد سىستېمىسىدا ئوينايدىغان – ئەجدىھا بالىسىنىڭ تاغلاردىن ھالقىپ ئانىسىدىن قاچىدىغان بىر ئويۇننى بىلىسىلەر، ئۇ ئاشۇ ئويۇننى دەسلىۋىدە ئوينىغاندا ئەجدىھا بالىسىنى تىز-تىز قاچۇرماي قاراپ تۇرىدۇ، ھەي، بولە چاققان، ئانىسى كىلىپ قالىدۇ، تېز قاچ ، دېسەم، – ھە شۇ، ئانىسى كىلىۋالسۇن، دەيدۇ. كۈلۈپ كىتىپتىمەن. تېلفۇننى ئويناۋاتقاندا بىرەرسىدىن تېلفۇن كىلىپ قالسا قولۇمغا بىرىپ سۆزلىشىپ بولغۇچە يىنىمدا قاراپ تۇرۇپ تېلفۇننى قويغاندا، دادا، چىمىكەن؟!! دەيدۇ. ھە بالام، ئۇ خىرىداكەن دېسەم، ھە دەپ قويۇپ يەنە ئويۇنغا چۈشۈپ كىتىدۇ. بىردەمدىن كىيىن يەنە تېلفۇن سايراپ قالسا ئۆزى بىر سىيرىپلا تېلفۇننى ئىلىپ: <<ئەسلاملەيكۇم، خيدا ئاكا، دادامغا بىيەي، خوش ئاللاغا ئامانەت>> دەپ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ ئەكىلىدۇ، كىمىكەن دېسەم، خيدا ئاكامكەن دەيدۇ، كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتىمەن. 3 ياشلىق بالىنىڭ تەپەككۇرى قانچىلىك بولماقچىدى دەپ سەل قارايدىكەنمىز، ئەمەلىيەتتە مەن ئۆمەرنىڭ گەپ-سۆزلىرى، ئەتراپىدىكى موھىت، چوڭلارنىڭ سۆزلىرىگە قايتۇرغان ئىنكاسىغا قاراپ 3 ياشلىق بالىنى كىچىك دەپ تەربىيلەشكە سەل قارىساق بولمايدىكەن دەپ قالدىم. تېلفۇننى كۆپ ئوينىسىمۇ رادئاتسىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قالمىسۇن دەپ سەل ئەنسىراپ قىلىۋاتىمەن. ئوينايدىغانغا مەخسۇس مۇئەللىم ياكى ئىرپاننىڭ چەكمە ئوقۇتقۇ كىتابلىرىدىن ياكى بولمىسا بىلكان ئايپەد (تاختا كومپيۇتېر) دىن ئىلىپ بىرەي دەپ نىيەت قىلىپ يۈرگىلى خىلى بولدى، لىكىن چول تىگىپ بولالماي تېخىچە ئىلىپ بولالمىدىم. بۇ قېتىمقى بلوگ باھالاشتا 1-2-بولغانلارغا بىلكان ئايپەد مۇكاپات بىرىلەرمىش دەيدۇ. يىللاردىن 80خالتا بلوگى 1-بولۇپ كىلىۋاتقاندا بۇنداق ئىسىل مۇكاپاتلار يوق. بۇ يىل رىقابەت كەسكىن، 80خالتا بلوگى 1-بولالمايدىغاندەك تۇرغاندا بۇ مۇكاپاتنىڭ گېپى چىقىپ قالدى ماڭا (80خالتا بلوگى)غا كۆپرەك بىلەت تاشلاپ قويۇڭلار جۇما ئاغىينىلە، 1-بولۇپ ئوغلۇم ئۈچۈن بىلكان تاختا كومپيۇتېر مۇكاپات ئىلىپ بىرەي بىلكان تاختا كومپۇتېرنىڭ ئىقتىدارلىرى ئالامەتمىش، بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈش دىتاللىرى قاچىلانغان دەيدۇ. باشقا بلوگېر بۇرادەرلەرمۇ تىرىشىڭلار! بىلكان مۇكاپات ئالساڭلار باللىرىڭلارنى خوش قىلىسىلەر، بىلكان مۇكاپات ئالساڭلار باللىرىڭلار تېلفۇنىڭلارنى تالاشمايدۇ. بىلكان ئۈچۈن ھۇررراااا

____________________________________________

80خالتا بلوگى 2011-يىللىق ئۇيغۇردىكى 10 چوڭ مۇنەۋۋەر بلوگنى باھالاش پائالىيىتدە 1-بولۇپ بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ WiFi نەشىرى، 2398 يۈئەن قىممىتىدىكى بىلكان پەد (تاختا كومپيۇتېر) مۇكاپاتىغا نائىل بولدى. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئەلداۋا تورى، قوللىغان بىلكان شىركىتى ۋە تورداشلارغا تەشەككۈرلەر بولسۇن!

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      birgul

      بىرزات ئۇستام بۇ يازمىللىرىنى كۆرۈپ ئوماق ،تاتلىق ھەم ئەقىللىق ئوغوللىرى ئۆمەرنى سۆيۈپ قويغۇم كەلدى .ئاللاھ پەرزەنتلىرىنى يامان كۆزلەردىن ساقلىسۇن . بىلەت تاشلاش ئىشىغا كەلسەك قانداق بىلەت تاشلايمىز . مەن بىر ئەمەس بىر نەچچىنى بىراقلا تاشلاي دىگەن [face05]

    • #2

    • #3
      Birzat

      رەھمەت. بىلەت تاشلاشتا ئىزدىنىش، مىسرانىم، نۇرقۇت، كىروران، بىلىك مۇنبەرلىرىنىڭ قايسىسىغا ئەزا بولغان بولسىلا شۇنىڭغا كىرىپ بىلەت تاشلىيالايلا، ئەگەر ئۇ مۇنبەرلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا ئەزا بولمىسىلا بىلەت تاشلىيالمايدىكەنلا.

    • #4

    • #5
      تەجەللى

      سالام ئۇستاز….سىلىنىڭ بىرىنجىلىكلىرى ئۈچۈن بىر تال بىلەتنى ئىككىلەنمەي تاشلىغان مەندەك ئىنىلىرىنىڭ بىلوگنى قۇشۇپ قۇيغەنتىلە،ئەمدى ئەجەپ چىقىرۋىتىپلىغۇ؟يىڭى يىللىرىغا مۇبارەك بولسۇن.بىلوگىمدىن يىڭى يىللىق سوۋغاتلىرىنى ئىلىۋاسالا.ئەگەر بىلوگىم ۋە يازمىللىرىم ياقمىسا قۇشمىسىلا مەيلى،ياقسا قۇشۇپ قۇيالا….ھۆرمەت بىلەن تەجەللە بىلوگى،http://www.tejelli.com/
      [reply=Birzat,2012-01-01 07:35 PM]دوستانە ئۇلىنىشلارنى رەتلىگەندە چۈشۈپ قالغان ئوخشايدۇ. مەن قايتا چىقىرىپ قوياي. بلوگلىرىدا سوۋغات باردەك ئەمەسقۇ؟!![/reply]

    • #6

    • #7
      menhayat

      تەبرىكلەيمەن! يان تېلفۇنلىرى ئەمدى سىلگە ئوڭچە قاپتۇ، بىلكانغا ئېرىشىپلا ![face43]
      [reply=Birzat,2012-01-01 07:41 PM]رەھمەت. كەڭ تورداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن 2011-يىللىق ئۇيغۇردىكى مۇنەۋۋەر بلوگلارنى باھالاش پائالىيىتدە 80خالتا بلوگى 1-بولدى. بۇ پائالىيەت يولغا قويۇلۇپ كىلىۋاتقان 3 نۆۋەت ئۇدا 1-بولىشىمىز ھېسابلىنىدۇ. بىلكان شىركىتى 2400 يۈئەن قىممىتىدىكى بىلكان پەدنى مۇكاپات سۈپىتىدە بۈگۈن يولغا ساپتۇ. ئاللا خالىسا ئەتىلەرگىچە تاپشۇرۇپ ئالغۇدەكمەن. 80خالتا بلوگىنىڭ بىسىپ ئۆتكەن يوللىرى، ئىرىشكەن نەتىجىلىرى ۋە بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات نىشانى ھەققىدە ئايرىم بىر تېما يوللاپ تورداشلارنى خەۋەردار قىلىش نىيىتىم بار. بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ بلوگىمغا ئەزا بولغان دائىملىق ئوقۇرمەنلىرىم بىلەن تۈزۈكرەك بىر گۇڭۇر-مۇڭۇر قىلىشىپ بولالمىدىم. ئاللاھ خالىسا بىر قانچە كۈن ئىچىدە بىر تېما تەييارلاپ تورداشلىرىم بىلەن پىكىر سۆھبەتتە بولغۇم بار. [/reply]

    • #8

    • #9
      تەجەللى

      ئۇستاز سالام سىلىگە!بىلوگىمدىكى ياخشى ئەسەرلىرىم سىلىگە ھەم دوسلارغا قىلغان ئەڭ ياخشى سوۋغىتىم شۇ ئىدى…مەنمۇ تەرەققى قلىپ سىلىدەك خوجايىن بولغاندا ئاندىن تىخمۇ ياخشى سوۋغا بىرىمەن ئاللا خالىسا..

    • #10

    • #11
      تەجەللى

      ئەمىسە بىلگىمنى كۆرۈپ بىقىپ يارىسا چىقىرىپ قۇيالا ئۇستاز.http://www.tejelli.com/
      لوگوسىhttp://www.tejelli.com/logo.gif

    • #12
      تەجەللى

      ئەمىسە بىلگىمنى كۆرۈپ بىقىپ يارىسا چىقىرىپ قۇيالا ئۇستاز.http://www.tejelli.com/
      لوگوسىhttp://www.tejelli.com/logo.gif

    • #13
      birgul

      ۋاي مۇبارەك بولسۇن ئۇستام ، مەن بىلەت تاشلىغىچە نەتىجە چىقىپ بوپتۇ ئەمەسمۇ ….سەت بولدى . ئۆيۈمدە مىھمان بولۇپ توردا كۆپ ئولتۇرالماي قالدىم ، كەچۈرگەيلا . ئۆزلىرىنىڭ بىزلەر ئۈچۈن سەرىپ قىلغان ئەمگەكلىرى بىكار كەتمەپتۇ . ھەر تورغا كىرسەم بۇ بىلوگنى بىر يوقلىۋەتمەي كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ .خۇدا بۇيرىسا كىلەر قېتىمدا بىرىنجى بولۇپ بىلەت تاشلايمەن .(ئاللاھ سالامەتچىلىك بەرسە )

    • #14

    • #15
      Sarwan

      مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىلا رەسىمىنى بىر چىقىرىپ قويماملا.

    • #16
      Sarwan

      مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىلا رەسىمىنى بىر چىقىرىپ قويماملا.

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...