ئەرلەردىكى پاينەكباشلىق ۋە ئەرلىك ھورمۇن

مۇناسىۋەتلىك تېما: پاينەكباش-تازلار شۇنچە جەلىبكارمۇ؟

 

 

ئەرلەردىكى پاينەكباشلىق بالدۇر كۆرىلىدىغان، ياغ تەپچىشتىن بولىدىغان، جەمەت خاراكتېرلىك (ئىرسىيەت) ۋە ئەرلىك ھورمۇندىن بولىدىغان چاچ چۈشۈش بولۇپ تەخمىنەن 20 – 30 ياشتىن باشلاپ چاچ چۈشۈشكە باشلاپ، چاچ شالاڭلىشىدۇ ۋە چوققىسىدىكى چاچ چۈشۈپ پاينەكباش بولۇپ قالىدۇ.

بۇ خىل كېسەل ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا جەمەتلىك پاينەكباشلىق دېيىلىدۇ. نۇرغۇن بىمارلارنىڭ ئائىلىسىنى تەكشۈرگەندە ، بىر ئائىلىدە بۇ خىل كېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قارىغاندا چوڭ نىسبەتنى ئىگەللەيدىغانلىقىى بايقىغان.  يېقىندا بەزىلەر بۇنى كۆپ خىل ئامىل ياكى كۆپ گېنلىق ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مومكىن، دەپ قارىماقتا. شۇنداقلا يەنە بىر نەچچە خىل گېن بىلەن موھىت ئامىللىرىنىڭ ئۆز ئارا تەسىر قىلىشىنىڭ نەتىجىسى دېيىشمەكتە.

ئەرلەردىكى پاينەكباشلىق ۋە ئەرلىك ھورمۇن

بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى بەدەندىكى ئەرلىك ھورمۇن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا خان-پادىشاھلارنىڭ، بايلارنىڭ ئوردا-سارايلىرىدا ئىشلەيدىغان ئاغۋاتلارنىڭ كىچىكىدىلا ئۇرۇقدىنىنى ئېلىۋەتكەن بولغاچقا ئۇلاردا پاينەكباشلىق بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار كېسەلگە دۇچار بولۇپ تېستوستېرون (ئەرلەردىكى بىر خىل ھورمۇن) بىلەن داۋالاش زۆرۈر بولۇپ قالسا، داۋالانغاندىن كىيىن چاچ چۈشىدۇ. بەزىلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا پاينەكباش ئەر بىلەن نۇرمال (چاچلىق) ئادەمدىكى 17-كېتوستېروئىد ۋە قاندىكى تېستوستېرون سەۋيەسىدە پەرق بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بەزىلەر، بۇ خىل بىمارلار چاچ خالتىسىنىڭ ئەرلىك ھورمۇنغا بولغان سەزگۈرلىكىنىڭ ئىشىپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك، دەپ ئوتتۇرغا قويغان. گەرچە نۆۋەتتە ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئەرلەردىكى پاينەكباشلىقنى پەيدا قىلىدىغان موھىم ئامىل ئىكەنلىكى مۇقىملاشقان بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭ تەسىر قىلىش مىخانىزىمى ھەققىدە ئېنىق تەتقىقاتلار بولغىنى يوق.

بۇ خىل كېسەللىك دۇنيا مىقياسىدا ئاق تەنلىكلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ. مەملىكەت تەۋەسىدە بۇ كېسەلنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى غەرب ئەللىرىگە قارىغاندا كۆرىنەرلىك تۆۋەن. لىكىن ئۇيغۇرلار ئىچىدە بولۇپمۇ قەشقەر، ئاتۇش ئەرلىرى ئىچىدە پاينەكباشلىق كۆپ ئۇچرايدۇ. چاچ چۈشۈش ئالدى بىلەن پىشانىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن باشلىنىپ، پىشانىدىكى چاچ گېرۋىكى بارغانسىرى چوققا تەرەپكە قاراپ يۇقۇرلايدۇ ۋە پىشانىسى كېڭىيىپ كېتىدۇ.  تەدرىجى ئېغىرلىشىپ چوققا قىسمىغىمۇ يېتىپ بارىدۇ. چاچ چۈشۈپ، بارغانسىرى ئىنچىكىلەيدۇ. چاچنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ يەنە ئەسلىدىكىدىن ئىنچىكە بولغان چاچ چىقىشقا باشلايدۇ. كىيىن بۇ چاچلار تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ يۇمرانلىشىپ سېرىق تۈككە ئوخشاپ قالىدۇ. چوققىسى بىلەن پىشانىسى پارقىراپ پاينەك بولۇپ، پەقەت چېكە ۋە ئارقا تەرپىدىلا چاچ قالىدۇ. يەنە بەزىلەردە دەسلەپتا چوققا قىسمىدىن باشلاپ چاچ چۈشىدۇ. ئەرلەردىكى چاچ چۈشۈشنىڭ شەكلى نۇرغۇن بولۇپ، چوققا قىسمى بىلەن پىشانە قىسمىدىكى چاچنىڭ چۈشۈشى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ كېسەل سوزۇلما خاراكتېرلىك بولۇپ ئاز ساندىكىلەردە تېز تەرەققى قىلىدۇ ۋە بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا دائىرىسى خىلى كەڭرى بولغان ئورۇندا چاچ چۈشۈپ پاينەك بولۇپ قالىدۇ. چاچ چۈشۈشنىڭ سۈرئىتى، دەرىجىسى ۋە دائىرىسى ھەر بىر ئادەمدە ئوخشاش بولمايدۇ. ئازىراق قىچىشقاندىن سىرت باشقا ئالامەتلەر بولمايدۇ.  ئىلگىرى تېرىدىكى ياغ تەپچىشنىڭ ئېغىر بولىشىمۇ مەزكۇر كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى دەپ قارىلاتتى. لىكىن ھازىر تېرىدىكى مايلىشىش مەزكۇر كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش مىخانىزىمىدا ئانچە چوڭ رول ئوينىمايدۇ، دەپ قارالماقتا. ئەرلەردىكى چاچ چۈشۈش پەقەت چاچ بىلەنلا چەكلىنىپ، ساقال-بۇرت، مەيدە تۈكى ۋە باشقا تۈكلەرگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

 بۇ كېسەلنىڭ توقۇلما پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشى بىلەن كىلىنكىلىق ئىپادىسى بىردەك بولىدۇ. دەسلەپكى ۋاقتىدا چاچ يېلتىزى بوشاپ ئاسان چۈشىدۇ. بىر قانچە ۋاقىتلاردىن كىيىن تۈك خالتىى تەدىرجى كىچىكلەپ سېرىق تۈك خالتىسىغا ئايلىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سېرىق تۈك خالتىسىمۇ يوقايدۇ. ھەممە سېرىق تۈك خالتىسى ئاستىدا قوشقۇچى توقۇلما زەنجىرى پەيدا بولىدۇ. يۈزەكى تېرە نېپىزلەپ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى قىزىل قان تومۇر چىگىشى يوقايدۇ. تېرە ياغ بېزىنىڭ كۆپۈنچىسى يوقايدۇ. ئىشقارلىق فوسفاتازا بىلەن بويىغاندا ئوچۇق كۆرىنىدۇ. پاينەكباشلىقنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە تۈك خالتىسىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى نۇرمال بولىدۇ، لىكىن سېرىق تۈك خالتىسىدىكى قان تومۇرلار ئىنچىكىلەپ كېتىدۇ.

 1000 يىللار بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن تېبابەت ئالىمى ئىبنى سىنا <<شىفا>> دېگەن كىتابتا: <<ئاياللار بۇ سەلئىي كېسەللىككە ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى ئاياللاردا ھۆللۈك كۆپ بولىدۇ. ئاختا قىلىنغان كىشىلەر ھەم بۇ كېسەلگە ئۇچرىمايدۇ، چۈنكى بۇلارنىڭ مىزاجى ئاياللارنىڭ مىزاجى تەرىپىگە مايىل بولىدۇ. ئۇلاردىكى ھۆللۈك تارقاپ كەتمەيدۇ>> دېگەن ئىكەن.

پاينەكباشلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ئېغىرلاپ كېتىشنى توسۇشقا ياردەم بەرگۈچى يېمەكلىك ۋە دورىلار:

يېمەكلىكلەردىن: تەركىبىدە ۋېتامىن ب مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش كېرەك. مەسىلەن: سېرىق پۇرچاق، سامساق، سەۋزە، كاۋا، تېرىق، كۆك پۇرچاق، تۇخۇم، مايسىزراق (قارا) گۆش…

تەييارلىنىۋاتىدۇ….

 مۇناسىۋەتلىك تېما: پاينەكباش-تازلار شۇنچە جەلىبكارمۇ؟


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      tohti

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندى……سىزدىن سورايدىغان مەسلەھەت ئىدى….سىز بىلەن قانداق ئالاقلىشمىز؟تلىفۇن ياكى باشقا ئالاقىلشش ئۇسۇلنى خاپا بولماي دەپ بەرگەن بولسىڭز؟……
      [reply=Birzat,2011-10-16 01:01 PM]مەنزىلىمىز: قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7- رايون A بۆلەك 018-نۇمۇر (2-قەۋەت) يەنى ھېيتگاھ مەسچىت ئالدى مەيدان نوربېشى تەرەپ گۈمبەز يېنىدىكى < < نوربېشى ئاشخانىسى >> نىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە. ھېيتگاھ مەيداندىكى چوڭ تېلۋىزوردىن 50 مېتىر نېرىدا.

      تېلفۇن: 0998-2820877
      يانفۇن:13565662787 ، 15309982787

      باش ئۇستام: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
      [/reply]

    • #2
      yar

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
      يېقىندىن بىرى مېنىڭ چېچىم كۆپلەپ چۈشىۋاتىدۇ ، مەن تېخى 25ياش ، چاچقا ئاق كىرىشمۇ بار.
      ھەر قېتىملىق جىنسى مۇناسىۋەتتىن كىيىن ياكى ئېھتىلام بولغان ۋاقىتتا بەدەندىن ئىسپىرما چىقىپ كەتكەندىن كىيىن بېشىم بەك قىچىشىپ چېچىم چۈشىدۇ .
      بۇنڭغا قانداق ئامال بار ؟ قانداق دورىلارنى ئىشلەتسەم بولىدۇ ؟

    • #3
      ekram8100

      مەنمۇ شۇ خىل ئاسارەتلەر با،ھازىر 26ياشقا كىردىم باشنىڭ ئۈستى قىسمىدىكى چاچلار چۈشۈپ بولدى[face11]بەك كۆپ دورا ئىشلىتىپ كەتتىم لىكىن ئۈنۈمى بولمىدى[face10]
      بىر يۇرتلۇق ساۋاقدىشىم تىببى ئىنىستىتوتتا ئوقۇيدىغان تاسادىبى پۇرسەتتا ئۇنىڭدىن سورىساممۇ ئۇمۇ ئەرلىك ھورموننىڭ تەسىرى دىگەن ،مەن بىرزات ئەپەندىنىڭ قارشىنى قوللايمەن،سىزدىمۇ بۇنداق ئەھۋال بارغۇ دەيمەن بىرزات قىرىندىشىم [face76]
      تىزراق بىر سىناقتىن ئۆتكەن رىستىپ ۋە ئالدىنى ئىلىش تەدبىرىنى بايقىسىڭىز ئورتاقلىشارسىز،ماقالىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامىز.

    • #4
      bortala

      «ھەر قېتىملىق جىنسى مۇناسىۋەتتىن كىيىن ياكى ئېھتىلام بولغان ۋاقىتتا بەدەندىن ئىسپىرما چىقىپ كەتكەندىن كىيىن بېشىم بەك قىچىشىپ چېچىم چۈشىدۇ .»

      سىز ئورۇقمۇ؟ ئۇيقۇڭىز ناچارمۇ؟ تېرىڭىز قۇرغاقمۇ؟ ئۇسسۇلۇقنى بەك ئاز ئىچەمسىز؟

      سىزدىكى ئەھۋال ئادەتتە مەنىنىڭ سەرىپ بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ھازىرقى مىزاجىڭىز قۇرۇقلۇققا مايىل بولسا، مەنىنىڭ سەرىپ بولۇشى بەدەن ۋە تېرىنىڭ تېخىمۇ قۇرغاقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تېرىنىڭ قۇرۇقلۇقى ئاشقان ئەھۋالدا، قىچىشىش ۋە كىپەكلىشىش كۆرۈلىدۇ.
      داۋاسى: مەنى ۋە ھۆللۈك تولۇقلىغۇچى لوبۇبى سەغىر يېيىش بىلەن بىللە، بادام مېيىنى پات-پات ئىچىڭ ۋە باش تېرىسىنى مايلاپ كۆرۈڭ. ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا.

    • #5
      muglan-007

      ياخشىمۇسىز بىرزات ئەپەندىم سىزدىن سورايدىغان بىرقانچە سۇئالىم بار ئدى .ئېغىر كۆرمەي ئېنىق قىلىپ مەسلىھەت بىرشىڭىزنى .ئۈمۇد قىلمەن،مەن بۇيىل23ياشقاكىرەي دېدېم مەن بۇرۇن (تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىناتتىم) تاش بورىكىم ئاغرىپ دوختۇرغا كورۇنگەنتىم ،دۇختۇرنىڭ ئېيتشچە ئۇزۇن مۇددەت ئۆرە تۇرغاچكا سول تاش بورەكىىڭىز ئاستىغا بىر ئاز ساڭگىلىۋاپتۇ،،، ( مۇنچىلاردا قۇلدىمۇ لەززەتلىنىپ كوياتتىم)
      ئېغىر ئەمەسكەن ئسپىرما تەكشۇرۇش ئارقلىق ئۇرقىڭىزدا مەسلە يوقكەن،،، كىچىك تىپتىكى ئوپىراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلدىكەن دىگەن 2007-8-2 كۇنى ئوپىراتسىيە قىلغان بىر ھەپتە بالنىستا يېتىش ئارقلىق ساقايغان ئدىم،،،،، بەنە 1-ئايدا دۇۋساق بىلەن ئىككى بىقنىم ئاغرىپB超 تەكشۇرۇتسەم باركەن دەپ 1 ھەپتىلىك دۇرا بەرگەن ،،، دۇرنىڭ پايدىسى بولمىدىمۇ قانداق يەنە قۇزغاپ ئاغرىپ قەشقەردىكى چوڭ دوختىۇرخانغا بېرېپ B超تەكشۇرۇتسەم بۆركىڭىزدە تاش يوقكەن دېگەنتې ، ئۆزۇم CT تەكشۇرۇشنى ئىلتاس قىلىپ تەكشۇرۇتسەم ئازراق مەزىبېزى بوپسىز قۇرقشنڭ ھاجىتى يوق دىگەن ،،،،،، بىراق مۇشۇ 1~2 ئاينىڭ ئالدىدا دۇۋساق بىلەن تاش بۆرەكىم ئاغرىپ توختاپ قالدى ،،،، ھەم ئىچ بۆرەكىم بەزدە لىپىلداپ مىدىرلايدۇ ،،،،،، ئازىر تۇرۇپ-تۇرۇپ ئىچ بۆرەكىم بەزدە لىپىلداپ مىدىرلايدۇ ئۇزاقراق تۇرسام بېلىممۇ ئاغرىيدۇ ،،،، بۇ نىمە سەۋەپتىنكى بىلەلمەدىم ،ياكې ئىچ بۆرەكىم مەسلە بارمىدۇ دەپ ئويلاپ قالمەن ،،، بولسا ئەھۋالنى ئېنىق مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ،،،،،، كۆپ سوزلەپ كەتكەن بولسام مۇ …………………….
      كونلاردا (كىسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۇم ئاش كارە دەپ تىكەن) شۇڭا ئېنىق قىلىپ ئېيىتتىم ….

    • #6
      qaxma

      مەن بىر مەسلىھەت سوراي دېگەن. مەن 2008-يىلى 10-ئايدا توي قىلغان. توي قىلىپ ئىككنجى ئايدا ئايالىىمنىڭ بويىدا بار ئىكەن، ئەمما ئايالىمنىڭ چىشى ئاغرىپ ، بويىدا قالغانلىقىنى ئويلىماي 去疼片 دېگەن دورىنى ئىككى ئۈچ قېتىمدەك يېگەن، ھەمدە شەخسى چىش ئامبولاتۇرىيىسىدە چىشىغا پاختىغا چىلانغان ناركوزدەك بىر نەرسىنى سېلىپ قويغان ئىدى. كېيىن بىز ئىككى قات ئىكەنلىكنى بايقىغاندىن كېيىن، بالىنى ئالدۇرىۋېتىش ياكى ساقلاپ قېلىشنى، بىلەلمەي ئىككىلىنىپ تۇرغان ۋاقتىمىزدا، توساتتىن ئايالىمنىڭ بالىياتقۇسىدىن ، ئاز مىقداردا قان كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىغا كېلىپ تەكشۈرتسەك، بالىنىڭ يېتىلىشى ياخشى ئەمەس، يۈرەك سوقۇشىمۇ يوق،(58كۈنلنك بولغان ھامىلە) دەپ دىئاگۇنۇز قويدى. شۇنىڭ بىلەن بالىنى ئالدۇرۇۋەتكەن ئىدۇق. مانا تاھازىرغىچە ئايالىمنىڭ بويىدا قالمىدى، قەشقەر، يەكەن، قاغىلىق ھەربىي دوختۇرخانا، قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەشكۈرتكەن بولساقمۇ ئۈنۈمى بولمىدى. ئەمدى ھازىر سورىساق،ئايالىمدا ئەرلىك ھورمۇن ئېشپ كېتىپتۇ دەيدۇ.بۇنىڭغا ئۇيغۇر تىبابىتىدە قانداق قارايدۇ؟ ئاياللارنىڭ ئەرلىك ھورمۇنى ئارتىپ كېتىشىدە، تىبابىتىمىزدە بىرەر داۋالاش چارىسى بارمىدۇ؟ مەندىن مەسلىھەتلىرىنى ئايىماسلىقلىرىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن . رەخمەت سىلىنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم!

    • #7
      qaxma

      مەن بىر مەسلىھەت سوراي دېگەن. مەن 2008-يىلى 10-ئايدا توي قىلغان. توي قىلىپ ئىككنجى ئايدا ئايالىىمنىڭ بويىدا بار ئىكەن، ئەمما ئايالىمنىڭ چىشى ئاغرىپ ، بويىدا قالغانلىقىنى ئويلىماي 去疼片 دېگەن دورىنى ئىككى ئۈچ قېتىمدەك يېگەن، ھەمدە شەخسى چىش ئامبولاتۇرىيىسىدە چىشىغا پاختىغا چىلانغان ناركوزدەك بىر نەرسىنى سېلىپ قويغان ئىدى. كېيىن بىز ئىككى قات ئىكەنلىكنى بايقىغاندىن كېيىن، بالىنى ئالدۇرىۋېتىش ياكى ساقلاپ قېلىشنى، بىلەلمەي ئىككىلىنىپ تۇرغان ۋاقتىمىزدا، توساتتىن ئايالىمنىڭ بالىياتقۇسىدىن ، ئاز مىقداردا قان كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىغا كېلىپ تەكشۈرتسەك، بالىنىڭ يېتىلىشى ياخشى ئەمەس، يۈرەك سوقۇشىمۇ يوق،(58كۈنلنك بولغان ھامىلە) دەپ دىئاگۇنۇز قويدى. شۇنىڭ بىلەن بالىنى ئالدۇرۇۋەتكەن ئىدۇق. مانا تاھازىرغىچە ئايالىمنىڭ بويىدا قالمىدى، قەشقەر، يەكەن، قاغىلىق ھەربىي دوختۇرخانا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەشكۈرتكەن بولساقمۇ ئۈنۈمى بولمىدى. ئەمدى ھازىر سورىساق،ئايالىمدا ئەرلىك ھورمۇن ئېشپ كېتىپتۇ دەيدۇ.بۇنىڭغا ئۇيغۇر تىبابىتىدە قانداق قارايدۇ؟ ئاياللارنىڭ ئەرلىك ھورمۇنى ئارتىپ كېتىشىدە، تىبابىتىمىزدە بىرەر داۋالاش چارىسى بارمىدۇ؟ مەندىن مەسلىھەتلىرىنى ئايىماسلىقلىرىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن . رەخمەت سىلىنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم!

    • #8
      yar

      < سىز ئورۇقمۇ؟ ئۇيقۇڭىز ناچارمۇ؟ تېرىڭىز قۇرغاقمۇ؟ ئۇسسۇلۇقنى بەك ئاز ئىچەمسىز؟>

      مەن ئورۇق ئەمەس ، بويۇم 174 ، ئېغىرلىقىم 76
      ئۇيقۇم بەك ياخشى ، يېقىندىن بېرى ئېزىلىپ ئۇخلايدىغن بوپ كەتتىم (لەقۋالىشىپ )
      تىرەم قۇرغاق ،ئۇسسۇلۇقنى كۆپ ئىچىمەن ، بەدىنىم سوغۇققا مايىل

      بۇئەھۋالد سىز دىگەن دورىلار ماس كىلەمدۇ ياكى باشقا بىر دورا ئىشلىتەمدىم ؟

    • #9
      alim12

      ئۇرۇك ئۇچكىسىنى چىشىمدا چاققان سەۋەپلىك مىنىڭ 7ئاي بۇلدى 5دانە چىشىم لىڭشىپ بىرنەرسەيىيەلمەيۋاتمەن داۋاسى بارمىدۇ؟

    • #10
      salam7

      مەن بۇ يىل 19 ياشتا مىنڭمۇ چېچىم كىپەكلىشىپ ئنچىكىلەپ چۈشىۋاتىدۇ. بەزىدە قىچىشىدۇ. چېچىمنى كۇندە يۇيساممۇ يەنە كىپەكلىشىۋاتىدۇ! بۇنىڭ نىمە سەۋەبلىكىنى بىلەلمىدىم! دوختۇرغا كۆرۈنسەم مايلاپبەر دىدى مايلىساممۇ يەنە شۇ! ھە… راس يەنە بەزى چاغلاردا ئورنىمدىن ئۆرە تۇرۇپ، غۇلىچىمنى ئېچىپ تۇرۇپ، ئەسنەپ كېرىلسەم يۈرۈكۈم سېلىپ، كۆزلىرىم بىرخىل قاراڭغۇلاشقاندەك بوپكىتىمەن! خاپا بولماي ماڭا مەسلەت كۆرسەتكەن بولسىللىرى سىلىدىن بەكمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم.

    • #11
      aygvl

      ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم، ماڭا بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز بوپتىكەن.
      مەن ھەر قېتىم يۇيۇنغاندا پۈتۈن بەدىنىمنى سۇپۇنلاپ يۇياتتىم. بۇرۇن ھېچقانداق بولمىغان. بىراق بىرھەپتىنىڭ ئالدىدا بەدىنىمنى يۇيغاندا ئىنىچكە يېرىم ئېچىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن پاكىز سۇدا چايقىۋەتتىم. بىراق يەنە ئازراق ئېچىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن قۇيۇق ئاق رەڭلىك ئاق خۇن بۇلىدىغان بۇلۇپ قالدىم. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىسسىق سۇدا يۇيۇپ، ئىچ كىيىمىمنى ھەر كۈنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىۋاتىمەن. ئازراق ياخشىلىنىش بولدى. بىراق بۇرۇنقىدەك ئەمەس. بۇرۇن ئادەت كۈرۈشنىڭ ئالدىدا ئاق خۇن بۇلاتتىم. ھەم ھازىرقىدەك قۇيۇق ئاق رەڭلىك ئەمەس ئىدى. مەن تېخى توي قىلمىغان بولغاچقا دوختۇرخانىغا بېرىپ باقمىدىم. ماڭا مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز. مەن قانداق قىلىشىم كېرەك.

    • #12
      aynureziz

      yahximusiz manbuyil36yax yoldixin40yax birkizparzantimizbar manhiqkandak hamildarliktinsaklinx kilipbakmigan bolsammu likinyanakaytaparzantlik bolalmiduk dohturga takxartsam tuhumtoxuxnayqisi etlipkaptudapdiagunuzkoydi bu

    • #13
      aynureziz

      nunga muwapikkalgidak uygurtibabatdorliribarmidu mangabiryardamkilganbolsingiz allayolda rahmat

    • #14
      ELEBAG

      ئەلىنڭ داۋاسى… ئەلىنڭ دۇئاسى…..

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...