مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:
توي قىلىش ئالدىدىكى قىزلارنىڭ بەزى بىر سۇئاللىرى
بىر ئانىنىڭ قىزىغا ئېيتقانلىرى [قىز-چوكانلار]
قىزىم! ئاللاغا مىڭلارچە شۈكۈر، بويىڭىزغا يېتىپ، ئەتە – ئىنىدىن بىر ئائىلىنىڭ سۆيۈملۈك كېلىنى بولىسىز. يېڭى ھاياتىڭىز ھەققىدە باشقىلاردىن كۆپ ئاڭلىغىنىڭىز، كىتابلاردىن كۆپ ئوقىغىنىڭىز باردۇر. مەن بۇ ھەقتە ئازىراق قوشۇمچە قىلماقچىمەن. چۈنكى باشقىلاردىن سىزگە يەتكەن تۈرلۈك گەپلەرنى ئاڭلاپ گاڭگىراپ، تەمتىرەپ يۈرمەڭ!
ئايال زاتى بۇ دۇنياغا ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن ئەۋلاتلار زەنجىرىنى ئۇلىغىلى، پەرزەنتلىرىنى ئىيمانلىق قىلىپ تەربىيلىگىلى، بىر ئائىلىنى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىرىنى ياشناتقىلى كىلىدىغانلىقىغا ئىدراكىڭىز يېتىپ تۇرۇپتۇ. سىز كىيىن جىنىڭىزنىمۇ بىرىشكە تەييار بولىدىغان ئاشۇ پەرزەنتلەر ئەر-خوتۇن مۇھەببىتىدىن، ئۇلارنىڭ نازۇك مۇناسىۋېتىدىن دۇنياغا كىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىسىز. شۇنداق ئىكەن، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ مۇھەببەتنىڭ ھەقىقى چوققىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماڭ ۋە بۇ قوشۇلۇش ئۈچۈن پەقەت ئەر مەسئۇل دەپ ئويلىماڭ!
بۇ كېچە ھەققىدە ھەر كىملەر تۈرلۈك ۋەھىمىلىك سۆزلەرنى ئېيتىشىدۇ. گويا قىزلىق پەردىنىڭ ئىلىنىشىدا دەھشەتلىك ئاغرىق بولارمىش. توغرا، قىزلىقتىن جۇۋانلىققا ئۆتۈشتە بىر ئاز ئاغرىق بولىشى مومكىن. ئەگەر گەۋدىنى ئەركىن تۇتمىسىڭىز، ناتوغرا ھەركەتلەر بىلەن ئەرگە قاتتىق قارشىلىق قىلسىڭىز، جىنسىي يول مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىشى قىيىنلىشىدۇ، ئەنە شۇنىڭدا ئاغرىق بولىدۇ. قىزىم، ئالدىڭىزدا تۇرغان ئادەم يات ئەمەس، ئۆمۈرلۈك يولدىشىڭىز، ئىشەنسىڭىز، سۆيسىڭىز ئەرزىيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئاتا-ئانىڭىز سىزنى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تاپشۇرغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆزىڭىزنى توغرا تۇتۇپ ماسلىشىپ بەرسىڭىز بۇ نازۇك مۇناسىۋت سىزگە لەززەت ئىلىپ كىلىدۇ. كىيىنكى ئۇچرىشىشلارنى ھاياجان بىلەن كۈتىدىغان بولىسىز.
ئەكسىچە، كۈيئوغۇلنىڭ تەلىپىگە ھەددىدىن ئارتۇق قارشىلىق قىلىش بىلەن ئۆزىڭىزگە كۆپ تەشۋىش تېپىۋېلىشىڭز مومكىن. ئاۋۋال كۈيئوغۇلدا ئاللىقانداق شۈبھىلەر بولىدۇ، ئىشتىياقى سۇنىدۇ.ئاللا ساقلىسۇنكى، بۇ ھال ئۇنى بارا-بارا روھىي جىنسىي زەئىپلىككە ئېلىپ كېلىشى مومكىنلىكىنىمۇ ئۇنۇتماڭ!
ئەرلەر مەقسىتىگە ئېرىشەلمىسە ناھايىتى قاتتىق ئىزتىراپ چېكىدۇ. كۈيئوغۇلنىڭ ئىزتىراپى سىزنىڭ ئىزتىراپىڭىز، قىزىم! ئۇنىڭغا پۇرسەت بىرىڭ، خىلى ئىدراقلىق قىزسىز، روھىنى كۆتۈرۈپ، ھەمكارلىشىڭ!
بىرىنجى ئالاقىدىن كىيىن غوسۇل قائىدىلىرىنى ئەلۋەتتە بەجا كەلتۈرۈڭ. بىرىنجى ئالاقىدىن كىيىن (قىزلىق پەردە بۇزۇلغاندىن كىيىن) سىزگە 3~4 كۈن دەم ئىلىش كېرەكلىكىنى ئېرىڭىزگە مۇلايىملىق بىلەن چۈشەندۈرۈڭ. ئۇنىڭدىمۇ سىز باشتىن كەچۈرۋاتقان روھىي ۋە جىسمانىي ھالەتلەرنى كەچۈرىۋاتقان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك يولدىشى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىدۇ، سىزنى چۈشىنىدۇ، ئاسرايدۇ….
ئىشىنىڭ، ئانا ئاغزىدىن مىھر ۋە ئىشەنچ ھەمدە سەمىمىيەت بىلەن ئېيتىلغان نەسىھەتلەرنى قىزلار جان قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپلا قالماي، ئۇنى قەلبىنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر يىرىگە جايلاشتۇرىدۇ. نازۇك ئىشلار ھەققىدە قىزلارمۇ، كۈيئوغۇللارمۇ ئەڭ يېقىنلىرىدىن ئاڭلىغىنى ياخشى. چۈنكى ئانىدىن يېقىن ئادەم بارمۇ قىز ئۈچۈن!
____________________________________________________
بۇ بايان ئۆزبەكچىدىن نەشىرگە تەييارلانغان <<ئاياللارنىڭ بەخىت قۇياشى>> دېگەن كىتابتىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئىلىندى.
[face01] alla rahmat kil sun kirin dexm 15109035939
2012/12/10
بىرزات ئەپەندىم ئاللاھ سىزنىڭ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن،مەن تۇنجى قېتىم سىزدىن مەسلىھەت ئېلىۋاتىمەن ،مىنىڭ چوڭ بالام قىز ئىدى ،2-بالامنى ئۇغۇل تۇققۇم بار ،قانداق قىلسام ئۇغۇل تۇغالارمەن
2013/01/07
بىرزات ھەكىم،ياخشىمۇسىلى؟ئوبدان تۇرۇۋاتامدىلا؟سوئالنىڭ جاۋابىنى كۆرەلمەي،بەك تىت-تىت بولۇپ كىتىۋاتىمەن،قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئايىمىغايلا،ئاللاھ ئەجرىلىرىنى بەرسۇن،
2013/01/13
بىرزات ئەپەندى ،ياخشىمۇسىز ،يولدىشىم بىلەن توي قىلغىلى 7يىلدىن ئاشتى .ئىككى بالىمىز بار .ئەمما ئىككى يىل بولاي دىىدى يولدىشىمنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى بەك تۆۋەنلەپ چۈشكىنلىشىپ كەتتى .ئۇ ئەمدىلا 34ياشكا كىردى .ئەمما كىيىن تەسىرى بولۇپ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ ھېچقانداق دورا ئىشلىتىپ باقمىدى .ئەمما مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئەھۋال يامانلىشىپ كەتسە نىكاھ مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر يېتىشىدىن بەكلا ئەنسىرەپ قالدىم .ماھا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن
2014/03/10