چەتئەللەردە ياشايدىغانلار كىرىڭلار!!!

بەزى رايۇنلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ھاۋا كىلىماتى ۋە يېمەك -ئىچمەكلىرى باشقا ئوخشىمىغان رايۇندا ياشىغۇچى كىشىلەرگە ماس كەلمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچراپ تۇرىدىكەن. مەسىلەن: ئىچىملىك سۇ تەركىبىدىكى ماددىلارنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن <<سۇ يەكلەيدىغان>> ، ھاۋانىڭ نەم ياكى زىيادە قۇرغاق بولىشى سەۋەبلىك بۇرۇن ياللۇقى، نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى، بۆرەك كېسەللىكلىرى، رېماتىزىم، بوغۇم ئاغرىقلىرى دېگەندەك سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گېرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەيدىغان دېگەندەك ئەھۋاللار ئۇچراپ تۇرىدىكەن. يۇرتىمىزدىن ئوقۇش ياكى تىجارەت بىلەن چەتئەللەرگە چىققان كۆپۈنچە كىشىلەر شۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى، يىمەك-ئىچمەكلىرىگە ماسلىشىپ بولغۇچە خىلى قىيىنچىلىق تارتىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇندىن باشقا بەزى زۇكام، ئىچ سۈرۈش، ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى سېزىك، ئانگىنا دېگەندەك ئۆزى ئاددىي لىكىن تارتىدىغان ھەرەج كۆپ بولىدىغان ساقسىزلىقلارنى يۇرتىمىزدا ئادەتتە دوختۇرغا بارماي ئائىللەردە ئاددىي ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغاندا چەتئەللەردە دوختۇرغا كۆرۈنمەك تەس بولۇش بولۇش ياكى بەزى ساقسىزلىق ئەھۋاللارنى ئۇ يەردىكى دوختۇرلار چۈشۈنۈپ بولالماي دېگەندەك ئىشلار سەۋەبلىك ماڭا تېلفۇن قىلغان تورداشلار كۆپ بولدى. ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ سورايدىغىنى ، بەزى ساقسىزلىق ئالامەتلىرىگە قارىتا ئاددىي ئۇسۇللار، يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ياخشىلىغىلى بولىدىغان ئۇسۇللار بولسا دەپ بەرسىلە دەيدۇ. تېبابەت ساھەسىدىكىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك ھەر قايسى ئىقلىم ۋە جۇغراپىيلىك شارائىت، يېمەك-ئىچمەك، ئوزۇقلىنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتى، گېن-ئىرسىيەت ئامىلى دېگەندەك پەرقلەر سەۋەبلىك ھەر قايسى ئىقلىملاردا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىدە رۇشەن ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. شۇ سەۋەب ھەر قايسى جايلاردا تېرىپ ئۆستۈرىلىدىغان ئۆسۈملۈك-كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە بىرىدىغان تەسىرىدىمۇ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت بولىدۇ. بىزنىڭ بەدىنىمىز ۋە ساغلاملىقىمىز تەكلىماكان بويلىرىدىكى قۇرغاق كىلىمات ۋە شۇ تۇپراقتا ئۆسۈپ چىققان نىئمەتلەرنى ئىستىمال قىلىش نەتىجىسىدە شۇنىڭغا مۇناسىپ مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان. رايۇن ئاتلىغاندا بىزگە يات يۇرتلارنىڭ نېمىسى ياقىدۇ، قايسى جەھەتتىن ، نېمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك دېگەنلەرنى بىلىپ قويغاننىڭ پايدىسى كۆپ.

 مەن مۇشۇ ئىھتىياجلار سەۋەبلىك ھەر قايسى دۆلەت-رايۇنلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تورداشلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جاينىڭ ھاۋا كىلىمات، يېمەك-ئىچمەك – مېۋە-چېۋە، گۆش (توخۇ، قوي، كالا، بىلىق، سۇ كالىسى، قوتاز) ئىچىملىك سۇ، تاماققا ئىشلىتىدىغان ماي، ئوزۇقلىنىش ئادىتى، شۇ دۆلەتلەرگە بارغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا مىزاجىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش دېگەندەكلەر ھەققىدە ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەسىراتىنى بايان قىلىپ بەرسە شۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان، ۋە كىيىن بارماقچى بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاز تولا ماتىريال بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن مەقسەتتە بۇ تېمىنى يوللىدىم. بۇ تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى رەتلەپ 80خالتا بلوگىمدا پايدىلىق بىر ماتىريال تەييارلىغۇم بار.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      ئۇلاستاي

      ئەسسۇلامۇ ئەلەيكۇم،بىرزات ئەپەندى،سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزغا تەشەككۇر!
      بۇ تېما مەن ئۈچۈنلا يېزىلغاندەكلا قىلىدۇ،بىر دەردىمنى تۆكىۋالاي،شۇ باھانىدا جقراق بىرنەرسە بىلىۋالارمەن.
      مەن ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقىلى 6يىل بولدى،گەرچە ئاغرىپ قالمىغان بولساممۇ ،ئەمما ئۆزەمدىن ئانچە خاتىرجەم ئەمەس.بۇ يەرلەر بىزگە نىسبەتەن نەم،تاماق شارائىتىمىز ناچار،شۇ سەۋەپتىن بەدەن نەملىك ئېشىش،ئۇيقۇ كۆپ بۇلۇش دىگەندەك ئىشلار بار.باشتىكى 2يىل تەييارلىقنى نەنچاڭ دەپ سۇنىڭ ئىچىدىكى يەردە ئوقۇدۇم،قىش بولمايدۇ،مۇز تۇتمايدۇ،يۇپۇرماق سارغايمايدۇ دىگەن بىلەن سۇغۇق شامال چىقىپ يۇرتتىكىدىن بەكرەك ئادەمنى توڭىلتاتتى،بىر ئاينىڭ ئىچىدە ئاز دىگەندە 10يامغۇر،ياز كۇنلىرى ئەتىگەن ئورنىمىزدىن تۇرساق پۇتۇن بەدەن سۇ،كۈندۈزى دىمىق ئىسسىقتىن تىنغىلى بولمايدۇ،كۇندە مۇنچىغا چۇشىدىغان گەپ.2يىلنى مۇشۇنداق ھۆلچىلىكنىڭ ئىچىدە تۇگىتىۋەتتۇق.ھازىر شېنياڭدا تۇرىۋاتىمەن،قىشى يۇرتتىن ئۇزۇن،سەل نەم بولغان بىلەن قالغان يەرلەر يۇرتقا ئوخشايدۇ.مۇشۇنداق شارائىتتا ئۆزەمنى قانداق كۇتسەم بۇلىدۇ؟ئادەتتە ئۇزۇقلىنىشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىمەن؟سەي-كۇكتات،مىۋىلەردىچۇ؟ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يەپ بەرسە راست پايدىسى بۇلامدۇمەسلەن ئىچ بۆرەك،تاش بۆرەك قاتارلىقلار،؟سەۋزە،شوخلا ،جۇسەي‹كۈدە›،بۆدۈنە تۇخۇمى قاتارلىقلارغا قانداق قارايسىز؟ئۆزەمنىڭ بەزى ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى بار،شۇنىڭغا يىمەكلىك ئارقىلىق داۋا قىلىي دىگەن ،بۇ ئىنكاسنى ئىزدىنىشقىمۇ يازغان ،قايسىغا جاۋاپ قايتۇرسىلا مەيلى،ئىزدىنىشقا ھەممە گەپنى يازغىلى بولمايدىكەن.

    • #2
      birgul

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستام ، مەنمۇ بىر -ئىككى ئېغىز سۆزلەپ باقاي .

      مەن ئىستانبولدا ياشىغىلى 2 يىل بولاي دەپ قالدى .ئاتۇشتەك قۇرغاق كىلىماتى بار يەردىن بۇ يەرگە كىلىپ ھاۋاسىغا ، سۈيىگە كۆنمىكىم ھەققەتەن تەس بولدى . ئاتۇشتىكى ۋاقىتلىرىمدا بەكلا چاققان ھەم ئوڭلۇق دەپ ھەممەيلەن ، مەھەللىمىزنىڭ < <بىر تال گۈلى>> دەيتى . ھازىر ئۇ چاققانلىقىمدىن ئەسەرمۇ قالمىدى .ئىستانبول دېڭىز يۈزى بىلەن تەڭ بولغاچقا ، ھاۋادا نەم بەكلا كۆپ . ئەسلىدىنلا سوغوقجان ئىدىم . بۇ يەرگە كىلىپ تولا ياتىدىغان ، ئەتىگەندە قاپاقلىرىم ئىششىپ ، باشلىرىم ئىسىلىپ قوپىدىغان بوپ قالدىم . پۇت – قوللىرىم بەكلا ئېغىر ، ھىچ ئىش قىلىشقا خوشياقمايدۇ . مۇشۇ كەملەردە ئۆزەمنى تونىيالمايلا قالىمەن .ئىسسىقىلىق چاي دورىللىرىنى ئىچىپ ، يىمەكلەردىمۇ ئۆزەمنى تەڭشەپ تۇراي دىسەممۇ تازا دىگەندەك ئۈنۈمىنى كۆرەلمىدىم . باشتا بۇ يەرگە كىلىپ بىر نەچچە ئايدىن كىيىنلا سۈيدۈك يولى ياللۇغى بولۇپ بەك قىينالدىم . ئانتىبىيوتىك دورىلارنى بىر قانچە كۈن يىسەم ساقىيىپ قالدىم .بۇ يەردە بىزنىڭ يۇرتتىكىدەك كىچىككىنە ئىش بولسىلا ئاسما ئاسمايدىكەن . دورىللىرى بەك ياخشى ، بىر قانچە كۈن يىسىلا ياخشى بوپ قالىدىكەن . يەنە ، تۇغۇتتىن كىيىن ئادىتىم بىر قېتىملا نورمال 32 كۈندە كەلدى . ئۇندىن باشقا 5 ئايدىن بىرى بىر ئايدا 2 قېتىم ، بەزىدە 7 كۈندە بىر قېتىم ئادەت كۆرىۋاتىمەن . ئىنچىكە بىلىم بەكلا ئاغرىيدىغان بوپ قالدى .تۇغۇتتا ھىچقانداق بىنورماللىقلار بولمىغان .بۇنىمۇ مۇشۇ يەرنىڭ ھاۋاسىدىن ، سۈيىدىن كۆرسەم بولارمۇ يا …….باشقا ئىشمۇ ؟

      باشقا تەسىرلەر ھازىرچە ئىسىمگە كەلمەيۋاتىدۇ ، قالغانلىرى بولسا كىيىنچە تولۇقلايمەن .

    • #3
      رەشىد

      ئۇستام، بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر ئىنكاس يازىدىغان بولدۇم. ئەپۇ قىلغايلا. يېقىنقى كۈنلەردە قوقاق چىقىپ قىلىپ بەك بىئارام بولىۋاتىمەن. قوقاق زادى نېمە سەۋەبتىن چىقىدۇ؟ ئىسسىقتىنمۇ سوغۇقتىنمۇ؟ يەلدىن؟ بۇ مەزگىلدە ئىستىمالدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا تېزراق ساقىيىمىز؟ تىبابەت بىلوگلىرىنى ئىزدەپ بۇنىڭغا ئائىت تېما تاپالماي مۇشۇ يەرگە ئىنكاس يازدىم.

    • #4
      alnoor024

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
      بىززات غۇجام قانداقراق ئەھۋالىڭىز.مەنمۇ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىر مۇھاجىر.باشقىلار دىگەندە بۇيەرنىڭ نەملىك دەرىجىسى بەك يۇقۇرى. يەرلىكلەرنىڭ تۇلىسىدا رۇماتىزىم ۋە شىكەركېسىلى ، ھەتتا پاينەكباشلىق (چېچى چۈشۈپ كېتىش) قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بۇلۇش ئادەتتىكى ئىشتەك.كېسەلنىڭ جېقللىقىدا دوختۇرغا بېرىپ سۇغۇرتالىق داۋالانسىمۇ دۇختۇرنىڭ بىمارغا قاراشقا 2 مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقتى يەتمەيدۇ، باشنى كۈتەمەي دۇرا يازىدىغان گەپكەن. شۇ سەۋەپتىنمىكىن بىزىم مىللى شىفاخانىلار خېلى رۇناق تېپىپ قېلىغلىق.ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن.ئەمما بىزدەك ئىشلەمچىلەر شىفاخانىنىڭ دۇرىسىنى سۇغۇرتا قىلاممايدىغان بولغاچقا مىللى بۇرىلىرىمىز بىزگە ئېغىر كەپكېتىپ ، ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن تۇلۇق پايدىلالاناممايۋاتىمىز.
      بۇلاپمۇ مەندە ۋە باشقىلاردا ئەڭ كۆپ كۈرۈنىدىغان كېسەللىك بولسا ، سەھەردە مۇنچىغا چۈشۈپلام سىرىتقا ئىشقا ماڭغانلارنىڭ بېشىغا سۇغاق ئۈتەپ كېتىپ ، بۇرۇن ياللۇغىغا (http://tr.wikipedia.org/wiki/Sin%C3%BCzit) بوپقېلىش ئەھۋالى ئېغىردۇر.
      خەنسۇچە 鼻窦炎 دەيدىكەنمىز.مۇشۇنىڭ بىر ئاددى قوللىنىشچان داۋاسىنى ئېيتىپ بىرلەرسىزمۇ؟ http://zh.wikipedia.org/wiki/%E9%BC%BB%E7%AB%87%E7%82%8E

    • #5
      yoluchilar

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى،مەن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ،ئايالىم بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگىلى 2 ئاي بولغان ،3 كۈننىڭ ئالدىدا ئىھتىلام بولۇپ قاپتىمەن،قارىسام مەنى قان ئارىلاش كەپتۇ ،بۇ قانداق ئىش ؟تىزدىن بىر جاۋاپ بەرگەن بولسڭىز .

    • #6
      birgul

      ئۇستام تىمىنى يوللاپ قويۇپ نەگە كەتتىلە ؟ جاۋابىغا تولا قاراپ ھېرىپ قېلىۋاتىمىز ………[face05][face05]

    • #7
      busaram

      مەن بۇ يىل 25 ياش .توي قىلغىلى 2 يىل بولدى، تېخى تۇغمىدىم .دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسەم بالىياتقۇ تەرەققى قىىلمىغان دەيدۇ.
      بۇ كىسەلنى ساقايتقىلى بولامدۇ؟ مىللى تىبابەتتە بۇنىڭ داۋاسى بارمۇ؟ مەسلىھەت بەرسىڭىز.

    • #8
      menzil

      3 aydek bolop kaldi bilim bek aqriganti hazir bilimning towini sikirap agriydigan boldi on minuttin artuk ore turalmaywatimen dosinimmu huddi iqimde bir nerse isilip كالغاندەك بولوپ كېتېۋاتىدۇ،بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ

    • #9
      MENZİL

      مېنڭ يۇزۇمدېن باشلاپ ا يېغېمغېچە وڭ تەرېپېم ىششىپ كىتىۋاتىدۇ ،ھەر كۇنى ورنۇمدىن تۇرغاندا شۇنداق بولىدۇ،بۇ قانداق كىسەللىكتۇ؟ ىغىر كۈرمەي مەسلەھەت بەركەن بولسىڭىز

    • #10
      menzil

      [quote=MENZİL]مېنڭ يۇزۇمدېن باشلاپ ا يېغېمغېچە وڭ تەرېپېم ىششىپ كىتىۋاتىدۇ ،ھەر كۇنى ورنۇمدىن تۇرغاندا شۇنداق بولىدۇ،بۇ قانداق كىسەللىكتۇ؟ ىغىر كۈرمەي مەسلەھەت بەركەن بولسىڭىز[/quote]

    • #11
      Trond

      ئەسسۇلامۇ ئەلەيكۇم، alnoor024
      قانداقراق ئەھۋالىڭىز. بىزنىڭ مىللى شىفاخانىلار ئىستانبولدا خېلى رۇناق تېپىپ قېلىغلىق دەپسىز. شۇ مىللى شىفاخانىلار بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولا؟ ۋەتەندىن مىللى دۇرىلىرىمىزنى ئەكەلمەك تەسكەن، ئىستانبولدىكى شىفاخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىىشنى ئويلىشىۋاتقان.
      ئېغىر كۈرمەي ياردەم بەگەن بولسىڭىز.

    • #12
      moxtlashqi

      بىر زات موللام، قانداق ئەھۋالىڭلار، ئەجەب يوقاپ كەتتىڭلارغۇ؟ مەنمۇ موشتلىشىشنى ئۆگىنىۋاتىمەن، تورداشلار سورىغان سۇئاللار مەندىمۇ بار، سىلە گەپنى چىقىرىپ قويۇپ ، جاۋابىنى بەرمەي يوقاپ كەتتىڭلىغۇ؟ ھەيتكانىڭ ئالدىدا 80 خالتاڭلىنى رەتلەپ بولالماي ، ئولتۇرامسىلە يە؟ سوئالىمىزغا ئىتتىك جاۋاپ بېرىڭلا…… بولمىسا 7-ئايدا قەشقەگە باغاندا باكا توتىشىپ قالىمەن جۇما! ھە ! – چاقچاق قىلىپ قويسام قوقاپ كەتمەڭلا جۇما!

    • #13
      alnoor024

      [quote=Trond]ئەسسۇلامۇ ئەلەيكۇم، alnoor024
      قانداقراق ئەھۋالىڭىز. بىزنىڭ مىللى شىفاخانىلار ئىستانبولدا خېلى رۇناق تېپىپ قېلىغلىق دەپسىز. شۇ مىللى شىفاخانىلار بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولا؟ ۋەتەندىن مىللى دۇرىلىرىمىزنى  ئەكەلمەك تەسكەن، ئىستانبولدىكى شىفاخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىىشنى ئويلىشىۋاتقان.
      ئېغىر كۈرمەي ياردەم بەگەن  بولسىڭىز.[/quote]
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم Trond قېرىندىشىم
      مەن بۇيەردە بىرەرسىنىڭ ئىسمىنى چىقارسام ئېلان قىلغان بوپ قالماي،ئېرىنمەي زەيتىنبۇرنۇ ۋەيا قارشىدا ئولتۇرۇدىغانلاردىن سورىسىڭىز دەپ بېرىدىۇ.
      google دىن uygur akupuntur veya geleneksel tib دەپ ئىزدىسىڭىز چىقىشى مۇمكىن.
      Uygur Tıbbı دىسەم خېلى ياخشى نەرسىلەر چىقتى. uygur şifa دەپمۇ ئىزدەپ بېقىڭ!
      سىزگە ساغلام ھايات تىلەيمەن.
      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

    • #14
      Nisagul

      Assalmalaykom Kerindaxlar!

      man Australiada yashawantkan bir muhajira boliman, BIRZAT apandim siz digandak hawa kiliwatiha maslixalmay kilip qikiwatikan salamlik masilierini manmu dayim bu yardiki kirindaxlardin anglap turiman ham ozummu buni baxtin kaqurdim. bu yarning suiyi kandak kin? qax bak quxup kitidu ham muxu kiyindin beri mining bexim bak kipak bolip kitiwatidu, kilmihan amalim kalmidi, maga bir yahxi maslihay bargan boldigiz?

    • #15
      Student

      ئەسسالاممۇئەلەيكۇم، بىر زات ئەپەندى، ناھايىتىمۇ ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىز.
      مەنمۇ ئۆز ئەھۋالىمنى بىر بايان قىلىپ ئۆتەي ئەمسە:
      مەن ئېچكىرگە كېلىپ ئوقۇۋاتقىلى 10يىل بولاي دەپمۇ قالدى. دەسلەپ يۇرتىكى ۋاقتىمدا ئېغىرلىقىم نورمال، ناھايىتىمۇ روخلۇق، ئاسان ھارغىنلىق ھېس قىلمايتىم. بۇ ئىچكىرى دىگەن يەرگە كەلگەندىن بۇيان، تاماق-ئۇزۇقلۇقلار ياخشى بولمىسىمۇ سەمرىپ كەتتىم، ئۇيقۇ كۆپ، ماغدۇرسىز. ئاسان تەرلەيدىغان، بەل-پۇتلار مۇزلاپ سوغۇقلا تۇرىدۇ، ياز ۋاقتى بۇ يەر ھەم ئىسسىق ھەم ناھايىتىمۇ نەم بولغاچقا كۈندە بىرقانچە قېتىم مۇنچىغا چۈشمىسە ئەسلى چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ. ئاسان چارچاش ، ئۇنتۇغاقلىق ئالامەتلىرى بار.كۆرۈش قۇۋىتىم كۆرىنەرلىك تۆۋەنلەپ كۈزۈمنىڭ ئەتىراپى قارداپ قالدى ، بۇ يەردىكى چېغىمدا ئىشتاھايىم خېلى ياخشىدەك تۇرسىمۇ ھەر قېتىم ئۆيگە قاتساملا بىر قانچە كۈن ئاغرىپ قالىمەن: تاماق سىڭمەسلىك(بۇلۇپمۇ قىيمىلىق تاماقلار)، ياندۇرۇش، ئاشقازان ئاغرىش ۋە كۈپۈش، تاماق خالىماسلىق دىگەندەك.

    • #16
      bigam

      ئىچكىرى ئۆلكە ياكى چەتئەلگە چىقىدىغانلار «بوزوغا ئۇۋۇلىنىش مېيى» ئېلىۋېلىڭلار، «بوزوغا ئۇۋۇلىنىش مېيى» شىنجاڭدىكى ئىخلاس تاللا بازىرىدا بار.
      مەن ھازىر جەنۇبى جەنۇبى جۇڭگۇدا، بۇ يەرگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆزەمنى ماغدۇرسىز ھىس قىلىشقا باشلىدىم، ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇش تەس كىلەتتى، يامغۇر ياغسا پۇتۇم ئاغرىيىتتى، كىيىن سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ئېلىۋالغان «بوزوغا ئۇۋۇلىنىش مېيى» ئېسىمگە كىلىپ ئىشلەتتىم، تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن كۈنىلا سەھەر سائەت بەشتە ئۇيقۇم ئېچىلىپ كەتتى، شۇنداق تېتىك روھلۇق ئورنۇمدىن تۇرۇدۇم.

    • #17
      哦哦哦

      ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مەن ئېشكېردە ئوقىۋاتقان ئوقوغوچى دورىلىرىڭىزنى ئېشكېرگە ئەۋەتىپ بىرەلەمسىز

    • #18
      birgul

      بۇ تىمىنى يوللاپ قويغىلى 3 ئاي بولدى ئۇستام ، نىمانداق يوقلاپمۇ قويمايلا ……ساقلىقلىرى جايىدا ، ئوبدان تۇرغانلا . ئۆزەم بېرىپ دۇكانغىلا كىرمىسەم ئۆزلىرى ھەققىدە ھىچقانداق مەلۇماتقا ئىگە بولالمايدىغاندەك تۇرىمەن .

    • #19
      نازلى

      ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم .مەن بۇيىل 29 ياش توي قىلغىلى 5 يىل بولدى. مەندە ھەيىز كىلىش ۋە باشقا ئالامەتلەر ناھايىتى ياخشى .ھىيز كەلگەن ۋاقىتتا ھسياتىم ناھايىتى ياخشى لىكىن ئۇ ۋاقىتتا يولدىشىم بىلەن بىرگە بولغىلى بولمايدۇ لىكىن ساقايغان ۋاقىتتا بولسا يولدىشىم بىلەن بىرگە بولغان چاغدا ھىسيات پەيدا بولمايدۇ . لىكىن يولدىشىمنىڭ تەلىۋىنى قاندۇرش ئۈچۈن ئۆزەمنى مەجبۇرى بىرگە بۇلۇشقا زورلايمەن . مەندە جىنسى ئاجىزلىق بارمىكىن دەپ ئۇيلايمەن، مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز

    • #20
      مۇرات

      بالام 14ياشقا كىردى كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ يۇزلىرىنى تۇمشۇقلىرىنى داۋاملىق ھەر خىل مايماق قىلىدىغان بولۇپ قالدى قانداق قىلسام بولار ؟

    • #21
      مۇرات

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىزنىڭ بۇ ئىنكالىرىمىز قاچان جاۋاپقا ئىرىشىدۇ ؟قاچان جاۋاپ ئىلىپ داۋالايمىز ؟[face16]

    • #22
      mumin608

      مەنمۇ ئىچكىردە ئوقۇۋاتكىلى ئۇچ يىل بولدى،پۇت كولۇم بەكلاتالەيدۇ،باشكىلابىلەن كورشۈشتىن بەك كورۇنىمە،،،دوختۇرگا باسام局限多汗症دىدى،ئېخىرلاپ كېىتپسە دورا تەسر كىممىگۇدەك ئوپراتسىيە قىلمىزدەيدۇ(胸交感切断术)ئۇيغۇرچىسنى ئۇخمىدىم ،،،ئوپراتسيەنىڭ بەدەنگەزىينى خېلى باكەن،،،ئاۋال باشقا سەۋەپ قىلىپ باكاي بوممىگان قىغۇزسام قىغۇزاي دىدىم،،،سەۋابىنى رويى بېسم دىدى ھەقىقەتەن ئاشدا ئىش باتى زادى،،،سىز بىر ئېىخر كومەي ياردەم قىپ قويسڭىز،ئاللاھ رازى بوسۇن سىزدىن،رەخمىتىنى ئايىمىسۇن….

    • #23
      بىلگى

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم؟مەن يىڭى-زىللاندىيىدە تۇرغىلى 4يىل بولدى.ئارال دۆلىتى بولغاچقا بۇ يەرنىڭمۇ ھاۋاسى بەكمۇ نەم.گەرچە بۇ يەردە قار ياغمىسىمۇ ئەمما يامغۇر بەك تولا ياغىدۇ.شۇڭلاشقىمىكىن يۇرتتا ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ دورىلىرىنى يەپ ساقايتىۋالغان ھۆل تەمرەتكە بۇ يەرگە كىلىپلا ئەدىگىلى تۇردى(تۇرپان قۇمىغىمۇ چۈشكەن تىخى).بۇ يەردىكىلەردىمۇرىماتىزىم ۋە ھۆل تەمرەتكىسىگە ئوخشاش بۇ خىل كىسەللەر بەك كۆپكەن.دوختۇرغا بارسام ھۆل تەمرەتكە ساقايمايدۇ دەيدۇ .توۋا دەپتىمەن.ھەرخىل مايلارنى بەردى ھىچقايسىسى تۈزۈك مەنپەئەت قىلمىدى.قىچىشىشنى توختىتىدۇ خالاس.ھازىر تاماقتىنمۇ پەرىز تۇتالمايۋاتىمەن.سۈت تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىسەم،ئسسىق سۇ تۇتسام بەك ئاسان ئۆرلەيدۇ.بۇ كىسەل ئەسلىدە ئوڭ قولۇمنىڭ چىمەلتەك بارمىقىمدا بار ئىدە ھازىر بارلىق بارماقلىرىغا تارقالدى.كىسەللىك قوزغالغاندا ناھايىتى شىرىن قىتىشىدۇ،چىدىماي تاتلىۋىتىمەن ئاندىن بارماقلىرىمنىڭ تىرىلىرى بۇزىلىپ سۇ چىقىپ بىسىقىپ قالىدۇ.ئەمما بارماقلىرىم تىخىمۇ كۆرۈمسىز بولۇپ قالىدۇ.سۇ تۇتسام ئىچىلىپ كەتكەن ئورۇنلار ئىچىشىپ كىتىدۇ.شۇڭا ئىش قىلسام داۋاملىق پەلەي كىيىمەن.ئاڭلىسام رىزىنكە پەلەيمۇ رىيەكسىيە قىلغىدەك.ھازىر مەن يىڭىلا تۇغۇپ قوپتۇم.بالائىمدۇرىۋاتقان بولغاچقا سۈت تۈرىدىكى يىمەكلىكلەردىن پەرىز تۇتالمىدىم.ھەم ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرىنى يىيىشىممۇ توغرا بولمايدىكەن.بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تىرە كىسىلىمنى بەكمۇ ئەدىتىۋالدىم.باللامغا بۇ جاھىل تىرە كىسىلىنى يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمەن.ماڭا بىر ياخشى تەكلىپ بەرگەن بولسىڭىز.ئۇلۇغ ئاللا ئىگەم ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلغاي![face01]

    • #24
      ELIYJAN

      yahximu siz birzat apandim/man toy kilgili2yil boldi likin balilik bolalmiduk ayalimni dohturhanida takxurtsam balayatku bak kiqik tarakki kilalmaptu daydu buningga karta siz bir yol korsatkan bolsinaz/[face10]

    • #25
      nigaram

      man nima oqun oruk kan dak kelsa samiridu

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...