ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زىيىنى

نۆۋەتتە تېلىۋىزور ۋە رادىئولاردا ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ھەققىدىكى ئېلان تەشۋىقات شامىلى خېلىلا ئەۋج ئېلىپ قالدى.ئېلاننى كۆرگەن، ئاڭلىغان كىشىگە بۇ ئىش تولىمۇ ئاددى ھەم غەم-قايغۇسىز ئىشتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇنداقتا ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش راستلا شۇنداق ئاسان، غەم قايغۇسىز،ھىچقانداق خىيىم-خەتىرى ھەم زىيىنى يوق ئىشمۇ؟ ئەمىلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇنداقتا ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زادى قانداق زىيانلىق تەرەپلىرى بار كۆرۈپ باقايلى:

1.    سۈنئى ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش ئەگەشمە كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:-يەنى ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش داۋامىدا جىنسىي يول ياكى بالىياتقۇ بوينىدىكى مېكروبلار بالىياتقۇغا كىرىپ كېتىپ، بالىياتقۇ ئىچىنى ياللۇغلاندۇرىشى مۈمكىن؛بۇنىڭدىن باشقا يەنە دوختۇرنىڭ تەجرىبىسى كەمچىل  بولۇش ياكى مەشغۇلاتتا كەتكۈزۈپ قويىشى سەۋەپلىك كۆپ قان چىقىپ كېتىشى ياكى بالىياتقۇنى تېشىۋېتىش ئېھتىمالى  بولۇشى،ھەتتا ھامىلدار ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىشىمۇ مۈمكىن، ناۋادا  ھامىلە پاكىز چۈشمەي قالسا  جىنسىي يولدىن قان توختىماسلىق قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرمۇ كېلىپ چىقىدۇ.
2.    ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسى جەريانىدا  ئەگەر داۋالاش ئۈسكىنىلىرى تەل -تۆكۈس دېزىنفىكسىيىلەنمىگەن بولسا  ياكى سۈنئى ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرىدىغان ئوپىراتسىيىخانا كەسپىي ئولچەم بويىچە لاياقەتلىك بولماي قالسا، ئاياللار ئوپىراتسىيە داۋامىدا ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلە چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن شەخسى تازىلىققا دىققەت قىلماسلىق ۋە ھامىلە چۈشۈرۈپ بىر ئايغا يەتمەيلا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشمۇ ئوپىراتسىيىدىن كېيىنكى يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىپ، داس بوشلىقى ياللۇغى ۋە  بالىياتقۇ شەلۋەرەش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3.    ئاسانلا كېسەللىك ئاسارىتى ساقلىنىپ قالىدۇ.ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن  بالىياتقۇ بوينى ياكى بالىياتقۇ بوشلىقنىڭ چاپلىشىپ قېلىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۈمكىن،يەنە بەزى ئاياللار ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن قايتا بويىدا قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ-دە، جىنسىي تۇرمۇشتىن قورقۇدىغان بولۇپ قالىدۇ شۇنىڭ بىلەن  ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر يېتىدۇ،بەزى ئاياللاردا ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن قان كېلىش، جىددىلىشىش ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدە  چىرايى ساغىرىپ كېتىش، قاتتىق تەرلەيدىغان بولۇپ قېلىش، بېشى قېيىش، دېمى سىقىلىش، يۈرەك سوقۇشى ئاجىزلاش، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىشتەك كېسەللىك ئاسارەتلىرى كۆرىلىدۇ.
4.    ھەيز بىنورماللىشىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ. بۇ ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش سەۋەبلىك ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان ئاقىۋەتنىڭ بىرى بولۇپ، ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسيىىدىن كېيىن ئاياللارنىڭ تۇخۇم چىقىرىش ياكى سېرىق تەنچە ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ھەيز قالايمىقانلىشىپ  كېتىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن  ئەگەر كەيپىيات كۆڭۈلسىز بولسا بۇمۇ ھەيزنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ھەيز كۆرۈش ۋاقتى قالايمىقان بولۇش ،ھەيز مىقدارى ئازلاپ كېتىش ياكى ھەيز تولۇق كەلمەسلىك ئەھۋاللىرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5.    تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناۋادا ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش قېتىم سانى كۆپىيىپ كەتسە،  بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە بەلگىلىك دەرىجىدە زەخمەت يېتىدۇ، ئەگەر  بالىياتقۇ پەردىسى بەك نېپىز بولسا ، كېيىن ھامىلدار بولغاندا  ئادەت خاراكتىرلىق ھامىلە چۈشۈپ كېتىشنى ياكى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشمۇ بىر خىل ئوپىراتسىيە بولۇش سۈپۈتى بىلەن 3%ئىككىلەمچى تۇغماسلىق كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى سۈنئى ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرگەندە  ياللۇغلىنىش ياكى تۈرلۈك ئاياللار كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ شۇنىڭ بىلەن ھامىلىنىڭ نورمال  يېتىلىشى توسقۇنلىققا ئۇچراپ، ئاياللارنىڭ نورمال ھامىلدار بولالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئىككىلەمچى تۇغماسلىق كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
6.    ناركۇز سەۋەپلىك كېلىپ چىقىدىغان تاسادىبىي كېلىشمەسلىك. ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرگەندە يۇقۇردا ئېيتىلغان ئادەتتىكى ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىدىن باشقا يەنە ناركۇز قىلىش سەۋەپلىك كېلىپ چىقىدىغان يەنە بىرخىل ئەگەشمە كېسەللىك ئالامىتى كۆرىلىدۇ. كۆڭۈلدىكىدەك ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيە شارائىتىدە  ناركۇز دورىسىنىڭ تېزدىن كۈچىنى كۆرستىپ ئۈنۈم بېرىشى، ئەكس تەسىرى ئاز ، ماددا ئالمىشىش تېز بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ھازىرقى ناركۇز دورا مەھسۇلاتلىرى گەرچە ئاساسىي جەھەتتىن تەلەپكە ئۇيغۇن بولسىمۇ بىراق بۇ جەھەتتە ئەڭ ئىشەنچىلىك  بولغان كۆڭۈلدىكىدەك بىر خىل ناركۇز دورىسى تېپىلغىنى يوق.تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ناركۇزدا نەپەس توختاپ قېلىش،بەدەننىڭ ماددا قان ئايلىنىشى توسقۇنلىققا ئۇچراش ۋە دورا رىئاكسىيە قىلىشتەك پايدىسىز  ئەكىس تەسىرلەر كۆرىلىدۇ.
يۇقۇرقى بايانلاردىن كۆپچىلىك ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىگە قارىتا يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدۇ. ئەمىلىيەتتە سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پەقەت بولمىغاندا قوللىنىدىغان چارە بولۇپ،مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدىكى ھامىلە چۈشۈرۈش ئۇسۇلى بولسۇن ئوخشاشلا ساغلاملىققا زىيىنى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا ئاياللار ئۆزىنى ئاياشنى، قەدىرلەشنى بىلىشى، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈشكە  ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئەگەر بالىلىق بولۇش پىلانى  بولمىسا  ئەڭ ياخشىسى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى،ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنى ھەرگىزمۇ ئاددى ئىشقۇ دەپ قاراپ ، ئۇنى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ بىر چارىسى قىلىۋالماسلىق كېرەك.
80خالتا بلوگى ئۈچۈن ئىپارخان تەجىمە قىلغان.

ماقالە مەنبەسى: http://fk.39.net/a/2011628/1732950.html

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      0997-213

      مەن مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم مەن بىر قېتىم سۈنئىي بالا چۈشۈرگەن ئىدىم ،6 ئاي ۋاقىت بولدى،شۇنىڭدىن كىيىن قايتا بالىلىق بۇلۇشنى ئويلاۋاتقانغا 3 ئايچە بوپ قالدى ئەمما بويۇمدا قالمايۋاتىدۇ،دوختۇرخانىغا بېرىپ باقمىدىم،ئەمما مەندە تامچە قۇرۇتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى باركەن ،ئۇنىڭغا قارىتا دورىمۇ يىدىم يەنىلا بۇيۇمدا قالمىدى بۇ زادى نىمە سەۋەپتىن بولغاندۇ؟ماڭا مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز،ئاللا سىزدىن رازى بولسۇن.

    • #2

    • #3
      سۇبھى

      ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
      مەن بۇ يىل4-ئايدا توي قىلغان ئىدىم. 7-ئاينىڭ 10-كۈنى بىر قىتىم 42 كۈن بولغان بالىنى دورا يىيىش ئارقىلىق چۇشۇردۇم. 7-ئاينىڭ22-كۈنى مىڭىدە ئۆسمە بايقىلىپ مىڭە ئوپىراتسىيىسى قىلدۇردۇم. ئوپىراتسىيىدىن كىيىن تا ھازىرغىچە دورا ئىچىپ كىلىۋاتاتتىم. ھازىر يەنە ھامىىلدار ئىكەنلىكىم بايقالدى، شۇڭا ئامالسىزلىقتىن بۇ بالىنىمۇ چۇشۇرۇشكە مەجبۇر بولىۋاتىمەن، قانداق ئۇسۇلدا چۇشۇرسەم ئەڭ ياخشى، خەتىرى بىر قەدەر كىچىك. مەسلىھەت بەرسەڭلار.

    • #4

    • #5
      bowam

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، دورا ئارقىلىق ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز.

    • #6
      bowam

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، دورا ئارقىلىق ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز.

    • #7
      gulmihra

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بىر زات ئەپەندى،ئالدى بىلەن تىنىڭزگە سالامەتلىك ،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.تاسادىبى پۇرسەتتە بۇ تور بىتىنى كۆرۇپ ئنتايىن خۇرسەن بولدۇم،سىزنىڭ باشقىلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن خالىس ياردىمىڭىزدىن تەسىرلەندىم،مىللىتىمىزنىڭ .ئىچىدىن سىزدەك ئەل غىمىنى يەيدىغان بىر ئەزىمەتنىڭ چىققىنىدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم.ئەڭ مۇھىمى ئۈزۈمنىڭ نىمە سەۋەپتىن ئىككىنچى قىتىم ھامىلدار بولالماي،ھەيڭزنىڭ بەكلا ئازلاپ كىتىشى سەۋەپتىن دوختۇرلارغا كۆرۈنۈپمۇ ئىنىق جاۋاپقا ئىرىشەلمەي تۇرغاندا سىزنىڭ ئاغىرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زىيىنى توغىرىسىدا قالدۇرغان ئىلاۋىڭىزنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدىكى ھەممە تۈگۈن يىشىلدى.مەن 2008.يىلى ئاغىرتماي ھامىلە چۈشۈرگەن ئىدىم.بۇيىل 28گە كىردىم ،بىر يىلدىن بىرى ھامىلدار بولالمايۋاتىمەن،ھەيىز مىقدارى بەك ئاز.سىزنىڭچە ئەمدى مەن قايتا بالىلىق بولالماسمەنمۇ؟بۇنىڭ داۋاسى يوقمۇ؟ مومكىن بولسا مەسلىھەت بەرسىڭىز،رەخمەت!چ چ نۇمىرىم:1262625593

    • #8

    • #9
      gulmihra

      ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،مەن بۇيىل 27 ياشقا كىردىم،تۇنجى بالام 6ياشقا كىردى،مەن 2008.يىلى ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرگەن ئىدىم،بىر يىلدىن بىرى ھامىلدار بولالمايۋاتىمەن،ھەيىز مىقدارىمۇ ئىنتايىن ئاز،بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز ،ماڭا ئەمدى داۋا بارمىدۇ؟ئەسلىدە بۇغدا دوختۇرخانىسىغا بىرىپ داۋالىناي دىگەن ،لىكىن سىزنىڭ مەسلىھەتىڭىزنى بىر ئاڭلىغۇم بار،سىزنىڭ دورىلىرىڭىزنى ئىشلەتسەم ساقىيامەنمۇ؟مەسلىھەتىڭىزنى ئايىمىغايسىز،رەخمەت!

    • #10

    • #11
      asrat

      ئەسسالام،ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندى،ئاللا ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلغاي!

    • #12
      asrat

      ئەسسالام،ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندى،ئاللا ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلغاي!

    • #13
      asrat

      مەن بىر مەسلىھەت سوراي دېگەن ئىدىم،تۇنجى بالام 6ياشقا كىردى،بالام بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە،ئۈچ ئايلىق بولغان بالىنى سۈنئي ئۇسۇلدا چۈشۈرۈۋەتكەن ئىدىم،(ئۇلۇغ ئاللاھ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغاي)تاكى ھازىرغىچە ئىككىنچى بالىغا قورساق كۆتۈرەلمەيۋانىمەن(ئۇلۇغ ئاللادىن ھەر ۋاقىت چىن ئىخلاسىم بىلەن تىلەيمەن)ئاللاھ يولىدا ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپلىرىنى ئايىمىغايلا،رەھمەت!

    • #14

    • #15
      asrat

      مەن تۇنجى بالامنى 2006-يىلى 6-ئايدا تۇغقان،2007-يىلى 11-ئايدا سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرگەن،بالام تۆت ياشقا كىرگىچە ،قورساق كۆتۈرۈپ قالامەن دەپ،دوختۇرغا كۆرۈنمەپتىمەن،كىين تەكشۇرۈتسەم،تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قاپتۇ دەيدۇ،دورا ئىچىپ نەيچىنى راۋنلاشتۇرغىلى بولارمۇ؟مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا

    • #16

    • #17
      tatlikim

      assalam

    • #18
      tatlikim

      assalam

    • #19
      mehray

      مةن 3 قئتئم چوث تذغذت ظوپراتسئيةسئ قئلدذرغان . هازئر بالام 1 يئرئم ياشقا كئردئ. هازئر يةنة هامئلدار بولذپ قاپتئمةن(20كإن ظةتئراپئدا بولدئ ). لئكئن تذغئمةن دئسةم هاياتئمغا خةؤئپ يئتئش ظئهتئماللئقئ چوث ظئكةن. شۇڭا ئامالسىزلىقتىن بۇ بالىنى چۇشۇرۇشكە مەجبۇر بولىۋاتىمەن، ظذيغذر تئبابئتئدة زئيانسئز ظذسذلدا هامئلة چإشإرإشنئث ظامالئ بولسا مەسلىھەت بەرسەڭلار، هازئر بالام ظئمئؤاتئدذ، بالا ظئمئتئشئمگة تةسئر يةتكإزمةيدئغان هامئلة چذشذرذش ظذسذلئ بولسا مەسلىھەت بەرسەڭلار. ظاللا رةهمةت قئلسذن

    • #20

    • #21
      turuk1

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم بىزگە مول بىلىملەرنى تەمىنلەپ خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تىنماي كۈچ قۇشۇۋاتقان قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ! ئاللاھ سىزگە تىچلىق، ئائىلىڭىزگە بەخىت ئاتا قىلسۇن .
      مەخسەتكە كەلسەك مەن ئۇزۇن بولدى ئۈزۈمنى بەدەن ئوۋلىتىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلسام بودىلىپلا ئىھتىلام بۇلۇپ قالدىغان بۇلۇپ قالدى ، تۇنجى قېتىم 2003-يىلى ساتىراچخانىدا بېشىمىنى ئوۋلاپ قۇرۇتۇپ قىلغان ۋاقىتتا كۈرۈلگەن شۇندىن باشلاپ ساتىراچخانىلارغىمۇ كۆپ بارمايتتىم ، ئۇندىن كىيىن ئاغىنىلەر بىلەن بىللە تۇلا چاچ ئالدۇرغىلى بىللە بارىدىغان گەپكەن ، ئۇنىڭدىن باشقا بەدەن ئوۋلىتىشقا ئامىراق بىر قانچە ئاغىنلىرىم بار بارساملا يەنە شۇ ئەھۋال ئوۋلاپ 3-5 مىنۇتقىچە بودىلىپلا مەنى مېڭىپ كىتىدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە ساتىراچخانىلاردا بەدەن ئوۋلايدىغان بوپ كىتىپتۇ ، شۇندىن باشلاپ مۇشۇنداق ئەھۋال كۆپ كۈرۈلدى تىببى دورىخانىلاردىن دورا ئېلىپ پەپمۇ باقتىم ئۈنىمى بولمىغاندەك يەنىلا شۇنداق ھەم جىنسى مۇناسىۋەت قىلسام تۇنجى قېتىم بىر يېرىم مىنۇتتىن ئۈچ مىنىۇتقىچە بۇلدى ،قاتتىق قايىم بولمىغاندەك ئۇيغۇر تىبابەت دۇختۇر خانىسىدا بىر ئاغىنەم باتتى ئوۋلاتقۇزۇپ قۇياي دەپ يەنە شۇنداق ئەھۋال كۈرۈلدى ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز يېشىم 28 ياش توي قىلىپ بولغان

    • #22

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...