ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش بىلەن ھامىلدارلىق بولالماسلىقنىڭ مۇناسىۋىتى

خەنيۈننىڭ ئادەتتە سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى ئىدى. لېكىن، ھەرئايدا ھەيز مەزگلىدكى بىر نەچچە كۈندە ئاغرىق ئازابىدىن خۇددى بىر ئۆلۈپ قايتا تىرىلگەندەك بوپ كىتەتتى. ھەتتا رۇخسەت سوراپ ئۆيدە ئارام ئالاتتى. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتتا ئانىسى ئۇنىڭغا :"بالام، توي قىلساڭ ساقىيىپ قالسىەن!" دەيتتى. ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتتا بولسا ياتاقدىشى :"بالا تۇغۇپ بولساڭلا ساقىيىپ كېتىسەن!" دەيتتى. تېخى مەسخىرە قىلغاندەك قىلىپ"قورسۇقۇڭنىڭ ئاغرىماسلىقىنى دەپ يامان ئىشلارنى قىپ يۈرمە جۇمۇ دەيتتى ". ھازىر توي قىلغىلى 4 يىل بولۇپ، گەرچە ئىزچىل تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ بالا تۈگۈل بالىنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىدى،پەقەت ھەر ئايدىكى چىداپ بولغىلى بولمايدىغان ئاغرىق ئازابى تا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلدى. ئەپسۇس بۇ كۈنلەرگە كەلگەندە ئۇنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى بۇ خىل ئاغرىق ئازابى ئەمەس بەلكى ھەر قىتىم بالا تىلغا ئېلىنسىلا قېيىن ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا گۇمانلىق نەزىرى بىلەن قارىشى بوپ قالدى. ئۇ ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ ھەر تەرەپلىك تولۇق تەكشۈرتۈش ئېلىپ باردى. دوختۇر ئۇنىڭغا ھامىلدارلىق بولالماسلىقنىڭ سەۋەبى دەل ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا بالياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ نورمال بولماسلىق كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش بىرلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ۋە ئىككىلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ. كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ ئورگانىزىملىق كېسەل پەيدا قىلمايدىغىنى بىرلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش دەپ ئاتىلىدۇ. بىرلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئادەتتە توي قىلمىغان ۋە ھامىلدار بولمىغان قىز ئاياللاردا كۆپرەك كۆرىلىدۇ، ئۇنىڭ پەرزەنت كۆرۈشكە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
كۆپىيىش ئەزاسىدا ئورگانىزىملىق كېسەل پەيدا قىلىدىغىنى ئىككىلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش دەپ ئاتىلىپ، ئۇ پاتالوگىيىلىك ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ كىسەللىك سەۋەبى مۇرەككەپ بولۇپ بالياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ نورمال بولماسلىق، بالياتقۇ بەز مۇسكۇل ئۆسمىسى، بالياتقۇ ئىچكى پەردە مۇنچاق گۆش، بالياتقۇ بوشلۇقى چاپلىشىپ قېلىش، بالياتقۇ كەمتۈكلۈك، داس بوشلۇقى ياللۇغى(جىددى خاراكتىېرلىك،ئاستا خاراكتىېرلىك)، بالياتقۇ بوينى تارىيىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغاندىنى كېيىن ئاندىن سەۋەبىنى ئېنىق بېكىتكىلى بولىدۇ.
پاتالوگىيىلىك ئادەت ئاغرىتىپ كېلىش ھامىلدارلىق بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
خەنيۈنگە ئوخشاش ھەر ئايدىكى ئەشۇ ئازاپلىق كۈنلەرنى خۇددى"ئاخىرى زامان كۈنلىرى" گە ئوخشىتىپ ئۆتۈپ كىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان قىز ئاياللار بار. لېكىن، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇنىڭ ئۈچۈن دوختۇرغا كۆرىنىشنى ئويلىغاندىن نەچچىسى باردۇر؟ تېخى ئانا بولمىغان ئاياللار "بالا تۇغساملا ياخشى بوپ كىتىمەن"دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ئاخىرىدا زادىلا ھامىلدار بولالمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ..
ئەمىلىيەتتە نۇرغۇنلىغان خانىم قىزلارنىڭ ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشى بولسا ئىككىلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش(پاتالوگىيىلىك ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش) ھىساپلىنىدۇ ،توي قىلغاندىن كېيىن يەڭگىللىمەستىن ئەكسىنچە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.ئاخىرىدا بۇ خىل ئاغرىق ئازابى نورمال تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن بەلكى باشقا ئورگانلارغىمۇ تاجاۋۇز قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ،ھەتتا تۇغماس بوپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بەزىلەرنىڭ قىز بالا مەزگىلىدىلا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش باشلانغان، ھەمىشە ئۆزى دورا يەپ بىر تەرەپ قىلغان.لېكىن يىشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ،ئۇنىڭ ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشىنىڭ خاراكتىرى ئۆزگىرىپ،فىزولوگىيىلىك سەۋەپتىن كېسەللىككە ئۆزگىرىپ،بىلىپ بىلمەي داۋالاشقا تەسىر يەتكۈزۈپ،تاكى ھامىلدار بولالماسلىق سەۋەبى بىلەن داۋالىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقاندىلا ئاندىن بايقايدۇ.نەتىجىدە ئازاپ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ،داۋالاش قېيىنچىلىقى تېخىمۇ ئېشىپ كىتىدۇ.
سىزدىكى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش قايسى تەرەققىدىدۇ؟
1.بىرلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش مەزگىلىدە قارىماققا ھەممىسىدە تۇخۇم ئاجرىتىلۋاتقاندەك بىلىنىدۇ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش كۆپىنچە ئادەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە روشەن ئىپادىلىنىدۇ ،ھەمدە 2-3-كۈنلىرى تەدرىجى يوقايدۇ. بىرلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشتە كۆپىنچە ئاستىنقى قورساق دوۋسۇن سۆڭىكى بىرلەشمە رايوندا تۇيۇقسىز كۆپۈپ ئاغرىش ياكى تارتىشىپ ئاغرىشتەك ئالامەتلەر ئىپادىلىنىدۇ.
2.ئىككىلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش(پاتالوگىيىلىك ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش) ئادەت كېلىش مەزگىلى ئەمەس ۋاقىتتىمۇ داس بوشلۇقىنىڭ ئاغرىشى،ئادەت مەزگىلىگە كەلگەندە بولسا بۇخىل ئاغرىقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى كۆرسىتىدۇ. جاھىل خاراكتېرلىك بىرلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش تەرەققى قىلىپ ئىككىلەمچى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش(پاتالوگىيىلىك ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش) كە ئايلىنىش مۇمكىنچىلىق ناھايىتى يۇقىرى.بۇ خىل ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولالماسلىق،بالسى چاچراپ كېتىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى.ئەگەر داس بوشلۇقى ياللۇغى قايتا-قايتا قوزغىلىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئېغىرلىشىش،ئادەت مەزگىلى قالايمىقان بولۇش،ھەيز مىقدارى كۆپ كېلىش،بالياتقۇ بوشلۇقىغا تۇغۇت چەكلىگۈچ ئورنىتىش،بويىدىن ئاجراپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە بالدۇرراق دوختۇرخانىغا كۆرىنىپ تەكشۈرتۈش،ئادەت ئاغرىتىپ كېلىشنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئوخشىمىغان ئامىللارغا ئوخشىمىغان داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
__________________________
80خالتا بلوگى ئۈچۈن خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: M.R خانقىز

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      rukiya

      مىنىڭمۇ دايىم ئادەت كەلگەن كۈنى دوۋسۇن بەكلا ئاغرىيدۇ… مەنمۇ توي قىلغىلى 3يىل بولدى ئەمما بۇيۇمدا قالمايۋاتىدۇ….مەندىكى مەسلىمىكىن دەپمۇ ئويلىدىم.ئەمما يولدىشىمنىمۇ تەكشۇرتكەن ئىدۇق.يولدۇشۇمغا مەنىي قۇيۇق دەپ دىئاگىنوز قويدى…ھەم ئۇ دايىم جىنسى مۇناسىۋەت قىلۋېتىپ يېرىمىغا بارماي تۇرۇپلا قېتىشىشتىن توختاپ قالىدۇ مەن قانداق قىلىشنى بىلمەيۋاتىمەن.ماڭا بىر يول كۆرسەتكەن بولساڭلار ؟

    • #2
      rukiya

      مىنىڭمۇ دايىم ئادەت كەلگەن كۈنى دوۋسۇن بەكلا ئاغرىيدۇ… مەنمۇ توي قىلغىلى 3يىل بولدى ئەمما بۇيۇمدا قالمايۋاتىدۇ….مەندىكى مەسلىمىكىن دەپمۇ ئويلىدىم.ئەمما يولدىشىمنىمۇ تەكشۇرتكەن ئىدۇق.يولدۇشۇمغا مەنىي قۇيۇق دەپ دىئاگىنوز قويدى…ھەم ئۇ دايىم جىنسى مۇناسىۋەت قىلۋېتىپ يېرىمىغا بارماي تۇرۇپلا قېتىشىشتىن توختاپ قالىدۇ مەن قانداق قىلىشنى بىلمەيۋاتىمەن.ماڭا بىر يول كۆرسەتكەن بولساڭلار ؟

    • #3
      ظايخان

      [مئنئثمذمذشذنداق كئسئلئم بار توي قئلغئلئ 10يئل ب ولدئ هازئرغئچة هامئلدار بذلالمئدئم مةسلئهةتر بةترسةثلار [face11]

    • #4
      ظايخان

      [مئنئثمذمذشذنداق كئسئلئم بار توي قئلغئلئ 10يئل ب ولدئ هازئرغئچة هامئلدار بذلالمئدئم مةسلئهةتر بةترسةثلار [face11]

    • #5
      aminiya

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!مەندە ئادەت قالايمىقان ھەم مىقتارىمۇ بەك ئاز توي قىلغىلى 1يىل بولدى ،بۇيۇمدا يوق ،چوڭلا بەك ئالدىرتىپ كىتىپ باردۇ ،قانداق قىلىشىمنى بېلمىدىم .ماڭا مەسلىخەت بەرسەڭلا تۇغماس بۇپ قىلىشىمدېن ئەنسىرەيمەن

    • #6
      aminiya

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!مەندە ئادەت قالايمىقان ھەم مىقتارىمۇ بەك ئاز توي قىلغىلى 1يىل بولدى ،بۇيۇمدا يوق ،چوڭلا بەك ئالدىرتىپ كىتىپ باردۇ ،قانداق قىلىشىمنى بېلمىدىم .ماڭا مەسلىخەت بەرسەڭلا تۇغماس بۇپ قىلىشىمدېن ئەنسىرەيمەن

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...