تۇغلۇق ئەپەندىمنى ئەسلەپ

باللادىن تېلفۇن نۇمۇرىنى سوراپ تېپىپ تېلفۇن قىلدىم، ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. تاۋۇز تىلدى، ئايالىنى تاماققا بۇيرىتىدىغاندەك قىلغان ئىدى، ئاكا، ئۆزلىرىنىڭ سۆھبىتىدە بولاي دەپ كېلىۋىدىم، ئۆيدىكىلەرنى ئارتۇق كايىتمىسىلا دەپ توسۇپ قويدۇم. ئىجتىمائىيەت، ئەخلاق، ئادىمىيلىك ھەققىدە يېزىلغان كىتاب-ماقالىلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەر بولۇندى. يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى سۆزنى ئاستا، ئۈزۈپ-ئۈزۈپ قىلىدىغان بولۇپ ئاڭلىغۇچىغا بۇ كىشىنىڭ ئىچىدە بىر ھەسرەت قاينايدىغاندەك تۇيغۇ بىرىدىكەن. ‹‹بۇلاق›› ژورنىلىغا بېسىلغان ماقالىلىرىدە ‹‹بىسمىللا›› بىلەن باشلاپ يازغانلىقىنى، بۇنىڭ يېقىنقى زامان يازغۇچىلار ، كىلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن بۇنچىلىك بىر ‹‹ئىنجا›› نىڭ چىقىپ باقمىغانلىقى، مۇسۇلمان خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەتبۇئاتلاردا ، كىتابچىلىق تارىخىمىزدا ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق بىر ئەنئەنە بولسىمۇ يېقىنقى زاماندا بۇ ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى دەپ قانداق بىر جۈرئەت بىلەن ماقالىلارنى ‹‹بىسمىللا›› بىلەن باشلىغانلىقى ھەققىدە سورىسام: – ھۆكۈمەتنىڭ ئىنىق قانۇن-بەلگىلىمىسى بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزىمىزچە مۇسۇلمانچىلىقىمىزدىن ئۈركۈپ ئۆزلىكىمىزدىن يىراقلىشىشمىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇرۇنۇپ باقىمىز ، بولۇپ قالسا بۇندىن كىيىن يول سەل كېڭىرىيدۇ، خاسلىقىمزنى نامايەن قىلىپ ياشىشىمىزغا ئانچە – مۇنچە ئىمكان بولىدۇ. شۇنچىلىك كىچىك ئۇرۇنۇشلىرىمىز روياپقا چىقمىغان ئەھۋالدىمۇ ئۇرۇنۇپ باققانلىقىمىز ئۈچۈن ئەجىر-ئەزىم ئالىمىز. ‹‹بۇلاق›› ژورنىلى كىلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى ژانىرىدىكى ژورنال بولغاچقا ماقالىلەرنى ‹‹بىسمىللا›› بىلەن باشلىساقمۇ ئەلۋەتتە بۇ نۇرمال ئەھۋال.

قۇتاتغۇبىلىك تەتقىقاتى ھەققىدە گەپ بولغاندا:  ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻢ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ، ﻣﻪﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ، ﺋﯩﺰﻟﻪﻧﻤﻪ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﮬﻪﺩﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﮕﻪ ﭘﯜﻛﺘﯜﻡ، ﺭﻭﮬﯩﻴﺘﻰ ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻜﻪ، ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻛﻜﻪ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ ﺭﻭﮬﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻏﺠﯩﺮﺍﺷﻨﻰ ﻗﯘﺗﺎﺗﻐﯘﺑﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﮬﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻏﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﻗﯧﻨﻰ ﺭﻭﮬﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﻚ، ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ. ﻗﯘﺗﺎﺗﻐﯘﺑﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻻﻕ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﭖ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﺭﻭﮬﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻏﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯗ. ﻗﯘﺗﺎﺗﻐﯘﺑﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﻪﮔﯩﭗ ﻛﯩﺘﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻤﯘ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ.

بۇ قىسقىغىنە بايان 2000-يىللاردىكى خاتىرە ئىدى. مەن شۇ ۋاقىتتا 18-19 ياشلاردىكى سەبى يېگىت ئىدىم. ئەينى زاماندا بۇ سۆھبەتلەر مەنىۋىيىتىمگە زور ئوزۇق بولغان ئىدى. بۈگۈن بۇ ئاكىمىز يورۇق ئالەم بىلەن ۋىدالىشىپتۇ. ئاللا ئاخىرەتلىكىنى يورۇق، ئازادە قىلىپ بەرگەي! ئائىلىسىدىكىلەرگە سەبرى تىلەيمەن!


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      arturk

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم قەدىرلىك تورداشلار !
      ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم مەن ئۇزاقتىن بىرى 80خالتا تور بىتىنىڭ قىزغىن ئىشتراكچىسى بولۇش ھەم
      ئۆزىمىزنىڭ تىبابىتىگە ئوتتەك قىزىقىش ھىسياتىمنىڭ تۈرتكىسىدە سىزگە بۇ خەتنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن
      مەن دىمەكچى مەن سىزنىڭ تەرجىمھالىڭىزنى بەكلا بىلىپ باققۇم بار
      سىزنىڭ مەيلى ئەدەبىي يازمىلىرىڭىز بولسۇن مەيلى كەسپى جەھەتتىكى نەتىجە ئۇتۇقلىرىڭىز كەسپى تور بەت قۇرۇپ تور بىتىڭىزنى ئۇيغۇرچە تور مۇنبىردىكى سەركە تور بەتكە .ايلاندۇرۇش تارىخىڭىز مىنى تولىمۇ قايىل قىلىدۇ ! سىز ھۈنەرنى نەدە ئۈگەنگەن؟ سىز ئالي مەكتەپتە ئوقۇپ باققانمۇ؟
      چەت ئەللىك خىرىدارلىرىڭىز بىلەن سودىلاشقان ۋاقىتتىكى تىل سەۋىيڭىزنى قانداق ۋاقىتتا يىتىشتۇرگەن بولغىيتتىڭىز دەيمەندە ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز قىسقىچە تەرجىمھالىڭىز بىلەن يۇز كۆرۈشسەك بوپتىكەن دىگەن ئۈمۈتتە مەن

    • #2
      birgul

      ئالدى بىلەن تۇغلۇق ئەپەندىگە ئاللاھ رەھمەتلىرىنى ياغدۇرسۇن ، ياتقان يېرى جەننەتتىن بولسۇن !

      بىرزات ئۇستام باركەنلا ، شۇنداق ئۇزۇن زامان يوقاپ كەتتىلە .مەن تاسلا قالدىم سىلنى ئىزلەپ مۇددەتتىن بۇرۇن يۇرتقا قايتقىلى ……..خۇداغا شۈكرى ، مۇنبەردە پەيدا بولدىلا !

    • #3
      birgul

      ئالدى بىلەن تۇغلۇق ئەپەندىگە ئاللاھ رەھمەتلىرىنى ياغدۇرسۇن ، ياتقان يېرى جەننەتتىن بولسۇن !

      بىرزات ئۇستام باركەنلا ، شۇنداق ئۇزۇن زامان يوقاپ كەتتىلە .مەن تاسلا قالدىم سىلنى ئىزلەپ مۇددەتتىن بۇرۇن يۇرتقا قايتقىلى ……..خۇداغا شۈكرى ، مۇنبەردە پەيدا بولدىلا !

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...