نورۇز كۈنى ئوپالغا ۋېلسىپىتلىك بىرىپ ئويناپ كەلدۇق

بەدەن چىنىقتۇرۇشنى قانچە بالدۇر باشلىساڭ شۇنچە ياخشى دەپتىكەن بىر چەتئەللىك.  بۇ گەرچە ‹‹نان يېسەڭ قورساق تويىدۇ›› ، ‹‹ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش – كۆزنى يۇمۇشنى ئۇنۇتماسلىقتۇر›› دېگەنگە ئوخشاش مەنە، پاساھىتىنىڭ تايىنى يوق، ئاددىيلا بىر گەپ بولغاچقا مەن بەدەن چىنىقتۇرۇشنىڭ ساغلام بەدەن، مەنىلىك ياشىشىم ئۈچۈن قانچىلىك موھىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ تا مۇشۇ يېشىمغىچە ئىزچىل داۋام قىلغان بىرەر خىل بەدەن چىنىقتۇرۇش تۈرىگە ئادەتلىنەلمەپتىمەن. ئەمما كۆپۈنچە خىرىدارلىرىمغا تەۋسىيە قىلىدىغان ئەڭ موھىم ئىشلارنىڭ بىرسى: ساغلاملىق ئۈچۈن – ئىزچىللىقى بولغان بىرەر خىل تەنتەربىيە ھەركىتىنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشتۇر. مۇشۇ ھەقتە باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ يۈرۈپ، ئۆزۈم دېگەن گەپلەردىن ئۆزۈم بەكرەك تەسىرلىنىپ كېتىپ ئاخىرى خىيالىمنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، سېمىرىپ كىلەڭسىزلىشىپ كېتىۋاتقان قورساقنى بىر ئاز بولسىمۇ جىمىقتۇرۇپ، يۈرەك، قان-تومۇر، جېگەرلىرىمگە راھەت بىرەي دەپ تەنتەربىيە ھەۋەسكارى بىر دوستۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن مۇسابىقە ۋېلسىپىتىدىن بىرنى سىتىۋىلىپ كۈندە 10-15 كىلومىتىر مىنىپ يۈردۈم. مۇشۇ باھانىدە ھەپتىدە بىر بارىدىغان چوڭ ئۆيگە بىر-ئىككى كۈندە بىر قېتىم بىرىپ ئانام-داداملارنى كۆرۈپ كىلىپ قوش ئۈنۈم ئالدىم. بۇنداق مۇسابىقە ۋېلسىپىتىگە ئارتۇق مېۋە-چېۋە، گۆش  دېگەندەك نەرسىلەرنى سالغىلى بولمىغاندىكىن چوڭلارنىڭ ئالدىغا قۇرۇق بىرىۋەردىم. ئۇلارغا ئۆزۈر قويۇپ ۋېلسىپىتنىڭ ئاشۇ قاملاشمىغان ئەيىپلىرىدىن بىرەر قۇر شىكايەت قىلىپ بەرسەم ئۇلار قانداقلا بولمىسۇن كۆڭلۈمنى چۈشەندى.  ۋاي بالام، بىزگە ھېچ نەرسە لازىم ئەمەس. پەقەت سىلەرنى كۆرۈپ تۇرساق، ھېچبولمىسا تېلفۇندا بولسىمۇ ئاۋازىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرساق بىزگە شۇ يېتىدۇ. بۇ يىللاردا ئىقتىسادىي چىكىنىش بار دەپ ھەممە تىجارەتچىلەر قاقشاۋاتىدۇ. سودا ياخشى بولمايۋاتىدۇ دەپ ۋېلسىپىت مىنىۋالغان ئوخشايسەن، ھازىر سەندىن بىز ياخشى ئوخشايمىز، ھېچبولمىسا شەھەرگە ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ كىرىمىز. بولدى، خىجىل بولما بالام .
شۇنداق قىلىپ ۋېلسىپىت مىنىشكە بىر ئوبدانلا كۆنۈپ قالدىم، ئىككى ئاي ئىچىدە روھىي كەيپىياتىم بىر ئوبدانلا ياخشىلىنىپ ئۇيقۇ ئۇيقۇدەك بولۇپ ، رەڭگى-رويۇم ئانچە-مۇنچە سۈزۈلۈپ قالغاندەك، بەدىنىم يەڭگىللەپ ھەركىتىم چاققانلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. ئارىلىقتا قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە بىرىپ ‹‹ئاق بۇلۇت›› چانغا تېيلىش مەيدانىغا بىرىپ ئويناپ كەلگەن بولدۇق. دەسلەپتە شۇنچىۋالا يىراق يەرگە ئاتايىن چانغا تېيلغىلى بارامدۇ دەپ سەل ھەيرانلىقىم بار ئىدى، بوپتۇ، بارساق باردۇق، ھېچ بولمىغاندا يىللىق دەم ئالغىنىم بولۇپ قالسۇن دەپ ئاغىينەم بىلەن ئۈرۈمچىگە بىرىپ كەلدۇق. بۇ ھەقتە تېما ئاخىرىدا ئايرىم تەسىرات سۆزلەپ قىلىشىم مومكىن. ئالدى بىلەن نورۇز كۈنى ئاغىينەم  بىلەن شەھەردىن ئوپالدىكى ھەزىرتى موللام مازىرى – مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسىگە  ۋېلسىپىتلىك بىرىپ كەلگەندىكى تەسىراتىم ھەققىدە ئاز تولا خاتىرە قالدۇرۇپ قوياي دەپ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن.

 

ئوپال ۋېلسىپىت

بۇ ئاغىينەمنىڭ كۆپ خىل تەنتەربىيە ھەۋەسلىرى بولۇپ ئىزچىل مىنىڭمۇ ھەۋىسىمنى قوزغاپ تۇراتتى. ھەپتىدە ئىككى كۈن پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرى بىلەن توپ ئويناش، يىلدا چاغانلىق دەم ئىلىشىدىن پايدىلىنىپ چانغا تېيلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بىرىش، ھەر يىلى نورۇش كۈنى ئوپالغا ۋېلسىپىتلىك بىرىپ كىلىش دېگەنگە ئوخشاش يىللاردىن  ئۆكسۈتمەي داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان ئېسىل ئادەتلىرى بار ئىدى. بۇ يىلمۇ نورۇزدىن بىرەر ئاي بۇرۇنلا ئوپالغا بىللە بىرىش تەكلىپىنى بەردى. مەن ئارتۇق ئويلىنىپ يۈرمەيلا قوشۇلدۇم. بۇ پائالىيىتىمىزدىن خەۋەر تاپقان يەنە بىر ئاغىينىمىزمۇ بۇلتۇر ۋېلسىپىتلىك ئوپالغا بىرىپ كەلگەن بولۇپ ئۇنىڭ تەسىراتى ئۇنچە ياخشى ئەمەس ئىدى. ئارىلىق يىراق، بىرىپ-كىلىشتە ئالتە-يەتتە سائەت ئەتراپىدا توختىماي ۋېلسىپىت مېنىدىغان بولغاچقا ئۇ ئاغىينىمىز ماڭا، ھەپتىگىچە ئوڭدا ياتالمايسىلە، نەچچە كۈنگىچە پۇتۇڭلار ئىچ مايماق بولۇپ يولنى ئوڭلاپ ماڭالمايسىلە، ساغراڭلىنى ساغرا بولغانغا تويغۇزىۋېتىسىلە دەپ قورقۇتقىلى تۇردى. ۋاي، ئاللا…ئانچە-مۇنچە چىنىقىپ تۇرىدىغان ساقچى ئاغىينىمىزنىڭ تەسىراتى بۇ بولسا مەندەك نەچچە ۋاقىتتىن تۈزۈك ھەرىكەت قىلىپ باقمىغان ھورۇن ئادەمگە ئىش بارمۇ نېمە دەپ سەل ئەنسىرەپ قالدىم. لىكىن ئىرادەم بەك چىڭ ئىدى. شۇڭا ئۆزۈمنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ ھەپتە بۇرۇندىن باشلاپ كۈندە 10 نەچچە كىلومىتىردىن ئىزچىل ۋېلسىپىت مىنىپ مەشىق قىلىپ قويدۇم. ئۇنىڭدىن باشقا بۇلتۇر يازدا بىر خىرىدارىمنىڭ يەنە بىر ۋېلسىپىت ھەۋەسكارى بىلەن قۇمۇلغىچە ۋېلسىپىتلىك بىرىپ كەلگەنلىكى مەندە بىر خىل ئوتنى پەيدا قىلىپ قوپغان ئىدى. مەنمۇ ئوبدان ۋېلسىپىت ھەۋەسكارى ، يول جاپاسىغا چىدايدىغان سەپەرداش تاپالىسام ئۇزاقراق سەپەرلەرنى ۋېلسىپىتلىك بېسىپ باقسام، بولغاندا دېڭىز بويلىرىغىچە، ھېچبولمىغاندا تەكلىماكان بويلىرىدىكى يۇرت مەھەللىلەرنى كېزىپ دىيارىمىزنى تولۇق بىر ئايلىنىپ چىقسام دەپ خىياللارنى سۈرۈپ يۈرگەن ئىدىم. مۇشۇ خىياللىرىممۇ مېنى غەيرەتلىك بولۇشقا ئۈندەپ تۇراتتى.  ئاخىرى نورۇز كەلدى. دېيىشكىنىمىز بويچە ئەتتىگەن سەھەردە ‹‹داۋايى غىزا›› پولۇخانىسىدا ئەتتىگەنلىك ناشتىنى قىلىپ سائەت 7:40 دە ئوپالغا قاراپ ۋېلسىپىتىمىزنى بىر خىل چاپتۇرۇپ يۈرۈپ كەتتۇق.

DSC07204.jpg

يولدا بىر قانچە يەردە توختاپ ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ، بىرەر پارچىدىن سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن توختىغىنىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسەن يول يۈرۈشنى داۋاملاشتۇردۇق. بارغىچە بىر خىل يۈرۈشتە، پاراڭ بىلەن مېڭىپ ھېچقانچە ھارغىنلىق ھېس قىلماپتىمەن دېسەممۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغىينەمنىڭ ئۇنۋېرسال بىلىم ساپاسى يۇقۇرى، بىلىدىغانلىرى كۆپ بولغاچقا يولدا زىرىكىش ھېس قىلمىدىم. ۋېلسىپىت ئەترىتى بولۇپ ئۇزاققا يۈرگەندە ئادەتتە ‹‹غاز سېپى››  شەكلىدە قاتارلىشىپ ماڭسا ئارقىدىن يۈرگەنلەرنىڭ ئۇچرايدىغان ھاۋا بېسىمى تۆۋەنرەك بولۇپ ئاسان ھېرىپ قالمايدۇ، ۋېلسىپىت مىنگەندە پىدالغا پۇتنىڭ ئالدى يىرىمى بىلەن دەسسەپ، تېزنى سەل ئىچىگىرەك ئىگىپ، بىر پۇت پىدالغا دەسسىگەندە يەنە بىر پۇتنى يەڭگىل تۇتۇپ ئالماشتۇرۇپ پىدال تەپكەندە ئاسان ھىرىپ قالمايدۇ دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ ئادەتتە ۋېلسىپىت مېنىشنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق ھېكمىتى-قائىدىلىرى بار ئىكەن ھە دەپ ھەيران قالدىم. دۆڭلەردىن چىققۇچە سەل ھىرىپ قالسام ئاغىينەمنىڭ ئارقىسىدا قىلىپ ھىلىقى ‹‹غاز سەپ شەكلى›› دە ھەيدەپ باقسام  راستىنلا پايدىسى بولغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.

ئوپال بازىرىغا بىرىپ قارىسام ساق 3 سائەت يول يۈرۈپتىمىز. ئەسلى پىلانىمىزدا ئوپال بازىرىدا چۈشلۈك تاماقنى يەپ ئاندىن ‹‹ھەزىرتى موللام-مەھمۇت قەشقىرى›› مەقبەرىسىگە بىرىپ نورۇزلۇق پائالىيەتلەر بولسا كۆرۈپ ئويناپ كەلمەكچى ئىدۇق. لىكىن بازارغا يېتىپ كەلگەن ۋاقتىمىزدا ھەر ئىككىلىمىزنىڭ قورسىقى ئاچقاندەك ئەمەس. ئارمان تاللا دۇكىنىغا كىرىپ ئۇسسۇزلۇق، شاكىلاتلىك پىرەنىك، گازىر دېگەندەك پارچە پۇرات يېمەكلەردىن ئالدۇق. دۇكاندار بالا ۋېلسىپىتلىرىمىزنى كۆرۈپ توقۇزاقتىن كەلدىڭلىما دېۋىدى، شەدىن ئوينىغىلى كەلدۇق دېسەم، ئىشەنگىسى كەلمىگەندەك ۋېلسىپىتلارنىڭ خوت، چۈرۈك، زەنجىرلىرىگە ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتتى. 
ئوپال بازاردىن ئوڭ تەرەپكە تەخمىنەن 3 كىلومىتىرچە ماڭغاندىن كىيىن ئاندىن ‹‹مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسى›› گە  يېتىپ كەلدۇق. نورۇزلۇق پائالىيەت ئالدىنقى كۈنى ئۆتكۈزۈلۈپ بولغان بولسا كېرەك ساياھەتچىلەر يوق دېيەرلىك ئىدى. مەقبەرە كىرىش ئىشىكى ئالدىدا بىر ئىككى پارچىدىن سۈرەتكە چۈشۈۋەتكەندىن كىيىن سول تەرەپ توپىلىق يول بىلەن ئون نەچچە  ئۆيلۈك مەھەللە ئىچىدىن ئۆتۈپ تېرەكلىككە يانداشقان سازلىق، بۇلاقلاردىن سۇ چىقىپ تۇرغان كىچىك ئېقىنلاردىن ئۆتۈپ دەريا بويىغا كىلىپ توختىدۇق.
توپىلىق يول، ئورمانلىق ئىچىدىكى ئەگىرى بۈگىرى، ئېگىز پەس يوللاردا ۋېلسىپىتلىرىمىزنى چاپتۇرۇپ باقتۇق. سازلىقلاردا قارا لايلىقلارغا پىتىپ قالغاندا ياكى بۇلاقلاردىن چىققان كىچىك ئېقىنلارغا دۇچ كىلىپ توسۇلۇپ قالغاندا ۋېلسىپىتتىن چۈشۈپ كۆتۈرۈپ ئۆتكۈزدۇق.

DSC07267.jpg

 

DSC07273.jpg

 

DSC07238.jpg

 

DSC07263.jpg

 

دەريادىن كىچىپ ئۆتۈپ يەنە بىر كىچىك ئۆستەك بويىدىكى پاكىز قۇم ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ ئەتراپتىكى تەبئىي، جىمجىت موھىتتىن ھوزۇرلىنىپ، ساپ ھاۋادىن قانغۇچە نەپەس ئىلىپ بىرەر سائەت ئەتراپىدا ئارام ئالدۇق. يىراقتا 4-5 چوكان ئاپتاپ سۇنۇپ دەريا بويىدىكى تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشۇپتۇ. ئاندا ساندا تۆۋەنكى مەھەللىدىن يۇقۇرى تەرەپكە دەريانى بويلاپ، بەزىدە دەريا ئىچىدىن ئۆتۈپ ئىشەك ھارۋىلىق، تىراكتورلۇق ئادەملەر ئۆتۈشتى. ئاراملىرىمىزنى ئىلىپ قايتىدىغان بولدۇق. يەنە دەريانى كىچىپ ئۆتۈپ ئەسلىدىكى توپىلىق يول بىلەن توپا كىچىپ چوڭ يولغىچە  يالاڭئاياق ماڭدىم.

DSC07245.jpg

 

DSC07255.jpg

 

DSC07259.jpg

 

DSC07275.jpg

 

يول بويىدا ئايىقىمنى كېيىۋاتسام يېشى 60-70 ياشلار ئارلىقىدىكى بىر موماي بىزگە ھەيران بولغاندەك قاراپ، بالام سىلەر، تۇتۇۋالمىسۇن دەپ موتو مېنمەي ۋېلسىپىت مېنىۋالغان ئوخشىمامسىلە دەپ سوراپ قالدى. ۋاي موما، بىز شەدىن ۋېلسىپىت بىلەن ئوينىغىلى چىققان، سىلەرنىڭ بۇ يۇرتلار بەك پاكىز، چىرايلىق يۇرت ئىكەن. نېمىشقا تۇتۇۋالىدۇ دەيلا دەپ سورىسام، پىشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپ، ۋاي ئانامەي…شەدىن ۋېلسىپىت مېنىپ چىقتىڭلىما؟ قاندامۇ كەپ بوغانسىلە؟!!! ھە مېنىڭ دېگىنىم، ئاۋۇ موتۇ مېنگەن باللا، رەسمىيىتى، كىنىشكىسى يوق تۇرۇپ بازار ئىچىدە موتو مېنسە ساقچى تۇتۇۋېلىپ جەرىمانە ئالىدا ئەمەسما، مەن شۇنى دېمەكچى ئىدىم، ۋاي مەن سىلەرنىڭ بىزنىڭ بۇ يەرلەرگە ئوينىغىلى چىققىنىڭلارنى نەدىن بىلەي، بۇيەگە يازدا كىلىپ ئويناپ كېتىڭلا ، ئالامەت چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ دەپ بىردەم قىزغىن پاراڭ قىلىپ بەردى. رەھمەت دەپ ئاياق، پۇچقىقىمىزدىكى توپىلىرىمىزنى قېقىشتۇرۇپ ئوپال بازىرىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.

ئوپال بازىرىغا قايتىپ تاماق يەپ ، يولدا ئىچىدىغانغا سۇ ئىلىۋېلىپ،  قىززىق قۇمغا دەسسەپ ماغدۇرىغا كىلىۋالغان پاچاقلىرىمىز بىلەن بىردەم چاپتۇرۇپ بېقىشىمىزمۇ دەپ ۋېلسىپىتنى قۇيۇندەك ھەيدەپ شەھەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. ئۇ كۈنى قايتاشىمىزدا قارىشى يۆلىنىشتىن ئازىراق شامال چىققاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ھاۋا ناھايىتى ياخشى بولۇپ بەردى. ئەتتىگىنى ئوپالغا بارغۇچە، چۈشتىن كىيىن قايتقۇچىمۇ قۇياش يەنىلا دۈمبىمىزگە چۈشىدىغان بولغاچقا بېشىمىزغا ئۇنچە ‹‹كۈن›› چۈشۈپ كەتمىدى. لىكىن ئەتىيازنىڭ ئاپتىپى بەك كۆيدىرىدۇ دەپ يۈز-پىشانىلىرىمىز تاشقورغاندىن كەلگەندەك ئازىراق قىزىرىپ كۆيۈپتۇ.
ئارىدا ئوپال بىلەن توققۇزاق ئارىلىقىدىكى سايلىققا جايلاشقان گۇاڭجۇ سانائەت رايونى يېنىغا يېڭىدىغان سالغان ‹‹يېپەك يولى پۇتبۇل ئارامگاھى›› دېگەن ۋېۋىسكا ئېسىلغان بىر ئىمارەت ئىچىگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ چىقتۇق. بۇ يەرنىڭ ئىسمىغا قاراپ بىر تەنتەربىيە سارىيىمىكى دەپ قالغان ئىدۇق. لىكىن ئۇ يەر يېمەك-ئىچمەك، ناخشا-ئۇسۇل دېگەندەك كۆڭۈل ئىچىش، قورساق تويغۇزۇپ ئارام ئىلىشنى ئاساس قىلغان ئارامگاھ ئىكەن. پۇتبۇل ھەققىدە گەپ قىلساق بۇ يىل يازدا پۇتبۇل مەيدانى، سۇ ئۈزۈش كۆلى دېگەندەكلەرنى ياسىتىمىز دېيىشتى.

DSC07294.jpg

 

ئۇ يەردىن چىقىپ يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. يول بويى ئورمان قويىۋاتقان كىشىلەر، يول بويلىرىدىكى ئېتىزلاردىن كۆك تېرىۋاتقان قىز-ئاياللار كۆزلىرىمىزگە چىلىقىپ تۇردى. شەگە يېقىنلاشقانچە ماغدۇرسىزلىنىپ بىئارام بولۇشقا باشلىدىم، توختىماي ۋېلسىپىت مېنىشتىن بولغان ھارغىنلىق ئەمەس، بىر خىل يېقىمسىزلىق يۈرىكىمنى سېقىپ ئوكسىگىن يېتىشمەيۋاتقاندەك، گەجگەم قورۇلۇپ غولۇم كۆيۈشۈپ تىلىپ بىئارام قىلغىلى تۇردى. شەھەرگە 7-8 كىلومىتىر قالغاندا توختاپ بىردەم ئارام ئىلىۋالماقچى بولدۇق. لىكىن بىردەم ئولتۇرۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇشۇمغا ئەمدى ۋېلسىپىت مىنەلمەيدىغاندەكلا بېشىم يەڭگىل قېيىپ، پۇت-قولۇم ماغدۇرسىزلىنىپ تېخىمۇ ھالىم قالمىدى.

ئۆزۈمنىڭ ھېرىپ كەتكەنلىكىمنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ۋېلسىپىتنى چىداپ مىنىپ يولنى داۋاملاشتۇردۇم. بۇ قېتىمقى  ۋېلسىپىت مېنىش ماڭا نىسبەتەن يالغۇز چىنىقىش، ئوپالغا بىرىپ ئويناپ كىلىشلا ئەمەس، بىر خىل ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كۆزلىگەن نىشانغا يەتكۈچە غەيرەت قىلىپ ئىرادەمنى چىنىقتۇرۇش بولىشى كېرەك ئىدى. يولدا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئۇزۇن مۇساپىگە سۇ ئۈزگۈچى دەپ تونۇلغان 60 نەچچە ياشلىق ئايال دىئانا نيادنىڭ ئامىرىكا فىلورىدا شىتاتىدىن دېڭىزغا چۈشۈپ كۇبا دېڭىز قىرغىقىغىچە ئۈزۈپ بىرىش جەريانىنىڭ ئالدى -كەينىدىكى جاپا-مۇشەقەت، مەغلۇبىيەتلىرى، دېڭىزدا مىدۇزا چىقىۋېلىپ ئۇزۇن ۋاقىت داۋالىنىپ ئازاب تارتقانلىقى، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ غايىسىگە يېتىش ئۈچۈن ئون يىلدىن كىيىن قېرىپ قالدىم دېمەي غايىسى ئۈچۈن بىلىنى رۇسلاپ دېڭىزغا چۈشۈپ غەلبە قىلغانلىقى دېگەندەكلەرنى دېيشىپ ئۇ ئايالنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇشقاچ ماڭدۇق. قانداقلا بولمىسۇن ئاخىرى شەھەرگە كىلىۋالدۇق. مەن ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئەڭ سۆيۈملۈك نەرسە كارۋىتىم ئىدىم.  ئۆيگە كىرىپلا ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلىدىم، بەدىنىم قىززىپ كېتىۋاتاتتى، بىردەمدىن كىيىن مۇزلاپ، جاقىلداپ تىتىرەشكە باشلىدىم. ۋاي بول، يوتقان ياپ، يەنە بىرسىنى ئال، قىلىن-ئېغىرراق يوتقاننى ئال، ۋاي نېمىش بۇ؟،،،ئوبدانراق ياپمامسە ما بېقىنىمدىن شامال كىرىپ كېتىۋاتىدۇ…
توۋا دەيمەن، ئۆيگە كىرىپ بەش مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەستىنلا ئاغرىپ قالدىم. ئەگەر يولدا مۇشۇنداق بولۇپ قالغان بولسام قانداق قىلار بولغىيدىم، ۋېلسىپىت مېنىپ ئاغرىپ قاپتۇ دېگەن سەتچىلىككە قالماسمىدىم. ئەتىگەن پولۇ يېگەن، چۈشتە لەغمەن يېدۇق، كۈتكۈچى كاۋاپقا زورلاپتى، بوپتۇ ئىككى زىق يەپ قويايلى دېسەك، ئىككى بارمىقىنى كۆرسىتىپ ئاران ئىككىنىما دېمەسما نېرۋىمىزنى ئۆرلىتىپ . ئۆزىمىزنى بېسىۋىلىپ ھە ئىككى زىق دەپ بۇيرۇتقان بولدۇق. مەن تېخى ئادەتتىكى زېق كاۋاپ ئوخشايدۇ دېسەم تونۇر كاۋىپى ئىكەن. سەھرانىڭ تونۇر كاۋاپلىرى خىلى جانلىق چىقىدىكەن. زورلىغاندەك يەپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئەتىگەنكى پولۇ بىلەن قوشۇلۇپ بۇ كاۋاپ قۇرۇق ئىسسىقىمنى قوزغاپ قوقاق تەگكەن بوپتۇ. باللاغا دەپ لىمون ئەكەلدۈرۈپ قايناق سۇغا چىلاپ ئىچتىم، قارا ئۈرۈك، تۇرۇپ سىلىپ شۆۋگۈرۈچ ئەتكۈزۈپ ئىچىپ، قاراقات سۈيى ئىچىپ، دەريا سۈيىگە ئاچچىقسۇ تەڭشەپ ئىچىپ دېگەندەك ئىسسىق قايتۇرۇدىغان چارىلەرنى قىلىپ يۈرۈپ تازا تەرلىنىپ يېتىپ قوقاقنى ھەيدەپ بىر كېچە ھېچنىمىنى تۇيماي ئۇخلاپ كېتىپتىمەن. ئەتتىگىنى ئورنۇمدىن شۇنچىلىك راھەت تۇرۇپتىمەنكى ساغلام بوۋاقنىڭ ئويغانغان ۋاقىتتىكى تاتلىق ھالىتى ئېسىمگە كىلىپ قالدى. بىر كۈنلۈك سەپەرنىڭ ھاردۇقىمۇ چىقىپ قاپتۇ.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...