مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك!
سەھەردە ئۇيقىدىن ئويغانغان ۋاقىتتىكى كەيپىيات ناھايىتى موھىم بولۇپ مېڭە سۈزۈك، بەدەن يەڭگىل ھېس قىلىش؛ تولۇق ھاردۇق چىققان بولۇش، قورساق ئىچىپ تۇرۇش دېگەندەك تەلەپلەرگە كۆپۈنچە كىشىلەر يېتەلمەيدىغان بولۇپ 10 ئادەمدىن سورىساق تەخمىنەن يەتتە-سەككىزىدە مۇشۇ خىل مەسىلە ساقلانغان. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كەچلىك تاماق بىلەن ئۇيقۇ ۋاقتىنىڭ يېقىن بولىشى، ئېغىر تاماقلىنىش، لەغمەنگە ئوخشاش خېمىرلىق تاماقلارنىڭ كۆپ يېيىلىشى سەۋەبلىك ئەسلىدە مېڭە ئىھتىياجلىق قاننىڭ ئاشقازاندىكى يېمەكلەرنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن قورساق تەرەپكە يېغىلىپ ئاسانلا مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بەدەندىكى ماي، قەنتلەرنى، قاندىكى ھەر خىل ئەخلەت-زەھەرلەرنى ئارتتۇرۇپ سېمىزلىك ۋە باشقا ئەگەشمە سوزۇلما خاراكتىرلىك ساقسىزلىقلارنى پەيدا قىلىدىكەن.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تېخىمۇ ئىنىقراق سان-سىپىرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن
ئۆمۈرلۈك ساغلاملىق پىلانى“، ”30كۈنلۈك ئىلمىي غىزالىنىش پىلانى“ ئۈندىدار توپلىرىغا ھەم دوستلار چەمبىركىگە يوللاپ قويغان كىچىككىنە تەكشۈرۈش مۇنداق ئىدى:
”ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا روھلۇق، ھاردۇق چىققان، بەدەن يەڭگىل ھېس قىلىدىغانلار بىر رەقىمىنى؛ ئويغانغاندا باش ئېغىر، بەدەن ھارغىن ھېس قىلىدىغانلار ئىككى رەقەمىنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلار! ئەتىگىچە سۆزلەيدىغان تېمىغا لازىم قىلاتتىم. كىچىككىنە بىر تەكشۈرۈش قىلىۋالاي“
بۇنىڭ نەتىجىسى مۇنداق چىقتى:
ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا بەدەن يەڭگىل، روھلۇق، ھاردۇق چىقىپ ئويغىنىدىغانلار 43 نەپەر؛ ئويغانغاندا باش ئېغىر، ھارغىن ھېس قىلىدىغانلار 55 نەپەر؛ بەزى كۈنلىرى روھلۇق بەزى كۈنلىرى بىئارام ئويغىنىدىغانلار 10 نەپەر؛ بەدەن ئاغرىپ، ئىنتايىن ھالسىز ھالەتتە ئويغىنىدىغانلار 3 نەپەر ئىكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە ئۆتكەن قېتىمقى ”ئىلمىي ئوزۇقلىنىش پروگراممىسى“ نى ئىجرا قىلغانلارنىڭ ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كىيىنكى كەيپىياتى يۇقۇرى بولغان. بەزىلەرنىڭ ئىنكاسىغا كۆرە غىزالىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتكەندىن كىيىن ياخشىلىنىش بولغان.
سالامەتلىككە كۆڭۈل بۆلگىسى بار، لىكىن ھەر خىل باھانە-سەۋەپلەر بىلەن ئادەتلەنگەن غىزالىنىش، تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشتە ئىزچىل ئارقىغا سۆرەپ كىلىۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ناچار چىققان.
ئادەتتە ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولماسلىقىنىڭ مۇنداق بىر قانچە سەۋەبى بار دەپ قارايمەن:
كەچلىك تاماقنى كېيىن يېيىش، كەچلىك تاماقنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇش سەۋەبىدىن ئاشقازاندىكى تاماقلارنىڭ ھەزىم بولۇشى ئاستىلاپ ئۇيقۇدا مېڭىگە كېرەكلىك بولغان قان ئاشقازاندىكى ھەزىم خىزمىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن قورساق تەرەپكە يىغىلىپ ئاسانلا مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ سەۋەپتىنمۇ ئۇيقۇدىن كىيىنكى راھەتسىزلىك كىلىپ چىقىدۇ.
ئۇندىن باشقا ئىزچىل روھىي كەيپىياتنى تەڭشىيەلمەيدىغان ، تولا ھاللاردا تەشۋىشلىنىش ھالىتىدە تۇرىدىغانلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولمايدۇ.
يەنە بىرسى، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، ھەرىكىتى ئاز، ئولتۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن، زىيادە ھۆللۈك، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كېيىنكى بەدەن سېزىمى يەڭگىل، راھەت تۇيۇلمايدۇ.
يەنە بىر سەۋەپ ئىلىكتىرسايمانلىرى، تىلىفۇن، سىمسىز تور سىگىنالى پەيدا قىلغان رادىئاتسىيە، شاۋقۇن ئادەمنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا كاشىلا پەيدا قىلىپ ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن.
سەھرادا چوڭلارنىڭ يېنىغا بىرىپ نەچچە كۈن تۇرسام ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرغاندا شۇنداق يەڭگىل، راھەت ھېس قىلىمەن. يەنى شەھەردىكى ھالىتىمدىن پەرق بولغانلىقىنى رۇشەن ھېس قىلالايمەن.
ئاندىن يەنە بىر ئەھۋال، كەچتە زىيادە تويۇنۇپ غىزالىنىپ قالغاندا، بولۇپمۇ لەغمەن يېگەن كۈنلىرىم ئەتتىگىنى ئويغانغاندا مەيدەم ئېغىر، بېشىم ئىسىلگەندەك، ئېغىز تەمىم لاۋزا ھېس قىلىمەن. بۇ ئەھۋاللارنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقسام ئاساسەن ئوخشاش چىقتى.
كەچلىك تاماق بالدۇرراق، كۆكتاتلىق، ياكى مېۋىلەرنى يەپ، بولسا بىردەم يەڭگىل ھەرىكەت قىلىپ ئۇخلىغان كۈنۈم ئەتىگىنى يەڭگىل، روھلۇق ھېس قىلىدىكەنمەن. ئۆتكەندە 40 كۈن ئەتراپىدا ”ئىلمىي غىزالىنىش پروگراممىسى“ نى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، تاماقنىڭ سۈپىتى، مىقدارىغا دىققەت قىلغاندىن كىيىن ئەتىگىنى ئويغانغاندىكى كەيپىياتىم ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەتتى.
ئىلمىي ئوزۇقلىنىش پروگراممىسىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئىمكان بار ئۆزىمىزنىڭ مىزاجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرالىساق ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ پروگراممىدا يېسەڭ بولىۋېرىدۇ دېگەن يېمەكلىكلەر ئىچىدە مىزاجىمىزغا ياقمايدىغانلىرىنى ئىمكان بار ئازىراق، ماس كىلىدىغان، ياقىدىغانلىرىنى كۆپرەك تەڭشەپ ئىستىمال قىلىپ بىرىشتە پايدا بار. /::D
سوغۇق كۆكتاتلار، ھەر خىل مېۋىلەرنى كۆپرەك يېگەندە سوغۇق، ھۆل مىزاجلىقلاردا ماغدۇرسىزلىق، ئىزىلىپ ئۇخلاش، قۇلاق غوڭۇلداش، شالى قۇيۇلۇپ قىلىش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن.
بۇ ئەھۋالدا سوغۇقنى ئىلىپ مىجەزنى تەڭشەيدىغان ئىسسىقلىق چايلىقلار، دورا-دەرمەكلەر بىلەن پۇشۇرغان كاۋاپ، باچكا شورپىسى، قوي پاچىقى، تۇخۇم دېگەندەك ”ئىلمىي غىزالىنىش پروگراممىسى“غا ئۇيغۇن بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ تەڭشەش لازىم. بۇ ئەھۋالدا يەنە بىر موھىم چارە – ئاپتاپقا قاقلىنىش، ئىسسىقلىق مايلاردا مايلىنىش، كۆپرەك بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىش ئارقىلىقمۇ بەدەن ھارارىتىنى كۈچەيتىپ سوغۇقنى، ھۈللۈكنى تارقىتىشىمىز مومكىن. شۇندىلا مۇشۇ سەۋەپتىن كىلىپ چىققان ”ئۇيقۇدىن كىيىنكى راھەتسىزلىك“ نى ياخشىلىۋالغىلى بولىشى مومكىن.
”ئىلمىي ئوزۇقلىنىش“ جەريانىدا بەدەندىكى ئارتۇق ماي، ئەخلەت، مېڭىدىكى توكسىنلار تازىلىنىپ، ھۈجەيرىلەر ساغلام ئوزۇقلۇقلارغا ئىرىشكەندىن كىيىن ئاستا-ئاستا ئۇيقۇ سۈپىتى، روھىي كەيپىياتلارمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ھەممىمىز راھەت ئۇخلاپ، گۈزەل سەھەرلەردە ھاياتى كۈچىمىز ئۇرغۇپ تۇرغان ھالدا ئويغانغايمىز!
ئەمدى، بۇ ھەقتە كەڭتاشا پاراڭ قىلىشقايسىلەر!
ئەتە ”ئىلمىي ئوزۇقلىنىش پىلانى“ پروگراممىسىنىڭ تەلىپى بويچە خام كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېگەن ئەھۋالدا ئاشقازاننى قانداق ئاسرايمىز، دېگەن تېمىدا پاراڭ قىلىشىم مومكىن!
___________________________
- «ئىلمىي ئوزۇقلىنىش» ئۈندىدار توپىدا سۆزلەنگەن پاراڭلاردىن
ئۈندىدارغا قوشۇلۇش نۇمۇرى: 13565662787