يېمەكلىكلەرنى پۇراش، كۆرۈشمۇ ئادەمنى سېمىرتىدۇ

Chef enjoy in his meals

ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار- ئاگاھ ۋە دانا بولۇڭلاركى مايلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ۋە ھەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشىلا ئادەمنى سېمىرتىپ قالماستىن يەنە يېمەكلىكلەرنى كۆرۈش، پۇراش، مېزىلىك غىزالار ھەققىدىكى پاراڭ، ئۇچۇرلارنى ئاڭلاشمۇ ئادەمنى سېمىرتىۋېتىشكە سەۋەب بولۇپ قالىدىكەن.
ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، كىشىلەر ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن ئۇچراشقاندا ، يىمەكلىكلەرنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغان ياكى ئۆزى كۆرگەندە، ھەتتا يىمەكلىكلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى ئاشقازان ئاستى بېزىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان ئىنسۇلىننىڭ مىقدارى كۆپىيىدىكەن. ئەگەر كىشىلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىسا ، ئۇ چاغدا ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى شىددەت بىلەن ئاشىدىكەن. ئىنسۇلىن تەن ئىچىدىكى بىر خىل ھورمۇن بولۇپ، ئۇ قان ئىچىدىكى قەنتنى پارچىلاپ ياغقا ئايلاندۇرۇش رولىغا ئىگە. سېمىز كىشىلەرنىڭ قىنىدىكى ئىنسۇلىن مىقدارى ئاداتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا يۇقۇرى بولغانلىقتىن ، ئىنسۇلىننىڭ قەنتنى ياغقا ئايلاندۇرۇش رولىمۇ سېمىز كىشىلەردە تېخىمۇ رۇشەن بولىدۇ. شۇڭا، ئېنسۇلىننىڭ ئىشىپ كېتىشىپ نەتىجىسىدە ماددا ئالماشتۇرۇش سىستېمىلىرى تېخىمۇ كۆپ مايلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ ۋە ساقلاپ ئادەمنىڭ سەمىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئۇنىڭدىن تاشقىرى ، ئىنسۇلىن ئىشتىھانىمۇ ئاچىدۇ، شۇڭا ئارتۇقچە سېمىز ئادەملەرنىڭ ئىشتىھاسىمۇ ياخشى بولىدۇ. بولۇپمۇ تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ تېنىگە كىرگەندىن كىيىن مايغا ئايلىنىدىغان قەنتمۇ ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ بولىدۇ. دېمەك، ئىنسۇلىن نىڭ كۆپىيىش نەتىجىسىدا تېخىمۇ كۆپلىگەن قەنتلەر مايغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مايغا ئايلىنىشقا شەرت-شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپلىگەن قەنتلەر بەدەنگە كىرىدۇ، شۇڭا ئىنسۇلىننىڭ كۆپىيىشى ئادەمنىڭ سەمىرىپ كېتىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، پەۋقۇلئاددە كۆپ ئوزۇقلىنىشلا ئەمەس، يىمەكلىكلەرنى كۆرۈش، پۇراش ۋە يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاش بىلەنمۇ بەدەندىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان ئىنسۇلىن مىقدارى كۆپىيىپ كېتىپ ئادەمنى سېمىرتىۋېتىدۇ.
تەييارلاپ يوللىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ